ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تامىقى-قۇناق چۆچۈرىسى
بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : دۇلان2013-11-26 22:56
قۇناق چۆچۈرىسى بىر قانچە تۈرلۈك بولۇپ، قىيمىغا ئاساسەن قوي گۆشى قىيمىلىق، كەپتەر گۆشى قىيمىلىق، ياڭاق قىيمىلىق دېگەن تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ. خېمىرنى تەييارلاش ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن ئېسىل تارتىلغان ئاق قۇناق ئۇنىغا تۇز ۋە قايناقسۇ قۇيۇلۇپ چىڭ قىلىپ خېمىر يۇغۇرۇلۇپ، تىندۇرۇپ قويۇلىدۇ. قىيما تەييارلاش ئۇسۇلى: ئەتكۈچى ئۆزى خالىغان گۆش ئۇششاق توغرۇلۇپ قىيما قىلىنىدۇ، ئاندىن پىياز ئۇششاق چانىلىپ زىرە، قارىمۇچ، تۇز ئارىلاشتۇرۇلىدۇ، قىيمىغا ئازراق سۇ يىگۈزۈلىدۇ. ئىتىش ئۇسۇلى: خىمىر ياڭاق چۇڭلۇقتا زۇۋۇلا قىلىنىپ ئوتتۇرى باش بارماق بىلەن بېسىپ كاۋاك قىلىنىدۇ ۋە كاۋاكقا مۇۋاپىق قىيما سىلىنغاندىن كېيىن ئېغىزى ھىملەشتۈرۈلۈپ سۇس ئوتتا 15 - 20 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ پىشۇرۇلىدۇ. قۇناق چۆجۈرىسىنىڭ يۇقىرى قان بېسىمى، جىگەرنى ماي قاپلاپ كېتىش، دىئابىت كېسىلى، ئىشتھاسىزلىق، زىيادە سېمىزلىك قاتارلىق كېسەللەرگە ئالاھىدە پايدىسى بار.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:
ئۇنىڭ يىرىك مۇزىكا ئەسىرى يارىتىش ئويى بۇرۇندىنلا بولسىمۇ، بۇ مەقسىدىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى تامامەن تاسادىپىي ۋەقەدىن باشلاندى. ( )...[详细]
ئۆتكۈزۋېلىش ئۆلچىمى...[详细]
مەكتىۋىنىڭ ئەخلاقى تەربىيە خۇلاسسى ناھىيلىك مائارىپ مۇپەتتىش ئىشخانىسىگە ناھىيلىك مائارىپ كوممىتىتى سىياسى خىزمەت بۆلۈمىگە 1-ئاسا...[详细]
ئېلىمىزنىڭ قەدىمقى زاماندا ئەڭ بۇرۇن دۆلەت بولۇپ شەكىللەنگەن ۋاقتىنى, ئومۇمەن بۇنىڭدىن 4مىڭ يىل ئىلگىرىكى شىيا دەۋرىگە سۈرۈزشكە بولىدۇ ،...[详细]
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]
باشلانغۇچ مەكتەپ 3-يىللىق ئىلىم-پەن دەرسنىڭ كالىندار پىلانى -ئوقۇش يىلى1-مەۋسۇم ئۈچۈن ...[详细]