-
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېسابلاش سۈرئىتىنى تېزلىتىش توغرىسىدا - [ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى]
2011-07-26
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېسابلاش سۈرئىتى تېزلىتىشتە تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك دەپ قارايمەن.
1. ھېسابلاش قائىدىسىنى ئوقۇتۇشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.
ھېسابلاش قائىدىسى بولسا ھېسابلاش ئىلىپ بېرىشتىكى ئاساس.ھېسابلاش قائىدىسىنى ياخشى ئىگىلىگەندىلا،ئوقۇغۇچىلار مەسىلىنى ئوقۇپ قائىدىنىڭ مەزمۇنىنى تېزلىكتە يادىغا ئىلىپ تىز سۈرئەتتە ھېسابالاش ئۇسۇلىنى تاللىيالايدۇ.شۇڭا ،ئوقۇغۇچىلار نىڭ ھېسابلاش سۈرئىتىنى ئاشۇرۇشتا ،ئالدى بىلەن چوقۇم ھېسابلاش قائىدىسىنى ئوقۇتۇشنى چىڭ تۇتۇش لازىم،ئوقۇغۇچىلار ھېسابلاش ئىلىپ بارغاندا ھېسابلاش نەتىجىسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى،ھېسابلاش ئۇسۇلىنى بىلىپلا قالماستىن بەلكى يەنە ھېسابلاش قائىدىسىنى سۆزلىيەلەيدىغان بولىشى لازىم.
2. ھېسابلاش ئەسۋابلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىش كېرەك.
ھېسابلاش ئەسۋابلىرىدىن تولۇق پايدىلانغاندا ،ئوقۇغۇچىلار ھېسابلاش ئەسۋابلىرىنى بىۋاستە كۆزىتىپ،ئوبرازلىق ھالدا ھېسابلاش ئۇسۇلىنى ئۆگىنەلەيدۇ،ھېسابلاش قائىدىسىنى چۈشىنەلەيدۇ.
ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇش ئىلىپ بارغاندا ھېسابلاش ئەسۋابلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىشى ،ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنى ھېسابلاش ئەسۋابلىرىدىن پايدىلىنىشقا تەشكىللىشى لازىم.
3. ئوخشاش بىر مەسىلىنى كۆپ خىل ئۇسۇلدا يېشىشنى مەشىقلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
ئوخشاش بىر مەسىلىنى كۆپ خىل ئۇسۇلدا يەشكەندە ،ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ بىلىمىنى تولۇق ئىشلىتەلەيدۇ،، تەپەككۇرىنى قوزغىتالايدۇ،ھېسابلاش سۈرئىتى تىز بولغان ئۇسۇلنى تاپالايدۇ.ئوخشاش بىر مەسىلىنى كۆپخىل ئۇسۇلدا ئۇسۇلدا يېتەكلەشتە،ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا «شەكىل ئۆزگەرتىش»،«پۈتۈنلەش»قاتارلىق ئۇسۇللارنى تونۇشتۇرۇش كېرەك.
4.ئېغىزچە ھېسابلاش مەشىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.
ئېغىزچە ھېسابلاش-بىر خىل تەپەككۇر ۋە تىل پائالىيىتىگە تايىنىدىغان ھېسابلاش ئۇسۇلى بولۇپ،ئوقۇغۇچىلاردا بولۇشقا تىگىشلىك ئاساسى ماھارەت ھېسابلىنىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاغزاكى ھېسابلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە ئوقۇتقۇچىلار تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك؛(1) ئوقۇغۇچىلارغا بىر قىسىم كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سانلىق مەلۇماتلارنى ئەستە تۇتقۇزۇش كېرەك.(2) بىر قىسىم ئاساسلىق ئېغىزچە ھېسابلاش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىتىش كېرەك.(3) ئاغزاكى ھېسابلاش ئىلىپ بارغان ۋاقىتتا چوقۇم تىز بولۇش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇش كېرەك.(4) كۆپخىل شەكىللەرنى قوللىنىپ ئېغىزچە ھېسابلاش مەشىقى ئىلىپ بېرىش كېرەك.
يەكەن ناھىيە دامسى يىزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپتىن :تۇرسۇننىياز مەمەت历史上的今天:
ھېسابلاش دەستۇرى ھەققىدىكى ئون كىتاب [算经十书] 2011-07-26نېمە ئۈچۈن ئايال ماتېماتىكلار ئاز 2011-07-26ماتېماتىكىلىق فورمىلا ئەڭ كۆپ سۇرەت 2011-07-26مۇنداقمۇ ھېسابلاش ئۇسۇلى بار 2011-07-26
收藏到:Del.icio.us