-
ئوقۇتقۇچىلارغا كۆڭۇل سۆزۇم بار - [مائارىپىمىزغا نەزەر]
2009-02-22
ئالدى بىلەن سۆزۇمنى يېڭى ئوقۇتقۇچى بولغانلارغا ۋە بولماقچى بولغانلارغا ئىيتىۋالاي .......
مەن 20 يىلدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى بولدۇم . مۇشۇ جەرياندىكى خىزمەت تەجىربەمگە ئاساسەن شۇنى سەمىڭلارغا سالاي : سىز چوقۇم ئوقۇتقۇچىلىقتەك بۇيۇك كەسىپنى ، « ئىنسانلار روھىنىڭ ئىنجىنىرى » بولۇشنى تاللىغان چىغىڭىزدا كەلگۇسى قىلماقچى بولغان ، يەتمەكچى بولغان ئارمان - ئىستەكلىرىڭىزدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىغا چومىسىز . ئەمەلىيەتتە ھەقىقى يۇسۇندا بۇ كەسىپكە قەدەم قويغىنىڭىزدا ياكى ئۇمۇد - ئىستەكلىرىڭىزنى ئورۇنلاشقا باشلىغان چىغىڭىزدا نۇرغۇن ئىشلارنىڭ سىزنىڭ ئارزۇيىڭىزدىكىدەك بولمايدىغانلىقىنى ياكى بولمىسا بۇ كەسىپنىڭمۇ «ژىرىڭلىق » يەرلىرى بارلىقىنى چوقۇم ھېس قىلىسىز . ئوقۇتقۇچىلىقنىڭمۇ دۇنيادىكى باشقا كەسىپلەردىن پەرىقلەنمەيدىغان « جان بىقىش يولى » ، « تىكچىلىك يولى » ئىكەنلىكىنى ، ئۆزىڭىزنىڭ « ئىنسانلار روھىنىڭ ئىنجىنىرى » ئەمەس ، بەلكى تۆۋەن قاتلامدىكى ئەڭ « ئىزىلىشكە ئۇچرايدىغان » ھەممە كەسىپتىكىلەرنىڭ چېشى پاتىدىغان تەبىقىگە مەنسۇپ بولغىنىڭىزدىن ئىبارەت رىئاللىقنى شەرتسىز قوبۇل قىلىشقا تەييارلىق كۆرۇپ قويۇڭ .
پەقەت شۇنداق قىلسىڭىزلا ، ئارتۇقچە كۇتۇلمىدىن كەلگەن ئۆزىڭىزدىكى روھى بىسىمنى ئازايتالايسىز ، خىزمىتىڭىزنىڭ خاراكتىرىنى ياخشى چۇشەنسىڭىز ئارتۇقچە « زورۇقۇش » تىن ساقلىنىپ ، خىزمەتلىرىڭىزنى پۇختا قەدەم بىلەن داۋاملاشتۇرالايسىز ، كۆز ئالدىڭىزدا يۇز بىرىۋاتقان ئۇنداق - مۇنداق ئىشلار تۇپەيلى زەربىگە ئۇچرىمايسىز ....
خەيىر ، بۇگۇن مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن.历史上的今天:
ئاي شارىدىكى بىر كۈن قانداق ھېسابلىنىدۇ ؟ 2009-02-22بىر تەڭسىزلىكنى يىشىشنىڭ ئەپچىل ئۇسۇلى 2009-02-22سىز بىلمەيدىغان قىززىقارلىق سان-سىفىرلار 2009-02-22تېنىڭىزدىكى قىزىقارلىق سانلار 2009-02-22
收藏到:Del.icio.us