-
ﮬﺎﻣﯩﻠﺪﺍﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﺷﻜﻪ ﺗﯩﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺳﺎﻧﻼﺭ - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2010-10-23
ھامىلدار بولۇپ قالسىڭىز ، تۆۋەندىكى قىزىقارلىق سانلارنى بىلىۋېلىڭ :
.1 ھامىلىنىڭ بالىياتقۇدىكى ۋاقتى : 40 ھەپتە ، يەنى 280 كۈن بولىدۇ .
. 2 مۆلچەرلەنگەن تۇغۇت ۋاقتىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى : شۇ قېتىملىق ھەيز كۆرگەن ئاي سانىغا ئۈچنى قوشۇپ ياكى شۇ ئاي سانىدىن ئۈچنى ئېلىۋېتىپ ، چېسلاغا يەتتىنى قوشۇش.
.3 ھامىلدار ۋاقتىدىكى تۇنجى قېتىملىق تەكشۈرتۈش ۋاقتى : ھەيز توختىغاندىن كېيىنكى ئۈچ ئاي .
.4 ھامىلدار ۋاقتىدىكى تۇنجى قېتىملىق تەكشۈرتۈش ئارىلىق : ھامىلدار بولۇپ بەش ئاي ئىچىدە 1-2 ئايدا بىر قېتىم ، 6-7 ئاي بولغاندا ھەر ئايدا بىر قېتىم ، سەككىز ئايدىن كېيىن ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم ، ئەڭ ئاخىرقى ئايدا ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ، ئەڭ ئاخىرقى ئايدا ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ، ئالاھىدە ئەھۋال بولسا ھەرۋاقىت تەكشۈرتۈش كېرەك .
.5 ھامىلدار ئايالنىڭ ھەر ھەپتىدە نورمال ئېشىش ئېغىرلىقى 0.5 كىلوگرامدىن ئاز بولۇشى كېرەك .
.6 تەبىئي بويىدىن ئاجراش ۋاقتى : ھامىلدار بولۇپ بەش ئاي ئىچىدە، كۆپىنچە ئۈچ ئاي ئىچىدە بالا تەبىئي چۈشۈپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ .
.7 بالىنى چۈشۈرۈۋېتىشنىڭ مۇۋاپىق ۋاقتى : ھەيز توختىغاندىن كېيىنكى ئىككى يېرىم ئاي .
. 8 ئوتتۇرا مەزگىلدە بالىنى ئالدۇرۇۋېتىشكە بولىدىغان مۇۋاپىق ۋاقىت : ھامىلدارلىقنىڭ 14-17-ھەپتىلىرى .
.9 ھامىلە تەۋرەشكە باشلايدىغان ۋاقىت : ھامىلىدارلىقنىڭ 16-20-ھەپتىلىرى .
.10 ھامىلە ئەڭ كۆپ تەۋرەيدىغان ۋاقىت : ھامىلىدارلىقنىڭ 28-34-ھەپتىلىرى .
.11 ھامىلىنىڭ نورمال تەۋرەش قېتىم سانى : ھەر 12سائەتتە 30-40 قېتىم ئەتراپىدا بولىدۇ . 15 قېتىمدىن ئاز بولۇپ قالماسلىقى كېرەك .
.12 بالدۇر تۇغۇپ قويۇش ۋاقتى : ھامىلدارلىقنىڭ 28-37-ھەپتىلىرى .
.13 ھامىلە يۈرىكىنىڭ نورمال سوقۇش قېتىم سانى : مىنوتىغا 120-160 قېتىم .
.14 ھامىلدارلىقنىڭ ۋاقتى مۆلچەرلەنگەن تۇغۇت ۋاقتىدىن ئېشىپ كەتكەن كۈن سانى : 14 كۈن .
.15 بوۋاقنى ئېمىتىش ۋاقتى : تۇغۇپ 2---6 سائەت ئىچىدە .ﻛﯧﻠﯩﺶﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ : ﺷﻪﮬﻼﺗﻮﺭﻯ
http://uyghur.xjkunlun.gov.cn/10060/10180/10003/10002/10001/2007/767192.htm
历史上的今天:
ئالتۇن بۆلۈش نىسبىتى نەزىريىسى 2010-10-23ئىسىملارنىڭ سانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى 2010-10-23سانلار تەھلىلى 2010-10-23ئۇيغۇرلاردا خاسىيەتلىك سانلار 2010-10-23
收藏到:Del.icio.us