خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

يىپەك يولىنىڭ ئېچىلىشى ۋە لىنىيەسى ئۈستىدە يېڭى ئىزلىنىش

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2014-01-25 22:23

 
يىپەك يولىنىڭ ئېچىلىشى ۋە لىنىيەسى ئۈستىدە يېڭى ئىزلىنىش
 
(مەخمۇتئېلى ئاتتىلا ئونسۇ )
 
1.«يىپەك يولى»ئاتالغۇسى توغرىسىدا ئىككى ئېغىز سۆز
 
شەرق-غەربمەنبەلىرىدە ئېيتىلىپ كېلىنىۋاتقان «يىپەك يولى» ئۇقىمى ھەممىگە تونۇشلۇق بولغانئاتالغۇ بولۇپ، بۇ ئۇقۇمنى تۇنجى بولۇپ گېرمانىيلىك ئوتتۇرا ئاسىياشۇناس فېردىنادۋون رىچخوفېن 1901-يىلى ئوتتۇرغا قويغان. بۇ ئۇقۇم ئوتتۇرغا قويۇلغاندىن كېيىندۇنيا جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن بىردەك ئېتىراپ قىلىنىپ، قوللۇنىلىپ كېلىنىۋاتقانبولسىمۇ، بىراق، «يىپەك يولىشۇناسلىق» دۇنياۋى تېمىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغانبۈگۈنكى كۈندە ئۇ «يىپەك يولى» نامى بىلەن ئاتالغان كارۋان يولى تەتقىقاتىدا،«يىپەك يولى» ئۇقىمى ئاستىدىكى كارۋان يولىنىڭ ئەمىلىيەتتە ئاسىيا، ئافرىقا،ياۋروپا قۇرۇقلۇقىنى باغلايدىغان فۇنكىتسىيلىك بىرلىك ئىكەنلىكىنى؛ ئۇنىڭلىنىيەسى، تارىخى، مەدەنىيەت قاتلىمى، مىللەت تەركىبى، رولى قاتارلىق جەھەتلەردىكىقىممىتىنىڭ نۇقۇل يىپەك توشۇلغان لىنىيە ۋە دەۋر قاتلىمىدىن كۆپ ئۈستىنتۇرىدىغانلىقىنى يوققا چىقىرىۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبلىك، يىپەك يولى ئۈستىدىكى تەتقىقاتتېخى باشلانغۇچ ھالدا تۇرىۋاتىدۇ. بەزى تەتقىقاتچىلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكىتەتقىقاتلىرىدا يىپەك توشۇلغان دەۋر ۋە يىپەك توشۇلغان لىنىيەنىڭ سىرىتىغاچىقالمايۋاتىدۇ (چيەنداۋ شىنسى: ياپونىيە، «يىپەكيولىدىكى 99 سىر»، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1986-يىل 4-ئاي 1-نەشىرى2-بەت). ئۇنىڭدىن ھالقىپ كەتكەنلىرىمۇ، «يىپەك يولى» ئۇقىمىنىڭ چەكلىمىسىتۈپەيلىدىن، ئۆز قاراشلىرىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرغا قويالماي، «ئاتلىقلارمەدەنىيىتى يولى»، «بىرونزا يولى»، «شىمالىي يايلاق يولى»، «ياقۇت سودا يولى»،«قاشتېشى يولى»، «بوستانلىق يىپەك يولى» دېگەندەك بىرقاتار ئۇقۇملار ئارقىلىقيىپەك يولىنىڭ بىرپۈتۈنلىكىنى، تارىخىي ئىزچىللىقىنى ۋە مەدەنىيەت جۇغلانمىسىنىڭكۆپ قاتلاملىقىنى يوققا چىقىرىۋاتىدۇ. بۇ نورمال ئەھۋال ئەمەس. شۇڭا، «يىپەك يولى»تەتقىقاتىدا «يىپەك يولى» ئۇقۇمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، «ئۈچ قۇرۇقلۇق ھاياتلىقيولى» (قەدىمكى دەۋرلەردىن بۇيان ھەرقايسى يوللار ئۆزئارا بىركىپ، ئاسىيا،ياۋروپا، ئافرىقا قىتئەلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئۇلار ئارىسىدا مەدەنىيەت، سودا، ئىدىيەئالماشتۇرۇش لىنىيسى بولۇپ كەلگەنلىكى ۋە ئىنسانىيەت ھاياتلىق پائالىيىتىگە ئاساسسالغانلىقى ئۈچۈن شۇ نام بېرىلدى)، قىسقارتىپ «ھاياتلىق يولى» دېگەن يېڭى بىرئۇقۇمنى ئىشلىتىش تولىمۇ زۆرۈر. مەشھۇر ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىمۇئۆزىنىڭ «يىپەك يولى تەتقىقاتىدىكى ئىنسانىيەت مەدەنىيەتشۇناسلىقى مەسىلىلىرى»ناملىق ماقالىسىدە ناھايتى ئېنىق قىلىپ « ‹يىپەك يولى› ئۇلۇغ بىر ئىبارە. ئۇ رىمۋە ۋىزانتىيلىكلەرنىڭ ‹سېرىس› ئېلىگە بولغان ماددىي ۋە غايىۋى (ھەتتا ئەپسانىۋى)قىزىقىشى تۈپەيلى، يېقىنقى زاماندا قوللۇنىلغان ئىبارە. ئۇ، نۇقۇل سودا-تىجارەتنى،بولۇپمۇ يىپەك سودىسىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ئىبارە بولماستىن، بەلكى، ‹قەدىمكىقىتئە›- ئاسىيا-ياۋروپا-ئافرىقا خەلقلىرى ئارىسىدىكى ماددىي-مەنىۋى مەدەنىيەتئالاقىلىرىنىڭ غول لىنىيىسىگە قارىتىلغان ئىبارە.» («شىنجاڭداشۆ ئىلمىي ژۇرنىلى» 1995-يىللىق 2-سان 4-بەت)، « ‹يىپەك يولى› قەدىمكى‹قىتىئە› دەپ ئاتالغان ئۈچ چوڭ قۇرۇقلۇقنى تۇتاشتۇرغان كىشىلىك ئالاقىلىرىنىڭ غولقانىلى بولۇپ، ئۇ گىبىرالتار بوغۇزىدىن ياپونىيىگىچە بولغان ھەر خىل ئىرق، مىللەت،رايون ۋە مەدەنىيەتتىكى ئىنسان تۈركۈملىرىنى خۇددى مەرۋايىتلارنى بىر تىزما قىلغانيىپتەك تۇتاشتۇرغان. ‹ھەر خىللىق› بىلەن ‹بىر تىزما› ھاسىل قىلىش يىپەك يولىنىڭ كۆپمەنبەلىك مەدەنىيەت ۋە سېنكىرىتىك مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرگەن».«بۇنداق كۆپ مەنبەلىك ۋە سېنكىرتىك مەدەنىيەت ئوخشىمىغان تارىخىي قاتلاملاردائوخشىمىغان مىللىي (يەرلىك) مەدەنىيەت ۋە دۇنياۋى (ياكى دۇنياغا يۈزلەنگەن)مەدەنىيەت تىپلىرىنى ھاسىل قىلغان. يىپەك يولىدا قول ئىگىلىكى ۋە فېئۇدالىزمدەۋرلىرىدە، ‹گېرىك-رىم مەدەنىيىتى تىپى›، ‹كوشان-كۈسەن مەدەنىيىتى تىپى›،‹سۈي-تاڭمەدەنىيىتى تىپى›،‹ئەرەب مەدەنىيىتى تىپى›،‹غەربىي ياۋروپا رېنسانسى مەدەنىيىتىتىپى› دىن ئىبارەت بەش چوڭ دۇنياۋى مەدەنىيەت تىپى شەكىللەندى. بۇ مەدەنىيەتتىپلىرى مىسىر، سومىر، سىكتاي، بابىل-ئاسسورىيە، مەركىزىي ئاسىيا، ھىندىستان،جۇڭگو قەدىمكى ۋە ئەينى زاماندىكى مەدەنىيەتلىرىدىن ئوزۇقلانغان؛ ئالدىنقىقاتلامدىكى دۇنياۋى مەدەنىيەت تىپلىرىغا ۋارىسلىق قىلغان؛ پۈتۈن يىپەك يولى مىللىي(يەرلىك) مەدەنىيەتلىرىگە سېنكىرىتىك تەركىب قوشقان. ‹يىپەك يولى›نى نۇقۇلبىرقانچە ئىمپېريىلەر- ئاخمانىلار، ساسانىلار، رىم ئىمپېريىسى، كۇشان خانلىقى،خەن-تاڭ سۇلالىسى، ئەرەب خەلىپىلىكى، چىڭگىز-تۆمۈرىيلەر ھاكىمىيەتلىرى ئارىسىدىكىيىپەك، دورا ماتېرىياللىرى سودىسىغا باغلاپ ئىزاھلاش قايتا ئويلىنىشقا مۇھتاج.» («شىنجاڭ داشۆ ئىلمىي ژۇرنىلى» 1995-يىللىق 2-سان 7-، 8-بەتلەر)دەپ كۆرسەتكەن.
 
2. يىپەك يولىنىڭ ئېچىلىشى ۋە لىنىيەسى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىلگىرىكى تەتقىقاتلارغا بىرنەزەر
 
يىپەكيولىنىڭ ئېچىلىشى ناھايتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولسىمۇ، دۇنيادا «يىپەكيولىشۇناسلىق» ئىلمىنىڭ باشلانغانلىقىغا تېخى ئانچە ئۇزۇن بولمىدى. بۇ ئىلىمئۆزىنىڭ يۈز يىللىق قىسقىغىنا تەرەققىيات مۇساپىسىدە نۇرغۇنلىغان تەرەققىياتنەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇنيا مەدەنىيەت غەزىنىسىنى بېيىتىش ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنىقوشقان بولسىمۇ، ئۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە بەزى خاتالىقلاردىن خالى بولالمىدى.
«يىپەكيولىشۇناسلىق» ئىلمىنىڭ مەيدانغا كېلىش تارىخىدىن قارىغاندا، شۇنى كېسىپ ئېيتىشقابولىدىكى، «يىپەك يولىشۇناسلىق» ئىلمىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ھەرگىزمۇ تەساددىپىئەمەس. ئۇ 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى كاپىتالىزم دۇنياسىدا ئەۋج ئالغانمۇستەمىلىكىچىلىك ھەرىكىتىنىڭ، بولۇپمۇ، ئىككى قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابىنەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن سىياسى ۋە مەدەنىيەت مۇستەمىلىكىچىلىك ھەرىكىتىنىڭمەسىئۇلى بولۇپ، ئەينى دەۋردە يىپەك يولى ئەتىراپىدىكى شەھەرلەرنىڭ، بولۇپمۇئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ سىياسىي، تارىخىي ۋە جۇغراپىيلىك ئەھۋالىدىن ئاز-تولاخەۋىرى بار ئادەم بۇ جايغا قىزىقماي قالمايتتى. شۇڭا، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىنباشلاپ غەرب دۆلەتلىرىدىكى بىر قىسىم سىياسىيۇنلار ۋە تەۋەككۈلچىلەردە بۇ رايونغاۋە بۇ رايوندىكى بىر مەزگىل راسا رۇناق تېپىپ، كېيىن قۇم ئاستىغا كۆمۈلۈپ كەتكەنبوستانلىقلارغا نىسبەتەن زور قىزىقىش پەيدا بولدى. چۈنكى، ئۇلار جۇڭگو، چارروسىيەۋە ئۇلۇغ بىرتانىيە ئىمپېريىسى (ھىندىستان زېمىنى ئارقىلىق) دىن ئىبارەت ئۆزدەۋرىنىڭ ئۈچ چوڭ دۇنياۋى دۆلەتلىرىنىڭ ئارلىقىغا جايلاشقان بۇ رايوننىڭ سىياسىيۋە ھەربىي ئەھمىيىتىنىڭ ئالاھىدە زورلىقىغا ھەمدە نەچچە يۈز يىل جەريانىدا قۇمئاستىدا كۆمۈلۈپ ياتقان قەدىمىي شەھەر خارابىلىرىدا ئاجايىپ سىرلىق مۆجىزىلەرنىڭۋە سان-ساناقسىز بايلىقلارنىڭ كۆمۈلۈپ ياتقانلىقىغا ئىشىنەتتى. 19-ئەسىرنىڭئاخىرىدىن باشلاپ، ۋەزىيەتنىڭ تەققاززاسى ۋە تۈرلۈك گۇرۇھلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىبويىچە، ئۇلار، «ئېكىسپېدىتسىيچى» نىقابى ئاستىدا يىپەك يولى بويلىرىدىكى قەدىمىشەھەرلەرگە قاراتقان تەۋەككۈلچىلىك ھەرىكىتىنى ۋە جاسۇسلۇق-خەرىتە سىزىش پائالىيىتىنىباشلاپ، 19-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرغىچە بولغان يېرىمئەسىرلىك تارىخ جەريانىدا يىپەك يولى بويىدىكى قەدىمكى شەھەر-قەلئەلەردىن تولىمۇمەخپىي بولغان ئاخبارات ماتېرىياللىرىنى ۋە يۇقىرى قىممەتلىك، كۆپ قاتلاملىقتارىخىي ھەم مەدەنىي يادىكارلىقلارنى شۇنداقلا ئېسىل ماددىي مىراسلارنى ئېلىپچىقىپ كەتتى.
بۇ ساھەدەتۇنجى بولۇپ مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن قەدەم باسقان كىشى شېۋىتسىيىلىك ئېكىسپېدىتۇر،جۇغراپىيۇن ھەم داڭلىق ساياھەتچى سېۋىن ھېيدىن بولدى. ئۇ 1895-يىلى 5-ئايدائۆزىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ساياھىتىنى باشلاپ، خوتەن دەرياسىنىڭ قۇرۇپ كەتكەن كونائېقىنىنى بويلاپ ئىلگىرلىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى ساياھىتى تەكلىماكاندىنئىبارەت بۇ كۆچمە قۇملۇقنى-ئاسىيانىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ھالاكەت دېڭىزىنىدەسلەپكى قەدەمدە چۈشۈنۈش ۋە بۇ توغرىدا بىر قىسىم تەجرىبىلەرگە ئېرىشىشتىن باشقانەتىجە بەرمىدى. شۇ يىلى 12-ئايدا ئۇ تەكلىماكانغا قىلغان ئىككىنچى قېتىملىقساياھىتىنى باشلىدى ۋە تەكلىماكاننى كېسىپ ئۆتۈشتەك ئاجايىپ غەيرىتى بىلەن كېرىيەقەدىمى شەھىرى خاراببىسىنى تېپىپ، نۇرغۇنلىغان مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قولغاچۈشۈرۈپ، زور غەلىبە بىلەن قايتتى.
ئۇ ئۆزنىڭ تەكلىماكانغا قىلغان ئىككى قېتىملىقساياھىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن ئىككىتوملۇق بىئوگىرافىك ئەسەر «ئاسىيانىڭ كىندىكىگە قىلىنغان ساياھەت» نى يېزىپ چىقتى.بۇ ئەسەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى دۇنيادا كۈچلۈك زىلزىلە پەيدا قىلدى. ئۇ يىپەك يولىتەتقىقاتىدىكى تۇنجى ئەسەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيادىكى تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭيىپەك يولى بويىدىكى قەدىمكى شەھەرلەرگە بولغان قىزىقىشىنى قوزغىدى.
1899-يىلى9-ئايدا سېۋىن ھېيدىن يەنە شېۋىتسىيە كارولى (پادىشاھى) ئوسكا ۋە مىليونېرنوبېللارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ئۆزىنىڭ تەكلىماكانغا قىلغان ئۈچىنچى قېتىملىقساياھىتىنى باشلاپ، قەدىمىي كىروران خاراببىسىنى تېپىشتەك زور غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى.
سېۋىنھېيدىننىڭ تەكلىماكانغا قىلغان ئۈچ قېتىملىق ساياھىتى، بولۇپمۇ كېيىنكى ئىككىقېتىملىق ساياھىتى ئارقىلىق ئېرىشكەن ئەمىلىي نەتىجىلىرى (قەدىمكى قوليازما،ھۆججەت، ماددىي تۇرمۇش بۇيۇملىرى، يىمەك-ئىچمەك ساقلانمىلىرى، قاتناش قوراللىرى،مەدەنىيەت-سەنئەت بۇيۇملىرى، مېتال بۇيۇملارغا ئوخشاش ئاجايىپ يۇقۇرى قىممەتلىكئەمىلىي بۇيۇملار)  تەكلىماكانغا بولغانئارخېلوگىيلىك ئىزدىنىش جەھەتتە يېڭى سەھپە ئاچتى. 1900-يىلى 5-ئايدا سېۋىنھېيدىننىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق ساياھىتى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا، ئۇنىڭ كىتابىدىن ئىلھامئالغان ۋېنگېريىلىك ئېكىسپىدىتور، مەشھۇر جۇغراپىيشۇناس ئاۋرېل سىتەيىنمۇ سېۋىنھېيدىننىڭ ئىزىدىن مېڭىپ، تەكلىماكانغا كىرىپ كەلدى.
بولۇپمۇچەتئەللىكلەرنىڭ ئاسىيانىڭ مەركىزىدىكى بۇ رايونغا قىلغان ئېكىسپېدىتسىيلىك ۋەئارخېولوگىيلىك تەكشۈرۈش ھەرىكىتى 1901-يىلى گېرمانىيلىك فېردىناد ۋون رىچخوفېن«يىپەك يولى» ئاتالغۇسىنى ئوتتۇرغا قويۇشى بىلەن تېخىمۇ يۇقىرى دولقۇنغاكۆتىرىلدى. ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈش نۇقتىسى يالغۇز تەكلىماكان قۇملىقىدىكى قەدىمىيشەھەر خاراببىلىرى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى، ئىلگىرى ئېيتىلىپ كېلىنىۋاتقانشىمالىي يول، جەنۇبىي يول ۋە ئوتتۇرا يول بويلىرىدىكى قەدىمىي مەدەنىيەت نۇقتىلىرىغىچە،ھەتتا، چاڭئەندىن رىمغىچە بولغان ھەرقايسى يول بويلىرىدىكى قەدىمىي مەدەنىيەتنۇقتىلىرىغىچە كېڭەيدى. ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە، ياپونىيە، گېرمانىيە ۋەروسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ تەكشۈرۈش ئەتىرەتلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن بۇرايونغا ئەۋەتىپ، قەدىمىي دەۋرگە ئائىت قوليازما، ھۆججەت، سەنئەت ئەسەرلىرى، مېتالبۇيۇملار، يىمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، قاتناش قوراللىرى قاتارلىق تۇرمۇشئادەتلىرىگە دائىر ماتېرىياللار ھەمدە يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ئەمەلىي ماددىيبۇيۇملارنى قولغا چۈشۈردى. نەتىجىدە «يىپەك يولىشۇناسلىق» ئىلمى ناھايتى تېزراۋاجلىنىپ، تۈرلۈك دۆلەتلەردىن كەلگەن ئالىملار ئۆزلىرىنىڭ توپلىغانماتېرىياللىرىغا ئاساسەن تۈرلۈك قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان ۋەزىيەتشەكىللەندى. نۇرغۇن دۆلەتلەردە يىپەك يولىغا دائىر ماتېرىياللارنى ساقلايدىغان ۋەكۆرگەزمە قىلىدىغان موزېيخانىلار قۇرۇلدى، يىپەك يولى ئىلمىنى تەتقىق قىلىدىغانئىلمىي جەمىئىيەتلەر بارلىققا كەلدى. «يىپەك يولىشۇناسلىق» يالغۇز سودامۇناسىۋىتىنىلا ئەمەس، بەلكى، مەدەنىيەت، ئىلىم-پەن، تىلشۇناسلىق، تارىخشۇناسلىق،مىللەتشۇناسلىق، ئىرقشۇناسلىق، دىنشۇناسلىق، قەدىمىي يېزىق، ئارخېئولوگىيە،جۇغراپىيە، ئەدەبىيات-سەنئەت، مىللىي مۇناسىۋەت، ئىشلەپچىقىرىش ئادەتلىرى، تۇرمۇششەكلى، ئۆرۈپ-ئادەت قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمىلىك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇنىۋېرسالپەنگە ئايلاندى. ئۇنىڭ تەركىبىدە يەنە «دۇنخۇاڭشۇناسلىق»، «تۇرپانشۇناسلىق» دېگەنگەئوخشاش تارماق پەنلەر مەيدانغا كەلدى.
«يىپەكيولىشۇناسلىق» يۇقارقىدەك بىرقاتار جەريانلارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن،مۇكەممەل بولغان بىر ئۇنۋېرسال پەنگە ئايلانغان بولسىمۇ، يىپەك يولىنىڭ ئېچىلىشدەۋرى ۋە لىنىيەسى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىلىرى بىر خىل بولمىدى.شۇنداقتىمۇ ئۇلارنى تۆۋەندىكى بىرنەچچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاش مۈمكىن.
ئېچىلىشجەھەتتە:
بىرىنچى،«جاڭ چيەن ئاچقان» دەيدىغان كۆزقاراش. بۇ خىل قاراشتىكىلەر، جاڭ چيەننىڭ مىلادىدىنبۇرۇنقى 138- ۋە 119-يىلى پەرغانا قاتارلىق جايلارغا قىلغان ئىككى قېتىملىق سەپىرىجەريانىدا يېزىپ قالدۇرغان مەلۇماتلىرىغا (پېتېرخۇپكېرىك: «يىپەك يولىدىكى ئەجنەبىي ئالۋاستىلار»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،1990-يىل 11-ئاي 1-نەشرى 14-بەت)، بولۇپمۇ، فەي يېنىڭ «كېيىنكى خەننامە.غەربىي ئەللەر تەزكىرىسى»دىكى: «خۇلاسىمىز شۇكى، غەربىي ئەللەرنىڭ جۇغراپىيۋى ئەھۋالىۋە ئۆرۈپ-ئادەتلىرى قەدىمدىن تارتىپ بىزگە مەلۇم ئەمەس ئىدى. خەن زامانىسىدا جاڭچيەننى يىراقلارغا ئەۋەتىش تەدبىرى، بەن چاۋنىڭ نەسەبلىك بەگلەرنى قولغا كالتۈرۈشنىيىتى تۈپەيلىدىن، ئاقىۋەت يىراقلارغىچە سەلتەنەت كۈچى ئورنىتىلىپ، غەربىي ئەللەرتىزگىنلەندى»دېگەن بايانلىرىغا ئاساسەن، «يىپەك يولىنى جاڭ چيەن ئاچقان» دەپقارايدۇ (ئىمىن تۇرسۇن: «تارىمدىن تامچە»، مىللەتلەرنەشرىياتى، 1990-يىل 6-ئاي 1-نەشرى 453-، 454-بەت).
ئىككىنچى،مىلادىدىن بۇرۇنقى 4-، 3-ئەسىرلەردە قالدۇرۇلغان ياۋروپا ھۆججەتلىرىدىكى يىپەككەدائىر مەلۇماتلار (ئىمىن تۇرسۇن: «تارىمدىن تامچە»،مىللەتلەر نەشرىياتى، 1990-يىل 6-ئاي 1-نەشرى 448-، 449-بەت) غا ئاساسەن،«يىپەك يولى مىلادىدىن بۇرۇنقى 4-، 3-ئەسىرلەردە ئېچىلغان» دەيدىغان كۆزقاراش.   
ئۈچىنچى،تۇرپان ئالغۇيدىكى بىر قەدىمىي قەبىرىستانلىقتىن چۇنچيۇ دەۋرىگە (مىلادىدىنبۇرۇنقى 770-يىلدىن 476-يىلغىچە) ئائىت يىپەك ماللارنىڭ تېپىلغانلىقى (ئىمىن تۇرسۇن: «تارىمدىن تامچە»، مىللەتلەر نەشرىياتى،1990-يىل 6-ئاي 1-نەشرى 449-بەت) غا ئاساسەن، «يىپەك يولى چۇنچيۇ دەۋرىدەئېچىلغان» دەيدىغان كۆزقاراش.
لىنىيەجەھەتتە:
بىرىنچى، ئىككىيول قارىشى. بۇ خىل قاراشتىكىلەر «يىپەك يولى چاڭئەندىن باشلىنىپ يۈيمېنگۈەن ۋەياڭگۈەن قوۋۇقىغا كەلگەندە ئىككىگە بۆلۈنىدۇ ۋە بىر يول تارىم ئويمانلىقىنىڭجەنۇبى بىلەن، يەنە بىر يول شىمالى بىلەن مېڭىپ، قەشقەرگە بارغاندا بىرلىشىدۇ،ئاندىن، غەربكە قاراپ ئىلگىرىلەپ، پامىردىن ئۆتكەندىن كېيىن بىرقانچە تارماقلارغابۆلۈنۈپ، ئىران، كىچىك ئاسىيا، قارا دېڭىز ئەتىراپى ۋە رىم قاتارلىق جايلارغابارىدۇ» (ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنىسا سىدىق: «شىنجاڭدىكىمىللەتلەرنىڭ تارىخى » مىللەتلەر نەشرىياتى 1991-يىل 11-ئاي نەشرى 172-،173-بەتلەر) دەپ قارايدۇ.
ئىككىنچى،«ئۈچ يول قارىشى». بۇ ھازىر خەلقئارادا بىردەك ئېتىراپ قىلىنىپ كېلىنىۋاتقانكۆزقاراش بولۇپ، بۇ خىل قاراشتىكىلەر يۇقارقى ئىككى يولنى ئېتىراپ قىلىش بىلەنبىرگە، «دۇنخۇئاڭدىن چىقىپ تەڭرى تېغىنىڭ شىمالى ۋە ئىللى ۋادىسى ئارقىلىقئىسسىقكۆل ئەتىراپىغا، ئاندىن داۋاملىق ئىلگىرىلەپ قارا دېڭىزنىڭ شىمالى ئارقىلىقشەرقىي ياۋروپاغا بارىدىغان يەنە بىر يول بار»، دەپ قارايدۇ.
 
3. يىپەك يولىنىڭ ئەسلى مەنبەسى

 
يىپەكيولىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ھەرگىزمۇ تەساددىپى بولماستىن بەلكى ئۇ ئىنسانلارھاياتلىق پائالىيىتى جەريانىدا بارلىققا كەلگەن زور ئىنقىلاب، ئۇلۇغ ئەھمىيەتكەئىگە تارىخىي ۋە مەدەنىيەت ھادىسىسى. ئۇنىڭ مەنبەسى ئۇزاق تارىخىي جەريانداشەكىللەنگەن، ئوخشاش بولمىغان ناملار بىلەن ئاتالغان قەدىمكى زامان ئالاقە لىنىيىسىدىنئىبارەت. چيەنداۋ شىنسى ئەپەندىنىڭ «بۇرۇنقى قاشتېشى توشۇلغان يول كېيىنچە يىپەكيولىغا ئايلىنىپ، ناھايتى گۈللەنگەن» (چيەنداۋشىنسى: ياپونىيە، «يىپەك يولىدىكى 99 سىر»، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى1986-يىل 4-ئاي 1-نەشىرى 19-بەت) دېگەن سۆزلىرىمۇ بۇ نۇقتىنى مەلۇم تەرەپلەردىنئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.
يىپەكيولىنىڭ مەيدانغا كېلىشى توغرىسىدا قانداق قاراشلارنىڭ ئوتتۇرغا قويۇلىشىدىنقەتتىئىينەزەر، ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا يايلاق مىللەتلىرىنى مەركەز قىلغان شەرق-غەربھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تىرىكچىلىك پائالىيىتىنىڭ ۋە ھاياتلىقھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى.
«يىپەكيولى» 20-ئەسىرگە تەئەللۇق ئاتالغۇ بولسىمۇ، ئۇنى يىراق تارىخقا باغلاپچۈشەندۈرۈشكە ۋە تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇ ھەرگىزمۇ بىرقىسىم ئالىملارئېيتقاندەك يالغۇز ئىنسانلار يىپەكچىلىك تارىخىنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇپ قالماستىنبەلكى تېخىمۇ ئىلگىرىكى دەۋرلەردىكى ئاسىيا يايلاق مىللەتلىرىنىڭ نەچچە ئەسىرلىك ئەقىل-پاراسىتى،تىرىشچانلىقى،  قان-يېشى ۋە خوشاللىقى بىلەنپۈتكەن، بىھېساب تارىخىي قىسمەتلەرگە ۋە شانلىق نەتىجىلەرگە تولغان قەدىمكىھاياتلىق نىشانىنىڭ داۋامىدۇر.
يىپەكيولىنىڭ ئەسلى مەنبە ئاساسىنى سۈرۈشتۈرگەندە ئۇ تۆۋەندىكى بىرقانچە يوللىنىيىلىرىگە چېتىلىدۇ:
بىرىنچى،ئاتلىقلار مەدەنىيىتى يولى. بۇ يول بۇنىڭدىن 5-6 مىڭ يىل ئىلگىرىكى دەۋرلەردە، ئوتتۇرائاسىيادىن ئارال-كاسپى ۋادىسى ۋە قارا دېڭىز بويلىرىغىچە بولغان جايلاردا ئاتلىقھەرىكەت قىلىپ، دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ قەدىمكى ئاتلىق مىللەت دۆلىتى ۋە كۆچمەنلەر ئىمېريىسىنىقۇرىغان ھۇن-تۈرك ۋە ئارىيان-ساك خەلقلىرىنىڭ ئاتلىق ئەتىرەتلىرى ئاچقان يولبولۇپ، ئۇ قارا دېڭىز-كاۋكاز-ئىران-ھىندىستان ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا تۇپىراقلىرىنىتۇتاشتۇرىدىغان يول.
ئىككىنچى،بىرۇنزا يولى. بۇ يول بۇنىڭدىن 5-6 مىڭ يىل ئىلگىرىكى دەۋرلەردە ئوتتۇرا ئاسىيا ھۇن-تۈركخەلقلىرى ۋە ئارىيانلارىنىڭ شىمالىي ۋە غەربىي ياۋروپا، ئىران ئېگىزلىكى ھەمدەھىندىستانغا كۆچۈش جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن، ئوتتۇرا ئاسىيانى مەركەز قىلغانمېتال توشۇش  يولىدىن ئىبارەت.
ئۈچىنچى،شىمالىي يايلاق يولى. بۇ يول «يايلاق يىپەك يولى»، «يايلاق ئوتلاق يولى كارىدۇرى»دېگەندەك تۈرلۈك ناملار بىلەن ئاتىلىدىغان قەدىمكى كارۋان يولىدىن ئىبارەت بولۇپ،ئۇ شەرقتە موڭغۇل ئېگىزلىكىدىن غەربتە قارا دېڭىز بويلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكىيايلاق مىللەتلىرى ئاچقان، ياۋروپا-ئاسىيانىڭ شىمالىدىكى يايلاقلارنى توغىرىسىغاكېسىپ ئۆتىدىغان قەدىمكى قاتناش يولىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ تارىختىن ئىلگىرىكىزامانلاردىكى ھۇن-تۈرك كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەرنىڭ كۆچىشىدىن ھاسىل بولغان بولۇپ،ۋاقتى سىپتا تاش قوراللار دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ.
تۆتىنچى،ياقۇت سودا يولى. بۇ بۇنىڭدىن 4-5 مىڭ يىل ئىلگىرى ئېچىلغان، ئىران، مېسۇپوتامىيە،مىسىر، سۈرىيە، ئاناتولىيە ئوتتۇرىسىدىكى ياقۇت سودا يولىدىن ئىبارەت.
بەشىنچى،قاشتېشى يولى. بۇ يول ئىككى باسقۇچ، ئىككى لىنىيە بويىچە ئېچىلغان قەدىمكى كارۋانيولىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ بىرى، بۇنىڭدىن تەخمىنەن 6 مىڭ يىل ئىلگىرىكى دەۋرلەردەئېچىلغان بولۇپ، شىنجاڭ رايونىدىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىغا بارىدۇ. يەنە بىرى، بۇنىڭدىنتەخمىنەن 4 مىڭ يىل ئىلگىرىكى دەۋرلەردە ئېچىلغان، شىنجاڭ رايونىدىن ئوتتۇرا شەرق،غەربىي ئاسىيا ھەم ياۋروپاغا بارىدىغان يول.
ئالتىنچى،بوستانلىق يولى. بۇ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك، تارىم ۋادىسى، ئوتتۇرا ئاسىيا، ھىندىستان،ئوتتۇرا شەرق، مىسىر، ئاناتولىيە ۋە ياۋروپادىكى ھەرقايسى شەھەر دۆلەتلىرىنىتۇتاشتۇرىدىغان، يول بويىدىكى ھەرقايسى شەھەرلەر ئارا كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش شەكلىدىكىتاۋار ئالماشتۇرۇشنى ئاساس قىلىپ شەكىللىنىپ، كېيىنچە دۇنياۋى ئىمپېريىلەرنىڭمەيدانغا كېلىشىگە ئەگىشىپ بىرپۈتۈن دۇنياۋى قاتناش سېستىمىسىنى شەكىللەندۈرگەنيول بولۇپ، ئۇ ئاز دېگەندە 10 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە.
 
4. يىپەك يولىنىڭ ئېچىلىشى ۋە ئۇنىڭ لىنىيەسى ئۈستىدە يېڭى ئىزدىنىش
 
بىز شۇنىكېسىپ ئېيتالايمىزكى، ھازىرغىچە يىپەك يولىنىڭ ئېچىلىش تارىخى ئۈستىدە خىلمۇخىلكۆزقاراشلار ئوتتۇرغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئېچىلىش تارىخى ئومومىي ئىنسانلارتارىخىنىڭ باشلىنىشى بىلەن تەڭ باشلانغان بولۇپ، ئەڭ ئاز دېگەندە 10 مىڭ يىلدىن كەم ئەمەس.
چۈنكى،تارىخ بىزگە شۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتىكى، ئىنسانلار ئەڭ ئاۋال يەككە توپلار بويىچەتۇرمۇش كەچۈرەتتى. ئىپتىدائىي جەمىئىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە بۇنداقتوپلار بارا-بارا ئۇلغۇيۇپ ئەتىراپقا كېڭىيىشكە، قەبىلىلەرگە ئۇيۇشۇپ يايلاق، سۇۋە مال-چارۋا تالىشىپ جەڭ قىلىشقا، ھەرقايسى قەبىلىلەر يات قەبىلىلەرنىڭ ھۇجۇمىدىنساقلىنىش ئۈچۈن ئۆزلىرى تۇرىۋاتقان جايلارنىڭ ئەتىراپىغا مۇداپىئە قورغانلىرىنىياساپ، يېڭى ئاۋاتلىقلارنى بىنا قىلىشقا باشلىدى. شۇنداق قىلىپ، ئىپتىدائىيجەمىئىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە بارلىققا كەلگەن بۇ خىل قوشىۋېلىش ھەرىكەتلىرىيىپەك يولىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى شەكلى بولغان جەڭ يولىنى بارلىققا كەلتۈردى ھەمدەھەرقايسى قەبىلىلەرنى بىر-بىرىنى بىلىش، ئۆزئارا ئالاقە ئورنىتىش ئىمكانىيىتىگەئىگە قىلدى. بۇنداق ئالاقىلەردە يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن بوستانلىقلارنىڭ رولىناھايتى چوڭ بولۇپ، ئۇ ئۆتكۈنچىلەرنى زۆرۈر بولغان يىمەك-ئىچمەك، تۇرمۇش بۇيۇملىرىۋە قاتناش ۋاستىلىرى (ئات-ئۇلاغ) بىلەن تەمىنلەيتتى. ئەنگىلىيىلىك يىپەك يولىشۇناسپېتىر خۇپكىرىك ئەپەندى بوستانلىقلارنىڭ رولى ھەققىدە توختىلىپ: «يىپەك يولىنىڭپەيدا بولىشى ۋە ئۇنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ھەرگىزمۇ تەساددىپى ئەمەس. ئۇئاساسلىقى ناھايتى زور سىتىراتىگىيلىك ئورۇننى ئىگىلەيدىغان بوستانلىقلارنىڭتارقىلىش لىنىيىسىگە تايىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەكلىماكان ئەتىراپىدىكىبوستانلىقلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن بولغان ئارىلىقىنى پەقەت بىرقانچە كۈندىلا بېسىپبولغىلى بولىدۇ... يىپەك يولىدىكى تىرانسپورت ئىشلىرىنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىشىئارقىسىدا، بۇ بوستانلىقلار ئۆزىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان ئالاھىدىلىكلىرىگەتايىنىپ، ئەسلىدىكى بۇ يەردىن ئۆتىدىغان تىرانسپورت ئەتىرەتلىرىنى پەقەت قونالغۇۋە ئاز-تولا يېمەك-ئىچمەك، يەم-بوغۇز بىلەنلا تەمىنلەيدىغان ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ،مۇھىم سودا مەركىزى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا باشلايدۇ» (پېتېرخۇپكېرىك: «يىپەك يولىدىكى ئەجنەبىي ئالۋاستىلار»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،1990-يىل 11-ئاي 1-نەشرى 17-بەت). «دۇنخۇئاڭ خەن سۇلالىسىدىن تارتىپلا ئىزچىلتۈردە جۇڭگونىڭ غەربكە بېرىشتىكى ئىشىكى بولۇپ كەلگەن. شۇڭا يىپەك يولىنى بويلاپيولغا چىققانلىكى يولوچىلارنىڭ ھەممىسى دۇنخۇئاڭنى جۇڭگو تەۋەسىدە توختايدىغان ئەڭئاخىرقى بىر بېكەت ھېسابلايتتى» (پېتېر خۇپكېرىك: «يىپەكيولىدىكى ئەجنەبىي ئالۋاستىلار»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1990-يىل 11-ئاي 1-نەشرى247-، 248-بەتلەر). «دۇنخۇئاڭ يىپەك يولىنىڭ شىمالىي لىنىيىسى بىلەنجەنۇبىي لىنىيىسىنىڭ ئۇچىرىشىش نۇقتىسى بولغانلىقتىن، قۇرۇقلۇق يولى بىلەن جۇڭگوغابارىدىغان ۋە جۇڭگودىن چىقىدىغان يولۇچىلارنىڭ ھەممىسى بۇ يەردىن ئۆتۈشكە مەجبۇربولاتتى... ئۇنىڭ بازارلىرى تىرانسپورت ئەتىرىتىدىكىلەرنى غەربتىكى داڭلىقتاشقوۋۇق دەرۋازىسىدىن ئۆتۈپ تەكلىماكاندىكى بىرىنچى بوستانلىققا يېتىپ بېرىشىئۈچۈن زۆرۈر بولغان زاپاس ئاشلىق ۋە سۇلارنى تەييارلىۋېلىشىغا ئەڭ ئاخىرقى بىرقېتىم پۇرسەت يارىتىپ بېرەتتى» (پېتېر خۇپكېرىك: «يىپەكيولىدىكى ئەجنەبىي ئالۋاستىلار»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1990-يىل 11-ئاي 1-نەشرى248-بەت) دەيدۇ. ئىپتىدائىي مال-مۈلۈك چۈشەنچىسى ۋە بوستانلىقلار ئاساسىدا مەيدانغاكەلگەن ئالماشتۇرۇش مۇناسىۋىتى ئىپتىدائىي جەمىئىيەتنىڭ يىمىرىلىش باسقۇچىغاكەلگەندە تېخىمۇ تەرەققى قىلدى ۋە راۋاجلىنىپ، «ئاتلىقلار مەدەنىيىتى يولى»،«بىرونزا يولى»، «شىمالىي يايلاق يولى»، «ياقۇت سودا يولى»، «قاشتېشى يولى» دېگەنگەئوخشاش بىرقاتار ئالماشتۇرۇش سېستىمىلىرى بارلىققا كەلدى ھەم بىر گەۋدىلىشىشيولىغا قاراپ ماڭدى.
بۇندىن 12 مىڭيىل ئىلگىرىكى دەۋرگە كەلگەندە يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنىگە جايلاشقان ئوتتۇرا ئاسىياۋە ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى بەزى رايونلار يېڭى بىر مەدەنىيەت دەۋرى-ئات مەدەنىيىتىدەۋرىگە قەدەم قويدى (چيەنداۋ شىنسى: «يىپەك يولىدىكى 99 سىر»، شىنجاڭياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 1986-يىل 4-ئاي 1-نەشىرى 26-بەت). ئات مەدەنىيىتىنىڭبارلىققا كېلىشى ئىنسانىيەت قاتناش ئىشلىرى تارىخىدىكى بۈيۈك بىر نامايەندە بولۇپ،ئۇنىڭ بارلىققا كېلىشى يىپەك يولىنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىشى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن ئۈچجەھەتتىن رول ئوينىدى.
بىرىنچى،ئات مەدەنىيىتىنىڭ بارلىققا كېلىشى بايلىق مەنبەسى ۋە ئەرزان باھالىق ئەمگەككۈچىگە ئېرىشىش كويىدا يۈرگەن بىرقىسىم ھەربى گۇرۇھلار ۋە ھۆكۈمرانلار سىنىپىنىيىراققا يۈرۈش قىلغۇچى ئاتلىق قوشۇن بىلەن تەمىن ئەتتى. بىر تۈركۈم ھەربى گۇرۇھلارۋە ھۆكۈمران سىنىپلار زور تۈركۈمدىكى ئاتلىق قوشۇن تەشكىللەپ يىراققا يۈرۈش قىلىشئۇرۇشىنى باشلىۋەتتى. نەتىجىدە، بىر مەھەل موڭغۇل ئېگىزلىكىدىن دېنېپېردەرياسىغىچە، ئارال كۆلىدىن ھىندى ئوكيان ۋە قىزىل دېڭىز قىرغاقلىرىغىچە بولغانكەڭ رايونلارنى ئۇرۇش ئوتى قاپلاپ، ئىنسانلار دۇنياسىدا يېڭى بىر خىلمۇناسىۋەت-بېقىندۇرۇلغان ئەل بىلەن بېقىندۇرغۇچى كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكىبېقىنىش-بېقىندۇرۇش مۇناسىۋىتى بارلىققا كەلدى. بېقىندۇرغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭئالدىنقى سەپ قىسىملىرىنى تەمىنات بىلەن تەمىنلەش ۋە بېقىندۇرۇلغان خەلقلەر بىلەنبولغان تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئاتلىق قىسىم ئۆتۈپ ماڭغان ھەر بىرئۇرۇش لىنىيسىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىغا يېڭى ھەربى قورغان ۋە ئۆتەڭلەرنى تەسىس قىلدى.بۇنداق ھەربى كۈچ ئاساسىغا قۇرۇلغان يېڭى يوللاردىن ئالدىنقى سەپ جەڭ مەيدانلىرىغاياردەمچى قوشۇنلار، ھۆكۈمەت ئەلچىلىرى، قۇل سودىگەرلىرى ۋە بايلىق توشۇغۇچىلارتوپ-توپى بىلەن ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. بۇ ھەقتە ماركىس: «ئۇرۇشنىڭ ئۆزىمۇ ۋەھشىلەرچەبويسۇندۇرغۇچى مىللەتلەر ئۈچۈن بىر خىل دائىملىق ئالاقە شەكلى بولۇپ قالدى» (ۋاڭ جىلەي: «ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى» 1-توم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،1993-يىل 4-ئاي 1-نەشرى 156-بەت) دەيدۇ. شۇنداق قىلىپ ئات مەدەنىيىتى راساگۈللەنگەن دەۋرگە كەلگەندە ئىلگىرىكى خوشنا رايون ۋە شەھەرلەر ئارا كۈچ ئۇلاپيۈگۈرۈش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلغان مۇناسىۋەت بىرپۈتۈن لىنىيە بويىچە، ھەتتا،بىرپۈتۈن دۇنياۋى ئىمپېريە دائىرىسىدە تورسىمان لىنىيە بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغانبولدى. ئات مەدەنىيىتى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن دۇنياۋى ئىمپېريىلەر تورسىمانھالدا گىرەلىشىپ كەتكەن كارۋان يوللىرىنى تېنچ مۇھىت ۋە بىر تەكشى گۈللىنىششارائىتى بىلەن تەمىن ئەتتى. تاۋار ئالماشتۇرۇش ۋە پۇل بىرلىكىنىڭ رايونخارەكتېرلىك بىرلىككە كېلىشى دۇنياۋى سودىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تېخىمۇ گۈللىنىشىئۈچۈن ئاساس سالدى.
ئىككىنچىدىن،ئات مەدەنىيىتىنىڭ بارلىققا كېلىشى قەبىلە ۋە مىللەتلەرنىڭ چوڭ كۆچۈشىنى زۆرۈرقاتناش ۋاستىسى بىلەن تەمىن ئەتتى. قەدىمكى زاماندىكى ئىنسانلار ھازىرقىدەك يۇقىرىپەن-تېخنىكا ۋە ئىلمىي چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەس ئىدى. شۇڭا ئۇلار خىلمۇخىل تەبىئىيئاپەت ۋە ھەر خىل كىلىمات ئۆزگىرىشلىرى ئالدىدا ئامالسىز ئىدى. يات قەبىلىلەرنىڭتوختىماي قىلىپ تۇرغان شىددەتلىك ھەربى ھۇجۇملىرىمۇ ئۇلارنىڭ ھاياتىغا دائىمتەھدىت سېلىپ تۇراتتى. شۇڭا ئۇلارنىڭ يېڭى بىر خاتىرجەم ياشاش مۇھىتى ئىزلىشىگەتوغرا كېلەتتى. ئات مەدەنىيىتىنىڭ بارلىققا كېلىشى ئۇلارنىڭ بۇ ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگەئېشىشى ئۈچۈن مۇھىم شەرتلەرنى ھازىرلاپ بەردى. نەتىجىدە، ئات مەدەنىيىتىنىڭبارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ نۇرغۇنلىغان قەبىلىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرىكى تۇرغۇنلۇقھالىتىگە خاتىمە بېرىپ، توپ-توپى بىلەن كۆچۈشكە باشلىدى. بىراق ئۇلارنىڭ بۇنداقكەڭ كۆلەملىك كۆچۈشى پۈتۈنلەي تەلتۆكۈست بولۇپ كەتمىدى، بەلكى بىرقىسىملىرىئۆزلىرى كۆزلىگەن يېڭى ماكانغا يېتىپ بارغان بولسىمۇ، يەنە بىرقىسىمى كۆچمەنلەربېسىپ ئۆتكەن يول بويلىرىدىكى كىچىك-كىچىك سۇ ياقىلىرىدا قېلىپ، يېڭىبوستانلىقلارنى بىنا قىلىش بىلەن بىرگە، ئەسلى ماكانلىرىدىن كۆچمەنلەر يېتىپبارغان يېڭى يۇرتلارغىچە بولغان ئارىلىقتا يېڭى بىر ئالاقىلىشىش لىنىيەسىنى بەرپاقىلدى. زامانىمىزدا كۇچاردىن قەشقەرغىچە بولغان ئارىلىقتىكى يول بويلىرىدا «ساك»نامى بىلەن ئاتالغان يۇرتلارنىڭ تارقىلىشى بۇنىڭ دەلىلىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇيۇرتلار ئوتتۇرا ئاسىيا ساكلىرىنىڭ چوڭ كۆچۈش دەۋرىدە قالدۇرغان ئىزلىرىدىنئىبارەت.
تارىختائوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىنىڭ بىرقەدەر چوڭراق بولغان كۆچۈشى تۆۋەندىكىچە: ‹1› تۈركىقوۋم ئەجداتلىرنىڭ بىر بۆلىكىنىڭ بۇنىڭدىن 7 مىڭ يىل ئىلگىرىكى زامانلاردا ئوتتۇرائاسىيادىكى ئانا يۇرتىدىن ئايرىلىپ، غەربىي ئاسىياغا كۆچۈشى ۋە ئۇ يەردەسومېرلارنى تەشكىل قىلىشى (يۈسۈپجان ياسىن. «تەڭرىقامچىسى-ئاتتىلا»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىل 9-ئاي نەشرى 175-بەت).‹2› ئارىيانلارنىڭ بۇندىن 5 مىڭ يىل ئىلگىرىكى دەۋردە ئوتتۇرا ئاسىيايايلاقلىرىدىن ھىندىستان ۋادىسىغا كۆچۈشى (قۇربان ۋەلىكىرۇران: «بىزنىڭ تارىخىي يېزىقلىرىمىز»، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى،1986-يىل 6-ئاي 1-نەشىرى 234-بەت). ‹3› ئارىيانلارنىڭ بۇنىڭدىن 4 مىڭ يىلئىلگىرىكى دەۋردىكى قارا دېڭىز ئەتىراپىدىن ئىران ئىگىزلىكى، ئوتتۇرا ئاسىيارايونى ۋە ھىندىستان قاتارلىق جايلارغا كۆچۈشى (چيەنداۋشىنسى: «يىپەك يولىدىكى 99 سىر»، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 1986-يىل4-ئاي 1-نەشىرى 178-، 179-بەت). ‹4› بۇنىڭدىن 4 مىڭ يىل ئىلگىرىكىۋاقىتلاردا تەكلىماكاندا يۈز بەرگەن كىلىمات ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن بىرقىسىمكىشىلەرنىڭ ھىندىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە موڭغۇل ئېگىزلىكىگە كۆچۈشى (ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنىسا سىدىق: «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭتارىخى »، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1991-يىل 11-ئاي نەشرى 58-، 59-بەتلەر). بۇلاردىنباشقا كېيىنرەك يۈز بەرگەن كۆچۈشلەردىن يەنە ساكلارنىڭ بۇنىڭدىن 3 مىڭ يىل ئىلگىركىدەۋردىكى، سارماتلارنىڭ ھۇجۇمى تۈپەيلىدىن غەربىي سىبىريە رايونىدىن قارا دېڭىزئەتىراپىغا، ئاندىن، غەربىي ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە گەنسۇ ئەتىراپىغا كۆچۈشى؛مىلادىدىن بۇرۇنقى 330-يىلىدىكى يۇنانلىقلارنىڭ باكتېرىيە رايونىغا كۆچۈشى؛مىلادىدىن بۇرۇنقى 172-يىلىدىكى ياۋچىلارنىڭ كۆچۈشى؛ كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى ئاقھۇنلارنىڭ (ئېفتالىتلار) كۆچۈشى، جۇرجانلارنىڭ كۆچۈشى، گېرمان قەبىلىلىرىنىڭياۋروپاغا كۆچۈشى ۋە تۈركلەرنىڭ كىچىك ئاسىياغا كۆچۈشى قاتارلىقلار بار.
ئۈچىنچىدىن،ئات مەدەنىيىتىنىڭ بارلىققا كېلىشى بىرتۈركۈم چارۋىچى خەلقلەرنىڭ مەلۇم دائىرەبويلاپ دەۋرلىك كۆچۈپ تۇرىشىنى زۆرۈر قاتناش ۋاستىسى بىلەن تەمىن ئەتتى. نەتىجىدە،ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا بىر قىسىم قەبىلىلەرنىڭ قىشتا جەنۇبقا ماڭسا يازداشىمالغا ماڭىدىغان، بىر يىلى شەرققە ماڭسا، بىر يىلى غەربكە ماڭىدىغان دەۋرلىكيۆتكىلىپ تۇرۇش ھالىتى شەكىللەندى ۋە بۇ خىل يۆتكىلىپ تۇرۇش نەتىجىسىدە يولئۈستىدىكى سۇ بويلىرىدا مەھەللە-كەنتلەر ۋە يېڭى بوستانلىقلار مەيدانغا كەلدىھەمدە بۇنداق كەنتلەر بارا-بارا زورىيىپ يېڭى شەھەرلەرگە ئايلىنىپ، يايلاقمىللەتلىرىنىڭ ئالاقىلىشىش يولىدىكى مۇھىم تۈگۈن بولۇپ قالدى. مىللەتلەرنىڭ بۇنداقدەۋرلىك يۆتكىلىپ تۇرىشىنى ھۇن-تۈرك قوۋملىرىنىڭ موڭغۇل يايلاقلىرىدىكىپائالىيەتلىرىدىن  ۋە «ئىسكىف» دەپئاتىلىدىغان خەلقلەرنىڭ ئاسىيا يايلاقلىرىدىكى پائالىيەتلىرىدىن بىرقەدەر ئوچۇقكۆرۈۋېلىش مۈمكىن.
قىسقىسى،يۇقارقىلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى، ئاتچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ راسا گۈللەنگەندەۋرىگە، يەنى، بۇندىن 3-4 مىڭ يىل ئىلگىرىكى دەۋرگە كەلگەندە يىپەك يولى مۇكەممەلبولغان بىر تۇتاش قاتناش لىنىيىسىگە ئايلىنىپ، خەلقئارا سودىنىڭ جان تومۇرىنىتەشكىل قىلىش بىلەن ئاسىيا، ياۋروپا ۋە شىمالىي ئافرىقا قۇرۇقلۇقىنى ئورگانىك ھالداباغلاپ تۇرىدىغان يېڭى بىر سودا-مەدەنىيەت تورىنى شەكىللەندۈردى. «مىسىردىن بۇندىن4 مىڭ يىل ئىلگىرىكى دەۋرگە، مېسۇپوتامىيەدىن بۇندىن 6 مىڭ يىل ئىلگىرىكى دەۋرگەتوغرا كېلىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا قوڭۇر تېشىنىڭ تېپىلىشى» (ب.گ.غاپوروپ:«تاجىكلار تارىخى»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1988-يىل 4-ئاي 1-نەشرى 68-بەت)،«سۈرىيەدىن تېپىلغان، بۇنىڭدىن 3500 يىل ئىلگىرىكى دەۋرگە مەنسۇپ  بولغان تامغىدىكى تىبەت بۇقىسى، قوتاز، قوشلوكىلىق تۆگە» ( ب.گ.غاپوروپ: «تاجىكلار تارىخى»، قەشقەرئۇيغۇر نەشرىياتى، 1988-يىل 4-ئاي 1-نەشرى 67-بەت) قاتارلىق ھايۋانلارنىڭسۈرىتى بۇنى ئىسپاتلايدۇ.
بۇنىڭدىن 4مىڭ يىل ئىلگىرىكى دەۋرگە كەلگەندە ئاتچىلىق مەدەنىيىتى تېخىمۇ تەرەققى قىلىپ،ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىتىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارلىق قاتلاملىرىغا سىڭىپ كىردى ھەم ئاتنىچۆرىدىگەن ھالدا قاتناش قوراللىرى ئىجاد قىلىش ۋە ياساش، ئات ۋە ھارۋا جابدۇقلىرىقول-ھۈنەرۋەنچىلىكى، توشۇش-يۆتكەش سودىسى، يول-كۆۋرۈك ئىشلىرى قاتارلىق كۆپ خىلساھەلەر بىر گەۋدىلەشكەن يېڭى بىر مەدەنىيەت ھادىسىسى بارلىققا كەلدى (يۈسۈپجان ياسىن. «تەڭرى قامچىسى-ئاتتىلا»، شىنجاڭ خەلقنەشرىياتى 2000-يىل 9-ئاي نەشرى 172-بەت). ئاتنىڭ قاتناش-ئالاقىلەردىكىرولى تېخىمۇ گەۋدىلىنىپ، كۆچمەن مىللەتلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم قاتناش قورالى بولۇپقالدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ يىپەك يولىنىڭ تاڭ نۇرى رەسمى باشلاندى. بۇ دەۋردە يىپەكيولىنىڭ ئاساسىي فۇنكىتسىيسى ئىلگىرىكى ھەربى كۈچلەرنى مۇستەھكەملەش، يېڭىمۇستەملىكىلەرنى بويسۇندۇرۇش ۋە زۆرۈر بولغان ياشاش مۇھىتى يارىتىشتىن سودا ۋەمەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشقا ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن موڭغۇل ئېگىزلىكىدىن يۇنانىستان ۋەشىمالىي ياۋروپا تۇپىراقلىرىغىچە، چاڭئەندىن رىمغىچە، تارىم ۋادىسىدىنھىندىستانغىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىن مېسۇپوتامىيە ۋە مىسىرغىچە بولغان بىر پۈتۈنقاتناش لىنىيسىدە ھەر خىل سودا كارۋانلىرى قاتناپ تۇرىدىغان، شەرق مەدەنىيىتىبىلەن غەرب مەدەنىيىتى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇلىدىغان بىر خىل ۋەزىيەت مەيدانغا كەلدى.بۇنىڭدىن 4 مىڭ يىل ئىلگىركى دەۋردىلا ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن ئافرىقا ۋە ياۋروپامىللەتلىرى ئوتتۇرىسىدا تۈرلۈك ئالاقىلار رەسمىي شەكىللەندى ھەم ئوتتۇرا ئاسىياكۆچمەنلىرى ئۇ جايلارغا كۆچۈپ بېرىپ، تۈرلۈك تەشكىلىي قۇرۇلمىلاردا ئۆز تەسىرىنىكۆرسەتتى (يۈسۈپجان ياسىن. «تەڭرى قامچىسى-ئاتتىلا»،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىل 9-ئاي نەشرى 178-، 179-بەتلەر). ئوتتۇرائاسىيا رايونلىرى بىلەن ئۇنىڭ غەربىدىكى رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى تۈرلۈك ئالاقەمۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىتىلىشىدا بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ۋە يۇنانرايونىدا يېڭىدىن باش كۆتەرگەن دۇنياۋى ئىمپېريىلەرنىڭ رولى ئالاھىدە چوڭ بولدى.بۇ جەھەتتە ئەڭ ئاۋال ئاسسىرىيەلىكلەرنى (سۈرىيە. مىلادىدىن بۇرۇنقى 12-ئەسىردەيەھۇدىلار قۇرىغان دۆلەت بولۇپ، زېمىنى قىزىل دېڭىزى، ئەدەن قولتۇقى ۋە ھىندىئوكيانغا تۇتاشقان)، ئاندىن پارىسلار بىلەن يۇنانلىقلارنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ.يەنى، مىلادىدىن بۇرۇنقى 12-ئەسىردىلا ئاسسىرىيەلىكلەر بىلەن باكتىىريەئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئالاھىدە يۇقىرى دولقۇنغا كۆتىرىلگەنبولۇپ، ئاسسىرىيەلىك بىر ئەلچىنىڭ ئۆز پادىشاھىغا يازغان بىر پارچە مەكتۇبىدا:«ئەي پادىشاھى ئالەم، باشپاناھىم، قارا قوڭۇر تاش ھەققىدە سىز ‹ئۇلار قارا قوڭۇرتاشنى ماڭا ئەكىلىپ بەرسۇن› دەپ تەلەپ قويغان ئىدىڭىز. سىز باشپاناھىمغا ئەمدىمەلۇم بولسۇنكى، مەن تاغقا بېرىپ قارا قوڭۇر تاشنى ئالاي دەپ تۇرۇشىمغا بۇ دۆلەتقوزغىلىپ ماڭا قارىشى چىقتى. ئەگەر ئىجازەت بەرسىڭىز، كاتتا قوشۇن ئەۋەتىپ قاراقوڭۇر تاشنى تارتىۋېلىشنى ئۆتۈنىمەن...» (ب.گ.غاپوروپ:«تاجىكلار تارىخى»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1988-يىل 4-ئاي 1-نەشرى 68-، 69-بەت)دېيىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئىران ئېگىزلىكىدە مىلادىدىن بۇرۇنقى 8-ئەسىرلەردە باشكۆتەرگەن پېرسىيە ئىمپېريىسىمۇ بۇنداق مۇناسىۋەتلەرنى ئالاھىدە يۇقىرى دولقۇنغاكۆتۈرگەن بولۇپ، پېرسىيە ئىمپېراتۇرى دارا تەرىپىدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 6-ئەسىردەئورنىتىلغان «شوش (سوز) شەھىرى ئابىدە تېشى» دىمۇ «پارىس ئىمپېراتۇرلىرىنىڭئوتتۇرا ئاسىيادىن يۇنانىستانغىچە بولغان جايلارنى بويسۇندۇرغانلىقى ۋە شوش شەھىرىقۇرۇلۇشى ئۈچۈن بويسۇندۇرۇلغان رايونلاردىكى بارلىق خەلقلەرنىڭ ۋەكىللىرىقاتناشقان» ( ب.گ.غاپوروپ: «تاجىكلار تارىخى»، قەشقەرئۇيغۇر نەشرىياتى، 1988-يىل 4-ئاي 1-نەشرى 87-بەت) لىقى  توغرىسىدا بايانلار بار. يۇنانلىقلارمۇ ئەڭكېچىككەندە مىلادىدىن بۇرۇنقى مىڭىنچى يىللار ئەتىراپىدا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغاكەلگەن ۋە بۇ رايونلار ھەققىدە مەلۇمات قالدۇرۇشقا باشلىغان بولۇپ، شەرقتەسوغدىلارنىڭ رولى قانداق بولسا غەربتە يۇنانلىقلار شۇنداق رول ئوينىغان. تارىخىيمەلۇماتلارغا قارىغاندا، مىلادىدىن بۇرۇنقى 10-ئەسىردە ئۆتكەن يۇنانلىق ئەما شائىرھومېر تەرىپىدىن يېزىلغان مەشھۇر داستان «ئودېسسا» دا: «تۈرلۈك تۆمۈرلەر ئىچىدەسېرىسنىڭ تۆمۈرى بەك ئېسىل. سېرىسلار ھەر خىل يىپەك ماللارغا قوشۇپ،كۆن-قىرىملارنىمۇ بىزگە ئىمپورت قىلىدۇ» (ئىمىن تۇرسۇن: «تارىمدىنتامچە»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1990-يىل 6-ئاي 1-نەشرى 448-بەت) دەپيېزىلغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 7-8-ئەسىرگە كەلگەندە تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىگەجايلاشقان قەشقەر شەھىرى شەرقتىكى ئەڭ داڭلىق شەھەرلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان بولۇپ،بۇ يەرگە دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىن، جۈملىدىن گېرىتسىيە ۋە رىم قاتارلىق جايلاردىنساياھەتچىلەر ۋە سودا كارۋان ئەتىرەتلىرى كېلىپ تۇرغان. «مىلادىدىن بۇرۇنقى7-ئەسىردە گېرىتسىيەدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا سەپەر قىلغان تۇنجى سەيياھ ئارىستان ئىدى.‹ئاسپايا› ناملىق داستاندا ئۇنىڭ پائالىيىتى قەيت قىلىنغان» ( ئىمىن تۇرسۇن: «تارىمدىن تامچە»، مىللەتلەر نەشرىياتى،1990-يىل 6-ئاي 1-نەشرى 445-بەت). مىلادىدىن بۇرۇنقى 5-ئەسىردە ئۆتكەنيۇنان تارىخچىسى ھېرودۇتمۇ ئۆزىنىڭ «تارىخ» ناملىق ئەسىرىدە، «شەرقتە تەركيانۇس دېگەنشەھەرنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىدىم، بۇ شەھەر ناھايتى چوڭ بولۇپ، كوچا-رەستىلىرى ئاۋاتئىكەن، دەپ يازغان. ئۇيغۇر تارىخچىسى موللا مۇسا سايرامىمۇ ‹تارىخى ئەمىنىيە›دەتۇرپاننىڭ قەدىكى نامى ‹تەرسۇس ئىدى› دەپ يازغان» ( ئىمىنتۇرسۇن: «تارىمدىن تامچە»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1990-يىل 6-ئاي 1-نەشرى 548-بەت).بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقان «تەركيانۇس» ۋە «تەرسۇس» سۆزلىرى تۇرپاننىڭ قەدىمكى نامىتوغىرىسىدىكى رىۋايەتلەردە قەيت قىلىنغان «دەقيانۇس» سۆزىنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلىدىنئىبارەت بولۇپ، ئالىملار ھازىر ھېرودۇت تەكىتلەپ ئۆتكەن تەركيانۇس شەھىرىنىڭ تۇرپاندىكىدەقىيانۇس شەھىرى ئىكەنلىلكىنى ئىسپاتلاپ چىقتى.
شەرق-غەربمەدەنىيىتىنىڭ ئالمىشىشىنى ۋە سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىنى ئىسكەندەرزۇلقەرنەيىن (ئالېكساندىر ماكودونىسكى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 356-323-يىللارداياشىغان) تېخىمۇ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتەردى. زۇلقەرنەيىن يۇنان مەدەنىيىتىمەسلىكىنىڭ داڭلىق تەرغىباتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن باكتېرىيە رايونىدا غەربمەدەنىيىتى بىلەن شەرق مەدەنىيىتىنىڭ بىرىكمىسى بولغان گاندارا مەدەنىيىتىنىياراتتى. ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىن تېپىلغان، يەرلىك ئۇسلۇبتا ياسالغان ۋېناسنىڭھەيكىلى بۇنىڭ دەلىلىدۇر.
ئەمدى بىزدىققىتىمىزنى بۇراپ شەرق دۇنياسىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، شەرق دۇنياسىدىكىئەھۋاللارنىڭمۇ غەرب دۇنياسىدىن ئانچە پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى، يايلاق مىللەتلىرىبىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئوتتۇرىسىدىمۇ خېلى بۇرۇنلا ھەر خىل مۇناسىۋەتلەرنىڭئېلىپ بېرىلغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.
جۇڭگو ئات مەدەنىيىتى بىرقەدەر كېيىنرەك مەيدانغا كەلگەن ۋە راۋاجلىنىشىمۇ ئانچە مۇكەممەلبولمىغان دۆلەت. شۇنداقتىمۇ تارىخ بىزگە شۇنى ئىسپاتلاپ بەردىكى، يايلاقمىللەتلىرى بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئوتتۇرىسىدىكى ھەر خىل باردى-كەلدى مۇناسىۋەتئەڭ كېچىككەندىمۇ بۇندىن 6-7 مىڭ يىللار ئىلگىرىكى دەۋرلەردە باشلانغان ھەمئىجابىي ياكى سەلبىي تەرەپلەردىن ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن. «‹تارىخنامە. بەش خانشەجەرىسى› دە خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى سېرىق تەنلىكلەر خانى ھۇنلارنىشىمالغا قوغلىغان، دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ. بۇ رىۋايەتتىكى ۋەقەنىڭ يىل-دەۋرىمىلادىدىن ئىلگىرىكى 6000-يىللارغا توغرا كېلىدۇ» (قۇربانۋەلى كىرۇران: «بىزنىڭ تارىخىي يېزىقلىرىمىز»، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى،1986-يىل 6-ئاي 1-نەشىرى 217-بەت). بىراق ئۇ چاغلاردا بۇ خىل مۇناسىۋەتتە ئوتتۇرائاسىيا يايلاق مىللەتلىرى ئاكتىپ ۋە مونۇپۇل قىلغۇچى ئورۇندا تۇرغاچقا، ئوتتۇرتۈزلەڭلىك رايونى ئۆز ئەتىراپىدىكى رايونلار بىلەن بىۋاستە ئۇچىرىشىش پۇرسىتىگەئىگە بولالمىغان ۋە ئۇلار توغرىلىق ئايرىم رىۋايەتلەردىن باشقا ماتېرىيال قالدۇرالمىغان.«بوستانلىقلاردىكى (تارىم ۋە جۇڭغار ۋادىسىدىكى) ئاھالىلەر سودا كارۋانلىرىنىئۇيۇشتۇرغان ھەم شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرسىدىكى سودىدا ئوتتۇرىدىكى پائالىيەت ئېلىپبېرىش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان» («شىنجاڭ مەدەنىيەتيادىكارلىقلىرى» 1994-يىللىق 1-2 قوشما سان 132-بەت). يايلاق مىللەتلىرىنىڭكۈچلۈك ئاتلىق قوشۇنلىرىنىڭ  دائىم قىلىپتۇرغان ھەربى ھۇجۇملىرى ۋە ئۆزئارا قىلىشىپ تۇرغان قانلىق ئۇرۇشلىرىمۇ ئۇلارنىڭ بۇئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا يول قويمىغان. يەنى بىر تەرەپتىن ھەرقايسى جايلارنىڭجۇغراپىيلىك شارائتىنىڭ ئوخشىماسلىقى، يىپەك يولىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغۇچىلارنىڭباشقا خەلقلەرنىڭ تىل-يېزىقى ۋە ئۆرۈپ-ئادىتىنى بىلمەسلىكى، قاراقچىلارنىڭ تەھدىتىشۇنداقلا ئات-ئۇلاغلارنىڭ بەرداشلىق بېرەلمەسلىكى سەۋەبىدىن يىپەك يولىداتوشۇلىۋاتقان ماللارنىڭ كۆپ قىسىمى، كارۋانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يىپەك يولىنىڭبىر پۈتۈن لىنىيسىنى بېسىپ ئۆتمىگەن. سودا كارۋانلىرى بۇ شەھەردىن ئالغان ماللارنىقوشنا شەھەرلەرگە ئېلىپ بېرىپ باشقا سودا كارۋانلىرىغا سېتىپ، ئاندىن يەنە يېڭىماللارنى ئېلىپ ئۆز شەھەرلىرىگە قايتىپ كەتكەن. شۇڭا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن غەربسودىگەرلىرى ئۆزئارا بىۋاستە ئالاقىلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمىغان. شۇ سەۋەبتىنئۆتتۇرا تۈزلەڭلىك خەلقلىرى خېلى چاغلارغىچە پامىر ۋە پەرغانە رايونلىرىنىڭغەربىدە يەنە نۇرغۇن دۆلەت ۋە خەلقلەرنىڭ بارلىقىدىن خەۋەردار بولالمىغان. ئەممايايلاق مىللەتلىرى بۇندىن 5-6 مىڭ يىل ئىلگىرىكى دەۋرلەردىلا ئۆزلىرىنىڭ قاش تېشى،يۇڭ تۇقۇلمىلىرى قاتارلىق يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى جەنۇبىي جۇڭگو، سېرىق دەرياۋادىسى ۋە لياۋدۇڭ يېرىم ئارىلى قاتارلىق رايونلارغا ئاپىرىپ ئاشلىق قاتارلىق مەسىئۇلاتلارغائالماشتۇرغان ۋە ھەر خىل ئالاقىلەردە بولۇپ كەلگەن. ھازىر ئارخېلوگلار «غەربىيلياۋنىڭدىكى بۇنىڭدىن 5 مىڭ يىل بۇرۇنقى قىزىل تاش مەدەنىيىتى (نېئوخۇلاڭ)خارابىسىدىن قاشتېشىدىن ئىشلەنگەن نەپىس بۇيۇملارنى تاپتى» («شىنجاڭ داشۆ ئىلمىي ژۇرنىلى» 1990-يىللىق 4-سانى 18-بەت).بۇ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ئۆزئارا ماددىي بۇيۇم ئالماشتۇرۇشىغادائىر ئەڭ بۇرۇنقى مەلۇمات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشق  «خۇاڭخې دەرياسىغا قوشۇلىدىغان ۋېيخې دەرياسىھاۋزىسىدا مىلادىدىن بۇرۇنقى 2000-يىللاردا رەڭلىك ساپال بۇيۇملارمەدەنىيەتى-ياڭشاۋ مەدەنىيىتى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ۋ.ئىبىرخارد بۇ مەدەنىيەتنىڭغەربىي ئاسىيا مەنبەلىك ئىكەنلىكىنى، بۇ ئىككى رايون ئوتتۇرىسىدا تۈركىي تىللىقخەلقلەرنىڭ ۋاستىسى بىلەن مەدەنىيەت ئالاقىسى بولغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى» (يۈسۈپجان ياسىن. «تەڭرى قامچىسى-ئاتتىلا»، شىنجاڭ خەلقنەشرىياتى 2000-يىل 9-ئاي نەشرى 165-بەت). «كالىندارغا ئائىت تەتقىقاتلارمۇبابىل ئاستىرونومىيسىنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى 1500-يىللاردا جۇڭگوغا تارقالغانلىقىنىكۆرسەتتى» (يۈسۈپجان ياسىن. «تەڭرى قامچىسى-ئاتتىلا»،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىل 9-ئاي نەشرى 166-بەت). «1976-يىلىئەتىيازدا جۇڭگو پەنلەر ئاكىدېمىيىسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭئارخېئولوگىيە خادىملىرى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ نەنياڭ شەھىرى ئەتىراپىدىكى شاۋتۈسۈنكەنتىدە شاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت يىن خارابىسىدىن ‹فۇخاۋ قەبىرىسى›نى قازغان.ئۇنىڭدىن نۇرغۇن يادىكارلىقلار بىلەن بىللە 750 دانە قاشتېشى بۇيۇملىرى تېپىلغان.دەسلەپكى باھالاش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 300 دانىسى يۇمشاققاشتېشى بولۇپ، تولىسى شىنجاڭ قاشتېشى ئىكەن. ئۇلارنىڭ يىل-دەۋرى تەخمىنەنمىلادىدىن بۇرۇنقى 21-ئەسىردىن 16-ئەسىرگىچە بولۇپ، ھازىرقى ۋاقىتتىن تەخمىنەن 3-4مىڭ يىللار بۇرۇنقى دەۋرگە توغرا كېلىدۇ» («شىنجاڭ مەدەنىيەتيادىكارلىقلىرى» 1995-يىللىق 1-2 قوشما سانى 156-بەت). ئالىملار گەنسۇنىڭشەرقىي قىسىمىدىكى يېڭى تاش قوراللار دەۋرىگە ئائىت بىر قەدىمىي قەبرىدىن ۋەمىلادىدىن بۇرۇنقى 14-ئەسىردىكى يىن خاراببىسىدىن نەپىس ئۇسۇلدا ياسالغان قاشتېشىبۇيۇملىرىنى تاپقان بولۇپ، بۇلارنىڭ خوتەن قاشتېشى ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى.ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «دى قەبىلىسىنىڭ ئات مىنىش تېخنىكىسى شيا (مىلادىدىن بۇرۇنقى2140--يىللار1711)، شاڭ (مىلادىدىن بۇرۇنقى 1711-1066-يىللار) دەۋرىدە ئوتتۇراجۇڭگو رايونىغا تارقالغان (ئىمىن تۇرسۇن: «تارىمدىنتامچە»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1990-يىل 6-ئاي 1-نەشرى 97-بەت).  سى ماچيەن تەرىپىدىن يېزىلغان «تارىخىيخاتىرىلەر»نىڭ «2-جىلىد. شيا خانلىرى تەزكىرىسى»دە: «كۆنچىلىك قىلىدىغان، يۇڭدىنرەخت توقۇيدىغان كۇنلۇن، شىجىژ، چۇسۇۋ، غەربىي روڭ قاتارلىق غەربتىكى ئەللەرنىڭھەممىسى يۈنىڭ خىزمىتىدىن مەمنۇن بولۇپ ئۆز خىزمىتىنى داۋاملاشتۇردى.» (سىماچيەن: «تارىخىي خاتىرىلەر»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،1987-يىل 9-ئاي 1-نەشرى 33-بەت) دېيىلگەن. بۇ بىر رىۋايەت بولسىمۇ، مەلۇممەنىدىن ئېيتقاندا يەنە بەلگىلىك تارىخىي قىممەتكە ئىگە. كۇڭ ئەنگۇ ئەپەندى بۇمەلۇماتلار ئۈستىدە توختۇلۇپ: «شىجىژ، كۇنلۇن، چۇسۇۋ، غەربىي روڭ قاتارلىق بۇ تۆتئاقساقاللىق چۆللۈكنىڭ سىرىتىدا بولۇپ، كۆچمە قۇم دائىرىسى ئىچىدە» (سىماچيەن: «تارىخىي خاتىرىلەر»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،1987-يىل 9-ئاي 1-نەشرى 36-بەت) دەيدۇ. ئەمىلىيەتتە يۇقارقى رىۋايەتكەتارىخىي ۋە جۇغىراپىيلىك ئەمىلىيەت نۇقتىسىدىن چىقىپ، تېخىمۇ ئوبېكتىپ ۋەئەتىراپلىق مۇئامىلە قىلساق، بۇ يەردە ئېيتىلغان كۇنلۇن ھەرگىزمۇ بىر ئاقساقالنىڭنامى بولماستىن، بەلكى، غەربىي روڭلارنىڭ كۇئېنلۇن تېغى ئەتىراپىدا ياشايدىغان بىرتارمىقىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئاتىلىشى بولۇپ، چۆللۈكنىڭ سىرىتى ھازىرقى قۇمۇلدىن ئىچكىموڭغۇل ۋە گەنسۇغىچە بولغان چوڭ چۆللۈكنىڭ غەربىنى، كۆچمە قۇملۇق بولسا لوپنۇردىنخوتەننىڭ لوپ ناھىيەسىگىچە سوزۇلغان قەدىمكى لوپ قۇملۇقىنى كۆرسىتىدۇ.يۇقارقىلاردىن بىز بۇندىن 6-7 مىڭ يىل ئىلگىرىكى دەۋرلەردىلا غەربىي رايون بىلەنئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئوتتۇرىسىدا بىر ئالاقە لىنىيسىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنىبىلىۋالالايمىز. بۇنداق مۇناسىۋەت بۇندىن 3 مىڭ يىل ئىلگىرىكى دەۋرگە كەلگەندەتېخىمۇ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتىرىلىپ، تارىم ۋادىسىدىن ھىندىستانغا بارىدىغان لىنىيەبىلەن تۇرتاشتۇرۇلغان. پامىر رايونىدا پەيدا بولۇپ راۋاجلانغان مۇقەددەس تەڭرىئانا ئوماي ھەققىدىكى رىۋايەت مۇشۇ يول بىلەن تارقىلىپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى11-ئەسىردە بىرلا ۋاقىتتا جۇڭگو ۋە ھىندىستان مەنبەلىرىدە تىلغا ئېلىنغان (قۇربان ۋەلى كىرۇران: «بىزنىڭ تارىخىي يېزىقلىرىمىز»، شىنجاڭياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 1986-يىل 6-ئاي 1-نەشىرى 55-، 56-بەتلەر). «مىلادىدىنبۇرۇنقى 4-ئەسىرگە كەلگەندە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىنىڭ يىپەك ماللىرىھىندىستانغا توشۇپ بېرىلغان» (ئىمىن تۇرسۇن: «تارىمدىنتامچە»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1990-يىل 6-ئاي 1-نەشرى 448-بەت). بۇ ھەقتە «ھىندىستاندائۆتكەن گاندىراگوپتا پادىشاھ زامانىسىدا، چوڭ سودىگەر چادريە يازغان‹سىياسىيئىشلار ھەققىدە› دېگەن كىتابتا: ‹چىنادىن چىقىدىغان ئورام-ئورام يىپەكلەر› دەپقەيت قىلىنغان.» ( ئىمىن تۇرسۇن: «تارىمدىن تامچە»،مىللەتلەر نەشرىياتى، 1990-يىل 6-ئاي 1-نەشرى 448-بەت).
قىسقىسى،يۇقارقىلاردىن بىز شۇنى ئېيتالايمىزكى، مىلادىدىن بۇرۇنقى 11-، 10-ئەسىرلەردىلائوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن كەڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى، موڭغۇل يايلاقلىرى، غەربىيئاسىيا، ھىندىستان، يۇنانىستان، مىسىر ۋە تېخىمۇ يىراقتىكى جايلار ئوتتۇرىسىدا بىرپۈتۈن مۇناسىۋەت تورى شەكىللەنگەن شۇنداقلا بۇنداق مۇناسىۋەتتە كۆپىنچە قوشنابولمىغان ھەرقايسى رايونلار ئۆزئار بىۋاستە ھالدا ئالاقىلىشىش ۋە ئۇچۇرىشىشپۇرسىتىگە ئىگە بولماستىن بەلكى مەركىزىي ئاسىيا يالاق مىللەتلىرى ۋاستىچىلىك رولئوينىغان شۇنداقلا ھەرقايسى رايونلار ئارا مۇناسىۋەت تۆۋەندىكى بىرقانچە لىنىيەبويىچە ئېلىپ بېرىلغان:
بىرىنچى،شىمالىي جۇڭگو رايونىدىن موڭغۇل ئېگىزلىكىگە بارىدىغان يول. بۇ يول شىمالىي جۇڭگورايونىدىكى چوڭ شەھەرلەردىن باشلىنىپ، ئوردۇس يايلىقى ئارقىلىق سېرىق دەريانىكېسىپ ئۆتۈپ موڭغۇل ئېگىزلىكىگە، ئاندىن، سېلىنگا دەرياسى ۋادىسى ۋە بايقال كۆلىئەتىراپلىرىغا بارىدۇ.
ئىككىنچى،موڭغۇل ئېگىزلىكىدىن شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىغا بارىدىغان يول. بۇ يوليەنە ئۆز ئىچىدىن ئۈچ تارماق يولنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ‹1› سېلىنگا دەرياسىۋادىسىدىن باشلىنىپ ئۇرخۇن ۋادىسى، خاڭگاي تېغى، قۇبدۇ ئارقىلىق ئالتاي تېغىنىكېسىپ ئۆتۈپ ئىككىگە بۆلۈنىپ، بىرى ئۇلۇنگۇر دەرياسى، چۆچەك، پەرغانە ئويمانلىقىۋە ئىسسىق كۆل ۋادىسى ئارقىلىق ئۆزكەنت، تالاس ۋە بۇخارا قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىياشەھەرلىرىگە؛ يەنە  بىرى ئۇدۇل بەشبالىققابارىدىغان يول. ‹2› بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبىدىن باشلىنىپ، يەنسەي، ئوب دەريالىرىنىڭيۇقىرى ئېقىنى، ئۇرانقاي، ئالتاي تېغىنىڭ شىمالى، زايسان كۆلى ۋادىسى ئارقىلىقئوتتۇرا ئاسىيا شەھەرلىرىگە بارىدىغان يول. ‹3› بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبىدىنباشلىنىپ، سېلىنگا دەرياسىنى كېسىپ ئۆتۈپ موڭغۇل ئېگىزلىكىگە، ئاندىن قاراخوتۇ(ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلدىكى ئېجىن خوشۇنى) ئارقىلىق چوڭ قۇملۇقنى (گۇبى چۆلى) كېسىپئۆتۈپ بەشبالىققا كېلىدىغان يول.
ئۈچىنچى،ئوتتۇرا ئاسىيادىن روسىيە يايلاقلىرى ۋە شەرقىي ياۋروپاغا بارىدىغان يول. بۇ يولئۆز ئىچىدىن ئۈچ تارماق يولنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ‹1› بۇخارادىن چىقىپ سىبىريەنىڭجەنۇبى، ئارال كۆلى ۋە كاسپى دېڭىزىنىڭ شىمالى قىرغىقى ئارقىلىق بولغارىيە،گېرىتسىيە ۋە كىچىك ئاسىيا قاتارلىق جايلارغا بارىدىغان يول. ‹2› بۇخارا ياكىسەمەرقەنتتىن باشلىنىپ ئامۇ دەرياسىنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئارال كۆلى بىلەن كاسپىدېڭىزىنىڭ ئارىلىقى ئارقىلىق رۇس يايلاقلىرىغا، ئاندىن، قارا دېڭىزنىڭ شىمالىتەرىپى ئارقىلىق شەرقى ياۋروپا ۋە كىچىك ئاسىيا قاتارلىق جايلارغا بارىدىغان يول.‹3› ئوتتۇرا ئاسىيا شەھەرلىرىدىن باشلىنىپ، خۇراسان رايونى ۋە كاسپى دېڭىزىنىڭجەنۇبى ئارقىلىق كاۋكاز تېغىدىن ئۆتۈپ رۇس يايلاقلىرىغا، ئاندىن، قارا دېڭىزنىڭشىمالى ئارقىلىق شەرقىي ياۋروپا ۋە كىچىك ئاسىياغا بارىدىغان يول.
تۆتىنچى، موڭغۇلئېگىزلىلكىدىن قارا دېڭىز بويلىرىغىچە بولغان ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭشىمالىدىكى يايلاقلارنى كېسىپ ئۆتىدىغان «يايلاق يىپەك يولى» («قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 1995-يىللىق4-سانى 78-بەت).
بەشىنچى، ئوتتۇرائاسىيادىن كىچىك ئاسىيا ۋە شەرقىي ياۋروپاغا بارىدىغان يول. بۇ يول يەنە ئۆزئىچىدىن ئىككى تارماققا بۆلۈنىدۇ. ‹1› ئوتتۇرا ئاسىيا شەھەرلىرىدىن باشلىنىپ،خۇراسان، ئىران ئېگىزلىكىنىڭ شىمالى، كاسپى دېڭىزىنىڭ جەنۇبىئارقىلىق كىچىك ئاسىياۋە شەرقىي ياۋروپاغا بارىدىغان يول. ‹2› ئوتتۇرا ئاسىيا شەھەرلىرىدىن باشلىنىپ،ئىران ئېگىزلىكى، مېسۇپوتامىيە ئارقىلىق سۈرىيەگە، ئاندىن، شىمالغا بۇرۇلۇپ كىچىكئاسىيا ۋە شەرقىي ياۋروپاغا بارىدىغان يول.
ئالتىنچى،ئوتتۇرا ئاسىيادىن مىسىرغا بارىدىغان يول. بۇ ئوتتۇرا ئاسىيا شەھەرلىرىدىنباشلىنىپ، ئىران ئېگىزلىكىنى كېسىپ ئۆتۈپ مېسۇپوتامىيەگە، ئاندىن، سۈرىيە،پەلەستىن، سىناي يېرىم ئارىلى ئارقىلىق مىسىرغا بارىدىغان بىرلا تارماق يولدىنئىبارەت.
يەتتىنچى،ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىن ھىندىستانغا بارىدىغان يول. بۇ يولئۆز ئىچىدىن ئۈچ تارماق يولغا بۆلۈنىدۇ. ‹1› ئوتتۇرا ئاسىيا شەھەرلىرىدىنباشلىنىپ، ئىران ئېگىزلىكىنىڭ شەرقى تەرىپى ئارقىلىق ھىندى دەريا ۋادىسىغا،ئاندىن، ھىندىستاننىڭ قەدىمىي شەھەرلىرىگە بارىدىغان يول. ‹2› ئوتتۇرا ئاسىيا ۋەجەنۇبىي شىنجاڭ رايونلىرىدىكى چوڭ شەھەرلەردىن باشلىنىپ، پامىرنىڭ غەربى ئارقىلىقسىرناگارغا، ئاندىن، لاداق يولى ئارقىلىق شىملادىن ئۆتۈپ ھىندىستاننىڭ قەدىمىيشەھەرلىرىگە بارىدىغان تاغ يولى. ‹3› يەركەندىن باشلىنىپ، گۇما ئارقىلىق قاراقۇرۇمتېغىنى كېسىپ ئۆتۈپ، لاداق يولى بىلەن شىملا ۋە ئۇنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارغابارىدىغان يول.
سەككىزىنچى،شەرقىي ياۋروپا رايونىدىن پولشا ۋە بالتىق دېڭىزى ئەتىراپىغا بارىدىغان يول.
توققۇزىنچى،شىمالىي جۇڭگو رايونىدىن شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا بارىدىغان يول. بۇ يولئىلگىرى ئېيتىلىپ كېلىنىۋاتقان ئەنئەنىۋى يىپەك يولى بولۇپ، ئۇ يەنە ئۈچ تارماقيولنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ‹1› چاڭئەندىن چىقىپ دۇنخۇاڭغا، ئاندىن قۇمۇل، بارىكۆلئارقىلىق تەلكىنى كېسىپ ئۆتۈپ ئىلى ۋادىسى ۋە قورغاس ئېغىزى ئارقىلىق پەرغانەۋادىسىغا بارىدىغان شىمالىي يول. ‹2› چاڭئەندىن چىقىپ دۇنخۇاڭغا، ئاندىن قۇمۇل،تۇرپان، قاراشەھەر، كۇچار، ئاقسۇ، قەشقەر ئارقىلىق پامىرنى كېسىپ ئۆتۈپ ئوتتۇرائاسىيادىكى بۇخارا قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرگە ياكى ئۈچتۇرپان ئارقىلىق تەڭرى تېغىنىكېسىپ ئۆتۈپ ئىسسىق كۆل ئەتىراپى ۋە پەرغانە ۋادىسىغا بارىدىغان شىمالىي يول. ‹3›چاڭئەندىن چىقىپ دۇنخۇاڭغا، ئاندىن رۇرەن، چارقىلىق، چەرچەن، نىيە، كېرىيە، خوتەن،يەركەن، قەشقەر، تاشقورغان ئارقىلىق پامىرنى كېسىپ ئۆتۈپ ئوتتۇرا ئاسىياشەھەرلىرىگە بارىدىغان شىمالىي يول.
بۇلاردىنباشقا يەنە ھەرقايسى لىنىيەلەرنى باغلاپ تۇرىدىغان ئۇششاق يوللارمۇ بولۇپ،ئۇلارنىڭ رولىنىمۇ كىچىك مۆلچەرلەشكە بولمايدۇ.
 
5. يىپەكيولىنىڭ ئېچىلىشى ۋە ئۇنىڭ لىنىيەسى ئۈستىدىكى ئىلگىركى قاراشلارغا رەددىيە
 
ئېچىلىش جەھەتتە:
بىرىنچى،«جاڭ چيەن ئاچقان» دېگەن قاراشقا رەددىيە.
بۇجەھەتتىكى رەددىيىمىزنى تۆۋەندىكى تۆت جەھەتتىن ئاساسلايمىز. ‹1› خەن سۇلالىسىھۆكۈمىتى ياۋچىلار بىلەن ئىتىپاق تۈزۈپ، ھۇنلارغا زەربە بېرىش مەقسىدىدە جاڭچيەننى پەرغانە قاتارلىق جايلارغا ئەۋەتكەن بولۇپ، ئەگەر، ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەنخەن سۇلالىسى ئوتتۇرىسىدا جاڭ چيەندىن ئىلگىرى بىرەر ئالاقە لىنىيسى ۋە ئالاقەۋاستىسى بولمىغاندا، خەن سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ گەنسۇدىن غەربكە كۆچكەن ياۋچىلارنىڭقەيەرلەرگە بېرىپ ماكانلاشقانلىقىنى بىلىشىنى ۋە پەرغانە توغرىسىدا مەلۇماتلارغائىگە بولىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۈمكىن بولمىغان بولاتتى. ‹2› جاڭ چيەنگە يول باشلاپبەرگۈچى تايمىق ئاتا (گۇەنفۇ) دېگەن كىشى غەربىي رايوندىكى ئوغۇز قەبىلىلىرىدىنبولۇپ، ئەگەر ئەينى دەۋردە ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن خەن سۇلالىسى ئوتتۇرىسىدا بىرەرئالاقە لىنىيسى بولمىغان ۋە ئۇ كىشى بۇ لىنىيە بويىدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭجۇغراپىيلىك ئەھۋالى، قەبىلىلەرنىڭ ئورۇنلىشىشى، تىل-يېزىقى، ئۆرۈپ-ئادىتىقاتارلىقلاردىن خەۋەرسىز بولغان شۇنداقلا بۇ يولدا بىرنەچچە قېتىم مېڭىپ باقمىغانبولسا، خەن سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ بىر دۆلەت دەرىجىلىك ئەلچىلەر ئۆمىكىگە ئۇ كىشىنىيول باشلىغۇچى قىلىپ بەلگىلىشى مۈمكىن بولمىغان بولاتتى. ‹3› ياپونىيە ئالىمىكوجيۇخافۇ ئەپەندى «يىپەك يولى ۋە ياپونىيە» ناملىق ماقالىسىدە «بوستان يولىنىڭئاخىرقى نۇقتىسى شەرقتىكى چاڭئەن(شىئەن) بىلەن غەربتىكى رىم ئىدى، كېيىنچەشەرقتىكى نۇقتىسى لوياڭ، غەربتىكى نۇقتىسى ۋىزانتىيە (كونىستانتىننوپۇل) بولغان.بۇ يولنىڭ ئومومىي ئۇزۇنلىقى 9000 كىلومېتىردىن ئۇزۇن بولۇپ، نۇرغۇن خەتەرلىكرايونلاردىن ھالقىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى» («شىنجاڭمەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى» 1994-يىللىق 1-2 قوشما سان 132-بەت) دەپ يازىدۇ.ئېلىمىز تارىخچىسى دۇپىڭ ئەپەندىمۇ «ھېرىدۇتىسنىڭ ‹تارىخ› ناملىق ئەسىرىدىكىئوتتۇرا ئاسىياغا دائىر بايانلار ئۈستىدە مۇھاكىمە» ناملىق ماقالىسىدە «خەنسۇلالىسى دەۋرىدىكى ‹يىپەك يولى› ھەرگىزمۇ شۇنداقلا ئوتتۇرغا چىقىپ قالغانبولماستىن، بەلكى ئۇ بۇ سۇلالىدىن ئىلگىركى بىرقانچە ئەسىرلەر داۋامىدا ئوتتۇراشەرقتىن غەربكە بارىدىغان ھەرقايسى ئەل سودىگەرلىرى ئاچقان يولدۇر» (قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 1995-يىللىق4-سان 78-بەت) دەيدۇ. «ياپونىيەلىك چاڭزى خېجۈن ئەپەندى يىپەك يولىنىڭئىنسانلار تارىخىدىكى رولىنى مۇنداق ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلايدۇ: بىرىنچى، يىپەك يولى ياۋروپا-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭقان تومۇرى بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيا تارىخى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي ئوقىدۇر.ئىككىنچى، يىپەك يولى دۇنيانىڭ ئاساسلىق مەدەنىيەت ئانىسىدۇر. ئۈچۈنچى، يىپەكيولى-شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت كۆۋرىكىدۇر» («شىنجاڭ داشۆ ئىلمىي ژۇرنىلى» 1990-يىللىق 4-سان 24-بەت).يۇقارقىلارغا ۋە يىپەك يولىنىڭ ئېچىلىشىغا دائىر ئەمىلىي تارىخ ھەقىقەتلىرىگەئاساسلانغاندا،  جاڭ چيەن بېسىپ ئۆتكەنلىنىيە دۇنيادا ھازىر بىردەك ئېتىراپ قىلىنىپ كېلىنىۋاتقان لىنىيەنىڭ يېرىمىدىنئىبارەت بولۇپ، «يىپەك يولىنى جاڭ چيەن ئاچقان» دېگەنلىك ئەمىلىيەتتە يىپەكيولىنىڭ سودا-ئالاقە، مەدەنىيەت ۋە ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى بىرپۈتۈنلۈكىنى ھەم بۇيولنى بىنا قىلىشقا قاتناشقان باشقا خەلق ۋە كىشىلەرنىڭ تۆھپىسىنى ئىنكار قىلىشتىنئىبارەت خالاس. ‹4› يىپەك يولىنىڭ ئەسلى مەنبەسى ۋە ئۇنىڭ ئېچىلىشىغا دائىريۇقىرىدا كەلتۈرۈلگەن بىرقىسىم ئىسپاتلارمۇ «يىپەك يولىنى جاڭ چيەن ئاچقان» دېگەنقاراشلارنىڭ تارىخىي ۋە ئارخېئولوگىيەلىك ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ھەم ئۇخىل قاراشنىڭ ئاللىقاچان كۈچىدىن قالغانلىقىنى دەلىللەيدۇ.
ئىككىنچى،«يىپەك يولى مىلادىدىن بۇرۇنقى 4-3-ئەسىرلەردە ئېچىلغان» دەيدىغان قاراشقارەددىيە.
«يىپەك يولى مىلادىدىن بۇرۇنقى 4-3-ئەسىرلەردە ئېچىلغان» دېگۈچىلەر يىپەكيولىنىڭ ئېچىلىشىنى پەقەت «يىپەك يولى» دېگەن ئۇقۇم ئاساسىدىلا تەكشۈرۈپ، «بۇ يوليىپەك توشۇلىشتىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردىلا مەۋجۇتمىدى ياكى يىپەك توشۇلۇش زۆرۈرىيىتىبىلەن ئېچىلغانمۇ؟» دېگەن مەسىلە ئۈستىدە تەپسىلىي ئويلانمىغان. نەتىجىدە، «يىپەكيولى مىلادىدىن بۇرۇنقى 4-3-ئەسىرلەردە ئېچىلغان» دەپ قاراپ، ئاسىيايايلاقلىرىدىكى خەلقلەرنىڭ ئەتىراپىدىكى خەلقلەر بىلەن ئېلىپ بارغان ئىلگىرىكىپائالىيەتلىرىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغان.
ئۈچۈنچى،«يىپەك يولى چۇنچيۇ دەۋرىدە ئېچىلغان» دەيدىغان قاراشقا رەددىيە. بۇ جەھەتتىكىرەددىيىمىزنى ئىككى جەھەتتىن ئاساسلايمىز. ‹1› «يىپەك يولى چۇنچيۇ دەۋرىدەئېچىلغان» دېگۈچىلەر، تۇرپان ئالغۇيدىكى بىر قەدىمىي قەبرىدىن تېپىلغان يىپەكماللارنىڭ چۇنچيۇ دەۋرىگە ئائىت ئىكەنلىكىنى ئاساس قىلىپ، بۇ ماللارنىڭ شىنجاڭنىڭئۆزىدە ئىشلەنگەنلىكى ياكى باشقا جايلاردىن ئېلىپ كېلىنگەنلىكىگە دائىر مەلۇماتلارئۈستىدە ئىزلەنمىگەن. ھازىر ئالىملار بۇ يىپەك بۇيۇملارنىڭ ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكىدەۋرلەردىلا شىنجاڭنىڭ ئۆزىدە توقۇلغان يۇڭ رەختكە تەقلىد قىلىپ توقۇلغانلىقىنىئىسپاتلىدى (ئىمىن تۇرسۇن: «تارىمدىن تامچە»، مىللەتلەرنەشرىياتى، 1990-يىل 6-ئاي 1-نەشرى 449- 450-بەتلەر. ‹2› «يىپەك يولىچۇنچيۇ دەۋرىدە ئېچىلغان» دېگۈچىلەر، مىلادىدىن بۇرۇنقى 10-ئەسىردە ئۆتكەنيۇنانلىق ئەما شائىر ھومېر تەرىپىدىن يېزىلغان مەشھۇر داستان «ئودېسسا»دىكى:«تۈرلۈك تۆمۈرلەر ئىچىدە سېرىسنىڭ تۆمۈرى بەك ئېسىل. سېرىسلار ھەر خىل يىپەكماللارغا قوشۇپ، كۆن-قىرىملارنىمۇ بىزگە ئىمپورت قىلىدۇ» (ئىمىنتۇرسۇن: «تارىمدىن تامچە»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1990-يىل 6-ئاي 1-نەشرى 448-بەت)دېگەن قۇرلاردا يىپەككە دائىر بايانلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە ئۇنىڭ دەۋر جەھەتتىنچۇنچيۇ دەۋرىدىن كۆپ ئىلگىرى ئىكەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتكەن.
لىنىيەجەھەتتە:
بۇجەھەتتىكى رەددىيىمىزنى ئىككى جەھەتتىن ئاساسلايمىز. ‹1› مەيلى ئىككى يول قارىشىدىكىلەربولسۇن ياكى ئۈچ يول قارىشىدىكىلەر بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى «يىپەك» ئۇقىمىنىتەۋرەتكىلى بولمايدىغان قانۇن قىلىۋېلىپ، ئۇنىڭ سىرىتىغا چىقالمىغان ۋە كەڭكۆلەمدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارمىغان. ‹2› ئۇلار ئىلگىرى ئېيتىلىپ كېلىنىۋاتقان يىپەك يولىبىلەن ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى باشقا يوللارنىڭ بىر-بىرىنى تولۇقلاش، بىر-بىرىگەئۆتىشىشتەك بىر-بىرىگە چەمبەرچاس باغلانغان بىر پۈتۈنلىكىنى يوققا چىقىرىپ، باشقايوللارنىڭ تارىختا ئوينىغان بۈيۈك رولغا ۋە ئۇ يوللارنىڭ يىپەك يولىنىڭ ئەسلىمەنبەسى ۋە ئاساسى ئىكەنلىكىگە، يىپەك يولىنىڭ ئۇلارنى مەنبە قىلىپ تەدرىجىشەكىللەنگەنلىكىگە سەل قارىغان.                
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
① چيەنداۋشىنسى: «يىپەك يولىدىكى 99 سىر»، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 1986-يىل4-ئاي 1-نەشىرى
② «شىنجاڭ داشۆ ئىلمىي ژۇرنىلى» 1995-يىللىق 2-سان
③ پېتېر خۇپكېرىك:«يىپەك يولىدىكى ئەجنەبىي ئالۋاستىلار»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1990-يىل 11-ئاي1-نەشرى
④ئىمىن تۇرسۇن:«تارىمدىن تامچە»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1990-يىل 6-ئاي 1-نەشرى
⑤ئەنۋەر بايتۇر،خەيرىنىسا سىدىق: «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى » مىللەتلەر نەشرىياتى 1991-يىل11-ئاي نەشرى
⑥ۋاڭ جىلەي: «ئوتتۇرائاسىيا تارىخى» 1-توم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1993-يىل 4-ئاي 1-نەشرى
⑦ يۈسۈپجان ياسىن.«تەڭرى قامچىسى-ئاتتىلا»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىل 9-ئاي نەشرى.
⑧قۇربان ۋەلى كىرۇران:«بىزنىڭ تارىخىي يېزىقلىرىمىز»، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 1986-يىل6-ئاي 1-نەشىرى
⑨ب.گ.غاپوروپ:«تاجىكلار تارىخى»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1988-يىل 4-ئاي 1-نەشرى
⑩«شىنجاڭ مەدەنىيەتيادىكارلىقلىرى» 1994-يىللىق 1-2 قوشما سان
⑪«شىنجاڭ داشۆ ئىلمىيژۇرنىلى» 1990-يىللىق 4-سانى
⑫ «شىنجاڭ مەدەنىيەتيادىكارلىقلىرى» 1995-يىللىق 1-2 قوشما سانى
⑬ سىماچيەن: «تارىخىيخاتىرىلەر»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1987-يىل 9-ئاي 1-نەشرى
⑭ «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىيژۇرنىلى» 1995-يىللىق 4-سانى
 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار