-
تېنىڭىزدىكى قىزىقارلىق سانلار - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2009-02-22
سىز ئۆز تېنىڭىزنى چۇشۇنەمسىز ؟ . تۆۋىندىكى سان - سىپىرلارغا نەزىرىڭىزنى سىلىڭ :
ئادەمنىڭ ھەر قىتىملىق نەپەس ئېلىشى ئۇچۇن 5 سىكۇنت ، يەنى ھاۋا شۇمۇرۇشكە 2 سىكۇنىت، تىنىق چىقىرىشقا 3 سىكۇنىت ۋاقىت كىتىدۇ .
ئادەمنىڭ جىگىرى بەدەن ئىغىرلىقىنىڭ 40 دىن بىرىگە توغرا كىلىدۇ . ئۇ 2 مىليارت 500 مىليۇن جىگەر ھۆجەيرىسىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ، پۇتۇن بەدەندىكى 5-6 لىتىر قاننى سىغدۇرالايدۇ .
تاماق يىگەندە ، تاماق ئېغىز بوشلۇقىدىن ئاشقازانغا كىرگۇچە 4-8 سېكۇنىت ۋاقىت كىتىدۇ . ئەمما تاماقنىڭ ئاشقازاندا تۇرۇش ۋاقتى 4 سائەت بولىدۇ .
ئادەمنىڭ ھەزىم قىلىش يولىنىڭ ئۇزۇنلىقى 600 سانتېمىتىر بولۇپ ، بەدەن ئېگىزلىكىنىڭ 4 ھەسسىسىگە توغرا كىلىدۇ .بۇنىڭ ئىچىدە ئاشقازاننىڭ ئۇزۇنلىقى 20-25 سانتېمىتىر ، كىچىك ئۇچەينىڭ ئۇزۇنلىقى 400-500 سانتېمىتىر ، چوڭ ئۇچەينىڭ 150 سانتېمىتىر كىلىدۇ .
بارماق ئىزى بوۋاق تۇغۇلۇشتىن 6-8 ھەپتە بۇرۇن شەكىللىنىپ بولىدۇ .
ئادەمنىڭ چېچى 100 مىڭ تال ئەتراپىدا بولۇپ ، ھەر كۇنى 3-35 مىللىمېتىرغىچە ئۆسىدۇ . بىر ساغلام ئادەمنىڭ 24 سائەت ئىچىدە 30-40 تالغىچە چېچى چۇشىدۇ . ئەگەر چاچ قايتا ئۆسمىسە بىر كىشى 10 يىلدىن كىيىن تاقىرباش بولۇپ قالىدۇ .
ئادەمنىڭ قېنى بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ 8%ىنى تەشكىل قىلىدۇ . 1 مىللىمېتىر قان تەركىبىدە 400-500 گىچە قىزىل قان دانىچىسى ، 4000-10000غىچە ئاق قان دانىچىسى بولىدۇ .
ئادەم بەدىنىدىكى چوڭ - كىچىك قان تومۇرلارنى ئۇلىغاندا ، ئۇزۇنلىقى 100 مىڭ كىلومېتىردىن ئىشىپ كىتىدۇ . بۇ ئىكۋاتۇر ئۇزۇنلىقىنىڭ 2.5 ھەسسىسىگە باراۋەر كىلىدۇ .چۈشكۈرۈكنىڭ ئادەم ئېغىزىدىن ئېتىلىپ چىققاندىكى ئوتتۇرچە تېزلىكى سائىتىگە160كىلومېتىر.
بۇرۇن بىلەن قۇلاق ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ تۇردۇ،بىراق ئۆسۈش جەريانىدا بۇنى سېزىۋالغىلى بولمايدۇ.كۈلۈمسىرگەندە17پارچە مۇسكۇل ھەركەتلىنىدۇ،ئەمما قاپاق تۈرگەندە43پارچە مۇسكۇل ھەركەتلىنىدۇ.ئادەمنى خوشال قىلىدىغان شەيئىلەرنى كۆرگەندە ئادەم كۆز ئالمىسى45پىرسەنىت چوڭۇيدۇ.
ئادەمنىڭ چوڭ مىڭىسنىڭ ئېغىرلىقى ئادەم بەدىنى ئومۇمىي ئېغىرلىقىنىڭ12پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ،ئەمما ئادەمنىڭ پۈتۈن بەدىنى ئېھتىياجلىق ئوكسىگېننىڭ25پىرسەنتىنى خورىتىدۇ.بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا،بۆرەك بىلەن يۈرەك ئايرىم-ئايرىم ھالدا12پىرسەنىت ۋە يەتتە پىرسەنىت ئوكسىگېننى خورىتىدۇ.
ئادەم بەدىنىدىكى قان سۇيۇقلۇقىنىڭ خىمىيىلىك تەركىبىگە ئەڭ ئوخشايدىغان ماددا دېڭىز سۈيى.
ئادەم تىلىنىڭ تىل تۈۋى ئاچچىق تەمنى،ئوتتۇرا قىسمى تۇزلۇق تەمنى،تىل ئۇچى ئاچچىق تەمنى سېزىدۇ.
ئادەم چوڭ مېڭىسنىڭ80پىرسەنتى سۇ بولۇپ،قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى سۇ مىقدارىدىنمۇ كۆپ.
ئاياللارنىڭ يۈرەك رېتىمى ئەرلەرنىڭكىدىن تېز.
ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە،بالياتقۇنىڭ ھەجمى ئەسلىدىكىدىن500ھەسسە كېڭىيىدۇ.
ئېغىز بوشلۇقى كۈنىگە بىر كىلوگىرام سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ.
جىگەر بىر خىل بەز،ئەزا ئەمەس.
قۇلۇلە قېپىنى قۇلاققا تۇتقاندا،ئاڭلىندىغان ئاۋاز دېڭىزنىڭ شاۋقۇنىمۇ ئەمەس،قۇلۇلە چىقىردىغان ئاۋازمۇ ئەمەس،بەلكى ئۆزىڭىزنىڭ قۇلىقىدىكى قان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئېقىشىدىن چىققان ئاۋاز.
历史上的今天:
ئاي شارىدىكى بىر كۈن قانداق ھېسابلىنىدۇ ؟ 2009-02-22بىر تەڭسىزلىكنى يىشىشنىڭ ئەپچىل ئۇسۇلى 2009-02-22سىز بىلمەيدىغان قىززىقارلىق سان-سىفىرلار 2009-02-22ئوقۇتقۇچىلارغا كۆڭۇل سۆزۇم بار 2009-02-22
收藏到:Del.icio.us