-
لوگىكىلىق تېپىشماق : ئېينىشتېيىننىڭ تېپىشمىقى - [ماتېماتىكىلىق تېپىشماقلار]
2010-10-21
ئوخشاش بولمىغان 5 خىل رەڭلىك 5 ئۆي بار. ھەر بىر ئۆيدە ئۆي ئىگىسى ۋە ئۆي ئىگىسى بىلەن ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بولغان بىر كىشى بولۇپ، جەمئىي ئىككى كىشى تۇرىدۇ. 5 ئۆي ئىگىسىنىڭ ھەر بىرى ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى ئىچىملىك ئىچىدۇ، ئوخشاش بولمىغان ماركىلىق تاماك چېكىدۇ، ھەم ھەر قايسىسى بىردىن ئوخشاش بولمىغان ھايۋان باقىدۇ. ئۆي ئىگىسى بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئۆزى تۇرىۋاتقان ئۆينىڭ ئىگىسى باققان ھايۋان بىلەن ئوخشاش ھايۋىنى بار، چەككەن تاماكىسىنىڭ ماركىسىمۇ ئۆزى تۇرىۋاتقان ئۆينىڭ ئىگىسى چەككەن تاماكىنىڭ ماركىسى بىلەن ئوخشاش ياكى ئۆي ئىگىسى بىلەن ئوخشاش تۈردىكى ئىچىملىك ئىچىدۇ.
مەلۇم بىر كىشىنىڭ بېلىق باقىدىغىنى ئېنىق. ئۇنداقتا بۇ كىشى : كىم؟ تۆۋەندىكى بېشارەتلەرگە ئاساسەن جاۋاب بېرىڭ.
1. ئەنگلىيىلىك كىشى قىزىل رەڭلىك ئۆيدە تۇرىدۇ.
2. شېۋىتسىيىلىك كىشى ئەرمەك ئىت باقىدۇ.
3. دانىيلىك كىشى چاي ئىچىدۇ.
4. يېشىل رەڭلىك ئۆي بولسا ئاق رەڭلىك ئۆينىڭ سول يان تەرىپىدە.
5. يېشىل رەڭلىك ئۆينىڭ ئىگىسى قەھۋە ئىچىدۇ.
6. Pall Mall ماركىلىق تاماكا چېكىدىغان كىشى قۇش باقىدۇ.
7. سېرىق رەڭلىك ئۆينىڭ ئىگىسى Dunhill ماركىلىق تاماكا چېكىدۇ.
8. ئوتتۇرىدىكى ئۆيدە تۇرىدىغان كىشى سۈت ئىچىدۇ.
9. نورۋېگېيلىك كىشى بىرىنجى ئۆيدە تۇرىدۇ.
10. Blends ماركىلىق تاماك چېكىدىغان كىشىنىڭ ئۆيى مۈشۈك باقىدىغان كىشىنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىدا.
11. ئات باقىدىغان كىشى Dunhill ماركىلىق تاماكا چېكىدىغان كىشىنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىدىكى ئۆيدە تۇرىدۇ.
12. Bluemaster ماركىلىق تاماكا چېكىدىغان ئۆي ئىگىسى پىۋا ئىچىدۇ.
13. گېرمانىيلىك كىشى Prince ماركىلىق تاماكا چېكىدۇ.
14. نورۋېگېيلىك كىشى كۆك رەڭلىك ئۆينىڭ يېنىدا تۇرىدۇ.
15. Blends ماركىلىق تاماكا چېكىدىغان كىشىنىڭ خوشنىسى سۇ ئىچىدۇ.
http://kasim.m54.huyi2.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=667
历史上的今天:
دېتېرمىنانت ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچە 2010-10-21ئېھتىماللىقلارنى كۆپەيتىش تېئورېمىسى 2010-10-21ئېھتىماللىقلارنى قوشۇش تېئورېمىسى 2010-10-21تولۇق ئېھتىماللىق فورمۇلىسى 2010-10-21ھادىسىلەرنىڭ مۇستەقىللىكى 2010-10-21
收藏到:Del.icio.us