-
فونكىتسىيە ئاتالغۇسى ھەققىدە قايتا ئويلۇنۇش - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2010-10-17
ئەزىز قېرىنداشلىرىم، دوسكىغا ھەرقېتىم "X. باپ ترەگونومېتىرىيىلىك فونكىتسىيىلەرنىڭ فورمىلالىرى ۋە گىراپىكى" دېگەن ماۋزۇنى يازغىنىمدا ئىچىم ئاچچىققا تولاتتى، قاراڭلار بۇ ماۋزۇدىكى سۆزنىڭ قايسى بىرى ئۇيغۇرچە؟ بىز رادىئۇلاردا، تېلېۋېزورلاردا، كىتاپ- زھورناللاردا فونكىتسىيە دېگەن ئاتالغۇنى كۆپ ئۇچرىتىمىز، شۇڭا بەزىلەر بەلكىم بۇ سۆز تىلىمىزغا ئاللا قاچان ئۆزلىشىپ بولغان، بۇ سۆزنى قايتا ئويلۇنۇشنىڭ ھاجىتى يوق دېيىشى مۇمكىن، لىكىن بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشۈنىدىغان ئۇيغۇر قانچىلىككىن؟ شەخسەن مەنمۇ ماتېماتىكىدىكى مەنىسىنى چۈشىنىمەن، باشقا ساھەلەردىمۇ قوللىنىدىكەن، ئەمما باشقا ساھەلەردىكى ئىپادىلىگەن مەنىسى بىلەن ماتېماتىكىدىكى مەنىسى ئوخشاش بولىشى مۇمكىن دەپ قارايمەن.
ماتېماتىكىدىكى مەنىسى:
فونكىتسىيە دېگەن سۆز ئەگەشكۈچىسى دېگەن مەنىدە كىلىدۇ، زاغرا تىل بىلەن ئېيتسام،y مىقدار x كە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدىغان بولسا، y نى x نىڭ فونكىتسىيىسى دەيمىز. دېمەك x ئۆزگەرگۈچى، y ئەگەشكۈچى بولدى دېگەن سۆز.
بۈگۈن ماشىنا ھەيدەشنى يېڭىدىن ئۆگەنگەن بىر دوستۇمنىڭ ماشىنىسىدا كېتىۋېتىپ، ئالدىمىزدا ماڭغان ماشىنىغا ئەگىشەيمۇ ؟ - دېدى- دە، ئۇ ماشىنا بىلەن مەنزىلىمىزدىن چەتنىگەنگە قەدەر ئوڭ - سول، ئىگىز - پەس ئەگىشىپ ماڭدى. مەن ئىختىيارسىز "ئەگىشىش" دېگەن سۆز ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلىپ قالدىم، مەنىسى ئاجايىپ چۇڭقۇر، قۇرۇلمىسى شۇنداق ئىخچام بىر سۆز تىلىمىزدا ھېلىمۇ مەۋجۇت تۇرۇپ، بۇ سۆزنى بېيىتالمىغانلىقىمىزدىن ئۆكۈندۈم.
قاراڭ، يۇقارقى ماتېماتىكىلىق ئۇقۇمدا ئەگىشىش سۆزى ئېنىقلا مەۋجۇت تۇرۇپ، يەنە فونكىتسىيە دېگەن ئاتالغۇنى سۆرەپ كىرگەن، تۈگىگە مىنىۋېلىپ يەنە تۈگە ئىزدىگەن زىيالىرىمىزغا تەئەججۇپلەندىم.
ماتېماتىكىدىكى فونكىتسىيە دېگەن ئاتالغۇغا ئۆزەمچە مۇنداق تەبىر بېرىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم:
yمىقدار xكە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدىغان بولسا، yنى xنىڭ ئەگەشكۈچىسى دەيمىز. دېمەك xئۆزگەرگۈچى، y ئەگەشكۈچىسى.
دېمەك، فونكىتسىيە - ئەگەشمە،
فونكىتسىيەسى - ئەگەشكۈچىسى،
فونىكىتسىيەنىڭ ئېنىقلىنىش (ياكى قىممەتلەر)ساھەسى ئەگەشمىنىڭ ئېنىقلىنىش (ياكى قىممەتلەر)ساھەسى
"فونكىتسىيىلىك مۇناسىبەت" - "ئەگەشمىلىك مۇناسىبەت"
دەپ قوللانساق، بەلكىم ساۋاتسىز دىھقانمۇ فونكىتسىيە دېگەن سۆزگە قارىغاندا ئېنىقراق بىرنەرسىلەرنى ھىس قىلار ئىدى.
مەنبە:بىلىۋال تور بېتىhttp://www.anwar.cn/showthread.php?4949
收藏到:Del.icio.us