-
ئالتۇن بۆلۈش نىسبىتى نەزىريىسى - [قىزىقارلىق ماتېماتىكا]
2010-10-23
1، ئالتۇن بۆلۈش نىسبىتى نەزىريەسىنىڭ كېلىپ چىقىشى
ماتىماتىك فابۇلەنس 13 - ئەسىردە يازغان كىتاۋىدا بىر قاتار قىزىقارلىق سانلار بىرىكمىسىنى تىلغا ئالغان بولۇپ ، ئۇلار : 1،1،2،3،5،8،13،21،34،55،89،144،233 قاتارلىق سانلار ، بۇ بىرىكمىدىكى ھەر قانداق سان ئالدىدىكى ئىككى ساننىڭ يىغىندىسىغا تەڭ بولىدۇ، مەسىلەن :1+1 = 2 ، 2+1 = 3 ، 3+2 =5 ، 5+3 =8 دىگەندەك .
بەزىلەر ئۇ تىلغا ئالغان بۇ سان بىرىكمىلىرىنى دەل ئۇ ئەلئېھرامنى تەتقىق قىلغاندا ئېرىشكەن سان - سىفىرلار ھەمدە ئەلئېھرامدىكى قىزىقارلىق سانلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ . ئەلئېھرام گىئومىتىرىيىلىك شەكىل جەھەتتىن بەش يۈزى، سەككىز قىرى بولۇپ ،قارىماققا 13بۈلەككە بۈلۈنگەن ،ھەر بىر تەرەپتىن قارىغاندا 3 قەۋەتنى كۆرگىلى بولىدۇ . ئۇنىڭ ئۇزۇنلىغى 5813سوڭ (13-8-5) ، يۇقۇرقى يۈزى يۈزى بىلەن تۈۋەنكى يۈزىنىڭ نىسبىتى 0.618 بولۇپ بۇ دەل يۇقۇرقى سېھىرلىق سان بىرىكمىسىدىكى خالىغان ئىككى ئۇلۇنۇپ كەلگەن ساننىڭ نىسبىتىگە توغرا كېلىدۇ . مەسىلەن : 55 نى 89 غا بۆلسەك 0.618 غا تەڭ ، 89نى 144 گە بۆلسەك 0.618 غا تەڭ ، 144 نى 233 گە بۆلسەك 0.618 تەڭ .
ئۇندىن باشقا 5 بۇرجەكلىك پىرامىدانىڭ خالىغان بىر تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلىغى دەل بۇ 5 بۇرجەكلىك شەكىلنىڭ دىئاگۇنالىنىڭ 0.618 سىغا تەڭ كېلىدۇ . ئاستىنقى قەۋەت 4 تەرىپىنىڭ يىغىندىسى 36524.22سوڭ بولۇپ ، بۇ سان يۇرۇقلۇق يىلىنىڭ 100 ھەسسىسىگە باراۋەر .يۇقۇرقى بىرىكمە سانلار ئىنتايىن قىزىقارلىق بولۇپ 0.618نىڭ ئەكس سانى 1.618 . مەسىلەن : 14نى 89 غا بۆلسەك 1.618 غا تەڭ ، 233نى 144غا بۆلسەك 1.618غا تەڭ ، ئاندىن 0.618نى 1.168غا كۆپەتسەك دەل 1 گە تەڭ .
يۇقۇرقىلاردىن باشقا يەنى بەزى كىشىلەر ئاپتاپپەرەسنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا ئۇنىڭ 89ياپرىقى بولىدىغانلىغىنى 55 ياپرىغىنىڭ بىر تەرەپكە قارايدىغانلىغىنى قالغان 34 ياپرىغىنىڭ يەنە باشقا تەرەپكە قارايدىغانلىغىنى بايقىغان .
يۇقۇردا ئېيتىپ ئوتكەن 0.618، 1.618 دەل ئالتۇن ئايرىش نىسبىتىدۇر .
2، ئالتۇن بۆلۈش نىسبىتىنىڭ ئالاھىدىلىگى ئەڭ ئاساسىي فورمئالتۇن بۆلۈش نىسبىتى ۇلاسى بولسا 1 نى 0.618ۋە 0.382 گە بۈلۈش بولۇپ ، ئۇلارنىڭ تۈۋەندىكىدەك بىر قانچە ئالاھىدىلىگى بار .
(1)سان بىرىكمىسىدىكى ھەرقانداق بىر سان ئالدىنقى ئىككى ساننىڭ يىغىندىسىغا تەڭ .
(2)ئالدىنقى بىر سان بىلەن كېيىنكى بىر ساننىڭ نىسبىتى بىر تۇراقلىق سانغا تەدرىجىي يېقىنلىشىدۇ ، بۇ تۇراقلىق سان 0.618.
(3)كېيىنكى بىر سان بىلەن ئالدىنقى بىر ساننىڭ نىسبىتى 1.618 غا تەدرىجىي يېقىنلىشىدۇ .
(4)1.618 بىلەن 0.618 دەل بىر بىرسىگە ئەكس سان بولۇپ ، ئۇلارنى ئۆز - ئارا كۆپەيتسەك دەل 1 گە تەڭ بولىدۇ .
(5)ھەر قانداق ساننى كېيىنكى ئىككى سان بىلەن نىسبەتلەشتۇرسەك قىممىتى 2.618 غا تەدرىجى يېقىنلىشىدۇ . ناۋادا ئالدىدىكى ئىككى سان بىلەن نىسبەتلەشتۇرسەك قىممىتى 0.382 گە تەدرىجى يېىقىنلىشىدۇ.
يۇقۇرقىلارنى يىغىنچاقلىساق ئالتۇن ئايرىش نىسبىتىنىڭ يۇقۇرقىدەك قىزىقارلىق نىسبەتلىرى بولغاندىن سىرت يەنە تۈۋەندىكىدەك قىزىقارلىق نىسبەت قىممەتلىرى بار .
(1)0.809 ،0.618 ،0.5 ،0.382 ،0.191 .
(2) 2.618 ، 2.382 ، 2 ، 1.618 ، 1.5 ، 1.382 ، 1
3ئالتۇن بۆلۈش نىسبىتىنىڭ مەبلەغ سېلىشتا قوللۇنۇلىشى .
پاي باھاسىنى مۇلچەرلىگەندە يۇقۇرقى ئىككى يۈرۈش ئالتۇن ئايرىش نىسبىتىنى تەۋەندىكىدەك ئىككى خىل تەھلىل قىلىش ئۇسولى بار :
(1) پاي باھاسىنىڭ يېقىنقى مەزگىللىك مۇھىم بولغان يۇقۇرى نۇقتىسى ۋە تۈۋەن نۇقتىسىنى كەلگۈسى بازار ۋەزىيىتىنى ھىسابلاش ۋە مۆلچەرلەشتىكى ئاساس قىلىش . پاي باھاسى ئۆسكەندە تۈۋەن پاي باھاسىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ چۈشۈش كۈلۈمى مەلۇم ئالتۇن ئايرىش نىسبىتىگە يەتكەندە تىرەككە ئىگە بولۇش ئېھتىماللىقى بار . بازار ۋەزىيىتى ئاخرلىشاي دەپ قالغاندا پاي باھاسى جىددى ئۆرلەش ياكى جىددى چۈشۇشتىن كېيىن ئۇنىڭ چۈشۈش ۋە ئۈسۈش كۈلۈمى مەلۇم بىر مۇھىم ئالتۇن ئايرىش نىسبىتىگە يەتسە بازار ۋەزىيىتىدە بۇرۇلۇش شەكىللىنىشى مۇمكىن .
(2)بازار ۋەزىيىتىدە بۇرۇلۇش شەكىللەنگەندىن كېيىن مەيلى چۈشۈشتىن توختاپ ئۆسسۇن ۋە ياكى ئۈسۈشتىن توختاپ چۈشسۇن ، يېقىنقى بازاردىكى مۇھىم بولغان يۇقۇرى نۇقتا ۋە مۇھىم بولغان تۈۋەن نۇقتا ئوتتۇرسىدىكى ئۈسۈش سوممىسىنى ھىسابلاشنىڭ ئاساسى قىلىپ ،ئەسلىدىكى ئۈسۈش چۈشۈش كۈلۈمىنى 0.191 ، 0.382 ، 0.5 ، 0.618 ، 0.809 غا ئاساسەن 5 ئالتۇن ئايرىش نۇقتىسىغا ئايرىۋالىمىز . پاي باھاسى بۇرۇلۇش ياسىغاندىن كېيىنكى بازار ۋەزىيىتى دەل مۇشۇ ئالتۇن ئايرىش نۇقتىسىدا ۋاقىتلىق تىرەك ۋە بېسىمغا ئىگە بولىدۇ .
مىسال ئالساق : بازارنىڭ چۈشۈش ۋەزىيىتى ئاخرلىشىشتىن بۇرۇن ، مەلۇم پاي چېكىنىڭ ئەڭ تۈۋەن باھاسى 10 يۇەن ، ۇنداقتا پاي باھاسى چۈشۈشتىن توخـتاپ ئۈسۈشكە قاراپ ماڭغاندا ، مەبلەغ سالغۇچىلار ئالدىئالا ئوخشاش بولمىغان بېسىمغا قارشى نۇقتىنى ھىسابلاپ چىقىۋالسا بولىدۇ .يەنى يۇەن 11.9 = (%19.1 + 1 )* 10 ،يۇەن 13.8=(%38.2+1)*10 ، يۇەن 16.2 =(%61.8+1)*10 ، يۇەن 18.1=(%80.9+1)*10 ، يۇەن20=(%100+1)*10 ، يۇەن21.9=(%119.1+1)*10 قاتارلىق ، ئاندىن ئەمىلىي پاي باھاسى ئارقىلىق مۇچاپىق تەڭشەش ئېلىپ بارسا بولىدۇ .
ئەكسىنچە ئۈسۈش ۋەزىيىتى ئاخرلىشىشتىن بۇرۇن ، مەلۇم پاينىڭ ئەڭ يۇقۇرى باھاسى 30يۇەن بولسان ، ئۇنداقتا پاي باھاسى ئۇسۇشتىن توختاپ چۈشۈشكە باشلىسا ،مەبلەغ سالغۇچىلار يەنە تۇۋەندىكى ئۇسول ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان سېتىۋېلىش باھاسىنى بەلگىلىۋالسا بولىدۇ ، مەسىلەن : يۇەن24.3=(%19.1-1)*30 ، يۇەن18.5=(%38.2-1)*30 ، يۇەن11.5=(%61.8-1)*30 ، يۇەن5.7=(%80.9-1)*30 . ئاندىن ئەمىلىي ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇۋاپىق تەڭشەش ئېلىپ بارسا بولىدۇ .
ئالتۇن بۆلۈش نىسبىتىدىكى سېھىرلىك سانلار نەزىريەنى ئاساس قىلمىغانلىقتىن بەزىلەر ئۇنى خۇراپىلىق ، ئۇدۇل كەپ قېلىش دەپ تەنقىت قىلىدۇ . دىمىسىمۇ دۇنيا قىزىقارلىق تەساددىپىلىق تولغان بولغاچقا سېھىرلىق سانلارنى نەزىريىۋى جەھەتتىن چۇشەندۇرۇش ھەقىقەتەن تەس .
ئالتۇن بۆلۈش نىسبىتى ئېليۇت ئۆزىنىڭ دولقۇن نەزىريىسىدە قوللانغان ، بۇ دولقۇن نەزىريىسى دۇنياغا داڭلىق غوللۇق نەزىريىنىڭ بىرسى بولۇپ ، كەڭ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىش قۇرالىغا ئايلانغان .سېھىرلىك سانلار راستلا تەساددىپى ئۇدۇل كېلىپ قالغانمۇ ؟ ياكى بولمىسا كەڭ تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەر قانداق شەيئىنى قىزىقارلىق سان بىلەن چۇشەندۇرگىلى بولامدۇ ؟ دىگەندەك بىر قاتار مەسلىلەرنى پەقەت ئۆزىمىزنىڭ سەۋىيىمىزگە ئاساسەن چۇشەنسەك بولىدۇ .ئەمما ئالتۇن ئايرىش نىسبىتىنى پاي بازىرىدا بىلمەيدىغان ھەم قوللانمايدىغان ئادەم يوق ، مەبلەغ سالغۇچى بولۇش سۇپىتىمىز بىلەن بۇنىڭغا ئىشەنمەسلىككىمۇ ھەم ھەددىدىن زىيادە تايىنىۋېلىشقىمۇ بولمايدۇ .
http://www.uyghurstock.com/List.asp?ID=3695
历史上的今天:
ﮬﺎﻣﯩﻠﺪﺍﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﺷﻜﻪ ﺗﯩﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺳﺎﻧﻼﺭ 2010-10-23ئىسىملارنىڭ سانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى 2010-10-23سانلار تەھلىلى 2010-10-23ئۇيغۇرلاردا خاسىيەتلىك سانلار 2010-10-23
收藏到:Del.icio.us