-
پەرھىز قىلىنغان سان - سىفىرلار - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2009-02-22
بىر قىتىملىق خەلقئارا سودىدا مۇنداق بىر ۋەقە يۇز بەرگەن ئىكەن : « گولۇف توپى ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر ئامىركىلىق سودىگەر ئۆز زاۋۇدىنىڭ ياپونىيىگە ئىكىسپورت قىلىدىغان گولۇف توپلىرىنى بىر قاپقا تۆتتىن قاچىلىغان ، ئەمما بۇ توپلارنىڭ سېتىلىش مىقدارى مۆلچەردىكىدىن تۆۋەن بولغان ، تەكشۇرۇش ئارقىلىق ئايان بولغانكى ، گەپ گولۇف توپلىرىنى بىر قاپقا تۆتتىن قاچىلاشتا ئىكەن » .
ياپۇنلۇقلار « تۆت » تىن پەرھىز تۇتىدۇ ، چۇنكى ياپون تىلىدا «تۆت » دېگەن سۆز نىڭ تەلەپپۇزى « ئۆلۇم » دېگەن سۆزنىڭ تەلەپپۇزى بىلەن ئوخشايدۇ . شۇڭا ياپونىيىنىڭ دوختۇرخانلىرىدا 4- نۇمۇرلۇق ياتاقمۇ يوق ، « ئۆلۇم » كارۋىتىدا يىتىشنى كىممۇ خالىسۇن؟
شۇنىمۇ قوشۇمچى قىلىپ قويۇش زۆزۇركى ، جۇڭگۇدىكى خەنزۇ قاتارلىق بىر قانچە مىللەتمۇ « تۆت » نى ياخشى كۆرمەيدۇ ، بۇ ھەممىمىزگە ئايان . چۇنكى خەنزۇچە « تۆت » نىڭ تەلەپپۇزىمۇ « ئۆلۇم » بىلەن ئوخشاش ، بىراق ياپۇنلۇقلاردەك قاتتىق پەرىز تۇتمايدۇ ، ھىچ بولمىغاندا كىسەلخانىلاردا «4- نۇمۇرلۇق كارۋات » بار .ئەمما تىلىفۇن نۇمۇرى ، ماشىنا تاختا نۇمۇرىلىرىدا « 4 » نىڭ بولىشىنى خالىمايدۇ .ئەكسىنچە « 8 » نىڭ تەلەپۇزى «باي بولۇش » بىلەن ئوخشاش بولغاچقا ، بۇ رەقەمنى ياخشى كۆرىدۇ .لىكىن ئىيتىشلارغا قارىغاندا ،تەيۋەنلىك خەنزۇلار « 8 » نى ياخشى كۆرمەيدۇ .چۇنكى ئۇلار ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە ئاساسلىقى « 8- ئارمىيە » دىن جىق پەشۋا يىگەن . تەيۋەن دائىرلىرى يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن كىيىن تەيۋەندە ھەتتا «8-يول كوچا ئاپتۇۋۇزى » نىمۇ تەسىس قىلماي ، بىراقلا 9-يول ئاپتۇۋۇزىغا ئۆتۇپ كەتكەن.چۇنكى « 8- يول » بىلەن « 8- ئارمىيە » نىڭ خەنزۇچە يىزىلىشى پۇتۇنلەي ئوخشاش.ئىگىز بىنالاردا «8-قەۋەت » دىگەننىمۇ ئىشلەتمەي «7-قەۋەتنىڭ ئۇستى » دەپ ئارقىسىدىنلا «9- قەۋەت » دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن، بىراق ھازىر ئىشلار قانداق بۇنىسى ماڭا نەمەلۇم. ئەمما ماتىرىياللاردا كۆرسۇتىلىشىچە ، ھازىرقى شاڭگاڭدا يەنىلا « 4 » تىن پەرھىز تۇتىلىدىكەن، ئۇلار مۇشۇ «4 » نى بىرەر نەرسىنىڭ بەلگىسى قىلمايدىكەن . مەسىلەن ، ساياھەتچىلەرنىڭ بايرىقىدا 4- نۇمۇر بولمايدىكەن، دوست- يارەنلەر سوۋغا تەقدىم قىلىشتا سانى «تۆت » بولغان بۇيۇملارنى بەرمەيدىكەن ، زادى «تۆت » دىمىسە بولمايدىغان ئەھۋالدا « قوش ئىككى » دەيدىكەن.
غەرىپلىكلەر «ئون ئۇچ » رەقىمىدىن كۆپرەك پەرھىز تۇتىدۇ . رىۋايەت قىلىنىشىچە ، ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتى ئىئودا 13 تال كۇمۇشنى دەپ ئەيسا پەيغەمبەرنى سېتىۋەتكەنىكەن . ئىتالىيىلىك مەشھۇر رەسسام داۋىنچى مۇشۇ تېمىنى مەرگەر قىلىپ تۇرۇپ « ئەڭ ئاخىرقى كەچلىك تاماق » ناملىق مەشھۇر رەسىمنى ئىجاد قىلىپ ( بۇ رەسىمگە دائىر ئۇچۇرلارنى بۇ يەردىن كۆرۇڭ : http://bbs.salkin.cn/read.php?tid-25741-keyword-.html )، ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ سېتىۋىتىلىشتىن بۇرۇنقى ئۆز شاگىرىتلىرى بىلەن بىللە كەچلىك تاماق يەۋاتقانلىقىنى تەسۋىرلىگەن ، كەچلىك تاماققا داخىل بولغۇچىلارنىڭ دەل 13- سى ئىئودا ئىدى.شۇڭا ئۇلار ھەتتا 13- چىسلا ( بولۇپمۇ جۇمە كۇنىگە توغرا كىلىپ قالسا ) ئادەتتە پائالىيەت ئۆتكۇزمەيدۇ . گوللاندىيىدە كىشىلەر ئىشىك نۇمۇرىدىكى «13 » رەقىمىنى « 12A » بىلەن ئىپادىلەيدۇ . ئەنگىلىيە تىياتىرخانىلىرىدا 13- رەت 13- ئورۇن بولغان تەقدىردىمۇ بىلىتى يىرىم باھادا تەستە سىتىلىدۇ . فىرانسىيىنىڭ ئاستانىسى پارىزدىكى تىياتىرخانىلاردا 13- رەتنىڭ ئورنىدا يول بار . دوختۇرخانىلاردا 13- نۇمۇرلۇق كارۋات بولمايدۇ . بىنالاردا 13- قەۋەت بولمايدۇ ( باشقىچە ئۇسۇل بىلەن ئاتايدۇ ) ،كىشىلەر 13- چىسلا ئامال بار سەپەرگە چىقمايدۇ ، 13 ئادەم ھەرگىز بىللە تاماق يىمەيدۇ . لاتىن ئامىركىسىدىمۇ « 13 » رەقىمىنى شۇملۇقنىڭ بەلگىسى دەپ قارايدۇ .
بۇنىڭدىن باشقا غەرىپلىكلەر « 3 » نىمۇ پەرھىز تۇتىدۇ . بولۇپمۇ تاماكا تۇتاشتۇردىغاندا نۆۋەت 3- ئادەمگە توغرا كىلىپ قالسا ئۆڭايسىزلىنىدۇ ، بەزىلەر ھەتتا 3- ئادەمگە تاماكا تۇتاشتۇرۇپ بىرىشىنى رەت قىلىدۇ ، 2- ئادەمگە تاماكا تۇتاشتۇرۇپ بەرگەندىن كىيىن ئوتنى ئۆچۇرۋىتىپ قايتا ياندۇرۇپ تۇتاشتۇرۇپ بىرىدۇ . بۇنىڭدىكى سىر نىمۇ ؟ ئەسلى 1899-يىلى پارىتلىغان ئەنگىلىيە - بىرتانىيە ئۇرىشىدا ، بىر كۇنى ئاخشىمى نۇرغۇن ئەسكەرلەر تاماكا چېكىپ نىشاننى ئاشكارلاپ قويغانلىقى ئۇچۇن ئوق يەپ ئۆلگىنىكەن ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 3- بولۇپ تاماكا تۇتاشتۇرغانلار ئەڭ كۆپ ئىكەن.ئالدىنقى ئىككى كىشى تاماكا تۇتاشتۇرغاندا نىشاننى ئاشكارلاپ قويغانلىقى ھەمدە دۇشمەنگە قارىغا ئېلىش پۇرسىتى بېرىپ قويغانلىقى ئۇچۇن ، 3- بولۇپ تاماكا تۇتاشتۇرغۇچى ئاسانلا ئوق تىگىپ ئۆلگەن.历史上的今天:
ئاي شارىدىكى بىر كۈن قانداق ھېسابلىنىدۇ ؟ 2009-02-22بىر تەڭسىزلىكنى يىشىشنىڭ ئەپچىل ئۇسۇلى 2009-02-22سىز بىلمەيدىغان قىززىقارلىق سان-سىفىرلار 2009-02-22تېنىڭىزدىكى قىزىقارلىق سانلار 2009-02-22
收藏到:Del.icio.us