خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى تىزىسلىرى2

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2013-11-25 18:52

 
ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى تىزىسلىرى
مەخمۇت ئېلى ئاتتىلا
Ⅰباب. ئۇيغۇرلار
2. ئۇيغۇر ئەجدادلىرنىڭ ياشىغان ئانا ماكان يەرلىرى ۋە
ئۇلارنىڭ جۇغىراپىيلىك ناملىرى

  بىر مىللەتنىڭ شەكىللىنىشىدە بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك رول ئوينىغان ھەرقايسى قەبىلە-گۇرۇھلار ياشىغان جايلار شۇ مىللەتنىڭ ئانا ۋەتەن تۇپىراقلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇنداق تۇپىراقلار بىر مىللەتنىڭ خاس ئانا ۋەتەن تۇپىراقلىرى بولىشىمۇ ياكى كۆپلىگەن مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئانا ۋەتەن تۇپىراقلىرى بولىشىمۇ، ۋە ياكى ئۇنىڭ بىر قىسىمى نۇقۇل مەلۇم بىر مىللەتنىڭ ئانا ۋەتەن تۇپىراقلىرى بولسا، قالغان قىسىمى بىر قانچە مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئانا ۋەتەن تۇپىراقلىرى بولىشىمۇ؛ شۇ ئانا ۋەتەن تۇپىراقلىرىغا ئىگىمەنلىك ھوقۇقى بەزىدە شۇ مىللىي توپقا تەۋە بولسا، بەزىدە مۇنداق ھوقۇقلار باشقا مىللىي توپلار تەرىپىدىن تارتىۋېلىنىشىمۇ، بىر مىللىي توپنىڭ ئىگىمەنلىك تېرىتورىيىسى شۇ مىللىي توپنىڭ ئەمىلىي كونتۇرۇل قىلىش كۈچىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ بەزىدە چوڭايسا، بەزىدە كىچىكلىشىمۇ، ھەتتا يوقىلىشىمۇ مۈمكىن. بىراق، نېمىلا دېمەيلى ھەرقانداق بىر مىللىي توپنىڭ مەيلى خاس بولسۇن، مەيلى ئورتاق بولسۇن مەلۇم ئانا ۋەتەن تۇپىراقلىرى بولىدۇ.
يۇقارقىلاردىن مەلۇمكى، ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭمۇ يەر يۈزىدە بەلگىلىك ئانا ۋەتەن تۇپىراقلىرى بار. ئۇ بولسىمۇ مەركىزىي ئاسىيادۇر.
ئۇيغۇرلارنىڭ بىۋاستە ئەجدادلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ھازىرقى زامان مىللىتى بولۇپ شەكىللىنىشىگە ئاكتىپ تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن ھەرقايسى خەلقلەر، يەنى، "تۇرلار" دەپ ئاتالغان ھۇن-تۈرك ئىتتىپاقىدىكى ھەرقايسى قەبىلىلەر قەدىمدىن تارتىپ مەركىزى ئاسىيا ۋە ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى كەڭ كەتكەن رايۇنلاردا ئايرىم قەبىلە ياكى قەبىلىلەر ئىتتىپاقى شەكلىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، ئۆزلىرى ياشىغان رايۇنلارنىڭ، جۈملىدىن، دۇنيانىڭ تارىخ بېتىگە مۇناسىپ ناملىرىنى قالدۇرغان. شۇ سەۋەبتىن، ئۇلارنىڭ ئەتىراپىدىكى ھەرقايسى ئەل خەلقلىرى، ھەتتا ياۋروپا قاتارلىق ئەللەردىكى دۆلەت ئەربابلىرى ۋە تارىخ-جۇغىراپىيە ئىلىمدارلىرى ئۇلارنى بىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇشقان. ئۇلار توغىرىسىدا ئۆز كىتابنامىلىرىدە مەلۇم تارىخىي-جۇغىراپىيلىك ھەم ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە ئۇچۇرلارنى يېزىشقان.
  بىز ئۇيغۇر ئەجدادلىرنىڭ ياشىغان ئانا ماكان يەرلىرىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشىدە، ئۇلارنى تەشكىل قىلغۇچى تۈرلۈك قەبىلە-گۇرۇھلارنىڭ ئوينىغان رولىنىڭ بىۋاستە مەنبەلىك ۋە تەسىرچانلىقلىقىغا ھەم ئۇ قەبىلە-گۇرۇھلارنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بارغان جايلىرىنىڭ ئاساسلىق ۋە قوشۇمچە پائالىيەت رايۇنى بولغانلىقىغا قاراپ، مەركىزىي چەمبەر رايۇنى ۋە سىرىتقى چەمبەر رايۇنى دەپ ئىككى قىسىمغا ئايرىيمىز. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشىدە بىۋاستە رول ئوينىغان قەبىلە-گۇرۇھلار ياشىغان ھەم ئۇلار ئاساسلىق پائالىيەت ئېلىپ بارغان رايۇنلار ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ ئانا ماكان يەرلىرىنىڭ مەركىزىي چەمبىرىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشىدە بىۋاستە رول ئوينىغان قەبىلە-گۇرۇھلار قوشۇمچە پائالىيەت ئېلىپ بارغان رايۇنلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشىدە بىۋاستە ئەمەس بەلكى تەسىر كۆرسىتىش خارەكتېرلىك رول ئوينىغان قەبىلە-گۇرۇھلارنىڭ ياشىغان يەرلىرى ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ ئانا ماكان يەرلىرىنىڭ سىرىتقى چەمبىرىنى تەشكىل قىلىدۇ.
بۇنىڭغا ئاساسەن، ئۇيغۇر ئەجدادلىرنىڭ ئانا ماكان يەرلىرىنىڭ مەركىزى چەمبىرى مەركىزىي ئاسىيا، جۈملىدىن ئالتاي، تەڭرى ۋە قۇرۇم-كۇئېنلۇن تاغلىق رايۇنلىرى ھەم ئۇلارنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان تارىم، جۇڭغار ۋە قۇمۇل-تۇرپان ئويمانلىقى، پامىر ئېگىزلىكى، يەتتە سۇ ۋە پەرغانە ۋادىسى، ئارال ۋە كاسپى كۆلى ئەتىراپلىرى، ئافغانىستان ۋە ئىراننىڭ شەرقى، پاكىستاننىڭ شەرقىي شىمال قىسىم رايۇنلىرى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايۇنى ۋە گەنسۇ ئۆلكىسى، موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇريىتى ھەم ئۇنىڭ شىمالىدىكى بالقاش كۆلىنىگىچە بولغان كەڭ رايۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
  تاشقى چەمبىرى شەرقتە ھىنگان تاغلىرىدىن غەربتە قارا دېڭىز بويلىرىغىچە، جەنۇبتا قۇرۇم تاغلىرىدىن شىمالدا سىبىريىگىچە، شەرقىي جەنۇبتا خۇاڭخې ۋادىسى ۋە نىڭشا تۈزلەڭلىكى ھەم سەنشى، شەنشى ئۆلكىلىرىدىن غەربىي جەنۇبتا شىمالىي ھىندىستان ۋە ئىراننىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغىچە بولغان كەڭ رايۇنلار ئارىلىقىدىكى مەركىزى چەمبەر رايۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
  ئۇيغۇر ئەجدادلىرنىڭ ياشىغان ئانا ماكان يەرلىرى، ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە قاتنااشقان قەبىلە-گۇرۇھلارنىڭ كۆپلىكى، كۆلىمىنىڭ كەڭلىكى، جۇغىراپىيلىك ئالاھىدىلىكى ۋە بەلگىلىرىنىڭ كۆپ خىللىقى، ئەتىراپتىكى دۆلەت ۋە خەلقلەرنىڭ ئۇلارغا بولغان تونۇش ھەم چۈشەنچىلىىرنىڭ ۋە تىل ئادىتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبىدىن، ئۆزلىرى ۋە باشقا دۆلەت ھەم مىللەت كىشىلىرى تەرىپىدىن، ئوخشىمىغان تارىخىي دەۋرلەردە ئوخشىمىغان ناملار بىلەن ئاتالغان.
   ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ ئۆزلىرنىڭ تىلىدىكى ئاتىشىدىن قارىغاندا، مىلادىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىن يېقىنقى دەۋرلەرگىچە كەڭ كەتكەن خوتەن رايۇنى ئۇدۇن، كىيۇتان... دېگەن ناملار بىلەن، قەشقەر رايۇنى سۇلى، خاقانىيە ئۆلكىسى، تۈرك ئېلى... دېگەن ناملار بىلەن، ئاقسۇ رايۇنى ئەردەۋىل، قۇم دېگەن ناملار بىلەن، كۇچار رايۇنى كۈسەن دېگەن نام بىلەن، قارىشەھەر رايۇنى كىنگىت دېگەن نام بىلەن، تۇرپان رايۇنى قۇجۇ، قارا قۇجۇ، ئىدىقۇت... دېگەن ناملار بىلەن، قۇمۇل رايۇنى ئىۋىرغۇل، ئۇيغۇرغول دېگەن ناملار بىلەن، ئىلى ۋادىسى مىڭلاق، ئالمىلىق دېگەن نام بىلەن، چەرچەن  چاقلىق دېگەن نام بىلەن، تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى كەڭ رايۇنلار شۇ يەرلەردىكى بەش شەھەرنىڭ نامىغا ئاساسەن بەشبالىق دېگەن نام بىلەن، سىر، ئامۇ دەريا ۋادىلىرى ماۋرىئۈننەھىر دېگەن نام بىلەن، تاشقى موڭغۇلىيە تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر يۇرتلىرى تۇغلا (توققۇز ئۇيغۇر دەرياسى ۋادىسى)، ئۇرقۇن (ئونىغۇر-ئون ئۇيغۇر يۇرىتى)، يېنىسەي (ئانىساي-ئانا دەريا ۋادىسى)، سېلىنگا (سېرىق ئۇيغۇر دەرياسى ۋادىسى) دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالغان.
"بايقالنىڭ غەربىدىكى ئەنقار دەرياسىدىن يەنىسەي ۋە ئېرتىش دەريالىرى ئارىسىدىكى زېمىن قەدىمدە <تۇران> دەپ ئاتالغان". "8-، 9-ئەسىرلەردە تارىم ۋادىسى <تۇران ساي>، تەكلىماكان قۇملىقى <تۇران قۇم> دەپ ئاتالغان (ئابدىشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن. "قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا". شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002-يىلى 3-ئاي 1-نەشىرى 1-بېسىلىشى 97-بەت).
ئىرانلىقلارمۇ ئۇيغۇرلار ياشىغان كەڭ رايۇنلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ "تۇران" دەپ ئاتىغان. بۇ "تۇرلارنىڭ زېمىنى" دېگەنلىكتۇر.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تارىم ۋادىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى كەڭ زېمىنلار ئۆز تىلىمىزدىكى ھەم باشقا تىللاردىكى ئەسەرلەردە بىردەك "چىن"، "ماچىن"، "چىن-ماچىن" دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالغان.
  مەشھۇر تارىخچى موللا مۇسا سايرامىنىڭ "تارىخى ئەمىنىيە" ناملىق ئەسىرىدە: "نوھ ئەلەيھىسالامنىڭ ئۈچ ئوغلىنىڭ (ھام، سام، ياپەس) بىرى ياپەس بولۇپ، ئۇنىڭ ئوغلى تۈرك ئىدى. ئۇنىڭ ئوغلى چىن ۋە ماچىن ئىدى" دېيىلگەن. ئىرانلىق مەشھۇر شارئىر ۋە ئەدىب ئوبۇلقاسىم فىردەۋسىنىڭ دۇنياۋى مەشھۇر ئەسىرى "شاھنامە" ۋە دۇنيا سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقىنىڭ ئاساسچىسى، مەشھۇر ئالىم مەھمۇد قەشقىرىنىڭ بۈيۈك ئەسىرى "تۈركى تىللار دىۋانى" دىمۇ "چىن" سۆزى ئىشلىتىلگەن. "تۈركى تىللارد دىۋانى" دا قاراخانىلار خانلىقىنى "خاقانىيە"، "خاقانى چىن" دەپ، بۇغىراخاننى (سۇتۇق بۇغىراخان بولىشى مۈمكىن) "چىن خاقانى" دەپ تەسۋىرلىگەن. مەزكۇر كىتابتا يەنە ئىسكەندەر (ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ياكى قوش مۈڭگۈزلۈك ئىسكەندەر، ئالىكساندىر ماكىدونىسكى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 356-يىلىدىن 323-يىلىغىچە ياشىغان) قوشۇنلىرىنىڭ تۈرك ئېلى بىلەن قىلغان ئۇرۇشلىرىنى چىن بىلەن ئۇرۇشقان قىلىپ تەسۋىرلىگەن. مەھمۇد قەشقىرىدىن كېيىن يەنە يۈسۈپ سەككاكى (14-، 15-ئەسىرلەردە ياشىغان) ۋە مەۋلانە ئەبەيدۇللا لۇتفى (1366-1465) لارمۇ "چىن" سۆزىنى تۈرك شەھەرلىرىنىڭ نامى سۈپىتىدە ئىشلەتكەن. ئەنگىليىلىك مەشھۇر ئېكىسپىدىتسىيچى ئاۋرېل سىتەيىن "قەدىمكى خوتەن" ناملىق كىتابىدا خوتەننىڭ "چىنماچىن" دېگەن نامىنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالغان. دېمەك،   "چىن"، "ماچىن" ۋە "چىن-ماچىن" سۆزلىرى شىنجاڭ ۋە ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى رايۇنلارنىڭ نامى سۈپىتىدە ناھايتى ئۇزۇن زامانلار قوللىنىلغان.
9-ئەسىردىن 13-ئەسىرگىچە قەشقەر ۋە بالاساغۇننى مەركەز قىلغان كەڭ زېمىنلار "خاقانىيە ئۆلكىسى"، "تۈرك يۇرتى"، "تۈرك ئېلى" دەپ ئاتالغان. كۇچاردىن ئىلى ۋە قۇمۇلغىچە بولغان كەڭ رايۇنلار بولسا "ئۇلۇغ قۇتلۇق ئۇيغۇر ئېلى" دېگەن مەنىدىكى "قۇجۇ"، "قارا قۇجۇ" ياكى "بەخت كەلتۈرگۈچى ماكان" دېگەن مەنىدىكى "ئىدىقۇت" دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان. موڭغۇل ئىمپېريىسى دەۋرىدە شىنجاڭ ۋە ماۋرىئۈننەھىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەركىزىي ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنلىرى موڭغۇل ئىمپېريىسى تەرىپىدىن "ئۇيغۇرلار يېرى" دەپ ئاتالغان. يەرلىك خەلقلەر تەرىپىدىن بولسا، چىڭگىزخاننىڭ بۇ رايۇنلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئوغلى چاغاتاينىڭ نامى بىلەن "چاغاتاي ئۇلىسى" دېيىلگەن. موڭغۇللاردىن تۇنجى بولۇپ مۇسۇلمان بولۇپ، موڭغۇللارنىڭ تۈركلىشىشى، جۈملىدىن، ئۇيغۇرلىشىشىغا ئاساس سالغۇچى تۇغلۇق تۆمۈرخان دەۋرىدىن باشلاپ يەنە "موغۇلىستان" دەپ ئاتالغان. سەئىدىيە خانلىقى (1514-1678) دەۋرىدىن باشلاپ تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىدىكى تارىم ۋادىسى "قەشقەرىيە"، شىمالىدىكى جۇڭغاريە ۋادىسى "يارىش" دەپ ئاتالغان. سەئىدىيە خانلىقى ئاغدۇرۇلغاندىن تارتىپ تاكى يېقىنقى يىللارغىچە تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى يەنە "يەتتە شەھەر"، "ئالتە شەھەر" دەپ ئاتالغان. 1885-يىلىدىن باشلاپ چىڭ سۇلالىسىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە ئۆلكە تۈزىمىنى يولغا قويىشى بىلەن رەسمىي ھالدا "يېڭى زېمىن" دېگەن مەنىدە "شىنجاڭ" دەپ ئاتالغان.
  خەنزۇچە تارىخىي مەنبەلەردە، مىلادىدىن بۇرۇنقى 206-يىلىدىن باشلاپ غەربىي خەن سۇلالىسى تەرىپىدىن بۈگۈنكى شىنجاڭ ۋە ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى بىر قىسىم رايۇنلار قوشۇلۇپ "شىيۈ" (西域)، يەنى، "غەربتىكى رايۇن" دەپ ئاتالغان. كېيىن بۇ نام، خەنزۇلارنىڭ غەربتىكى كەڭ رايۇنلارغا بولغان بىلىشىنىڭ ئارتىشىغا ئەگىشىپ، بۈگۈنكى گەنسۇنىڭ غەربىدىن تارتىپ يەتتە سۇ رايۇنى، پەرغانە ئويمانلىقى، ئىران، كىچىك ئاسىيا ۋە ھىندىستاننىڭ شىمالىغىچە بولغان كەڭ رايۇنلارنى، ھەتتا، ئافرىقا ۋە ياۋروپا رايۇنلىرىنى كۆرسىتىدىغان بولغان.
ياۋروپا، جۈملىدىن، رىم ۋە گېرىك ئاپتۇرلار "سېرىس"، "سېرىس ئېلى" دەپ ئاتىغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 10-ئەسىردە ئۆتكەن يۇنانلىق ئەما شائىر ھومېر تەرىپىدىن يېزىلغان مەشھۇر داستان «ئودېسسا» دا: «تۈرلۈك تۆمۈرلەر ئىچىدە سېرىسنىڭ تۆمۈرى بەك ئېسىل.» (ئىمىن تۇرسۇن: «تارىمدىن تامچە»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1990-يىل 6-ئاي 1-نەشرى 448-بەت) دەپ يېزىلغان.
يۇنان تارىخچىسى ھېرودۇت (مىلادىدىن بۇرۇنقى 5-ئەسىردە ياشىغان) ئۆزىنىڭ "تارىخ" ناملىق كىتابىدا "سېرىس ئېلى" دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن. ھېرودىتتىن باشقا يەنە مىلادىدىن بۇرۇنقى 4-ئەسىردە ياشىغان يۇنانلىق ئالىم كىتېسىئاس (ctesias) ۋە مىلادىاىن بۇرۇنقى 50-يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدە ياشىغان رىملىق مەشھۇر يازغۇچى مىىلامۇ "سېرىس" ئاتالغۇسىنى ئىشلەتكەن. "سېرىس"، "سېرىس ئېلى" دېگەنلىك "يىپەك ئېلى"، "يىپەك يۇرىتى" دېگەنلىكتۇر.
  ھېرودۇت ئۆزىنىڭ «تارىخ» ناملىق ئەسىرىدە يەنە تۇرپاننى "تەركيانۇس" دەپ ئايتىغان. ئۇ ئۆز ئەسىرىدە: «شەرقتە تەركيانۇس دېگەن شەھەرنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىدىم، بۇ شەھەر ناھايتى چوڭ بولۇپ، كوچا-رەستىلىرى ئاۋات ئىكەن، دەپ يازغان. ئۇيغۇر تارىخچىسى موللا مۇسا سايرامىمۇ ‹تارىخى ئەمىنىيە›دە تۇرپاننىڭ قەدىكى نامى ‹تەرسۇس ئىدى› دەپ يازغان» (ئىمىن تۇرسۇن: «تارىمدىن تامچە»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1990-يىل 6-ئاي 1-نەشرى 548-بەت). ھازىر تۇرپاندا "دەقىيانۇس"، "دەقىيانۇسنىڭ شەھىرى" دېگەن يەر بار ھەم تۇرپانلىقلارنىڭ تىلىدا "ناھايتى بۇرۇنقى" دېگەن مەنىدىكى "دەقىيانۇسنىڭ زامانىسىدا" دېگەن تۇراقلىق ئىبارە بار.
  ھىندىستانلىقلار "چىن"، "ماچىن"، "چىن-ماچىن" دەپ ئاتىغان. ھىندىلارنىڭ زور ھەجىملىك داستانى "ماخاپخاراتا" (ئۇلۇغ خاراتا پادىشاھلىقىنىڭ ئەۋلادلىرى) دا "چىن" سۆزى تارىخىي-جۇغراپىيلىك نام سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن. «ھىندىستاندا ئۆتكەن چاندىراگوپتا پادىشاھ زامانىسىدا، چوڭ سودىگەر چادريە يازغان‹سىياسىي ئىشلار ھەققىدە› دېگەن كىتابتا: ‹چىنادىن چىقىدىغان ئورام-ئورام يىپەكلەر› دەپ قەيت قىلىنغان.» (ئىمىن تۇرسۇن: «تارىمدىن تامچە»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1990-يىل 6-ئاي 1-نەشرى 448-بەت).
  يەھۇدى، ئىران، يۇنان ۋە رىم ئالىملىرىمۇ "چىن" سۆزىنى ئىشلەتكەن ھەم ئۇ شىنجاڭ ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنلىرىنى كۆرسەتكەن. مەسىلەن: يەھۇدىي دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ تۆت مۇقەددەس كىتابىنىڭ بىرى "تەۋرات" تا "قاراڭلار، ئۇ يىراقتىن كەلدى، بۇ شىمالدىن كەلدى، بۇ غەربتىن كەلدى، بۇ چىن دۆلىتىن كەلدى" دېيىلگەن. قەدىمكى ئىراننىڭ ھۆرمەت تەڭرىسى مەھدىلەنگەن بىر شېئىردا "چىن" سۆزى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بۇ شېئېرنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى 5-، 4-ئەسىرلەردە مەيدانغا كەلگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.
  دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ ئانا ماكان تۇپىراقلىرى ئۆزلىرى ۋە باشقا خەلقلەر تەرىپىدىن ئووخشىمىغان تارىخىي دەۋرلەردە ئوخشىمىغان ناملار بىلەن ئاتالغان ھەمدە شۇنداق بولىشىغا قارىماي، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر خەلقنىڭ زېمىنىنى، يەنى، ئۇيغۇرلارنىڭ، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ مەركىزىي ھالقىسىنى شەكىللەندۈرگۈچى ئەڭ چوڭ ئېتنىك ئېقىن ھۇن-تۈركلەرنىڭ، يەنى، تۇرلارنىڭ ماكانى، تۇرلارنىڭ ۋەتىنى دېگەن بىرلا مەنىنى بىلدۈرگەن.

  پايدىلانغان ماتېرىياللار: 1. ئابدىشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن. "قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا". شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002-يىلى 3-ئاي 1-نەشىرى 1-بېسىلىشى.
2. ئىمىن تۇرسۇن: «تارىمدىن تامچە»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1990-يىل 6-ئاي 1-نەشرى 1-بېسىلىشى.
3. غەيرەتجان ئوسمان. "ئۇيغۇرلار شەرقتە ۋە غەربتە" شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002-يىلى 3-ئاي 1-نەشىرى 1-بېسىلىشى.
4. ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىغا دائىر توپلام خاتىرەم.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار