-
كىچىك ئېھتىماللىق پىرىنسىپى ۋە پەرەزلىك تەكشۈرۈش - [قىزىقارلىق ماتېماتىكا]
2010-10-21
بىرەر قېتىملىق تەجرىبىدە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى كىچىك بولغان (نۆلگە يېقىنلىشىدىغان) ھادىسىنى ئەمىلىيەتتە يۈز بېرىشى مۈمكىن بولمايدىغان ھادىسە دەپ قارايمىز، ئېھتىماللىقى بىرگە يېقىن بولغان ھادىسىنى مۇقەررەر ھادىسە دەپ قارايمىز. شۇنىڭغا ئاساسەن ،ئېھتىماللىقى ناھايىتى كىچىك بولغان ھادىسىلەرنى ئەمىلىيەتتە ئاساسەن يۈز بەرمەيدۇ دەپ قاراپ بەزى سىتاتىسىكىلىق ھۆكۈملەرنى چىقىرىمىز، بۇ ئادەتتە، كىچىك ئېھتىماللىق پىرىنسىپى دېيىلىدۇ.
پەرەزلىك تەكشۈرۈش ماتىماتىكىلىق سىتاتىستىكىنىڭ مۇھىم بىر مەزمۇنى. سىز مەلۇم بىر زاۋۇتتىن بىر تۈركۈم مەھسۇلات كىرگۈزمەكچى دەيلى، سىزنىڭ مەھسۇلاتقا بولغان تەلىپىڭىز لايەقەتسىز مەھسۇلاتنىڭ نىسبىتى 3% تىن ئاشماسلىق بولسا، بۇ تۈركۈم مەھسۇلاتنى كىرگۈزۈش كىرگۈزمەسلىك ھۆكۈمىنى چىقىرىش ئۈچۈن شۇ بىر تۈركۈم مەھسۇلاتتىن مەلۇم مىقداردا ئەۋرىشكە ئېلىپ، مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىگە قارىتا پەرەزلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىمىز. ئەسلى پەرەز: مەھسۇلاتنىڭ لاياقەتسىز بولۇش ئېھتىماللىقى 0.03 تىن ئاشمايدۇ؛ بۇنىڭغا قارشى پەرەز : مەھسۇلاتنىڭ لاياقەتسىز بولۇش ئېھتىماللىقى 0.03 تىن ئاشىدۇ . پەرەزنى تۈزۈپ بولغاندىن كېيىن ئېلىنغان ئەۋرىشكىدىكى لاياقەتسىز مەھسۇلاتنىڭ سانىغا ئاساسەن ئېھتىماللىقىنى ھېسابلايمىز، ئەگەر بۇ ئېھتىماللىق بىز ئاۋال بېكىتكەن 0.03تىن كىچىك بولسا، ئەسلى پەرەزنى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ دەپ قاراپ، قارشى پەرەزنى قوبۇل قىلىمىز، يەنى بۇ تۈركۈم مەھسۇلاتنى لاياقەتسىز دەپ قارايمىز. 0.03 تىن چوڭ چىقسا ئەسلى پەرەزنى رەت قىلىشقا يېتەرلىك ئاساس يوق دەپ قاراپ، مەھسۇلاتنى لاياقەتلىك دەپ بېكىتىمىز. ئەگەر مەھسۇلات سۈپىتىگە يەنە گۇمانىڭىز بار بولسا ئەۋرىشكە كۆلىمىنى چوڭايتىپ قايتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ.
كۆپىنچە ئوقۇغۇچىلار ئاخىرقى باسقۇچتا ئوڭايلا قايمۇقۇپ قالىدۇ، مەسىلەن، ئەۋرىشكىنىڭ لاياقەتسىزلىك ئېھتىماللىقى 0.02 بولسا ئېھتىماللىقى چوڭ بولغان ھادىسىنىڭ يۈز بېرىشى ئېھتىماللىقى كىچىك بولغان ھادىسىدىن ئوڭاي بولىدۇ دەپ قاراپ ئەسلى پەرەزنى قوبۇل قىلىدۇ. بۇ يەردە شۇنىڭغا دىققەت قىلىڭكى سىز ھېسابلاپ چىقارغان 0.02 يۈز بەرگەن ھادىسىنىڭ ئېھتىماللىقى، قولىڭىزدىكى ئەۋرىشكىدىكى لاياقەتسىز مەھسۇلاتنىڭ سانىغا ئاساسەن ھېساپلاپ چىقىلغان. ئېھتىماللىقى كىچىك بولغان ۋەقە يۈز بېرەلىگەن يەردە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى چوڭ بولغان ھادىسىنىڭ يۈز بېرەلىشى ئېنىق. مانا بۇ يەردە بىز كىچىك ئېھتىماللىق پىرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ ھۆكۈم چىقاردۇق. بىزنىڭ قارىشىمىزدا مەھسۇلاتنىڭ لاياقەتسىزلىكىنىڭ ئېھتىماللىقى 0.03 دىن ئاشماسلىقى كېرەك ئىدى، بۇ بىزگە نىسبەتەن يۈز بېرىشى مۈمكىن بولمايدىغان ھادىسە، ئەمما ئۇ زاۋۇتنىڭ مەھسۇلاتىنىڭ لايەقەتسىزلىك ئېھتىماللىقى 0.02 چىقىپ قالدى، بىز دەۋاتقان مۈمكىن بولمايدىغان ھادىسىدىنمۇ ئۆتە مۈمكىن بولمايدىغان ھادىسە بىر قېتىملىق تەجرىبىدە يۈز بەردى. دېمەك بۇ زاۋۇتقا نىسبەتەن لاياقەتسىزلىك نىسبىتى 3% تىن ئېشىپ كېتىش دائىم يۈز بېرىدىغان ھادىسە، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ زاۋۇتنىڭ مەھسۇلاتىنى لاياقەتسىز دەپ بېكىتتۇق.
پەرەزلىك تەكشۈرۈش ماتىماتىكلىق قارشىسىدىن چىقىپ ئىسپاتلاش ئۇسۇلى، شۇنىڭ ئۈچۈن رەت قىلىشنىڭ دەلىل ئىسپاتى تولۇق، قايىل قىلارلىق بولىدۇ. قوبۇل قىلىش بولسا شۇ قېتىملىق ئەۋرىشكىگە قارىتالا بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتە ئېرىشىشنى خالايدىغان نەتىجىنى قارشى پەرەز قىلىپ بېكىتىمىز. ئەۋرىشكە كۆلىمى يېتەرلىك چوڭ بولمىغاندا قارشى پەرەز بىلەن ئەسلى پەرەزنىڭ ئورنى ئالماشسا تامامەن قارىمۇ قارىشى يەكۈن چىقىپ قېلىشى مۈمكىن، ئەمما ئەۋرىشكە كۆلىمى يېتەرلىك چوڭ بولسا قانداقلا قىلماڭ ئوخشاش ھۆكۈمگە ئېرىشىسىز.
http://kasim.m54.huyi2.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=674
历史上的今天:
دېتېرمىنانت ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچە 2010-10-21ئېھتىماللىقلارنى كۆپەيتىش تېئورېمىسى 2010-10-21ئېھتىماللىقلارنى قوشۇش تېئورېمىسى 2010-10-21تولۇق ئېھتىماللىق فورمۇلىسى 2010-10-21ھادىسىلەرنىڭ مۇستەقىللىكى 2010-10-21
收藏到:Del.icio.us