خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

سېيىت باتۇر ۋە 1946-يىلىدىكى قۇمۇل تاغلىقلىرىنىڭ قوزغىلىڭى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2014-01-19 16:21

 

سېيىت باتۇر ۋە 1946-يىلىدىكى قۇمۇل تاغلىقلىرىنىڭ قوزغىلىڭى

سېيىت باتۇر ۋە 1946-يىلىدىكى قۇمۇل تاغلىقلىرىنىڭ قوزغىلىڭى

    ئۈچ ۋىلايەت مىللى ئارمىيىسى ماناس دەرياسىنى پاسىل قىلىپ گومىنداڭ كۈچلىرى بىلەن تىركىشىپ تۇرۇۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە قۇمۇل تاغلىرىدا يەنە مىلتىق ئاۋازى ياڭرايدۇ.   
    گومىنداڭنىڭ قۇمۇل ۋىلايىتىدە تۇرۇشلۇق 178- بىرىگادىسىنىڭ ئېغىر بېسىمىغا چىدىمىغان قۇمۇل تاغلىقلىرى سېيىت قۇربان، دۆلەتخان ۋە ئونانبايلارنىڭ رەھبەرلىكىدە قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ.

    شاھىتلارنىڭ ئەسلىمىلىرى ۋە ئارخىپ ماتېرىياللىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «11 بىتىم» ئىمزالىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا قۇمۇل تاغلىرىنىڭ ۋەزىيىتى جىددىيلىشىشكە باشلايدۇ. ئەسلىدىنلا ئىلى ئىنقىلابىغا گۇمان بىلەن قاراپ كەلگەن ئالتاي قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ رەھبىرى ئوسمان ئىسلام سىياسىي جەھەتتىن تەۋرىنىپ قالىدۇ. بۇنىڭدىن پايدىلانغان گومىنداڭ دائىرىلىرى ئۇنى ئاستىرتىن ئۆزىگە تارتىپ ئىلى تەرەپنى پارچىلىماقچى بولىدۇ.
    1946- يىلى 7- ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئوسمان ئىسلامنىڭ بىر قىسىم قوراللىق كۈچلىرى بارىكۆل تەرەپكە سۈرۈلۈپ، قۇمۇل تاغلىرىدىكى ئۇيغۇر چارۋىچىلارنىڭ مال-چارۋىلىرىنى بۇلايدۇ. قۇمۇلنىڭ شارلا تېغى بىلەن نېرناسۇ تاغلىرىنىڭ يېزا باشلىقلىرىدىن سېيىت قۇربان بىلەن ئونانباي قاتارلىقلار خەلقنى تەشكىللەپ مال-چارۋىلىرىنى قوغداشقا تەييارلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاددىي ئوۋ قوراللىرى بىلەن قوراللىنىپ ھەرىكەتچان كۈچ سۈپىتىدە ئۇيۇشۇشى  گومىنداڭنىڭ قۇمۇلدا تۇرۇشلۇق 178- بىرىگادىسىنى ساراسىمغا سالىدۇ.
    شۇ يىلى 8- ئاينىڭ 1- كۈنى گومىنداڭ تەرەپ ئۇيغۇر ۋە قازاق تىللىرىنى پىششىق بىلىدىغان ساڭ فامىلىلىك بىر گومىنداڭ كوماندىرىنى تاغقا ئەۋەتىدۇ. ئۇنىڭ  مەقسىتىنىڭ سېيىت قۇربان ۋە ئونانباي قاتارلىق يۇرت ئاقساقاللىرىنى ئۆلتۈرۈش ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، تاغ خەلقى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى قارار قىلىدۇ. سېيىت قۇربان بىلەن ئونانبايلار شارلا تېغى بىلەن كۆشۆتە داۋىنىنى بازا قىلىپ ھەر بىرى 40 تىن قوراللىق پارتىزان تەشكىللەيدۇ. كېيىنچە دۆلەتخان 20 دەك قوراللىق ئەسكىرى بىلەن كېلىپ ئۇلارغا قوشۇلىدۇ.
    شۇ يىلى 8- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى سېيىت قۇربان ئۆز ئەسكەرلىرىنى كۆشۆتە داۋىنىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قۇمۇل شەھىرىدىن قوزغىلاڭچىلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن تاغقا قاراپ كېلىۋاتقان گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ئالدىنى توسىدۇ. ئۇ بىرقانچە كىلومېتىر ئارىلىقتىن قارىغا ئېلىپ گاز ماشىنىنىڭ كابىنكىسىدا ئولتۇرغان گومىنداڭ ئوفىتسېرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ. كۈتۈلمىگەن بۇ زەربىدىن سېپى بۇزۇلغان گومىنداڭ ئەسكەرلىرى قۇمۇل شەھىرىگە قاراپ قاچىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قوزغىلاڭچىلار پۈتۈن تاغ رايونىنى كونترول قىلىدۇ. قوزغىلاڭچىلارنىڭ سانى ناھايىتى تېزلا بىرقانچە يۈزگە يېتىپ جەڭگىۋارلىقى ئاشىدۇ ھەمدە قۇمۇل شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ تەييارلىقىغا كىرىشىدۇ. گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ تاغ قوزغىلاڭچىلىرىنى قورشاپ يوقىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان بىرقانچە قېتىملىق ھۇجۇمى ئېغىر مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. قاتتىق ساراسىمىگە چۈشكەن گومىنداڭنىڭ قۇمۇلدىكى ھۆكۈمەت ۋە ئارمىيە كاتتىۋاشلىرى سۈلھى يولىنى تۇتۇشقا مەجبۇر بولۇپ، يەرلىك ساقچى باشلىقلىرىدىن خالىق ۋە يۈسۈپ مۆمىنلەرنى تاغقا ئەلچىلىككە ئەۋەتىدۇ. ۋەھالەنكى، بۇ ئىككىيلەن تاغقا چىقىپلا سېيىت قۇربان باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ.
    ئامالسىز قالغان گومىنداڭنىڭ قۇمۇلدىكى يەرلىك دائىرىلىرى ئەھۋالنى ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە مەلۇم قىلىدۇ. جاڭ جىجۇڭ ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق ئىلى تەرەپ ۋەكىللىرىنىڭ ئارىغا چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە بۇ ۋەقەنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئەخمەتجان قاسىمى ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەزىيەت ۋە «11 بىتىم» نىڭ ئەمەلىيلىشىشنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇرھان شەھىدى ۋە ئابدۇكېرىم ئابباسوف باشچىلىقىدىكى مەخسۇس ئۆمەكنى قۇمۇلغا ئەۋەتىدۇ.

    ئۇزۇن ئۆتمەيلا سېيىت قۇربان باشچىلىقىدىكى قۇمۇل تاغ قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن گومىنداڭ تەرەپ ئوتتۇرىسىدا 6 ماددىلىق سۈلھى ئىمزالىنىپ ئۇرۇش توختايدۇ. ئىلى تەرەپ قوزغىلاڭ رەھبەرلىرىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ سېيىت قۇربان باشلىق پارتىزان باشلىقلىرىنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ چىقىدۇ. ئەخمەتجان قاسىمى كېيىنچە سېيىت باتۇر قاتارلىق قۇمۇل پارتىزانلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە داۋاملىق تۇرۇشىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئۇلارنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانى بىلەن يوشۇرۇنچە ئىلىغا يولغا سالىدۇ.   
    سېيىت قۇربان قاتارلىقلار ئىلىغا بارغاندىن كېيىن مىللىي ئارمىيە ۋە خەلق تەرىپىدىن قىزغىن كۈتۈۋېلىنىدۇ. سابىق شەرقى تۈركىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى سېيىت قۇربانغا «قۇمۇل باتۇرى» دېگەن شەرەپلىك نامنى بېرىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، قۇمۇل تاغ پارتىزانلىرىنىڭ رەھبىرى سېيىت قۇرباننىڭ نامى «سېيىت باتۇر» دېگەن شەرەپ بىلەن ھەممىگە تونۇلىدۇ.   
    سېيىت باتۇر 1949- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە غۇلجىدا تۇرىدۇ ۋە مىللىي ئارمىيە سېپىدە خىزمەت قىلىدۇ. 1950- يىلىنىڭ بېشىدا يۇرتىغا قايتىپ، قۇمۇل ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى بولۇپ سايلىنىدۇ. 1958- يىلىدىكى «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى» دە قولغا ئېلىنىپ تاكى 1978- يىلىغا قەدەر 20 يىل تۈرمىدە ياتىدۇ.  
    سېيىت باتۇر 1915- يىلى قۇمۇلنىڭ تاغلىق كەنتى نېرناسۇدا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، 1930- يىللاردىكى قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلابىغا قاتناشقان، كېيىنچە خوجانىياز ھاجىنىڭ مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىدە مۇھاپىزەتچى ئەسكەر بولغان. خوجانىياز ھاجى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ خەلق ئىچىدە ياشىغان. كېيىنچە پالۋانلىقى ۋە قورقۇمسىزلىقى بىلەن تونۇلۇپ، قۇمۇل تاغلىقلىرىنىڭ يۇرت بېشى بولغان. سېيىت باتۇر 1985- يىلى ئۆز يۇرتى نېرناسۇدا 79 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار