بۇ يىلقى «ئەڭ گۈزەل يېزا ئوقۇتقۇچىسىنى ئىزدەش» چوڭ تىپتىكى پاراۋانلىق پائالىيىتىدە «جۇڭگو ئازرۇسى» باش تېمىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا 10 نەپەر «ئەڭ گۈزەل يېزا ئوقۇتقۇچىسى» ۋە 10 نەپەر «ئالاھىدە دىققەتنى تارتقان يېزا ئوقۇتقۇچىسى» تاللاپ چىقىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پائالىيەتتە مائارىپقا مەدەت بېرىش كوللېكتىۋى مۇكاپاتى تەسىس قىلىنىپ، پىدائىيلىق بىلەن مائارىپقا ئاكتىپ مەدەت بېرىۋاتقان ستۇدېنتلار كوللېكتىۋى تەقدىرلەندى.
پائالىيەت ئىيۇلدا باشلانغاندىن بۇيان، مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى، نۇر گېزىتىنىڭ مۇھەررىرى ۋە مۇخبىرلىرى يېزا كەنتلەرگە بېرىپ، ئەڭ گۈزەل يېزا ئوقۇتقۇچىسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئىزدىدى. خۇددى مېھرى مۇھەببەت يەتكۈزگەنگە ئوخشاش، مېھرى مۇھەببەتنى ئەڭ سۆيۈملۈك ئوقۇتقۇچىلارغا يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ تەسىرلىك كەچۈرمىشلىرىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغۇزدى.
نۆۋەتتە، ئېلىمىزدە 8 مىليوندىن كۆپرەك يېزا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ھەر يىلى %80 كە يېقىن ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار يېزا كەنت مەكتەپلىرىگە كىرىپ ئوقۇيدۇ. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تۆت يىلدىن بۇيان،«ئەڭ گۈزەل يېزا ئوقۇتقۇچىسىنى ئىزدەش» چوڭ تىپتىكى پاراۋانلىق پائالىيىتىدە 30 نەچچە «ئەڭ گۈزەل يېزا ئوقۇتقۇچىسى» ۋە كوللېكتىپ، 70 نەچچە «ئالاھىدە دىققەتنى تارتقان يېزا ئوقۇتقۇچىسى» ھەمدە نۇرغۇن يېزا مەكتەپلىرىگە مەبلەغ، ماددىي ئەشيا ۋە مەدەت بېرىلىپ، بىر تۈركۈم كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە يولۇققان قېيىنچىلىقلىرىنى ھەقىقى ھەل قىلىندى.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]