-
ئەيلېر سىزىقى - [قىزىقارلىق ماتېماتىكا]
2009-02-22
تېئورما : ئوخشاش بىر ئۇچبۇلۇڭنىڭ تىكلەر مەزكىزى ، ئېغىرلىق مەركىزى ، تاشقى مەركىزى سىزىقداش بولىدۇ . بۇ سىزىقنى بىز ئەيلېر سىزىقى - دەيمىز . ھەمدە تاشقى مەركىزى بىلەن ئېغىرلىق مەركىزىنىڭ ئارلىقى تىكلەر مەركىزى بىلەن ئېغىرلىق مەركىزىنىڭ ئارلىقىنىڭ يىرىمىگە تەڭ بولىدۇ .
-
پەرھىز قىلىنغان سان - سىفىرلار - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2009-02-22
ياپۇنلۇقلار « تۆت » تىن پەرھىز تۇتىدۇ ، چۇنكى ياپون تىلىدا «تۆت » دېگەن سۆز نىڭ تەلەپپۇزى « ئۆلۇم » دېگەن سۆزنىڭ تەلەپپۇزى بىلەن ئوخشايدۇ . شۇڭا ياپونىيىنىڭ دوختۇرخانلىرىدا 4- نۇمۇرلۇق ياتاقمۇ يوق ، « ئۆلۇم » كارۋىتىدا يىتىشنى كىممۇ خالىسۇن؟
شۇنىمۇ قوشۇمچى قىلىپ قويۇش زۆزۇركى ، جۇڭگۇدىكى خەنزۇ قاتارلىق بىر قانچە مىللەتمۇ « تۆت » نى ياخشى كۆرمەيدۇ ، بۇ ھەممىمىزگە ئايان . چۇنكى خەنزۇچە « تۆت » نىڭ تەلەپپۇزىمۇ « ئۆلۇم » بىلەن ئوخشاش ، بىراق ياپۇنلۇقلاردەك قاتتىق پەرىز تۇتمايدۇ ، ھىچ بولمىغاندا كىسەلخانىلاردا «4- نۇمۇرلۇق كارۋات » بار .ئەمما تىلىفۇن نۇمۇرى ، ماشىنا تاختا نۇمۇرىلىرىدا « 4 » نىڭ بولىشىنى خالىمايدۇ .ئەكسىنچە « 8 » نىڭ تەلەپۇزى «باي بولۇش » بىلەن ئوخشاش بولغاچقا ، بۇ رەقەمنى ياخشى كۆرىدۇ .لىكىن ئىيتىشلارغا قارىغاندا ،تەيۋەنلىك خەنزۇلار « 8 » نى ياخشى كۆرمەيدۇ .چۇنكى ئۇلار ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە ئاساسلىقى « 8- ئارمىيە » دىن جىق پەشۋا يىگەن . تەيۋەن دائىرلىرى يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن كىيىن تەيۋەندە ھەتتا «8-يول كوچا ئاپتۇۋۇزى » نىمۇ تەسىس قىلماي ، بىراقلا 9-يول ئاپتۇۋۇزىغا ئۆتۇپ كەتكەن.چۇنكى « 8- يول » بىلەن « 8- ئارمىيە » نىڭ -
يېڭى پەن - ئاپەت ئىلمى - [يېڭى ئارىلىق پەنلەر]
2009-02-22
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سىتاتىستىكىسىغا قارىغاندا ، دۇنيادا ھەر يىلى تەخمىنەن 20 قېتىم ئەتراپىدا ئىغىر تەبىئى ئاپەت يۇز بىرىدىكەن . بۇنىڭ ئىچىدە ھاۋارايى، دېڭىز رايى، يەر تەۋرەش ، يانار تاغ پارىتىلاش قاتارلىق ئاپەتلەر تۇپەيلىدىن ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن ھەر يىلى 83 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلۇپ كېتىدىكەن ، 5 مىليارت ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى مال - مۈلۇك ۋە زىرائەت زىيانغا ئۇچرايدىكەن . ئىنسانلار تەبىئى پەن بىلەن ئىجتىمائى پەننى بىرلەشتۇرۇپ ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئىلىش ، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش تەتقىقاتىنى ئېلىپ بىرىپ ، بىر يېڭى پەن تارمىقى «ئاپەت ئىلمى » نى بارلىققا كەلتۇردى . بۇ پەننىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئاپەتنىڭ پەيدا بولۇشى ئۇستىدە تەتقىقات ئېلىپ بىرىش ئارقىلىق ، ئاپەتتىن توغرا مەلۇمات بىرىش ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇچۇن شەرت- شارائىت يارىتىشتىن ئىبارەت.
بىراق ھازىر بۇ پەن تەتقىقاتى تىخى دەسلەپكى باسقۇچتا تۇرماقتا. ئۆزىنىڭ مۇكەممەل نەزەرىيە سىتېمىسىنى شەكىللەندۇرگىنى يوق .ئىنسانىيەتكە بەخىت يارىتىش ئۇچۇن بىرىلىپ تەتقىق قىلىشقا توغرا كىلىدۇ. -
ساغلاملىق توغرىسىدىكى قاراشلار - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2009-02-20
دۇنيادا ساغلاملىق توغرىسىدا خىلمۇ - خىل قاراشلار بار . < ساغلاملىق -- زور بايلىق > دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆزمۇ بار . بۇ ھەقتە گىرمانىيىلىك پەيلاسوپ شۇپىنخائۇر : < ساغلام قەلەندەر كېسەل پادىشاھتىن بەخىتلىك > دوپ ئېيىتقان .
يەنە بىر پەيلاسوپ : < ساغلاملىق بىر مىليۇن يەنى ، 1000000 غا ئوخشايدۇ . ئۇنىڭ ئالدىدىكى 1 ساغلاملىققا ، ئارقىسىدىكى نۆللەر يەر - زىمىن ، ئۆي - جاي ، مال - مۇلۇك ، خىزمەت ، دوست - بۇرادەر ، ئىجتىمائى مۇناسىۋەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ ؛ پەقەت 1 مەۋجۇت بولغاندىلا بۇ بىر مىليۇن قىممەتكە ئىگە بولىدۇ ، بولمىسا نۆلگە تەڭ بولىدۇ > دېگەن . باشقا بىر پەيلاسۇپ مۇشۇنىڭغا ئوخشاشراق قىلىپ : < ساغلاملىق ھەقىقەتەن بىر مىليۇنغا ، يەنى 1000000 غا ئوخشايدۇ ....... -
99.999% ئادەم بىلمەيدىغان مەخپىيەتلىك - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2009-02-06
1 -ھەر كۇنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 12 بوۋاق دوختۇرخانىلاردا ئاتا- ئانىسىغا خاتا بىرىلىپ قالىدۇ.
2-ئادالۇف.گېتلىرنىڭ ئانىسى ئۇنى تۇغۇلماستىنلا چۇشۇرۋەتمەكچى بولغان ، بىراق دوختۇرلار نەسىھەت قىلىپ تۇغۇلۇپ قالغان، شۇ سەۋەپ دۇنيادا زور ئۆزگۇرۇش بولدى.
3-شاكىلات ئىتنىڭ « ئۆلۇم دورىسى» ، ئازراقلا شاكىلات يەپ سالغان ئىت بىردەمدىلا ئۆلىدۇ.
4-قايچىنى داڭلىق رەسسام داۋېنچ كەشىپ قىلغان .
5-داۋېنچ بىر قولىدا خەت يىزىپ ، بىر قولىدا بىرلا ۋاقىتتا رەسىم سىزالايدۇ -
ئادەم مېڭىسى كومپىيوتېر بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2009-02-05
ئامىرىكا ئېمىل ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يىقىندا ئېلىكتىر قۇتۇپى بولغان بىگىزسىمان مىكرو ئەينەكنى سەكتە كىسەللىكىگە گىرىپتار بولغۇچىنىڭ مىڭىسىگە ئورنىتىپ ، كىسەل مىڭىسىنىڭ كومپىيوتېر بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشىشىگە ياردەم بەرگەن . بۇ تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ ئىسپاتلىشىچە ، پالەچ ھەم سۆزلىيەلمەيدىغان ، لىكىن چوڭ مېڭىسى مۇكەممەل كىشىلەر كومپىيوتېر ئارقىلىق باشقىلار بىلەن ئالاقىلىشالەيدىكەن
-
دانىشمەنلەر ئىيىتقان تېپىشماقلار - [ماتېماتىكىلىق تېپىشماقلار]
2009-01-30
ئىبىسېننىڭ تېپىشمىقى
مەن مۇنتىزىم تەربىيە كۆرمىگەن بولساممۇ ، تۆۋەندىكى مەسىلىلەرنى ئىنتايىن ئاددىي دەپ قارايمەن. لىكىن سىلەرنىڭ قانداق ھېس قىلىدىغانلىقىڭلارنى بىلمەيمەن.
..... ..... ..... 2 ، 1 ، 1 ، 1 ، 12 ، 1
لەرنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۇچۇن، ئۇنىڭ داۋامىنى قانداق يېزىش كىرەك ؟
(ۋاقىت چېكى ئۈچ مىنۇت )
ئىبىسېن ( 1828-1906) نورۋېگىيىلىك دىرامماتۇرگ . ئۇ كىچىكىدە ۋەيران بولغان ئائىلىدە تۇغۇلغاچقا مەكتەپتە ئوقۇيالمىغان. 15 يىشىدا بىر دورا دۇكىنىدا شاگىرىت بولۇپ ئىشلىگەن. ئۆزلىگىدىن ساۋات چىقىرىپ ، 21 يېشىدىن باشلاپ سەھنە ئەسەرلىرىنى يىزىشقا باشلىغان. ئاخىرى شېكىسپىر ۋە موللېرلاردىن كىيىنكى دۇنياغا مەشھۈر درامماتۇرگ بولۇپ قالغان.
-
چەمبەرنىڭ سىرى - [قىزىقارلىق ماتېماتىكا]
2009-01-14
ماتىماتىكىلىق ئۇقۇم بويىچە ئىيىتقاندا ، چەمبەر دىگىنىمىز _ بىر نوقتىدىن تەڭ يىراقلىقتا ياتقان نوقتىلار توپلىمىدىن ئىبارەت. چەمبەر تەبىئەت دۇنياسى ۋە ئىنسانلارنىڭ كۇندىلىك تۇرمۇشىدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ ؛ بۇلارنىڭ بەزىلىرى تەبىئى شەكىللەنگەن بولسا ، بەزىلىرىنى ئىنسانلار سۇنئى ئۇسۇلدا شەكىللەندۇرگەن. سىز بۇ چەمبەرلەرنى ئىنچىكە كۇزەتسىڭىز نۇرغۇن سۇئاللىق ئويلارغا چۆكۇسىز :
___ قۇياش ، ئاي ۋە يەر شارى نىمە ئۇچۇن چەمبەرنى بىرلىك قىلىپ شەكىللەنگەن ، ئۇلار نىمىشقا چاسا ياكى ئۇچ بۇرجەك ئەمەس ؟
___ دەرەخ ۋە ئۆسۇملۇكلەرنىڭ غولى توغرا كەسمىسى نىمىشقا چەمبەر شەكىلدە بولىدۇ ، نىمىشقا يۇمۇلاق ئۆسىدۇ؟
___ ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ قان تومۈرىنىڭ كەسمە يۇزى نىمىشقا چەمبەر شەكىلدە ؟
___ نىمىشقا ئاددى قاچا- قۇچىلاردىن تارتىپ دورا تابلېتكىسىغىچە چەمبەر (يۇمۇلاق ) شەكىلدە ياسىلىدۇ ؟
___ ................