-
ساغلاملىق توغرىسىدىكى قاراشلار - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2009-02-20
دۇنيادا ساغلاملىق توغرىسىدا خىلمۇ - خىل قاراشلار بار . < ساغلاملىق -- زور بايلىق > دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆزمۇ بار . بۇ ھەقتە گىرمانىيىلىك پەيلاسوپ شۇپىنخائۇر : < ساغلام قەلەندەر كېسەل پادىشاھتىن بەخىتلىك > دوپ ئېيىتقان .
يەنە بىر پەيلاسوپ : < ساغلاملىق بىر مىليۇن يەنى ، 1000000 غا ئوخشايدۇ . ئۇنىڭ ئالدىدىكى 1 ساغلاملىققا ، ئارقىسىدىكى نۆللەر يەر - زىمىن ، ئۆي - جاي ، مال - مۇلۇك ، خىزمەت ، دوست - بۇرادەر ، ئىجتىمائى مۇناسىۋەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ ؛ پەقەت 1 مەۋجۇت بولغاندىلا بۇ بىر مىليۇن قىممەتكە ئىگە بولىدۇ ، بولمىسا نۆلگە تەڭ بولىدۇ > دېگەن . باشقا بىر پەيلاسۇپ مۇشۇنىڭغا ئوخشاشراق قىلىپ : < ساغلاملىق ھەقىقەتەن بىر مىليۇنغا ، يەنى 1000000 غا ئوخشايدۇ . ئۇنىڭ ئالدىدىكى 1 بولسا مېڭىنىڭ ساغلاملىقىغا ، نۆللەر يۈرەك ، ئۆپكە ، جىگەر ، ئاشقازان ، بۆرەك ، پۇت - قولنىڭ ساغلاملىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ . مېڭە ساغلام بولغاندىلا ، باشقا ئەزالارنىڭ ساغلاملىقى قىممەتكە ئىگە بولىدۇ ، بولمىسا بۇ چوڭ سانمۇ نۆلگە تەڭ > دېگەن .
ساغلاملىق ھەممىمىز ئۇچۇن ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم ، ساغلاملىق ھەققىدىكى سىزنىڭ قارىشىڭىز قانداق ؟ بۇ ھەقتە ئويلاندىڭىزمۇ ؟ ساغلاملىق ھەققىدە يەنە قانداق ياخشى قاراشلار بار ؟
收藏到:Del.icio.us