-
يانفون نومۇرى نېمىشقا 11 خانىلىق بولىدۇ؟ - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2011-02-10
ئەڭ دەسلەپكى يانفون نومۇرى يەتتە خانىلىق ئىدى. كېيىن GSM تېخنىكىسى (Global System for Mobile Communications نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، يەر شارى خاراكتىرلىك كۆچمە ئالاقە سىستېمىسى دېگەن مەنىگە يېقىن كېلىدۇ ) سىفىرلىق يانفون تورىدا 10 خانىلىق بولۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلدى. يانفون ئابۇنتلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، نومۇر كۆپەيتىش ئېھتىياجى تۇغۇلدى. ئالاقىدار مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە، نومۇر كۆپەيتمىگەندە، GSM سىفىرلىق يانفون تورىنىڭ پايدىلىنىلىش ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كېتەتتى. شۇ سەۋەپلەرگە كۆرە، يانفون نومۇرى 11 خانىلىق قىلىپ بېكىتىلدى.
يانفون نومۇرى نېمىشقا 13 دېگەن ساندىن باشلىنىدۇ؟
بۇ بىر ئىنچىكە پىلانلانغان ئىش بولۇپ، بۇنى تۆۋەندىكىچە چۈشەندۈرۈش مۇمكىن:
تېلېگرافقا دائىر مۇلازىمەتلەر 10 دىن باشلىنىدۇ. مەسىلەن، 103 خەلقئارالىق زاكاز قىلىش تېلېفون نومۇرى، 108 خەلقئارالىق قارشى تەرەپ پۇل تۆلەيدىغان مۇلازىمەت تېلېفون نومۇرى، 1000 (ھازىر 10000 غا ئۆزگەرتىلدى) تېلېگراف مۇلازىمەت مەركىزى تېلېفون نومۇرى، 1001 بىرلەشمە خەۋەرلىشىش مۇلازىمەت مەركىزى تېلېفون نومۇرى … ۋاھاكازالار.ئالاھىدە ھوقۇققا ئىگە مۇلازىمەتلەر 11 دىن باشلىنىدۇ. مەسىلەن، 110 ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلېفون نومۇرى، 111 تېلېگراف ئىچكى قىسىم سىناش تېلېفون نومۇرى، 112 رېمۇنتنى مەلۇم قىلىش تېلېفون نومۇرى، 113، 115 لەر دۆلەت ئىچى ئۇزۇن يوللۇق زاكاز قىلىش تېلېفون نومۇرى، 114 (118114 كە ئۆزگەرتىلدى) نومۇر سۈرۈش مۇلازىمەتخانىسى تېلېفون نومۇرى، 116 دۆلەت ئىچى ئۇزۇن يولۇق نومۇر سۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمەتخانىسى تېلېفون نومۇرى، 117 ۋاقىت مەلۇم قىلىش تېلېفون نومۇرى، 119 ئوت ئۆچۈرۈشنى مەلۇم قىلىش تېلېفون نومۇرى … ۋەھاكازالار.
ئالاھىدە ھوقۇققا ئىگە خەلق مۇلازىمەتلىرى 12 دىن باشلىنىدۇ. مەسىلەن، 120 دوختۇرخانا جىددىي قۇتقۇزۇش تېلېفون نومۇرى، 121 ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش تېلېفون نومۇرى، 122 قاتناش ھادىسىسىنى مەلۇم قىلىش تېلېفون نومۇرى، 126، 127، 128، 129 قاتارلىقلار چاقىرغۇ ئىستانسىسى تېلېفون نومۇرلىرى … ۋاكازالار.
يۇقىرىقى سەۋەپلەرگە كۆرە، يانفون بارلىققا كەلگەندە، 13 دىن باشلانغان نومۇرلار تەقسىم قىلىپ بېرىلدى. جۈملىدىن، 130، 131، 132، 133 دىن باشلانغان نومۇرلار بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىگە، 134، 135، 136، 137، 138، 139 دىن باشلانغان نومۇرلار كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىگە تەقسىم قىلىپ بېرىلدى.يانفون نومۇرىدىكى ئالدىنقى ئۈچ خانە تور نومۇرىنى، كېيىنكى ئۈچ خانە رايون نومۇرىنى، ئەڭ كېيىنكى بەش خانە ئابۇنت خاس نومۇرىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، 13899185634 دېگەن نومۇرنى ئالساق، 138 دېگىنى كۆچمە خەۋەرلىشىش تور نومۇرىنى، 991 دېگىنى رايون نومۇرىنى (قەشقەر ۋىلايىتىنى كۆرسىتىدۇ)، 85634 دېگىنى شۇ ۋىلايەت (ياكى بىۋاستە قاراشلىق شەھەردىكى) 85634 – نومۇرلۇق ئابۇنت دېگەننى كۆرسىتىدۇ.
يانفون نومۇرىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ خانىسى يانفون تور نومۇرىنى كۆرسىتىدۇ، كېيىنكى سەككىز خانىسى (ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى سەككىز خانىلىق مۇقىم تېلېفون نومۇرلىرى ئېسىڭىزدە بولسۇن) مۇقىم تېلېفون نومۇرى بىلەن ئوخشاش.
توردىن ئۆزلەشتۈرۈلۈپ تەرجىمە قىلىندى.
تەرجىمان: قىسمەت
http://www.qismet.me/yanfon.html
收藏到:Del.icio.us