-
گېئومېتىرىيە دەرسىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش توغرىسىدا - [ماتېماتىكا مائارىپى]
2011-01-06
گېئومېتىرىيە دەرسىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولۇش - بولماسلىقى باشلانغۇچ مەكتەپ ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىنىڭ گېئومېتىرىيە ئوقۇتۇشى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن - بىرلەشتۈرۈلمىگەنلىكى بىلەن شۇنداقلا بوشلۇق كۆزقارىشىنىڭ تۇرغۇزۇلۇشى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك. مېنىڭچە گېئومېتىرىيە دەرسىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈ: 1. گېئومېتىرىيە ئوقۇتۇشى — ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە، تېيزلىقتىن چوڭقۇرلۇققا يۈزلىنىشى كېرەك. گەرچە بىزنىڭ دەرسلىك كىتابلىرىمىز ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە، تېيزلىقتىن چوڭقۇرلۇققا قاراپ تەدرىجىي قىيىنلىق دەرىجىسى ئېشىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئوقۇتقۇچى شۇ سائەتلىك دەرس ئۈستىدە قېتىرقىنىپ ئىزدىنىپ، ئوقۇغۇچىلارغا شۇ مەزمۇننى چۈشەندۈرۈشنىڭ ئەڭ ئاددىي، ئەڭ كونكرېت، ئەڭ ئاممىباب ئۇسۇلنى قوللىنىپ، ئوقۇغۇچىلارغا چۈشەندۈرۈشى؛ دەرستە ياخشى ئوقۇغۇچىلارنى نەزەردە تۇتۇپ دەرس سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرۈۋەتمەسلىك كېرەك. ئوقۇغۇچىلارغا ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى تەلەپلەرنى قويماسلىق، ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن سوئال سوراش، مەشىق - كۆنۈكمىلەرنى ئىشلەش كېرەك. ھەرگىز قىيىن سوئاللارنى سوراپ ئۇلارنىڭ دەرسكە بولغان قىزىقىشىنى سۇسلاشتۇرۇۋېتىشىگە بولمايدۇ. 2. ئوقۇتقۇچىلار كۆرسەتمىلىك قوراللاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كېرەك. كۆرسەتمىلىك قوراللار ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە بولغان، تەجرىبە قىلىشقا بولغان قىزىقىشىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. گېئومېتىرىيە دەرسىگە نىسبەتەن كۆرسەتمىلىك قورال دېگەندە ئاساسلىقى سىزغۇچ، سېركول، بۇلۇڭ ئۆلچىگۈچ ۋە ئۈچ بۇلۇڭ، تۆت تەرەپلىك قاتارلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ مودېللىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئوقۇتقۇچى كۆرسەتمىلىك قوراللاردىن پايدىلانغان ۋاقىتتا چوقۇم ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوراللارنى ئىشلىتىپ كۆرۈشكە ۋاقىت چىقىرىپ بېرىش كېرەك. 3. ئېنىقلىما ۋە خۇسۇسىيەتلەرنى مۇكەممەل چۈشەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. گېئومېتىرىيە دەرسىدىكى ئېنىقلىمىلار ۋە خۇسۇسىيەتلەرنى ئوقۇغۇچىلارغا مۇكەممەل چۈشەندۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. بەزى ئاتالغۇلارغا ئېنىقلىما بەرگەندە بەزىلىرى ئېنىقلىما ئارقىلىق چۈشەندۈرۈلىدۇ، يەنە بەزىلىرى ئىسپاتلاپ ھۆكۈم قىلىش ئارقىلىق ئېنىقلىما بېرىلىدۇ. ئوقۇتقۇچى بۇنداق مەزمۇنلارنى سۆزلىگەندە ھەرگىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ قول كۆتۈرۈپ ئېنىقلىمىلارغا جاۋاب بېرىشىگىلا قانائەتلەنمەسلىكى، چوقۇم ئېنىقلىمىنى شەكىل بىلەن بىرلەشتۈرۈپ شۇ مەزمۇننىڭ تېگى — ماھىيتىگە يەتكۈزۈپ چۈشەندۈرۈش، شۇ مەزمۇنغا مۇناسىۋەتلىك ياكى ئوخشاش بولمىغان مەزمۇنلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شۇ سائەتلىك دەرسنىڭ ئۆزلەشكەن ياكى دوگما ھالدا يادلىۋالغانلىقىنى سىناپ كۆرۈش كېرەك. 4. دەرس مەزمۇنىنىڭ داۋاملىشىش مەزمۇنىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. گېئومېتىرىيە دەرسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈشى ۋە تەپەككۇر قىلىشى، خۇلاسە چىقىرىشى بىر قەدەر قىيىن بولغان دەرسلىكلەرنىڭ بىرى. ئوقۇتقۇچى دەرس سۆزلىگەندە چوقۇم دەرسنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. سۆزلىگەن دەرس مەزمۇنىنىڭ ۋاقتىنى 25 مىنۇتتىن 30 مىنۇت ئەتراپىدا چەكلىنىشى كېرەك. چۈنكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ماتېماتىكا دەرسلىكىگە نىسبەتەن دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلەيدىغان ۋاقتى 30 مىنۇت ئەتراپىدا بولۇپ، يېڭى دەرس 30 مىنۇتتىن ئارتۇق سۆزلەنسە ئوقۇغۇچىلار بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمەي، دەرس ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇپ قالىدۇ. 30 مىنۇت ئەتراپىدا دەرسنى سۆزلەپ تۈگەتكەندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلارنى ئىختىيارىي ھالدا مەشىق - كۆنۈكمىلەرنى ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. 5. ئېلېكترلەشكەن ئوقۇتۇش سايمانلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىمىز كېرەك. زامانىۋى ئوقۇتۇش سايمانلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغاندا: بىرىنچىدىن، ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. يەنى ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىش جەريانىدا ئوقۇتۇش سايمانلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئۆزلىرى قول سېلىپ مەشغۇلات ئېلىپ بارسا، ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ - دە، ئوقۇغۇچىلار پاسسىپ ئۆگىنىش ھالىتىدىن ئاكتىپلىققا ئۆتىدۇ. نەتىجىدە دەرسخانا كەيپىياتى جانلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسلەرنى ئۆزلەشتۈرۈشى ئاشىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋە ئاتا - ئانىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللەتكىلى بولىدۇ. ئوقۇتۇش سايمانلىرىنىڭ ئەمەلىيەتچانلىقى، مەشىق قىلدۇرۇش رولى، ئىلھاملاندۇرۇش رولى ۋە ئۇنىڭ چەكلىمىسىزلىكى قاتارلىقلار ھەر بىر سائەت دەرسنىڭ ئۆزلىشىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس تەكرارلاش، تاپشۇرۇق ئىشلەش يۈكىنى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا دەرس تەكرارلاپ بېرىش يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
http://www.bilqut.com/kutupxana/show.php?itemid=1684
收藏到:Del.icio.us