ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ كېيىملىرى
بۇرۇنقى ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ كىيىمى ئاساسەن ئۇزۇن، تىزنى يېپىپ تۇرىدىغان ئالدى ئوچۇق تون شەكىللىك كۆڭلەك ياكى تون ئىدى، ئۇنىڭغا تۈگمە ياكى ئىزما قادىمايدۇ. شۇڭا بەلدىن پۇتا بىلەن باغلىۋېلىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ خىل تون ياكى تونچە كۆڭلەكنىڭ يانچۇقى بولمايدۇ، شۇ سەۋەبتىن پوتا يەنە يانچۇق رولىنىمۇ ئوينايدۇ. ئادەتتىكى چاغلاردا ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ پوتىسى ھەر خىل رەڭدىكى يىپ ياكى يىپەك رەختلەردىن ئىشلىنىدۇ، ئۇزۇن-قىسقىلىقى بىردەك بولمايدۇ. تەخمىنەن ئۇزۇنلىقى ئىككى مېتىردىن كۆپرەك، كەڭلىكى ئەللىك سانتىمېتىر ئەتىراپىدا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ رەڭگى كۆپ ھاللاردا قارا، قوڭۇر، قېنىق كۆك رەڭلەردە بولىدۇ. ئادەتتىكى چاغلاردىكى پوتا بىلەن ھېيت، ئايەم، مۇراسىملاردىكى پوتىنىڭ پەرقى زور بولىدۇ. بەزىلەرگە گۈل نۇسخىسى بېسىلغان ياكى كەشتىلەنگەن بولىدۇ. دىندارلار يەنە ئۇزۇن ئاق خەسە بىلەن بىشىنى ئورايدۇ. بۇنى ئۇيغۇرلار «سەللە» دەيدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم ئادىتىدە يەنە ئۆزلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغۇچىلارغا ۋە ھۆرمەتلەشكە ئەرزىيدىغان مېھمانلارغا تون يىپىپ ھۆرمەت ۋە تەنتەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان ئادەتمۇ بار.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]