مەكتەپنىڭ xxx-ئوقۇش يىلى x-ماۋسۇملۇق تۈرلۈك پائالىيەتلەردە تاساددىبى يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش پىلان لاھىيسى
1- پىلاننى يىزىشتىكى مەخسەت :
مەكتەپتىكى تەنتەربىيە دەرسىى ، دەرىس ئارلىقىدىكى پالىيەت قاتارلىق تۈرلۈك پائالىيەتلەردە تاسادىبىيى يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ۋاقتىدا كونتىرول قىلىش ۋە ياخشى بىر تەرەپ قىلش ، يۈز بىرىش ئىھتىمالى بولغان تۈرلۈك ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش ، تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى تەقسىماتى ۋە مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ، مەكتەپنىڭ تۇرلۈك پائالىيەتلەردىكى بىخەتەرلىك خىزمىتىنى كۈچەيتىش ، تىز ئىنكاس قايتۇرۇش ، بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش شۇنداقلا ھاياتى بىخەتەرلىىكىنى قوغداش ، تىنىچ ئامان ئوقۇتۇش ، تىنىچ ئامان خىزمەت قىلىش ، نورمال ئوقۇتۇش تەرتىپىنى ساقلاپ بىخەتەرلىككە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت .
2- مەكتەپنىڭ ئاساسى ئەھۋالى :
xxx
3- لاھىيە تۈزۈشتىكى تەلەپ :
مەكتەپتىكى تۈرلۈك كوللىكتىپ پائالىيەتلەردە يۈز بىرىش ئىھتىماللىقى بار بولغان ۋەقەلەرنى ئالدىن مۆلچەرلەپ ،ئالدىن تەكشۈرۈپ جىددى ئەھۋالغا تىز ئىنكاس قايتۇرۇپ قۇتقۇزۇش ھەركىتى ،ۋەقەلەرنىڭ زىيىنىنى ئازايتىشقا مۇناسىۋەتلىك تەدبىلەرنى ئەمىللەشتۈرۈشتىن ئىبارەت .
4-يۈز بىرىش ئىھتىمالى بولغان تاسادىبى ۋەقەلەر ئۈستىدە تەھلل:
تاسادىپى يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ تەسىرى ۋە ئاقىۋىتى بولسا ئادەم ئۆلۈش،يارلىنىش،مال مۈلۈك زىيانغا ئۇچراش،ئوقوغۇچىلارنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى خەۋىپكە ئۇچراش ئاقىۋىتى كىلىپ چىقىپ ئوقو-ئوقۇتۇش تەرتىۋى بۇزۇلۇپ جەمئىيىەتكە يامان تەسىر كۆرسىتىپ جەمئىيىەتنىڭ ئىجتىمائى مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ
1) تەنتەربىيە دەرسىدە:- ئاغرىق ئوقۇغۇچىلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا سەل قاراش ، تەييارلىق ھەركەتلەرنى ئىشلىتىشكە سەل قاراش ، كىيىم- كىچەك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە ، ئوقۇغۇچىلارنى كۈزتىشكە ئەھمىيەت بەرمەسلىك ، مەشىق تەرتىپىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرماسلىق ، مەشىق جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىنىدا تۇرماسلىق ، بىخەتەرلىك تەربىسى ئىشلەشكە ئەھمىيەت بەرمەسلىك ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاتا ھەركەتلىرنى ۋاقتىدا تۇزتىپ بەرمەسلىك سەۋەبىدىن تۇرلۈك ھادىسلەر كىلىپ چىقىشى مۇمكىن مەسلەن : پۇتى قايرىلىپ كىتىش ، ئىغىر بولغاندا پۇت- قوللىرى سۇنۇش ،ياندۇرۇش ، ئايلىنىپ كىتىش ، ئۆزىنى زەخمىلەندۈرۈپ قويۇش قاتارلىقلار .
2) مەكتەپ ئىچىدە دەرىستىن سىرتقى پائالىيەتلەردە:ئوقوغۇچىلار ئۆز ئارا وغلىشىپ ئويناش ، خەتەرلىك ھەركەتلەرنى قىلىش ، تىغلىق ئەسۋاپلانى ئويناش ، ئاسان ئوت ئالىدىغان بويۇملانى ئويناش، ئىگىز جايلارغا چىقىش سەۋەبىدىن تۈرلۈك ھادىسلەر كىلپ چىقىشى مومكىن . مەسلەن : يىقىلىپ چۈشۈپ پۇت قوللىرى زەخمىلنىش ، باش يۈز كۆزلىرى زەخمىلنىش ، باشقىلارنى يارلاندۇرۇپ قويۇش باشقىلارغا زىيان سىلىش قاتارلىقلار .
3) مەكتەپ ئىچىدىكى كوللىتىپ پائالىيەتكە تەشكىللەش جەريانىدا سىنىپ مۇدىرلىرى ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەربىينى كۈچەيتىمەسلىك، مەسئۇلىيتىنى تولۇق ئادا قىلماسلىق ، پالىيەت تەرتىپىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرماسلىق، ئوقۇغۇچىلارنى كۈزىتىشكە ئەھمىيەت بەرمەسلىك، توك ئۈسكىنلىرنى باشقۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىك، يىتەكچىلىك قىلش ياخشى بولماسلىق سەۋەبىدىن تۈرلۈك ھادىسلەر كىلىپ چىقىشى مۇمكىن .مەسلەن :ئۆز –ئارا ئۇرشۇپ بىر بىرىنى زەخمىلەندۈرۈپ قويۇش ،ئۆز –ئارا قىستاڭچىلىق سەۋەبىدىن دەسىلىپ زەخمىلنىش ، يىقىلىپ چۈشۈش ، توك سوقۇۋىتىش،ئىسسىق ئۆتۈپ كىتىش ،ئايلىنىپ كىتىش،ياندۇرۇش ،ئەمگەك قۇراللىرىدىن زەخمىلىنىش قاتارلىقلار .
4) مەكتەپ سىرتىدىكى پائالىيەت جەريانىدا ئوقۇتقۇچىلار ئوقوغۇچىلارغا ياخشى مەسئۇل بولماسلىق،ئوقوغۇچىلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋىتىش،بىخەتەرلىك تەربىيىسىنى كۈچەيىتمەسلىك سەۋەبىدىن تۈرلۈك ھەدىسلەر كىلىپ چىقىشى مۇمكىن مەسىلەن :ئوقوغۇچىلارنى تازلىق،ئەمگەك،قاتارلىق پائالىيەتلەرگە تەشكىللىگەندە بىر- بىرىنى زەخمىلەندۈرۈپ قويۇش،قاتناش ھادىسىسى كىلىپ چىقىش،توپلىشىپ سۇغا چۇمۇلۈپ تۇنجۇقۇپ قىلىش،قاتارلىقلار.
3- تاسادىبيى يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى
1)تۈرلۈك پائالىيەتلەردە تاسادىپى يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى بىرتەرەپ قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ ئىش تەخسىماتى ۋە خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش.
2) تۈرلۈك پائالىيەتلەردە تاسادىپى يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى بىرتەرەپ قىلىش ئەترىتى قۇرۇپ چىقىپ خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئىنىق بىكىتىش.
3)تەنتەربىيە دەرسىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرى:
1 تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلرى ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ دەرىستىن ئاۋۋالقى تەييارلىق ھەرىكەتلىرىنى ياخشى ئىشلىتىش 2 ئوقوغۇچىلارنىڭ كىيىم – كىچەك ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۇپ بىرتەرەپ قىلىش.
3 مەشىق تەرتىپىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش،ئوقوغۇچىلارنى كۈزىتىشكە ماھىر بولۇش
4 دەرىسخانىدىن ئايرىلماسلىق،ئوقوغۇچىلارنىڭ خەتەرلىك ھەرىكەتلىرىنى توسۇش
5دەرسخانىدىكى بىخەتەرلىك تەربىيىسىنى ياخشى ئىشلەش،ئوقوغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش .
4)دەرىس ئارلىقىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرى:
1 دىجۈرنى ئوقۇتقۇچى دەم ئىلىش مەزگىلىۋە چۈشلۈك ئارام ئىلىش ۋاقىتلىرىدا ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ ئوقوغۇچىلارنىڭ پائاليىتىنى كۈزىتىدۇ
2 ئوقوغۇچىلار ئارىسىدا خەتەرلىك ھەرىكەتلەرنى بايقىغاندا دەرھال ئاگاھلاندۇرىدۇ،توسىدۇ ۋە تەربىيە ئىشلەيدۇ
3 تاساددىپى ۋەقەلەر يۈز بەرسە شۇ ئوقۇتقۇچى دەرھال تەدبىر قوللىنىپ ئالدىنى ئىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ.
4 مەكتەپ رادىئوسىدىن پايدىلىنىپ ئوقوغۇچىلارغا بىخەتەرلىك تەشۋىقى – تەربىيىنى كۈچەيتىدۇ.
5) مەكتەپ ئىچىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرى :
تاسادىپى يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئۆز خىزمەت مەسئۇلىيتىنى كۈچەيتىش،پائالىيەت تەرتىۋىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، بىخەتەرلىك تەربىيىسىنى ياخشى ئىشلەش،ئوقوغۇچىلارنى سالقىن جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش،ئەگەر ئوقوغۇچىلار ئارىسىدا ئايلىنىپ كىتىش ئەھۋاللىرى يۈز بەرسە ساقلىقنى ساقلاش ئۆيىگە ئەكىرىپ كۈزىتىش،ئەھۋالى ئىغىر بولسا دەرھال دوختۇرخانىغا يۆتكەش سىنىپ مۇدىرلىرى ۋە ھەرقايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ ئوقوغۇچىلارغا بولغان يىتەكچىلىكنى كۈچەيتىش .
6)مەكتەپ سىرتىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرى :
1مەكتەپ سىرتىدا ئوقوغۇچىلارنى كوللىكتىپ پائالىيەتكە تەشكىللەشتىن بۇرۇن چوقۇم مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەستىقىنى ئىلىش،
2 ئوقوغۇچىلارغا بولغان بىخەتەرلىك تەربىيسىنى كۈچەيتىش
3 ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆزلىكىدىن تەشكىللىنىپ پائالىيەت ئىلىپ بىرىشىنى توسۇش،ئوقوغۇچىلارنى ھەرخىل مۇراسىم ،كۈتۈۋىلىش پائالىيىەتلىرىگە قاتناشتۇرماسلىق
xxx مەكتەپنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلەردە تاساددىبى يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئالدىنى ئىلىشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى