قوشۇش، ئېلىش، كۆپەيتىش، بۆلۈشلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى (+، -، × ) . (، ÷) قاتارلىق ماتېماتىكىلىق بەلگىلەر ئۇزاق زامانلار تەرەققىي قىلىپ شەكىللەنگەن،17 - ئەسىرگە كەلگەندە ئاندىن كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلغان. قوشۇش بەلگىسى باشتا ئىنگلىزچە plus (قوشۇش) سۆزىنىڭ باش ھەرپى p بىلەن ئىپادىلەنگەن. گېرمانىيىدە ئىنگلىزچە and (ۋە) گە توغرا كېلىدىغان نېمىسچە «et» بىلەن ئىپادىلەنگەن. ياۋروپادا سودىنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، «et» دەپ يېزىش بەك ئاستا بولۇپ قالىدىكەن دېگەن ئوي بىلەن، سۈرئەتنى تېزلىتىش ئۈچۈن، ئىككى ھەرپ قوشۇپ يېزىلغان. شۇنىڭ بىلەن «et» بارا - بارا «+» غا ئۆزگەرگەن. ئېلىشمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىنگلىزچە minus (ئازايتىش) سۆزىنىڭ باش ھەرپى m بىلەن ئىپادىلەنگەن، كېيىن تېز يېزىش ئۈچۈن، ئۇ تەدرىجىي «-» غا ئۆزگەرگەن. «+» بەلگىسى بارلىققا كېلىپ100 يىللاردىن كېيىن ئەنگلىيىلىك ئوترېد ( Oughtred,1631-1574) بىرىنچى بولۇپ «×» نى كۆپەيتىش بەلگىسى ئورنىدا ئىشلەتكەن، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، كۆپەيتىش بەلگىسى قوشۇش بەلگىسىدىن كېلىپ چىققانىكەن. چۈنكى، كۆپەيتىش ئەمىلى ئوخشاش بىرنەچچە قوشۇلغۇچىنى ئارقىمۇئارقا قوشۇشتىن تەرەققىي قىلغان، مەسىلەن،5 ×13 ئەمىلى13 +13+13+13+13 دېگەنلىكتۇر، يەنى كۆپەيتىش ئەمىلى ئالاھىدە بىر خىل قوشۇش ئەمىلىدۇر، شۇڭا، قوشۇش بەلگىسى «+» سەللا ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن كۆپەيتىش بەلگىسى «×» گە ئايلانغان. كېيىن لېيبنىز «×» ئوڭايلا x بىلەن ئارىلىشىپ كېتىدىكەن دەپ «.» نى كۆپەيتىش بەلگىسى قىلىشنى تەكلىپ قىلغان، بۇمۇ قوبۇل قىلىنغان. لېكىن، بەزىلەر «.» ئوڭايلا ئونلۇق كەسىر چېكىتى بىلەن ئارىلىشىپ كېتىدىكەن دەپ، «×» نى قوللىنىۋەرگەن. بۆلۈش بەلگىسى «÷» نى ئەنگلىيىلىك ۋارلىس بىرىنچى بولۇپ قوللانغان، كېيىن ئەنگلىيىدە كەڭ ئومۇملاشقان، بۆلۈشنىڭ ئەسلىي مەنىسى تەقسىملەش، مەسىلەن،100 تال ئالما ئون بالىغا تەقسىم قىلىپ بېرىلسە، ھەربىرىگە نەچچىدىن تېگىدۇ دېيىلسە، بۇ10 ÷100 بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «÷» بەلگىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى توغرا سىزىق يۇقىرى - تۆۋەن ئىككى بۆلەكنى ئايرىپ، «بۆلۈش» (تەقسىملەش)نى ئوبرازلىق ئىپادىلەيدۇ. ئەمما، گېرمانىيىدە لېيبنىز «:» نى بۆلۈش بەلگىسى قىلىپ قوللانغان، ھازىرغىچە شۇنداق قوللىنىلىۋاتىدۇ، كېيىنچە كىشىلەر نىسبەتنىمۇ «:» بىلەن ئىپادىلىگەن، چۈنكى نىسبەتنىڭ مەنىسى بۆلۈشنىڭ مەنىسى بىلەن ئوخشاش.