ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > شەخىس > تولۇق مەزمۇنى

فوتو-ئېلېكتىرونىكا دوكتورى - ئەركىن ئابدۇۋايىت

ۋاقىت : 2015-03-02 23:48 | مەنبەسى : باغداش | ئاپتۇر : بىلىمخۇمار | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
ئەركىن ئابدۇۋايىت
 
فوتو-ئېلېكتىرونىكا دوكتورى - ئەركىن ئابدۇۋايىت
 
ئوتتۇرىدىكى كىشى ئەركىن ئابدۇۋايىت ئۇكىمىز بولىدۇ.

    ئىنىمىز ئەركىن ئابدۇۋايىت 1972-يىلى ئاقسۇ شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1990-يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىپ، ئالدى بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەييارلىق بۆلۈمىدە 2 يىل خەنزۇ تىلى ئۆگەندى. 1992-يىلى ئۇ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېخنىكىلىق فىزىكا كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ، يادرو فىزىكا كەسپىدە تولۇق كۇرسنى ئوقۇدى. 1989-يىلى تيەنئەنمېن ۋەقەسى تۈپەيلىدىن ئۇ بىر يىل ھەربىي تەلىم-تەربىيە ئېلىشقا مەجبۇر بولۇپ، ئۇنىڭ ئوقۇشى بىر يىل ئۇزىراپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تولۇق كۇرسنى 1997-يىلى يازدا پۈتتۈردى.
    ئەركىن باكلاۋۇرلۇق ئوقۇشى ئۈچۈن جەمئىي 7 يىل سەرپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ تېخىمۇ يۇقىرىلاپ ئوقۇشتىن ۋاقتىنچە ۋاز كېچىپ، 1997-يىلى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا-خىمىيە تېخنىكىسى تەتقىقات ئورنى (中国科学院新疆理化技术研究所) غا خىزمەتكە كىردى. ئۇ خىزمەتكە چىققاندىن كېيىنمۇ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، 1999-يىلى شىنجاڭ فىزىكا تەتقىقات ئورنى (新疆物理研究所) نىڭ ئاسپىرانتلىقىغا قوبۇل قىلىندى، ھەمدە بۇ ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى مىكرو-ئېلېكتىرونىكا كەسپى بويىچە 2002-يىلى تاماملاپ، ئاشۇ ئورۇندا بىر تەتقىقاتچى بولۇپ، 2005-يىلىغىچە ئىشلىدى. مۇشۇ جەرياندا ئەركىن جۇڭگودىكى داڭلىق ئىلمىي-تەتقىقات ژۇرناللىرىدا جەمئىي 20 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى.

ئىنىمىز ئەركىن ئۆزى ئىشلىگەن تەجرىبىخانىدا يېرىم ئۆتكەزگۈچنى ئىنگلىزچە « Metal-organik chemical vapor deposition » دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئۇسۇل بىلەن ئىشلەپ چىقىرىدىغان بولۇپ، بۇ ئۇسۇلدا ئىشلىتىلىدىغان بەزى ماتېرىياللار زەھەرلىك.  شۇڭا ئۇلار يېرىم ئۆتكۈزگۈچنى ئۆستۈرگەن چوڭ ساندۇق شەكلىرىدىكى قۇرۇلمىنى ئېچىپ، ئۇنىڭ ئىچىنى تازىلايدىغاندا، ئۆزلىرىگە مۇشۇ رەسىمدىكىدەك ماسكا تاقىۋالمىسا بولمايدۇ.  بۇ رەسىمدىكى ئوڭدىن 1-كىشى ئىنىمىز ئەركىن بولۇپ، ئۇ قالغان 2 ئوقۇغۇچىغا مەزكۇر قۇرۇلمىنى تازىلاشنى ئۆگىتىپ قويۇش ئالدىدا تۇرماقتا.
    2005-يىلى 4-ئايدا، ئەركىن فىنلاندىيەدىكى خېلسىنكى تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى (Helsinki University of Technology) نىڭ فوتو-ئېلېكتىرونىكا فاكۇلتېتىنىڭ دوكتورلۇق ئوقۇشىغا قوبۇل قىلىندى. بۇ كەسىپ بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىش ئۈچۈن نورمال ئەھۋالدا بىر ئوقۇغۇچى 5 يىل ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇنراق ئوقۇشقا توغرا كېلەتتى. ئەمما ئەركىن ئىنتايىن قاتتىق تىرىشىپ، دوكتورلۇق ئوقۇشىنى ئۈچ يېرىم يىلدىلا تاماملىدى. ئاشۇ ئوقۇش جەريانىدا خەلقئارادا ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان «قوللىنىشچان فىزىكا قىسقا ماقالىلىرى» (Applied Physics Letters)، «نانو تېخنولوگىيەسى» (Nanotechnology)، «كىرىستال ئۆستۈرۈش ژۇرنىلى» (Journal of Crystal Growth) قاتارلىق ئىلمىي تەتقىقات ژۇرناللىرىدا جەمئىي 8 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى. دوكتورلۇق ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئەركىن ئۆزىنىڭ مەكتىپىدە تاكى 2014-يىلىغىچە «دوكتور-ئاشتى» (post-doc) بولۇپ ئىشلىدى (بۇ مەكتەپنىڭ ئىسمى كېيىن «ئالىتو ئۇنىۋېرسىتېتى» (Aalto University) غا ئۆزگەرتىلدى). ئەركىن 2009-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا فىنلاندىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى قاتارلىق ئورۇنلار مەبلەغ ئاجرىتىپ ئورۇنلاشتۇرغان ئىككى چوڭ پروجېكتكە ئاساسلىق تەتقىقاتچى سالاھىيىتى بىلەن قاتناشتى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەركىن يەنە ئىككى باكلاۋۇرلۇق ۋە بىر ماگىستىرلىق ئوقۇغۇچىسىغا تەتقىقات يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى بولدى. شۇنداقلا 2008-يىلىدىن باشلاپ فاكۇلتېتنىڭ تەجرىبە دەرسلىرىنى ئۆتتى. فىنلاندىيەدە ئوقۇش ۋە تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا، ئەركىن ھەر خىل ئىلمىي تەتقىقات ژۇرناللىرى ۋە خەلقئارالىق ئىلمىي دوكلات يىغىنلىرىدا جەمئىي 20 پارچىغا يېقىن ئىلمىي تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئېلان قىلدى.
      2014-يىلى، ئەركىن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ قارمىقىدىكى شىنجاڭ فىزىكا-خىمىيە تېخنىكىسى تەتقىقات ئورنى (中国科学院新疆理化技术研究所) غا بىر پىروفېسسور ۋە يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقاتچىسى (创新研究员) بولۇپ خىزمەتكە قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، ئۇ 2015-يىلى يانۋاردىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە خىزمەتكە چۈشتى. ئۇ ھازىر زامانىۋى ئوپتىكا زاپچاسلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ماتېرىياللارنىڭ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.
    دوكتور ئەركىن ئابدۇۋايىتنىڭ دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيىسىنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى تۆۋەندىكى تور ئۇلىنىشتىن ھەقسىز چۈشۈرۈۋالغىلى بولىدۇ:
<http://lib.tkk.fi/Diss/2008/isbn9789512296156/>
    ئىنىمىز ئەركىن يېشىنىڭ كىچىك بولۇشىغا قارىماي، ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ كەسپىي ساھەسىدە كىشىنى تەسىرلەندۈرگۈدەك ۋە قايىل قىلغۇدەك زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن شان-شەرەپ ياراتتى. ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىلمىي-تەتقىقات ئىشلىرىنىڭمۇ بۇرۇنقىدەكلا ھوسۇللۇق بولۇشىغا ئىشىنىمەن، ھەمدە شۇنىڭغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار