-
<< 0>> ﻧﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2009-02-17
<< 0>> ﻧﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ
1982- يىلى مەلۇم بىر ئونۋېرىستىتنىڭ 2- يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئىقتىساد ئىلمىدىن دەرس بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىسىنىڭ دەرسكە كىرىشىنى كۈتۈپ تۇرۋاتاتتى . شۇ ئارىدا قاتتىق قول ئۇستازىنىڭ قارىسى كۆرۈندى . ئۇ بالىلارغا سوغۇق نەزەردە قاراپ قويۇپ ، بور بىلەن دوسكىغا يوغان قىلىپ «1 » رەقىمىنى يازدى .
-قاراڭلار ، -دېدى ئۇ ۋەزىنلىك ئاھاڭدا ، - مانا بۇ رەقەم ئىنسانىيلىقنى بىلدۈرىدۇ . ئىنسانىيلىق - بۇ ھاياتلىقتا بىزگە بېرىلگەن ئەڭ قىممەتلىك نەرسىدۇر .
ئاندىن ئۇ «1 » رەقىمىنىڭ ئارقىسىغا «0 » رەقىمىنى يېزىپ :
-مانا بۇ مۇۋەپىقىيەتنى بىلدۈرىدۇ . ئىنسانىيلىق مۇۋەپىقىيەت بىلەن بىرلەشسە ، «1» نى «10» غا ئايلاندۇرىدۇ ، دەپ چۈشەندۈردى . ئاندىن ئۇستاز دوسكىدىكى ساننىڭ كەينىگە يەنە بىر دانە «0 » رەقىمىنى قوشۇپ :
-مانا بۇ تەجرىبىدۇر . ئەگەر تەجرىبىڭىز مول بولسا قىممىتىڭىز «100 » ئايلىنىدۇ . ئاندىن بۇنىڭ ئارقىسىغا ئىجتىھات ، قابىليەت ، ئىنتىزام ، سۆيگۈ ۋەكازاغا ۋەكىللىك قىلىدىغان «0» لەرنى قوشۇۋېرىڭ . قوشۇلۇپ مېڭىۋاتقان ھەر بىر «0 » ئىنسانىيلىقنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىپ ماڭىدۇ .دېدى .
ئاندىن ئۇ قولىغا ئۆچۈرگۈچنى ئېلىپ ئەڭ بېشىدىكى «1» نى ئۆچۈرىۋەتتى . بۇنىڭ بىلەن دوسكىدا بىر تالاي »0 » لەر قالدى .
ئۇستاز سۈكۈتكە چۆمگەن ئوقۇغۇچىلارغا بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كېيىن ، ناھايىتى سالماقلىق بىلەن :
- مانا قاراپ تۇرۇپسىلەركى ، ئىنسانىيلىق بولمىسا ، باشقىسىنىڭ ھەممىسى بىكار !!! - دېدى .
سىنىپتا ئېغىر جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرۈشكە بولىدۇ .
收藏到:Del.icio.us