-
تېنىڭىزدىكى قىزىقارلىق سانلار - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2009-02-22
سىز ئۆز تېنىڭىزنى چۇشۇنەمسىز ؟ . تۆۋىندىكى سان - سىپىرلارغا نەزىرىڭىزنى سىلىڭ :
ئادەمنىڭ ھەر قىتىملىق نەپەس ئېلىشى ئۇچۇن 5 سىكۇنت ، يەنى ھاۋا شۇمۇرۇشكە 2 سىكۇنىت، تىنىق چىقىرىشقا 3 سىكۇنىت ۋاقىت كىتىدۇ .
ئادەمنىڭ جىگىرى بەدەن ئىغىرلىقىنىڭ 40 دىن بىرىگە توغرا كىلىدۇ . ئۇ 2 مىليارت 500 مىليۇن جىگەر ھۆجەيرىسىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ، پۇتۇن بەدەندىكى 5-6 لىتىر قاننى سىغدۇرالايدۇ .
تاماق يىگەندە ، تاماق ئېغىز بوشلۇقىدىن ئاشقازانغا كىرگۇچە 4-8 سېكۇنىت ۋاقىت كىتىدۇ . ئەمما تاماقنىڭ ئاشقازاندا تۇرۇش ۋاقتى 4 سائەت بولىدۇ .
ئادەمنىڭ ھەزىم قىلىش يولىنىڭ ئۇزۇنلىقى 600 سانتېمىتىر بولۇپ ، بەدەن ئېگىزلىكىنىڭ 4 ھەسسىسىگە توغرا كىلىدۇ .بۇنىڭ ئىچىدە ئاشقازاننىڭ ئۇزۇنلىقى 20-25 سانتېمىتىر ، كىچىك ئۇچەينىڭ ئۇزۇنلىقى 400-500 سانتېمىتىر ، چوڭ ئۇچەينىڭ 150 سانتېمىتىر كىلىدۇ .
بارماق ئىزى بوۋاق تۇغۇلۇشتىن 6-8 ھەپتە بۇرۇن شەكىللىنىپ بولىدۇ . -
پەرھىز قىلىنغان سان - سىفىرلار - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2009-02-22
ياپۇنلۇقلار « تۆت » تىن پەرھىز تۇتىدۇ ، چۇنكى ياپون تىلىدا «تۆت » دېگەن سۆز نىڭ تەلەپپۇزى « ئۆلۇم » دېگەن سۆزنىڭ تەلەپپۇزى بىلەن ئوخشايدۇ . شۇڭا ياپونىيىنىڭ دوختۇرخانلىرىدا 4- نۇمۇرلۇق ياتاقمۇ يوق ، « ئۆلۇم » كارۋىتىدا يىتىشنى كىممۇ خالىسۇن؟
شۇنىمۇ قوشۇمچى قىلىپ قويۇش زۆزۇركى ، جۇڭگۇدىكى خەنزۇ قاتارلىق بىر قانچە مىللەتمۇ « تۆت » نى ياخشى كۆرمەيدۇ ، بۇ ھەممىمىزگە ئايان . چۇنكى خەنزۇچە « تۆت » نىڭ تەلەپپۇزىمۇ « ئۆلۇم » بىلەن ئوخشاش ، بىراق ياپۇنلۇقلاردەك قاتتىق پەرىز تۇتمايدۇ ، ھىچ بولمىغاندا كىسەلخانىلاردا «4- نۇمۇرلۇق كارۋات » بار .ئەمما تىلىفۇن نۇمۇرى ، ماشىنا تاختا نۇمۇرىلىرىدا « 4 » نىڭ بولىشىنى خالىمايدۇ .ئەكسىنچە « 8 » نىڭ تەلەپۇزى «باي بولۇش » بىلەن ئوخشاش بولغاچقا ، بۇ رەقەمنى ياخشى كۆرىدۇ .لىكىن ئىيتىشلارغا قارىغاندا ،تەيۋەنلىك خەنزۇلار « 8 » نى ياخشى كۆرمەيدۇ .چۇنكى ئۇلار ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە ئاساسلىقى « 8- ئارمىيە » دىن جىق پەشۋا يىگەن . تەيۋەن دائىرلىرى يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن كىيىن تەيۋەندە ھەتتا «8-يول كوچا ئاپتۇۋۇزى » نىمۇ تەسىس قىلماي ، بىراقلا 9-يول ئاپتۇۋۇزىغا ئۆتۇپ كەتكەن.چۇنكى « 8- يول » بىلەن « 8- ئارمىيە » نىڭ -
ساغلاملىق توغرىسىدىكى قاراشلار - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2009-02-20
دۇنيادا ساغلاملىق توغرىسىدا خىلمۇ - خىل قاراشلار بار . < ساغلاملىق -- زور بايلىق > دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆزمۇ بار . بۇ ھەقتە گىرمانىيىلىك پەيلاسوپ شۇپىنخائۇر : < ساغلام قەلەندەر كېسەل پادىشاھتىن بەخىتلىك > دوپ ئېيىتقان .
يەنە بىر پەيلاسوپ : < ساغلاملىق بىر مىليۇن يەنى ، 1000000 غا ئوخشايدۇ . ئۇنىڭ ئالدىدىكى 1 ساغلاملىققا ، ئارقىسىدىكى نۆللەر يەر - زىمىن ، ئۆي - جاي ، مال - مۇلۇك ، خىزمەت ، دوست - بۇرادەر ، ئىجتىمائى مۇناسىۋەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ ؛ پەقەت 1 مەۋجۇت بولغاندىلا بۇ بىر مىليۇن قىممەتكە ئىگە بولىدۇ ، بولمىسا نۆلگە تەڭ بولىدۇ > دېگەن . باشقا بىر پەيلاسۇپ مۇشۇنىڭغا ئوخشاشراق قىلىپ : < ساغلاملىق ھەقىقەتەن بىر مىليۇنغا ، يەنى 1000000 غا ئوخشايدۇ ....... -
<< 0>> ﻧﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2009-02-17
1982- يىلى مەلۇم بىر ئونۋېرىستىتنىڭ 2- يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئىقتىساد ئىلمىدىن دەرس بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىسىنىڭ دەرسكە كىرىشىنى كۈتۈپ تۇرۋاتاتتى . شۇ ئارىدا قاتتىق قول ئۇستازىنىڭ قارىسى كۆرۈندى... -
99.999% ئادەم بىلمەيدىغان مەخپىيەتلىك - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2009-02-06
1 -ھەر كۇنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 12 بوۋاق دوختۇرخانىلاردا ئاتا- ئانىسىغا خاتا بىرىلىپ قالىدۇ.
2-ئادالۇف.گېتلىرنىڭ ئانىسى ئۇنى تۇغۇلماستىنلا چۇشۇرۋەتمەكچى بولغان ، بىراق دوختۇرلار نەسىھەت قىلىپ تۇغۇلۇپ قالغان، شۇ سەۋەپ دۇنيادا زور ئۆزگۇرۇش بولدى.
3-شاكىلات ئىتنىڭ « ئۆلۇم دورىسى» ، ئازراقلا شاكىلات يەپ سالغان ئىت بىردەمدىلا ئۆلىدۇ.
4-قايچىنى داڭلىق رەسسام داۋېنچ كەشىپ قىلغان .
5-داۋېنچ بىر قولىدا خەت يىزىپ ، بىر قولىدا بىرلا ۋاقىتتا رەسىم سىزالايدۇ -
ئادەم مېڭىسى كومپىيوتېر بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2009-02-05
ئامىرىكا ئېمىل ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يىقىندا ئېلىكتىر قۇتۇپى بولغان بىگىزسىمان مىكرو ئەينەكنى سەكتە كىسەللىكىگە گىرىپتار بولغۇچىنىڭ مىڭىسىگە ئورنىتىپ ، كىسەل مىڭىسىنىڭ كومپىيوتېر بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشىشىگە ياردەم بەرگەن . بۇ تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ ئىسپاتلىشىچە ، پالەچ ھەم سۆزلىيەلمەيدىغان ، لىكىن چوڭ مېڭىسى مۇكەممەل كىشىلەر كومپىيوتېر ئارقىلىق باشقىلار بىلەن ئالاقىلىشالەيدىكەن
-
بەلگە @ نىڭ كىلىش تارىخىنى بىلەمسىز ؟ - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2009-01-30
سىز ئېلخەت ئادېرسىدا دائىم @ دەك بەلگىنى ئۇچىتىپ تۇرىسىز . ئۇنداقتا بۇ بەلگىنىڭ كىلىپ چىقىشىنى بىلەمسىز ؟
_____ @ دىگەن بەلگە ئىنگلىزچىدا <..... دە > دېگەن مەنىدە بولۇپ < at > بىلەن ئوخشاشراق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ . شۇڭا دائىم < .... دە > بىلەن ئوخشاشمۇ ئىشلىتىلدۇ . مەسىلەن : ئەتە ئەتتىگەندە مەكتەپتە ساقلاڭ _ دىگەن سۆز < wait you @ school morning > دەپمۇ يىزىلىدۇ . بۇ نىڭ يەنە each دىگەنمۇ مەنىسى بار بولغاچقا ، دائىم تاۋارلارنىڭ يەككە باھاسىنىمۇ بىلدۇردىغان بەلگە ھېسابلىنىدۇ .
ئامىركىلىق بىر كومپىيوتېر ئىنجىنىرى thols دىگەن كىشى @ ئارقىلىق تۇنجى بولۇپ ئىلىكتېرون پوچتا يوللانمىسى ، يەنى ئېلخەتنىڭ ئورنىنى بىلدۇردىغان ئورۇندا ئىشلەتكەن . ئابۇنېتلارنىڭ توردا ئوڭۇشلۇق ھالدا ئېلخەت يوللىشىغا قولايلىق قىلىش ئۇچۇن 1971 - يىلى ئۆزى باشقۇرۋاتقان كومپىيوتېر شىركىتىدە @ بەلگىسىنى ئېلخەت ئادېرسىنىڭ ئورنىنى بىلدۇردىغان بەلگە قىلىپ بىكىتكەن . ئۇ ئادەم ئىسىملىرىدە پەقەتلا ئىشلىتىلمەيدىغان بۇ بەلگە @ نىڭ < .... دە > دىگەن مەنىسىگە تەقلىد قىلىپ ، مەلۇم بىر ئادەمنىڭ مەلۇم ئورۇندىكى مەلۇم ئۇچۇرنى ئىپادىلەيدىغان بەلگە بولىشىنى مۇۋاپىق كۆرگەن . شۇنۇڭدىن باشلاپ @ دىگەن بەلگە تور دۇنياسىدىكى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلدىغان بەلگە بولۇپ قالغان .