خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئوقۇغۇچىلارنى تارىخ دەرسىگە قىزىقتۇرۇش

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2014-06-26 13:41


 
ئوقۇغۇچىلارنى تارىخ دەرسىگە قىزىقتۇرۇش

تارىخ بىزگە ئەينەك بولۇپ، تۈنۈگۈن تارىخ بولسا، ئەتە كەلگۈسى بولىدۇ. ئەتە تۈنۈگۈننىڭ ئاساسى، بۈگۈن − تارىخنىڭ بوسۇغىسى. يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، تارىخ ئوقۇتۇشىدا بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى يۇقىرى بولماي، ئۆگىنىش ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇشتەك ئەھۋاللار ساقلانماقتا. يەنى، تارىخ دەرسلىكىدىكى مەزمۇنلارنىڭ زامان ۋە ماكان جەھەتتىكى چېتىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭ، يەر ناملىرى، يىلنامىلەر، تارىخىي شەخسلەر قاتارلىق ئەستە قالدۇرۇشقا تېگىشلىك مەزمۇنلىرىنىڭ كۆپ بولۇشى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەستە قالدۇرۇش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش نىسبىتى تۆۋەن بولۇش، دەرسكە قىزىقىشى دېگەندەك كۈچلۈك بولماسلىقتەك ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى تارىخ دەرسىگە قىزىقتۇرۇشتا تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللىنىشى كېرەك:

1. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار قەلبىدىكى ئوبرازىنى ياخشىلاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكىسىنى ئىگىلەپ، ھەممە ئىشتا ئۆزى ئۈلگە بولۇشى، ماتېرىيال بايلىقىدىن پايدىلىنىشنى بىلىشى كېرەك. ھازىرقى يېڭى دەرس ئىسلاھاتىدا «ئوقۇغۇچىغا بىر چىنە سۇ بېرىش ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچىدا چوقۇم بىر چېلەك سۇ بولۇشى كېرەك»، دەپ قارىلىدۇ. ئوقۇتقۇچى كۆپلەپ ماتېرىيال كۆرۈپ، دەرس مەزمۇنىنى ھېكايىگە ياكى چۆچەككە ئايلاندۇرۇپ سۆزلەش ئارقىلىق، ئۆگىنىش مەزمۇنىنى قىزىقارلىق تۈسكە كىرگۈزۈپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى دەرسكە جەلپ قىلىشى كېرەك. مەسىلەن: دۇنيا تارىخىدىكى گىتلېر، ۋاشىنگتون، ستالىن، خروششېۋ قاتارلىق شەخسلەرنىڭ بالىلىق دەۋرىدىكى ئىش ئىزلىرى، گەپ-سۆزلىرىنى قىستۇرۇپ سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش لازىم.

2. رەسىملىك ئوقۇتۇشتىن پايدىلىنىش كېرەك. دەرسلىك كىتابتىكى رەسىملەرنى كۆرسىتىش، ھەجۋىي رەسىملەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بايقاش، قوشۇمچە كىتابتىكى رەسىملەرنى بىرلەشتۈرۈش، بىر قىسىم تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرسىتىش، خەرىتىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش كېرەك. مەسىلەن: «نەنجىڭدىكى چوڭ قىرغىنچىلىق»، «نورماندىيەدە قۇرۇقلۇققا چىقىش» دېگەندەك دەرسلىككە مۇناسىۋەتلىك كىنو، فىلىملەردىكى ۋەقەلىكلەرنى دەرسكە بىرلەشتۈرۈپ بايان قىلىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى تارىخ دەرسگە قىزىقتۇرۇش كېرەك.

3. پائالىيەتكە تەشكىللەش ئارقىلىق يېتەكلەش كېرەك. دەرس مەزمۇنىنى چۆرىدىگەن ئاساستا، ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللىك، پىلانلىق تارىخىي ۋەقەلەرنى سۆزلەش پائالىيىتىگە ئۇيۇشتۇرۇش، شارائىت يار بەرسە ئوقۇغۇچىلارنى تارىخىي ۋەقەلەر ئۆتكەن جايلارغا ئاپىرىپ كۆرسىتىش، ياشتا چوڭ كىشىلەرنى زىيارەت قىلىش ياكى تاپشۇرۇق بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش، مۇزېيلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇش ئارقىلىق دەرس مەزمۇنىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ يېتەكلەش كېرەك.

4. سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش كېرەك. بۇنداق يېتەكلەش ئۇسۇللىرىنى قوللانغاندا ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ئىدىيە-ئەخلاق، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ ئىزدىنىش روھىنىمۇ كۈچەيتكىلى بولىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى تارىخ دەرسى ئۆتكەندە سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىشى كېرەك.

 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
<strong><font color='#FF0000'>پەخرىيەگە ئامېرىكىدىكى</font></strong>

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار