نەزەر سالىدىغان بولساق دۇنيادىكى بۆگۈنكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەر ۋە تەرەققىيات مىۋىسى ھەممىزنىڭ دىقىقىتىنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرۇپتۇ. كۈندىن -كۈنگە تەرەققى قىلىۋاتقان بۇ جەمىيىتىمىزدە بىز نىمىنىڭ تەرەققىيات ۋە نىمىنىڭ ھەقىقى كۈچ ئىكەنلىكىنى خېلى ئۇبدانلا چۈشىنىپ قالدۇق. ھەر قايسى تەرەپلەردىن بولسۇن بىزنىڭ بۇ خىل چۈشەنچىمىز بىزگە يەنە بىر جەھەتتىن ئۆزىمىزنىڭ ھەقىقى ئورنىنى بىر نۆۋەت كۆرسىتىپ قايتا ئويلىنىپ بىزدىكى نىمىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بولغان ساھە ئىكەنلىكىنى ناھايتى پاكىتلىق ھالدا ئىسپاتلاپ بىرىۋاتىدۇ.
كۆز ئالدىمىزدىكى كۆزگە مىختەك قادالغان ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بىزدىكى تەپەككۇر گادايلىقىنى ۋە مەنىۋىى نامىراتلىقنى مەسخىرە بىلەن ئىپادىلەپ بىرىۋاتىدۇ.
نۇرغۇنلىغان ئاڭ بۆھرانىغا ئۇچىرىغان ئۇيغۇر جەمىيتىدىكى ئادەملىرىمىز تۇرمۇش قانۇنيىتىنى ئىنتايىن ئاددىي ۋە يۈزەكى سۈپەتلەپ ھايات قىممىتىنى سۇسلاشتۇرىۋاتىدۇ.
ئىجتىمائىي ئاڭ فورماتسىيە بولسا شۇنچىلىك بىمەنە تۈسكە كىرگەنكى، ھاياتتىكى بەخىت چۈشەنچىسى پەقەت تەن بىلەنلا خۇلاسىلىنىپ ئۇنىڭ تاشقىرىسدىكى يەنە بىر مۇكەممەل روھى بەخىت چۈشەنچىسى غۇۋالىشىپ كىتىۋاتىدۇ.
ھاياتتىكى ئاساسى قەدەمنى پەقەت پۇل تاپسام ،ياخشى يىسەم، ياخشى كېيسەم، ياخشى ئۆيلەرنى سېتىۋالسام ئىنتايىن بەخىتلىك بۇلىمەن دەپ قاراپ، تەن ئېھتىياجىنى ئۆزىنىڭ ياشاش ئىنتىلىشى قىلىپ تەسۋىرلىۋاتىدۇ.
مەن بۇ يەردە تەننىڭ بۇ خېل فىزولوگىيلىك ئىھتىياجىنى ئىنكار قىلماقچى ئەمەس. ئەلۋەتتە ساغلام ئەقىل ۋە ھايات ئۆچۈن يۇقۇرقى ئېھتىياج ئىنتايىن مۇھىم . لىكىن ئېھتىياجنىلا ياشاش مىزانى قىلىۋىلىش پەقەت ئاقىلانىلىق ئەمەس.
سۇبىكتىپ ھىس تۇيغۇنىڭ قالايمىقان جۆيلۈپ كىتىشى ،ھەقىقى تەپەككۇرىنى چۈشەپ قۇيىۋاتقان بۆگۈنكى كۈندە بىز ئىھتىياجنى كاللىمىزغا تۇماق قىلىپ كىيىۋېلىپ تەپەككۇرنى بۇغىۋېتىشىمىز كىرەك ئەمەستىغۇ؟
بۆگۈنكى ھەقىقى ئەھۋالىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق ئۇيغۇر جەمىيتىدە ئىنتايىن مۇھىم بولغان . لىكىن تاشلىۋېتىلگەن . قەھەتچىلىك يۈز بىرىۋاتقان بىر خىل ئەڭ مۇھىم ساھە بۇلۇپ ،ئۇ دەل ماتىماتىكا ساھەسىدۇر.
بەلكىم بۇنداق دىسەم ئارىمىزدىكى بىلىمنىڭ يۈكسەك چوققىسىغا يىتىپ بولغان ، خاسلا قۇسۇر سۈتىدە ناشتا قىلىۋالغان بىرقىسىم مىللىتىمىزنىڭ قەھىرىمانلىرى تەئەججۈپلىنىپ كىتىشى مۇمكىن . بىراق مەن شۇنچىلىك يۇقۇرى ئاۋازدا جاۋاپ بىرىمەنكى . ئىلىمنىڭ بىر خىل قائىدىسى بۇلۇپ ھەقىقەت ئالدىدا ھەر قانچە قاۋىغان بىلەن ئۇنىڭ ھېچقانداق تەرىپىنى ئۆزگەرتەلمەيدىغان بىر خىل نەتىجە چىقىدۇ.
ياشاش يۇلىمىزدىكى ،تۇرمۇش كارتىنىلىرى قاتتىق چىقىراپ يىغلىمىغاچقا بۇ ھاياتىمىز ناھايتى خاتىرجەم بىلىنىۋاتىدۇ.
بۇ توغۇرلۇق كۆپ سۆزلەشنىڭ ئۆزىمۇ ھازىر باشقىچە بىر خىل ئىشتەك ھىسابلىنىدۇ.
شۇنىڭ ئۆچۈن مەن بۇ يەردە ئىلىمنىڭ قەدىر قىممىتىنى ھىس قىلغان دوسلىرىمىز بىلەن مەزكۇر تىما ئۆستىدە پىكىر قىلىشنى مۇۋاپىق كۈرۈپ، ئۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ ئۆتمەكچى . دوسلارنىڭ تەڭ تەپەككۇر قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
1- ماتىماتىكا ئىلمى ۋە ئۇنىڭ باشقا پەنلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى:
بىز ئاۋۋال بۇ تىما ئۆسىتىدە توختىلىشتىن بۇرۇن دەسلەپكى قەدەمدە ماتىماتىكا ئىلمى توغىرىسىدا ئازىراق توختىلىپ ئۆتۈش مۇھىم. ماتىماتىكا ئىلمى ئالەم بىنا بولغاندىن تارتىپ، ئادەملەرنىڭ تەبىئەت بىلىملىرىنى چۈشىنىشكە باشلىغان ئىراسىدا شەكىللەنگەن بۇلۇپ ئۇنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان دائىرسى ئىنتايىن كەڭ ۋە ئىنتايىن مۇھىم سالماقنى ئىگەللەيدۇ.
بۇ ئىلىم قانداقتۇر بىرەر شەخىس . مىللەت. دۆلەت. سىياسەت، تەشكىلاتلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچىرىمايدىغان ، ھەرقانداق ئىزىم- پىزىم، ئېيتىملارنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان ، پەقەت پاكىتنى ئاساس قىلغان ئەمىلياتچانلىقى كۈچلۈك . بىر قەدەر قىيىن بولغان پەن. بۇ پەننىڭ ھازىرقى پۈتكۈل دۇنيادا تۇتقان ئورنىمۇ ئەڭ يۇقۇرى ۋە تەخىرىسىز.
ماتىماتىكا ئىلمى ئۆز ئالدىغا بىر خىل پەن بۇلۇش سۆپىتى بىلەن باشقا پەنلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتكە ئىگە ۋە مۇئەييەن باغلىنىشى مەۋجۇد.
ماتىماتىكا ئىلمىنىڭ تەبىئى پەنلەر بىلەن بولغان مۇناسېۋىتىنى مەن دىمىسەممۇ ئۆزىنى نۇرمال چاغلايدىغان ئەقىل ئىگىلىرى ھىس قىلالايدۇ. ماتىماتىكا ئىلمىي تەبىئى پەننىڭ ھەرقانداق بىر ساھەسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بۇلۇشتىن سىرىت يەنە ھەممە تەبىئى پەنلەرنىڭ ئاساسى ۋە ئانىسى ھىسابلىنىدۇ. تەبىئى پەن ساھەسىنى ماتىماتىكىدىن ئايرىپ قاراش مۇمكىنچىلىكى قەتئىي يوق . ۋە پەقەت مۇمكىن بولمايدۇ. ھەر قانداق بىر خىل تەبىئى پەن نەتىجىلىرىنىڭ ئاساسلىق قۇرۇلمىسى ماتىماتىكىنىڭ ئەڭ ئىنچىكە قىسىملىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ. قىسقىسى تەبىئى پەن ئىلمى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بۇلۇش بىلەن بىرگە زور باغلىنىشقا ئىگە.
ماتىماتىكا ئىلمىنىڭ ئىجىتىمائىي پەنلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋېتى : ماتىماتىكا ئىلمى ئۆز نۆۋىتىدە ئىجتىمائىي پەنلەر بىلەن مۇئەييەن باغلىنىشقا ۋە قۇيۇق مۇناسىۋەتكە ئىگە . يەنى بىز ئىجتىمائىي ھاياتىمىزدا قارىماققا ماتىماتىكىلىق پىرىنسىپ بۇيىنچە ياشىغاندەك قىلمىساقمۇ . يەنى ئۆزىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ياشاش قارىشىمىز بۇيىنچە پائالىيەت ئېلىپ بىرىۋاتقان بولساقمۇ . ئۆزىمىز سەزمىگەن ھالدا ماتىماتىكىلىق قانۇنيەتكە كىرىمىز.
مەسىلەن مەن ئاددىي بىر مىسال ئېلىپ ئۆتەي . بىزنىڭ ئىجتىمائىي ياشاش قانۇيىتىمىزدە مۇنداق بىر ھىكمەت بار . يەنى -
گاچىمۇ چۈچۈر يىسە ساناپ يەيدۇ. بىز بۇ ھىكمەتكە قارايدىغان بولساق بۇنىڭدىن يەنە ماتىماتىكا ئىلمىنىڭ پۇرىقى كىلىپ تۇرغىنىنى ھىس قىلالايمىز . بۇنداق مىساللاردىن ئىزدىسەك تۇرمۇشىمىزدا ئىنتايىن كۆپ.
شۇنىڭ ئۆچۈن ماتىماتىكا ئىلمى پۈتۈن دۇنيادىكى ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئورتاق ئۆگىنىدىغان چوڭ تۈرى . بۇنىسى ھەممىزگە ئىنىق.
2- ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى دەۋىرىدىكى ماتىماتىكا ساھەسىدىكى ئورنى.
دەۋىرىمىزگە نەزەر سالىدىغان بولساق بىزنىڭ ھازىرقى جەمىيىتىمىزدە ماتىماتىكا ئىلمىدە تۇتقان ئورنىمىز خەلىقئارانى دىمەي قۇيايلى مەملىكەت ئىچىدىمۇ پەقەت ياخشى ئەمەس. ئادەمنىڭ كۆڭلىنى بەكمۇ بىئارام قىلىدۇ. بۇ ساھەدە زادى ئادەمنى قايىل قىلغۇدەك دەرىجىدە بىرەر نەتىجە پەقەت يوق دىسەك ئاشۇرۋەتكەن بولمايمىز.
بۇ يەردە بەلكىم بەزى بالىلار ئالىم ئەركىن سېدىق ۋە شۆھرەت مۇتەللىپ ھەمدە شۇنىڭغا مۇناسىپ نۇرغۇن ئىزدىنىۋاتقان ئوغلانلىرىمىزنى مىسال قىلىشى مۇمكىن . توغرا بۇلارغا كۆز يۇممايمىز .لىكىن مىليۇن نۇپۇسقا ، ئۇزاق تارىخقا ئىگە بىر خەلىق تۇپىنىڭ نەتىجىسىنىڭ ئىنتايىن ساناغلىقلا بۇلىشى بىزنى قايتا ئويغا سالغىنى تۈزۈك.
بىزنىڭ مەنىۋىيتىمىزدە پارىتلاش خارەكتىرلىك ئىنقىلاپ يۈز بەرمىگەچكە ئىددىيىمىزدىكى مەنىۋىي گادايلىق ، تەپەككۇر نامىراتچىلىقى تېخىمۇ ئەۋىج ئىلىپ كەتتى. قىسىقىسى ئىلىمنى تۇنۇماسلىقتىن ئىبارەت ئەڭ يىرگىنىشلىك ئەھۋال بىزدىن يىراقلاپ كەتمىدى .
شۇ سەۋەبتىن ئىلىمنىڭ سەرخىلى بولغان ماتىماتىكا ساھەسىدىمۇ بىزنىڭ ئورنىمىز تۈۋەن ئۇرۇندا تۇرۇپ كىلىۋاتىدۇ.
مەسىلەن ئاددىي بىر مىسال ئېلىپ ئۆتسەم بىزنىڭ ئالىي مەكتەپكە قۇبۇل قىلىش ئىمتاھانىدا ئۆلچەم ئىككى خىل . يەنى ئۇمۇمى نۇمۇردىن سىرىت ماتىماتىكا پېنىىنىڭ ئۆلچىمى بۇلۇپ بۇ پەننىڭ يىللاردىن بىرى ئۆلچىمى 30بىلەن 40 ئارىسىدا بۇلىۋاتىدۇ.
ھەممەيلەنگە ئايان بۇ پەننىڭ ئۇمۇمى نۇمۇرى 150 بۇلۇپ چىقىۋاتقان ئۆلچىمى ئاران 5دىن 1ىگە توغرا كىلىدۇ.
بۇنداق دىسەم بەلكى ئىمتاھان سۇ ئالى بەك قىيىن ياكى ئىنتاھان ئادەمنىڭ ھەقىقى سەۋىيەسىنى ئىسپاتلاپ بىرەلمەيدۇ . دەيدىغان قاراش چىقىش مۇمكىن . بۇ تەرىپىمۇ قىسمەن سەۋەب . ئەمما مەيلى ئىمتاھان مائارىپى بولسۇن ياكى باشقا ھەرقانداق سىناق بولسۇن ياكى ھەر قانچە قىيىن سۇئال بولسۇن ئەگەر ھەقىقى سەۋىيە بولسا چۇقۇم ھەر قانداق جايدا ئۆز ئورنىنى تېپىشىمۇ ناھايتى ئىنىق ھەقىقەت .
يۇقارقىدەك نەتىجە چىققان بولغاچقا بىزنىڭ مەركەزدىكى تەتىقاتچىلىرىمىز مىللىي رايۇنلاردىكى بالىلارنىڭ ماتىماتىكا سەۋىيەسى تۆۋەن دىگەن قاراشنى بىزگە سوۋغا سۆپىتىدە ھەدىيە قىلدى . بىز بۇ سوۋغىنى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن بۇ ساھەنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۇنۇشنى بىزگە سوۋغا بەرگۈچىلەرنىڭ چىھىرىدىن ئىزدىدۇق. ئادەمنىڭ ئەڭ نۇمۇسىنى كەلتۈرىدىغان يەنە بىر خىل قاراش ماتىماتىكا ئۆگىنىشنىڭ ياخشى چارىسى خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش. خەنزۇتىلىنى ياخشى بىلگەن بالا ماتىماتىكىنى ياخشى بىلىدۇ دەيدىغان ئېچىنىشلىق خاتا ھۆكۈمنى چىقىرىپ قويدۇق. خەنزۇتىلى بىر قۇرال . ماتىماتىكا بولسا بىر پەن . ئويلاپ باقايلى قۇرال بىلەن پەننى مۇشۇنداق باغلامدۇق؟
ئەگەر بەك خەنزۇ تىلىغا باغلىغۇمىز كەلسە خەنزۇتىلىنى ئۆگەنگەندىن كىيىن ماتىماتىكا ئۆگىنىشكە يەنە بىر خىل شارائىت چىقىدۇ .
يەنە خەنزۇچە ماتىرياللاردىن پايدىلانغىلى بۇلىدۇ . شۇڭلاشقا تىلنىمۇ ياخشى ئۆگىنىش كىرەك دەپ چۈشەندۈرسەك بۇلىدۇ. لىكىن ئۇيغۇر جەمىيتىنىڭ ماتىماتىكا ساھەسىنى پەقەت ئۇيغۇرچە تەپەككۇر بىلەن گۆللەندۈرگىلى بۇلىدۇ . بۇ تەرەپ ئىنىق بۇلۇش كىرەك.
مەن ئادەتتە نۇرغۇن نۇپۇزلۇق ئەربابلارنىڭ ئۇيغۇرلانىڭ ئەقلىي تەپەككۇرىنى ئۆلچەپ خۇلاسىلىگەن قاراشلىرىنى كۈرىمەن. يەنى ئۇيغۇرلار ئەقىلىقمۇ ؟ دىگەن سۇئال بۇلۇپ . ئۇنىڭ يەكۈنىنى ئەربابلىرىمىز ئەقىللىق دەپ خۇلاسە چىقىرىپ بولدى.
بۇنى مەنمۇ ئىتىراپ قىلىمەن. لىكىن بۇ ساھەگە كەلگەندە بىزنىڭ ئەقلىمىز نەگە كەتتى؟ بىزنىڭ ئەقلىمىزنى نىمە لال قىلىۋالدى.؟
ھەدىسىلا بىزنى مۇشۇ كۈنگە قويغان باشقىلار دەپ يۈرەمدۇق ؟ ئەجىبا سىياسىيسيغا ياتمايدىغان بۇ تۈردىكى نەتىجىنىڭ بولماسلىقىنىمۇ باشقىلاردىن كۈرەمدۇق؟
دىمەك ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى دەۋىردىكى ماتىماتىكا ساھەسىدىكى ئەھۋالى ئادەمنى خېلى ئويغا سالىدۇ.
3- ئۇيغۇرلار يۆزلىنەلمەيۋاتقان ماتىماتىكا ساھەسى :
بىزنىڭ تارىخىمىزدا ئەزەلدىن ئىلىمنىڭ كۇرىسى يۇقرى ئۇرۇندا تۇرۇپ كەلگەن ھەم ئەلمىساقتىن تارتىپ ئىلىمخۇمار پەرزەنىتلەر ئۆزىنىڭ ئورنىنى تېپىپ نام قازانغان. لىكىن بۆگۈنكى كۈنگە كەلگەندە نىمىشقىكىن بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىلىم ساھەيىمىز ئىتىلىپ تۇرىۋاتىدۇ. بىر ياقتىن ئىزدىنىپ نەتىجە يارىتىش ئۇقۇمى بىزدىن ئايرىلىپ كىتىۋاتىدۇ.
بالىلارنىڭ كىچىكىدىن تارتىپ ياخشى ئۆگىنىشى كىرەك بولغان ئىلىم بولسا تاشلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ خەلىقىمىزنىڭ نۇرغۇن كۆپچىلىكى بۇرۇندىن ئۇششاق تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن ياشاپ كەلگەن خەلىق تۇپى كۆپ قىسمى يىپەك يۇلىنىڭ خاراب بۇلىشى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىكى بىكىنمىچىلىك ھالەتنىڭ ھۆكۈم سۈرىشى بىلەن جاھان رەپتارىدىكى ئەڭ يىڭى ئۇچۇردىن مەھرۇم بولغان تارقاق ياشاش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرگەن بىر توپ . يۇقارقىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلى قاششاقلىقمۇ بىر قەدەر يۇقۇرى پەللىگە چىقىپ پەقەت يەپ -ئىچىپ ياشاش دائىرىسىدىن چىقىپ كىتەلمەي كىلىۋاتىدۇ.
بىرەر ئىلىمنى ئۆگىنىپ ئۇنىڭدىن نەتىجە قازىنىش ئۆچۈن ئاۋۋال ئۇنىڭغا يۈزلىنىش ئىنتايىن مۇھىم لىكىن بىز دەل مۇشۇ ماتىماتىكا ساھەسىدە ئىلمىي بولغان ، توغرا يۈزلىنىش ئەندىزىسىنى تاپالمىدۇق.
بۇ خىل ھادىسە ئاساسى مائارىپ ، جەمىئەت، ئالىي مائارىپ ۋە پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمىيىتىدە مەۋجۇد. ئىشەنمىسىڭىز ئۇبدان نەزەر سېلىپ بىقىڭ . بىزنىڭ جەمىيتىمىزدە ماتىماتىكا ئىلمىنى ياقتۇرىدغان ۋە تەھسىل قىلىدىغان 20 پىرسەنىت ئادەم چىقامدىكەن . قەتئىي چىقمايدۇ.
مەكتەپلەردىكى بالىلارنىڭ ئىچكى قىزىقىشىنى ھەقىقى تەكشۈرۈپ باقىدىغان بولساق ماتىماتىكىغا ئىشتىراك ئەتكەن ئۇقۇغۇچىنىڭ ناھايتى ئازلىقىنى بايقىيالايمىز.
بۇ سەۋەپ شۇ بالىدىمۇ؟ بۇ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس . بۇ شۇ بالا ئۆسۈپ يىتىلگەن ئائىلە ، مەكتەپ ۋە جەمىئەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ سۆز تەلەپ قىلمايدىغان پاكىت .
ئەگەر بىز ماتىماتىكا ئىلمىنىڭ پۈتۈن تەرەققىيات بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلغان بولساق بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئىز باسارلارمۇ مۇشۇ تۈرگە ياخشى يۈزلەنگەن بۇلاتتى. قىسىقىسى بىزنىڭ جەمىيتىمىز تېىخى بۇ خىل يۈزلىنىشتىن مۇستەسنا.
4- ئۇيغۇر جەمىيتىدە كۈرۈلگەن ۋە كۈرلىۋاتقان ماتماتىكا قەھەتچىلىكى .
بۇ يەردە قەھەتچىلىك دەپ ئاتىساق بەزىلەر بەلكى تازا قۇبۇل قىلالماسلىقى مۇمكىن بىراق بۇ مەسىلىدە بىز قۇبۇل قىلمىغان بىلەن ئەمىليىتىمىز بۇنى راسىت دەپ گۇۋاھلىق بىرىدۇ .
مەلۇم بىر مەكتەپتە 100نەپەر ئۇقۇتقۇچى بۇلۇپ دەسلەپكى قارارلىق ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۆلچەيدىغان ئىمتاھانغا 26 نەپەر ئۇقۇتقۇچى تىزىملاتقان . بىراق ئىمتاھانغا قاتناشقاندىن كىيىن نەتىجىسى چىققان ئۇقۇتقۇچىلار پەقەت 4نەپەر بولغان . يەنى 4نەپەر ئۇقۇتقۇچى لاياقەتلىك بولغان . شۇنىڭ بىلەن ئىككىنجى قىتىملىق ئۇقۇتقۇچىلىق كەسپىي ئىمتاھانىسىدا بۇ ئۇقۇتقۇچىلاردىن 21 نەپىرى ئۆزىنىڭ كەسپىنى ئەدىبىيات ، ئەخلاققا ئۆزگەرىتكەن .
بىر قىتىملىق ئىمتاھان سىنىقى شۇ ئۇقۇتقۇچىلارنى ماتىماتىكا پېنىدىن ۋاز كەچتۈرگەن. سىزنىڭچە بۇ قانداق كەسىپ تاللاش؟
مەلۇم بىر ئۇقۇغۇچى چۈشىنەلمىگەن ھىسابتىن بىرنى ئۇقۇتقۇچىغا كۆرسىتىپ چۈشەندۈرۈپ قۇيۇشنى تەلەپ قىلغان . بىراق ئۇقۇتقۇچى بۇ ئۇقۇغۇچىغا بۇ دىگەن تاللاپ ئۆگىنىش دەرىسى . ئىمتاھانغا چۈشمەيدۇ . سەن ئۆگەنمىسەڭمۇ بۇلىدۇ دەپ جاۋاپ بەرگەن . بۇ قانداق جاۋاپ؟
مەلۇم ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇيدىغان بىر نەپەر مودا ئۇقۇغۇچى سىنىپقا كىرگەندە بىر قانچە ساۋاقداشلىرى ماتىماتىكا تاپشۇرۇقى ئىشلەپ تۇرىۋاتقان يەرگە كىلىپ قالىدۇ . ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئەھۋالىنى كۆرگەن بۇ ئۇقۇغۇچى شۇنچىلىك زەردە بىلەن مەن تېخى بىرەر ئەھمىيەتلىك ئىش قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ كىلىپ قاراپتىمەن . نىمانچە قالاق نىمىلەر . جاھاندا ئىككى ئۆچ ئىشىمنىڭ بىرىنچىسىمۇ ماتىماتىكا . ئىككىنجىسىمۇ ماتىماتىكا . بۇ پەنگە خۇشۇمنىڭ يوقلۇقى. ھۇ بىر توپ ساراڭلار دەپ بۇ يەردىن ئايرىلغان.
بۇ قانداق ئۆچ بۇلۇپ قىلىش ھادىسىسى ؟
مەلۇم بىر زىيالىي ئائىلىسىدە ئۆسۈپ چوڭ بولغان بىر پەرزەنىت تاپشۇرۇق ئىشلەش جەريانىدا چۈشىنەلمىگەن تەرىپىنى تېلىۋېزور كۈرۈپ تۇرغان ئاتا-ئانىسىدىن سورايدۇ. بىراق كىنوغا كىرىپ كەتكەن ئاتا-ئانا ۋاي بۇ سۇئالىڭنى مۇئەللىمىڭدىن سۇرا. بىشىمنى ئاغىرىتماي دەپ جاۋاب بەرگەن. بۇ نىمە سەۋەبتىن ئاغىرىغان باش؟
مەلۇم بىر ئىتۇت چولپىنى مىنىڭ ئەڭ ياقتۇرمايدىغىنىم ماتىماتىماتىكىغا ئائىت تېپىشماق . شۇڭا سەن سورىمادەپ ئۆز ئىتوتىنىڭ قىزىقارلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرغان . بۇ قانداق ئۇسۇلدىكى چاقچاق ياكى ئىتوت؟
مەلۇم ئابىرويلۇق بىر شەخىس ئادەم كۆپ يېغىلغان سورۇندا ئۆزىنىڭ ماتىماتىكىدىن قورقىدىغانلىقىنى ئىختىيارسىز نۇرغۇن ئادەملەر ئالدىدا ئاشكارلىۋەتكەن . بۇ قانداق قورقۇش ھادىسىسى؟
ئۇيغۇر جەمىيتىدىكى تاراتقۇلارنىڭ . ئاخبارات ساھەسىنىڭ ھەم ئىز قوغلاپ چولپانلارنى زىيارەت قىلىۋاتقان تور مۇنبەرلىرىنىڭ ھېچقانداق سانىدا بۇ خىل ئىلىمنىڭ ئىشتىراكچىلىرى مەۋجۇد ئەمەس . پەقەت يوق . بۇ خىل ھادىسە نىمە مەۋقەنى چىقىش قىلغان ؟
ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۇپ ئاسپىرانتۇرلۇققا تەييارلىق قىلىۋاتقان 10نەپەر سىتۇدىنىتنىڭ 9 نەپىرى ئىجتىمائىي پەننى تاللاپ تەييارلىق قىلغان . بۇ خىل رىئاللىق نىمە سەۋەبتىن؟
ئۇيغۇر جەمىيتىدىكى ھەر قانداق بىر مەكتەپ ئۇقۇغۇچىسى ياكى ئادىمىدىن بۇ ئىلىمگە ئىشتىراك قىلىدىغىنى قىزىقىدىغىنى 20 پىرسەنىكىمۇ يەتمەيدۇ . ئىشەنمىسىڭىز تەكشۈرۈپ بىقىڭ . بۇ خىل ئەھۋالنىڭ تۈپ نىگىزى نەدە؟
يۇقارقى ئەھۋاللارنى مەن ئۆزۈمنىڭ ھىسياتىغا تاينىپ تۇقۇپ چىققان مەسىلىلەر بولماستىن بەلكى ئۆز كۈزۈم بىلەن ئەمىلىي كۆرگەن پاكىت ۋە ھەقىقەت . يۇقارقىدەك پاكىتلار ناھايتى كۆپ بۇلۇپ قەدەمدەبىر ئۇچىراپ تۇرىدۇ.
مۇشۇ ئەھۋاللار يۈز بەرسە بۇ قەھەتچىلىك بۇلىدۇ دەپ قارايمەن . ھەم يۈز بىرىدۇ.
شۇنىڭ ئۆچۈن بىزنىڭ ئارمانلىرىمىزغا بىۋاستە يول ئېچىپ بىرەلەيدىغان پەننىمۇ ئويلاپ قۇيايلى . ھەممەيلەننى تۇنۇشتىكى ھەقىقى بىر خىل تۈسنى يارىتايلى.
بۇ ماقالە مۇنبىرىمىزدىكى ئىنتايىن بىلىملىك، مىللتىمىزنىڭ تەقدىرىنى ئويلىشىۋاتقان ئىززەت ئىكىرامغا ئىگە ھۆرمەتلىك زاتلارنىڭ تەلىۋىگە ئانچە ئۇيغۇن كىلەلمەسلىكى مۇمكىن . لىكىن ئىلىمنىڭ بىر خىل قائىدسى بۇلۇپ ھەقىقى نەرسىلەر قاۋاشنىڭ ئالدىدا ئىنتايىن جەسۇر كۈچ . شۇڭلاشقا بۇ خىل تۇنۇشقا ئىشتىراك ئەتكەن دوسلارنىڭ ئۆز تەپەككۇرىنى ئايىماسلىقىنى ئۆمىد قىلىمەن.
مەنبە: ئىكىن