-
سىز بىلمەيدىغان قىززىقارلىق سان-سىفىرلار - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2009-02-22
قەدىمقى گىرىكلەر ساننى ھەرپ بىلەن ئىپادىلەپ ئاران 100 مىليۇنغا يەتكۇزەلىگەن ، ھەرپ يىتىشمىگەنلىكتىن ئۇنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالغان .
ئەڭ ئۇزۇن ئىلمىي ئاتالغۇ 207 مىڭ ھەرپتىن تەشكىل قىلىنغان بولۇپ ، بۇ ھەرپلەر بىلەن ئادەم بەدىنىدىكى ئوكېسىدسىزلانغان رىبو نۇكلېئىن كىسلاتاسىنىڭ تەركىبى ئىپادىلەنگەن . بۇ ئاتالغۇنىڭ تولۇق ئاتىلىشى 1981- يىلى 4- ئاينىڭ 9- كۇنى < تەبىئەت > زورنىلىغا بىسىلغان .
ماي قەلەم بىلەن خەت يازغاندا ماي قەلەم مېنۇتىغا 5000 قېتىم ئايلىنىدۇ . ئەگەر تۇز سېزىق سېزىلسا مېنۇتىغا 20 مىڭ قىتىم ئايلىنىدۇ .
ئەگەر ئادەمنىڭ مېڭە تېرە قاتلىمى يېيىلىپ قورۇقلىرى تۇزلەنسە قېلىنلىقى 3 مېللېمىتىر ، چوڭ - كېچىكلىكى 90* 60 كۇۋادىرات سانتىمىتىر بولىدۇ .
سەھرايى كەبىر قۇملىقى دۇنيا بويىچە كۇن نۇرى ئەڭ تولۇق چۇشىدىغان رايۇن بولۇپ ، بىر يىلدا 4300سائەت كۇن نۇرى چۇشىدۇ . بۇ كۇندۇزدىكى ئومومى ۋاقىتنىڭ 97 % نى تەشكىل قىلىدۇ .
دۇنيادا يېزىلغان ئىلمىي ماقالىلەر ئىچىدە تارقىلىشچان زۇكام ھەققىدىكى ماقالە ئەڭ كۆپ بولۇپ ، 1930 - يىلدىن ھازىرغىچە 30 مىڭ پارچە ئىلمىي ماقالە يېزىلغان ئىدى، يىقىندا بۇ رىكورت بۇزۇلۇپ ئىممونىتېت ئىقتىدارىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشى تۇپەيلىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئەيدىز كېسەللىكى ۋىرۇسى توغرىسىدىكى ماقالە 36 مىڭ پارچىدىن ئاشقان .历史上的今天:
ئاي شارىدىكى بىر كۈن قانداق ھېسابلىنىدۇ ؟ 2009-02-22بىر تەڭسىزلىكنى يىشىشنىڭ ئەپچىل ئۇسۇلى 2009-02-22تېنىڭىزدىكى قىزىقارلىق سانلار 2009-02-22ئوقۇتقۇچىلارغا كۆڭۇل سۆزۇم بار 2009-02-22
收藏到:Del.icio.us
评论