خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

قانداق قىلغاندا مەدىنىيەتلىك مەكتەپ بەرپا قىلغىلى بولىدۇ

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئويچان2015-03-14 15:44

 
قانداق قىلغاندا مەدىنىيەتلىك مەكتەپ بەرپا قىلغىلى بولىدۇ

ئازادجان ئىبراھىم

   مەدىنىيەتلىك مەكتەپ بەرپاقىلىش –مەنىۋى مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ،ئو ،ئوقۇ-ئوقۇتۇش ،تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىنىڭ سۈپىتىنى يوقىرى كۆتىرىش،ساغلام بولغان ئوقۇتۇش مۇھىتى بەرپاقىلىش،ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ  ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى يوقىرى كۆتىرىش، مەكتەپ باشقۇرۇشنى ئىلمىيلاشتۇرۇش،ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەدىنىيەت ساپاسىنى يوقىرى كۆتىرىشنى ئاساسى مەقسەت قىلىدۇ. ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى مەنىۋىۋى مەدىنىيەت قۇرۇلۇشى پائالىيىتى ،ئەڭ دەسلەپتە قانات يايدۇرۇلغان «بەش بولۇش،تۆت گۈزەل ،ئۈچنى قىزغىن سۆيۈش  »ۋە «ئومۇمىي خەلق مەدىنىيەتلىك ،ئەدەبلىك بولۇش ئېيى»پائالىيىتىدىن بۈگۈنكى كۈندىكى پۈتكۈل ئاپتۇمۇم رايۇنىمىزدىكى ھەرقايسى شەھەر،ۋىلايەت ،ئوبلاست دائىرىسىدە قانات يايدۇرۇلغان «ئۈچتە ياخشى بولۇش ،بىردىن ئۆگىنىش»،مەدىنىيەتلىك شەھەر ،مەدىنىيەتلىك ناھىيە بازىرى بەرپاقىلىش مۇسابىقىسى ۋە شەھەر-يېزىلار ،ھەرقايسى چوڭ سېستىمىلار بويىچە كەڭ قانات يايدۇرۇلغان مەدىنىيەتلىك ئورۇن بەرپاقىلىش پائالىيىتىگە تەرەققىي قىلىپ،مەنىۋى مەدىنىيەت قۇرۇلۇشىنى ھەممە كىشى بىلىدىغان ،ھەممە كىشى قاتنىشىدىغان كەڭ ۋە چوڭقۇر ئاممىۋى پائالىيەتكە ئايلاندۇرۇپ،كەڭ كادىرلار ،ئىشچى-خىزمەتچىلەر ،ئاھالىلار ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق  سۈپىتى ۋە پەن مەدەنىيەت سۈپىتىنى رۈشەن يۈكسىلىشكە ئىگە قىلىپ،يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا كۆپلىگەن ئورۇنلار جەمىئىيەت ھۈجەيرىلىرىنى ياخشىلاش قاتارلىق تۈرلۈك ئاساسى خىزمەتلەرگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ،مەدىنىيەتلىك شەھەر ئاھالىسى (مەدىنىيەتلىك ئىشچى-خىزمەتچى )بولۇش تەلىپىنى نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئاممىۋى خارەكتىرلىك مەنىۋى مەدىنىيەت قۇرۇلىشى پائالىيىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ كۆرنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرگەن بولسىمۇ،بىر قىسىم ئورۇنلاردا جۈملىدىن بىرقىسىم مەكتەپلەردە مەدىنىيىلىك خىزمىتىنىڭ ياخشى ئىشلەنمەسلىكى ،تەكشى تەرەققىي قىلماسلىقى سەۋەبىدىن  بۇ جەھەتتە بەزى مەسىلىلەر يەنىلا ئېغىردەرىجىدە ساقلىنىپ،ئوقۇ-ئوقۇتۇش ،تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور دەرىجىدە  تەسىر يەتكىزىۋاتىدۇ.شۇڭا ھەر دەرىجىلىك پارتىكوم .خەلق ھۈكۈمىتى ۋە مائارىپ مەمۇرىي ئورۇنىرى مەنىۋى مەدىنىيەت قۇرۇلىشى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ،مائارىپ ساھەسىدىكى مەدەنىيەتلىك مەكتەپ بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ،ئۇنى مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ،مەدەنىيەتلىك مەكتەپ بەرپاقىلىش  ئىشلىرىغا كونكىرىت يىتەكچىلىك قىلىش كېرەك.بۇ مەقسەتكە يىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى نوقتىلارغا ئالاھىدە دېققەت قىلىش كېرەك.
1.ئوقۇ- ئوقۇتۇش سۈپىتىنى  يوقىرى كۆتىرىش كېرەك
مەكتەپلەر مەدىنىيەتلىك مەكتەپ بەرپاقىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئوقۇ- ئوقۇتۇش سۈپىتىنى  يوقىرى كۆتىرىش كېرەك.
    ھەرقايسى مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنى ئىدىيە-ئەخلاق ،پەن-مەدىنىيەت ،جىسمانىي،ئەمگەك ،پىسخولوگىيە جەھەتلەردىن تەربىيە لەشنى ئاساسى مەخسەت قىلىپ،زامانۋىلىششقا،دۇنياغا ،كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ ،ئىلمىي مەكتەپ باشقۇرۇش فاڭجىنىنى  ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ،تۇرلۇق تەربىيەنىڭ مەقسىتى ،نىشانى ،ئۇسۇل-چارىسى بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش  كېرەك.
   ھەر قايسى مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپاسىنى ئەتىراپلىق تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ  لاياقەتلىك نىسپىتى  ،ئەلالار نىسپىتى  ،ئۆرلەپ ئوقۇش نىسپىتى ،شۇ ناھىيە ،شۇ شەھەر بويىچە ئالدىنقى قاتاردا بولۇشنى ،ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ،ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ،كوللېكتىۋىزىملىق تەربىيىسى ،سوتسىيالاستىك تەربىيەنى شۇنىڭدەك ئىنقىلاۋى ئەنئەنە تەربىيىسىنى ،دۆلەت مۇداپىئەسى تەربىيىسىنى  كۈچەيىتىپ،ھەم ئۇنى دائىملىق  ئەنئەنىگە ئايلاندۇرۇپ،ئەخلاق تەربىيىسىنىڭ تۇزۇملىنىشىنى ،دەرىسلىك،قوشۇن،بازىدىن ئىبارەت تۈرنى كونكىرىت  ئەمەلىيلەشتۇرۈش كېرەك.ئوقۇغۇچىلاردا چوڭلارنى ،ئۇستازلارنى،ئاتا-ئانىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ،ساۋاقداشلىرى بىلەن ئېناق-ئىتتىپاق ئۆتىدىغان،بىلىمگە ھۆرمەت قىلىدىغان تىرىشىپ ئۆگىندىغان مەكتەپنىڭ قائىدە –تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىدىغان مەدەنىيەتلىك، ئەدەپلىك بولۇشتەك ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلەتنىيىتىلدۈرۈش كېرەك   ،شۇنداق بولغاندىلا،ئوقۇ-ئوقۇتۇش ،تەلىم-تەبىيىنىڭ سۈپىتىنى يوقىرى كۆتىرىپ،مەدەنىيەتلىك مەكتەپ بەرپاقىلىش ئۇلۇغۋار نىشانىنى ئشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
2.يوقىرى سەۋيىدىكى ئوقۇتۇش مۇھىتى بەرپاقىلىش كېرەك
مەدىنىيەتلىك مەكتەپ بەرپاقىلىشتا مەكتەپلەر زور تىرىشچانلىقلار كۆرسۈتۈپ،يوقىرى سەۋيىدىكى ئوقۇتۇش مۇھىتى بەرپاقىلىش كېرەك.كونكىرىت قىلىپ ئېيىتساق مەكتەپلەر مەكتەپنىڭ ئىچى –سىرتى پاكىز ،رەتلىك بولۇش ،مەكتەپ ئىچىدە قەغەز پارچىلىرى بولماسلىق ،تۇكۇرۈك داغلىرى بولماسلىق ،تاماكا شۆپىكى بىلەن مىۋە –چىۋە شۆپەكلىرى بولماسلىق قاتارلىق «ئۈچ بولماسلىق » ،تاملاردا ئاياق ئىزلىرى ۋە قالايمىقان خەت ،سىزىق قاتارلىقلار بولماسلىق ،ئۈستەل-ئورۇندۇق  ياكى دوسكىلارنى بەكى بىلەن ئويۇپ زىدە قىلماسلىق،مەكتەپ سىرتىدا قالايمىقان يايما بولماسلىق ،دۆلەنگەن ئەخلەت بولماسلىق ،قالايمىقان ماشىنا قاتارلىق ‹‹ئۈچ بولماسلىق››نى تىرىشىپ  ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
    مەكتەپلەر جەمىئىيەت ئامانلىقىنى ئومۇمىيۇزلۇك تۈزەشتە جىنايى ئىشلار دېلوسى بولماسلىق ،ئامانلىقنى بۇزۇش دېلوسى بولماسلىق ،بۇزۇپ چېقىش ۋەقەسى  بولماسلىق ،ئوت ئاپىتى بولماسلىق ،ئوقۇغۇچىلار قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ،جىنايەت ئۆتكىزگەن بولماسلىق ،قاتارلىق ‹‹يەتتە ››بولماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرغان بولۇش كېرەك .
   مەكتەپلەر يەنە مەكتەپ ئىچىنىڭ پاكىز ،يېشىللانغان ،گۈزەللەشكەن ،باغچىلاشقان بولۇشنى  ،مەكتەپ ئىچى تۆت پەسىلدە يېشىل بولۇپ،باھار ،كۈز مەزگىلىدە گۈللەر بولۇش ،سىنىپ ئىشخانىلاردا گۈل قاچىلىرىدا گۈل بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك..
   مەكتەپلەر مەكتەپنىڭ مۇھىتنى رەتلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگەن بولۇش كېرەك.يەنى شەرەپ تاختىلىرى رەتلىك ،تۈز ئېسىلغان ، چاپلانغان بولۇش ،تەشۋىقات تاختىسى ،قارا دوسكا گېزىتى ،ئاي سايىن يېڭىلانغان بولۇش ،يازمىچە شۇئارلار ئۆلچەملىك ،رەتلىك بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا،مەكتەپلەر  يوقىرى سەۋيىدىكى ئوقۇتۇش مۇھىتى بەرپاقىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ،مەدەنىيەتلىك مەكتەپ بەرپاقىلىشتا ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتالايدۇ.
   3.يوقىرى سەۋيىلىك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى بەرپاقىلىش كېرەك
مەدىنىيەتلىك مەكتەپ بەرپاقىلىشتا مەكتەپلەر يوقىرى سەۋيىلىك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى بەرپاقىلىش كېرەك
     ئوقۇتقۇچىلار خەلىقنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا سادىق بولۇشى،ئوقۇتقۇچىلار «ئىنسان روھىنىڭ ئېنژىنىرى»دېگەن شەرەپلىك نامىغا يارىشا  ئوقۇغۇچىلارنى  ھۆرمەتلەپ،كۈيۈنىپ،غەمخورلۇق قىلىپ،ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى ۋە شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسىنى قوللانماسلىق كېرەك.
   ئوقۇتقۇچىلار ئۆزلىكىدىن ئۆگۈنۈشنى كۈچەيتىپ،بىلىمنى داۋالىق يېڭىلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.ھەرقايسى دەرىس ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ياش قۇرۇلمىسى بىلەن كەسپىي قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بۇلۇش ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇش تارىخى لاياقەتلىكلىكى 90 پىرسەنىتتىن يوقىرى بولۇش كېرەك.
   ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ تىرىشىپ ئۆگىنىپ،ئۆزىنىڭ كەسپىي سەۋيىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىللە يەنە ئۆزى ئۆتىدىغان دەرىسىنىڭ دەرىس ئۆلچىمىنى پۇقتا ئۆزلەشتۈرۈشى،يېڭى دەرىس ئىسلاھاتنىڭ تەلىۋى بويىچە دەرىس ئۆتەلەيدىغان ،ئوقۇتۇشتا زامانىۋى ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىدىن ئۆنۈملۈك پايدىلىنىپ،دەرىسنى قىزىقارلىق ،جەلىپقىلارلىق ئۆتۈپ ئوقۇغۇچىلارغا ئەتىراپلىق بىلىم بېرەلەيدىغان ئىقتىدارنى تىرىشىپ يىتىلدۇرىشى شۇنداقلا ئوقۇتش جەريانىدا تەجىربە توپلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ،ئۆز تەجىربىسىنى ،كۆزقاراشلىرىنى نەزىرىيە سەۋيىسىگە كۆتىرىپ تەجىربە دوكىلاتى ياكى ئىلمىي ماقالە يازالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولىشى كېرەك.
   جەمىئىيەت،ئائىلە،مەكتەپ،ئۈچ تەرەپ بىرلىشىپ مائارىپ تورىنى ،مۇكەممەللەشترگەن بولۇش،مەكتەپتىن سىرت بىر كونسۇلتاتسىيە قوشۇنى بولۇپ،جانلىق خىلمۇ –خىل ئىجتىمائىي تاربىيە شەكلىنى قوللىنىپ،مۇددەت بەلگىلەپ،پائالىيەت ئېلىپ بارغان بولۇش.1-2قېتىم مەنىۋى –مەدىنىيەت قۇرۇلىشىدا ئىلغارلىقنى قولغا كەلتۈرۈش  كېرەك.بۇ مەدەنىيەتلىك مەكتەپ بەرپاقىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى.
4.مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋيسىنى   يوقىرى كۆتىرىش كېرەك
مەدەنىيەتلىك مەكتەپ باشقۇرۇشتا ئەڭ مۇھىمى مەكتەپ رەھبەرلىرى مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋيسىنى   يوقىرى كۆتىرىش كېرەك.
   مەكتەپ رەھبەرلىكى ئىتتىپاقلىشالايدىغان ،دېمۇكىراتتىك، ئىستىلى ياخشى ،ئوقۇتقۇچى ،خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن ،ئوخشاش دەرىجىلىك مەكتەپلەر ئىچىدە ناھىيە ياكى شەھەر  بويىچە ئىلغار رەھبەرلىك كۆللېكتىۋى  بولۇپ باھالانغان بولۇشى ،رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرىنىڭ سىياسىي نىشانى مۇستەھكەم  ،ئوقۇ-ئوقۇتۇشتا تاۋلانغان،بىر كەسىپنى مۇكەممەل  ئۆتىيەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. بەلگۈلۈك باشقۇرۇش ،تەشكىللەش،تەدبىر بەلگىلەش  ماسلاشتۇرۇش سەۋيىسىگە ئىگە بولىشى،ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتلىرى نۇخسانسىز ، نورمال بولىشى ،ئۆز رولىنى ياخشى  جارى قىلدۇرالايدىغان بولۇش كېرەك.
  مەكتەپنىڭ  مەنىۋى-مەدىنىيەت قۇرۇلىشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپپىسى بولۇشش،مەنىۋى مەدەنىيەت خىزمىتىگەمەخسۇس  رەھبەر  مەسئۇل بولۇپ،باشتىن چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ   ،خىزمەتنىڭ ئۈنىمىگە ئەھمىيەت بېرىپ ،كونكىرىت ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.يىل بېشىدا پىلانى ،يىل ئاخىرىدا خۇلاسىسى مەۋسۈم ئوتتۇرىسىدا ئۆز - ئۆزىنى تەكشۈرۈش دوكىلادى  بولۇش،‹‹مەدىنىيەتلىك ئوقۇغۇچى››،‹‹ئۈشتە ياخشى ئوقۇغۇچى››،‹‹مەدەنىي–تەنتەربىيەئاكتىپلىرى››نى باھالاپ،سېلىشتۇرۇشى سېستىمىلاشقان ،نەتىجىسى بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
  مەكتەپنىڭ كىتاپخانا، كىتاپ ئوقۇش ئۆيلىرىدىكى ساقلانغان كىتاپلار ئۆلچەمگە يىتىشى ھەم قەرەللىك ئېچىلىپ تۇرغان بولۇشى ،بەلگۈلىك مىقداردىكى ئېلىكتىرلىك ئەسۋاپلار ،زامانىۋى ئوقۇتۇش قۇراللىرىسەپلەنگەن بولىشى ،قوللىنىش نىسپىتى يوقرى بولۇش،سىنىپ ،ئىشخانا،ياتاقلارنىڭ سايمانلىرى تولۇق سەپلەنگەن ۋە ئۇنىڭ باشقۇرىلىشى ناھىيە ياكى شەھەر بويىچە  ئالدىنقى ئورۇندا بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
    ئوقۇ-ئوقۇتۇشقا تەسىر يەكۈزمەسلىك شەرتى ئاستىدا بەلگۈلۈك مىقداردا تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ،ئىقتىسادچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش پائالىيەتلىرى بولۇش ،مەكتەپ باشقۇرىدىغان زاۋۇت بولۇش ،ئۈنىمى يىلدىن –يىلغا يوقىرى بولىشى، مائارىپنى ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغان بولۇش ‹‹مەدىنىيەتلىك ئوقۇتقۇچى ››،‹‹مەدىنىيەتلىك ئىشچى-خىزمەتچى››لەرنى باھالىشى سېستىمىلاشقان تۈزۈملەشكەن بولۇش كېرەك.شۇنداق بولغاندىلا،مەكتەپ باشقۇرۇشنى ئىلمىيلاشتۇرۇپ،مەدىنىيەتلىك مەكتەپ بەرپاقىلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
<font color='#FF0000'>2015 -يىللىق روزا ھېيتلىق</font>

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار