-
ماتىماتىكىلىق سۆيگىنامە - [ماتېماتىكىلىق يۇمۇرلار]
2011-01-24
ئىككىمىزنىڭ يۈرىكى بىر چەمبەرگە ئوخشاش، چۈنكى ئۇنىڭ مەركەزدىن قېچىش دەرىجىسى مەڭگۈ نۆل. ساڭا بولغان سېغىنىشىم بولسا دەۋرىي سانغا ئوخشايدۇ، مەڭگۈ ئۈزۈلمەي تەكرارلىنىدۇ. نۆل ۋېكتورنىڭ يۆنىلىشى چەكسىز كۆپ بولالىسىمۇ، ئەمما ئۇزۇنلىقى پەقەت بىرلا، خۇددى مېنىڭ كۆپلىگەن دوست بۇرادەرلىرىم بولسىمۇ، پەقەت سېنىلا مەڭگۈلۈك ھەمرايىم دەپ بىلگەندەك.
ھايات تاتلىقمۇ ئاچچىقمۇ بولالايدۇ، ئەمما سەنسىز مەنىسىز،تەمسىز بولۇپ قالىدۇ، خۇددى مەخرەج مۇسبەت ساننىمۇ ، مەنپىۇ ساننى ئالالىغان بىلەن نۆلنى ئېلىپ قالسا مەنىسىز بولۇپ قالغاندەك. سەن بولغانلىقىڭ ئۈچۈنلا دۇنيارىمدا چەكسىز چوڭلۇق بار بولدى، چۈنكى مېنىڭ ساڭا بولغان مۇھەببىتىمنى ھەرقانداق ھەقىقى سان بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدۇ. ساڭا بولغان مۇھەببىتىم ناتۇرال سان e نى ئاساس قىلغان دەرىجىلىك فۇنىكسىيىگە ئوخشايدۇ، مەيلى قانچىلىك ھاسىلىلەش بوران چاپقۇنلىرىنى باشتىن كەچۈرسۈن، ھامان ئەسلىنى ساقلاپ قالىدۇ.
مەيلى ئالدىمىزدا قانچىلىك تاساددىپى مىقدارلار بولسۇن، كەلگۈسىمىزنىڭ دېسپىرسىيىسى قانچىلىك چوڭ بولسۇن، مىنىموم قىممەت بار بولالىغان يەردە چوقۇم ماكسىموم قىممەت بار بولالايدۇ!
سېنىڭ تۇرمۇشۇڭ مېنىڭ ئېنىقلىنىش ساھەرىم، سېنىڭ ئىدىيەرىڭ مېنىڭ ماس كېلىش قانۇنىيىتىم، سېنىڭ كۈلۈپ تۈرۈپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشۈڭ مېنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىمنىڭ يېتەرلىك زۆرۈر شەرتى.
ئەگەر سېنىڭ يۈرىكىڭ ئېكىس ئوقى بولسا مەن بىر سىنوس فۇنىكسىيىسى، سېنىڭ ئەتراپىڭدىلا پەرۋانە بولۇپ يۈرىمەن. ئەگەر مېنىڭ يۈرىكىم ئېكىس ئوقى بولسا، ئۇ ھالدا سەن ئاغزى يۇقىرىغا قاراپ ئېچىلغان، دېلتا مەنپىي بولغان پارابولا، سەن مەڭگۈ مېنىڭ يۈرىكىمدە! ساڭا ھەر كۈنى ئېلىپ كېلەلەيدىغان شادلىقىم خۇددى چەكسىز توپلامدىكى ئېلىمنتلارغا ئوخشاش، ئالسا ئالسا تۈگىمەيدۇ، ھەرگىز تەكرارلانمايدۇ.
ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىككىمىز يەرشارىنىڭ ئىككى چېتىدە بولۇپ قالساق، مەن چوقۇم ئېكۋاتور چەمبىرىنى بويلاپ، ئۆمىلەپ بولسىمۇ سېنىڭ يېنىڭغا يېتىپ بارىمەن. ئەگەر ئىككى ئۇچراشماس تۈز سىزىقنىڭ ئىككى چېتىدە بولۇپ قالساق ، تەخىرسىز ھالدا ۋاقىت بوشلۇقنىڭ توسالغۇسىنى بۆسۈپ تاشلاپ، ئورتاق تىك سىزىقتىن بىرنى سىزىپ شۇنى بويلاپ ساڭا يېتىمەن. ئەگەر تەقدىر قىسمەت بىزنى سان ئوقىنىڭ ئىككى چېتىگە مىنۇس چەكسىز بىلەن پىلۇس چەكسىزگە تاشلىۋەتسىچۇ؟ ھېچقىسى يوق، ئەكىس ساندىن بىرنى ئېلىپلا نۆل نۇقتىدا ئۇچرىشىمىز جېنىم!
مۇھەببەت نەقەدەر سىرلىق، نەقەدەر گۈزەل ھە! خۇددى ماتىماتىكىغا ئوخشاش مۇشۇنداق ئاددىمۇ بولالايدۇ، چوڭقۇر ئابستراكىتمۇ بولالايدۇ، پەقەت ھەقىقى سۇئاللارنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىگەللەپ، ئىمتىھان دائىرىسىنى پۇختا ئىگەللىگەندىلا يارنىڭ ۋىسالىغا يەتكىلى بولىدۇ.
http://www.qaxma.com/web/html/adbiy/8888/642.Shtml
收藏到:Del.icio.us