-
ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسىدا بەدەل تۆلەش روھى بولۇشى كېرەك - [ماتېماتىكا مائارىپى]
2011-02-03
ئوقۇتقۇچىلىققا يېڭى كىرىشكىنىمدە، ئوقۇغۇچىلاردىن ‹‹ماتېماتىكا دەرسى قىيىن››، ‹‹ماتېماتىكا بىلەن خۇشۇم يوق›› دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇراتتىم. كېيىن، ئوقۇغۇچىلار نېمىشقا بۇنداق دەيدىغاندۇ، دەپ بۇ مەسىلىنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ باقتىم. ئىزدىنىش جەريانىدا مەسىلە ئوقۇغۇچىلاردىلا ئەمەس، ئوقۇتقۇچىلاردىمۇ بارلىقىنى، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسىدا ئاز – تولا بەدەل تۆلەش روھى بولۇشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم. شۇڭا، ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى قانداق بەدەل تۆلىشى كېرەك؟ دېگەن تېمىدا ئازراق ئىزدىنىپ باقتىم.
1. ئۆز ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ‹‹بەدەل›› تۆلىشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا نەتىجىسى مەلۇم نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئوقۇتقۇچىغا باغلىق. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى ئالدى بىلەن ئۆز ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى؛ ئۈزلۈكسىز بىلىم، ماھارەت ئىگىلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي يول باشلىغۇچىسى، يېتەكلىگۈچىسى، ھەمكارلاشقۇچىسى بولۇشى زۆرۈر. شۇنداق قىلغاندا، دەرسخانىنى كۆڭۈللۈك سورۇنغا ئايلاندۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا دەرسىگە بولغان قىزىقىشىنى قوزغىغىلى بولىدۇ.
2. ئوقۇتۇش ماھارىتى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ‹‹بەدەل›› تۆلىشى كېرەك. ئوقۇتۇشتىمۇ ماھارەت بولمىسا بولمايدۇ. ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ئالدى بىلەن دەرسخانىدا ئىناق ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتى شەكىللەندۈرۈپ، دەرسخانىدىكى ئوقۇتۇش بايلىقلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايدىغان؛ ئوقۇغۇچىلار قىزىقىدىغان، قوبۇل قىلالايدىغان ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دەرس مەزمۇنىدىكى قىيىن، مۇرەككەپ مەزمۇنلارنى ئاسان ۋە ئاددىي ئۇسۇللار بىلەن چۇشەندۈرەلەيدىغان ماھارەت يېتىلدۈرۈشى، بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا دەرسىدىكى بېسىمىنى يەڭڭىللىتىشى زۆرۈر.
3. دەرسخانا كەيپىياتىنى تەڭشەش ئۈچۈن ‹‹بەدەل›› تۆلىشى كېرەك. ياخشى كەيپىيات ئەستايىدىل ئاڭلاشقا تۈرتكە بولىدۇ. كەيپىيات ياخشى چاغدا ھەممە نەرسە گۈزەل، يېقىملىق كۆرۈنىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى ئازادە، كۆڭۈللۈك دەرسخانا كەيپىياتى يارىتىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا، ئوقۇغۇچىلار دادىل پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئويلىغانلىرىنى سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالايدۇ. ئوقۇتقۇچى يەنە ماتېماتىكىلىق مەسىلىلەرنى ئەمەلىي تۇرمۇشقا باغلاپ سۆزلىگەندە، ئوقۇغۇچىلار ماتېماتىكا دەرسىنى ئۆزى ئويلىغاندەك ئانچە قىيىن بولماستىن، بەلكى قىزىقارلىق، ئەمەلىيەتچانلىقى كۈچلۈك دەرس ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، خۇشاللىق بىلەن ماتېماتىكا ئۆگىنىدىغان كەيپىيات يارىتالايدۇ.
4. دەرسخانا ئوقۇتۇشى ئۈچۈن ‹‹بەدەل›› تۆلىشى كېرەك. ھازىرقى دەرس ئىسلاھاتى ئوقۇتقۇچىلاردىن ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇشتىكى ۋاقتى ئۆتكەن ئۇسۇللارنى ئۆزگەرتىپ، ئوقۇتۇشتىكى تەشكىللىگۈچى، يېتەكلىگۈچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا، دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇتقۇچىلار يېڭىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش بىلەن بىللە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادچانلىق روھىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىدىغان سورۇن ھازىرلاپ بېرىشى زۆرۈر.
5. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاشقا ‹‹بەدەل›› تۆلىشى كېرەك. ئوقۇتقۇچى ھەر بىر سائەتلىك دەرسنى ئىنچىكە پىلانلاپ، ئوقۇغۇچىلارغا مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىش بوشلۇقى بېرىشى، دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچى ئاساس دېگەننى نەزەردە تۇتۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتۇش جەريانىغا ئاكتىپ قاتنىشىشقا، نەتىجىنى خۇلاسىلەشكە يېتەكلىشى زۆرۈر.
بۇ مەزمۇن تەرمىلەر تور بېكىتىدىن كۆچۈرۈلدى ، ئەسلى مەزمۇن ئادرىسى : http://www.tarmilar.com/Mazmun.asp?id=217
收藏到:Del.icio.us