-
ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدا تەييارلىق سىناق سوئالى تەييارلاش ھەققىدە ھېس قىلغانلىرىم - [ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى]
2011-01-06
ماتېماتىكا دەرسى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش، تەھلىل قىلىش، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان دەرسلىك بولۇپ، ماتېماتىكا دەرسىدە يېڭى دەرس باشلاش ئالدىدىكى تەييارلىق سىناقنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم. دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا تەييارلىق سىناق سوئالى ئوقۇغۇچىلارنى يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىشتىكى كۆۋرۈك ھېسابلىنىدۇ. تەييارلىق سىناق سوئالى ياخشى تەييارلانسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە بولغان جەلپكارلىقى ۋە قىزىقىشىنى قوزغاپ يېڭى دەرس ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. شۇڭا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرى دەرس تەييارلىغاندا، تەييارلىق سىناق سوئالىنى تەييارلاشقا تولۇق ئەھمىيەت بېرىپ تەييارلىق سىناق سوئالى ئۈستىدە ئەتراپلىق ئىزدىنىپ، تەييارلىق سىناق سوئالىنى ياخشى قوللىنىشچان قىلىپ لايىھىلەپ چىقىشى لازىم. مەن بىر قانچە يىللىق ماتېماتىكا ئوقۇتۇش تەجرىبەمگە ئاساسەن ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدا يېڭى دەرس ئالدىدىكى تەييارلىق سىناق سوئالى تەييارلاش ھەققىدە كەسىپداشلىرىم بىلەن تۆۋەندىكىچە ئورتاقلاشماقچىمەن. 1( تەييارلانغان سىناق سوئالى بەك مۇرەككەپ ياكى بەك ئاددىي بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. ئۇ ئومۇمەن سىنىپتىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى چىقىش قىلغان ئاساستا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېز ھېسابلاش، تەپەككۇر قىلىش، ھۆكۈم قىلىش، تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىنى ئاچىدىغان، ئۇلارنى يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىشنى ئاساسى نىشان قىلىپ ئۇلارنى يېڭى دەرسكە ماھىرلىق بىلەن باشلاپ كىرىشكە رولى بولىدىغان مەسىلە - مىساللارنى تاللاش لازىم. مەسىلەن. باشلانغۇچ مەكتەپ 8-قىسىم ماتېماتىكا دەرسلىكىدىكى قوشۇش ئەمىلىنىڭ ئورۇن ئالماشتۇرۇش قانۇنىنى ئۆتكەندە تەييارلىق سىناقنى 5 = 2 + 3 ، 5 = 3 + 2 ، 7 = 3 + 4 ، 7 = 4 + 3 دېگەندەك مىساللار ئاساسىدا تەييارلىسا مۇۋاپىق بولىدۇ. 2( ماتېماتىكا دەرسىدە ئەگەر يېڭى دەرس ئىلگىرى ئۆتۈلگەن دەرسلەرگە زىچ باغلىنىشلىق بولسا، تەييارلىماقچى بولغان تەييارلىق سىناق ئالدىنقى سائەتتە ئۆتۈلگەن دەرس مەزمۇنى بولۇشى كېرەك. مەسىلەن: باشلانغۇچ مەكتەپ 6 - قىسىم ماتېماتىكا دەرسلىكىدىكى >ئىككى خانىلىق سانلارنى ئۆزئارا كۆپەيتىش< دېگەن مەزمۇننى ئۆتكەندە تەييارلىنىدىغان تەييارلىق سىناق، ئوقۇغۇچىلارغا ئىلگىرى ئۆتكەن >كۆپەيتكۈچى ئىككى خانىلىق سان بولغان كۆپەيتىش< دېگەن مەزمۇندىن >كۋادراتنىڭ يۈزىنى ھېسابلاش< نى ئۆتكەندە تەييارلىنىدىغان تەييارلىق سىناق، ئوقۇغۇچىلارغا ئىلگىرى ئۆتكەن >تىك تۆت بۇلۇڭنىڭ يۈزىنى ھېسابلاش< دېگەن مەزمۇندىن بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ. 3( تەييارلىق سىناق سوئاللىرىنى تەييارلاشتا ئەتراپلىق ئىزدىنىش كېرەك. پۈتۈنلەي دەرسلىك كىتابقىلا ئېسىلىۋېلىشقا بولمايدۇ. ئۇنى ئەتراپىمىزدىكى مۇھىت بىلەن باغلاشقىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن: باشلانغۇچ مەكتەپ 8 - قىسىم ماتېماتىكا دەرسلىكىدىكى >قوشۇش بىلەن ئېلىشنى ئاددىي ھېسابلاش ئۇسۇلى< دېگەن مەزمۇننى ئۆتكەندە بىر شاخقا 11 قۇشقاچ قوندى. بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن 5 قۇشقاچ تۇيۇقسىز ئۇچۇپ كېتىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە 7 قۇشقاچ كېلىپ شۇ شاخقا قونغان بولسا بۇ شاختا ھازىر قانچە قۇشقاچ بار دېگەندەك ئەمەلىي قىزىقارلىق مۇھاكىمە مىساللىرىنى تەييارلاشقا بولىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش ئەمەلىي مىساللارنى تاللاپ تەييارلىق سىناق ئالغاندا ئوقۇغۇچىلارنى يېڭى دەرسكە تۇيدۇرماي باشلاپ كىرگىلى ۋە يېڭى دەرسكە جەلپ قىلغىلى بولىدۇ.(چىرا ناھىيە گولاخما يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپتىن) خەرنىساخان ئىبرايىم
收藏到:Del.icio.us
<< گېئومېتىرىيە دەرسىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش توغرىسىدا | باش بەت | ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى ۋە ساپا مائارىپى توغرىسىدا >>