خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

تارىم دەرياسى ھەققىدە رىۋايەت

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2013-06-11 12:52

        

تارىم دەرياسى ھەققىدە رىۋايەت

 

 

بۇرۇنىسىدا،  كىشىلەر بىر چوڭ دەريا بويىدا ماكانلاشقان ئىكەن.  دەريا سۈيى بۇ يەردىكى كىشىلەرنى ئەۋلادمۇئەۋلاد سۇ بىلەن تەمىنلەيدىكەن،  كىشىلەر بۇ دەريانى ئانىغا ئوخشىتىپ، «ئانا دەريا»دەپ ئاتايدىكەن.


بىر يىلى،  ئانا دەريا تۇيۇقسىز قۇرۇپ كېتىپتۇ،  كىشىلەر سۇ ئىزدەپ ئۇياق – بۇياققا چېپىپتۇ،  تارىم ئاتلىق بىر يىگىت قەبىلە ئاقساقىلىنىڭ چېدىرىغا كېلىپ : « كىشىلەرنىڭ ياخشى ھايات كەچۈرۈشى ئۈچۈن مەن جېنىمدىن كېچىپ سۇ ئىزدەشكە رازى»دەپ ئۆتۈنۈپتۇ.  تارىم دادىسى بەرگەن شەمشىرى ۋە ئامراق راۋابىنى ئېلىپ،  ئانا دەريانى بويلاپ ئالتە كۈن يول يۈرۈپتۇ.  ئاندىن جەنۇب تەرەپتىكى قۇملۇققا قاراپ يۈرۈپ كېتىپتۇ.


پىژ - پىژ ئاپتاپتا تارىم ئۇسساپ،  ھېرىپ كېتىپتۇ.  ئۇ چىنارلىققا كىرىپ دەرەخكە يۆلىنىپ،  ئاستا – ئاستا ئۇيقۇغا كېتىپتۇ.  بۇ چاغدا بىر قۇيۇن تارىمنى ئۇچۇرۇپ ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىپتۇ.  ئۇ ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا،  ئۆزىنى باشقا بىر جايدا كۆرۈپتۇ.  تۇيۇقسىز قاتتىق شامال چىقىپ،  بىر بۇغا ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كېلىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا : « تارىم،  ئۈستۈمگە مىنگىن،  مەن سېنى سۇ بار جايغا باشلاپ باراي »دەپتۇ.  شۇنىڭ بىلەن تارىم بۇغىغا مىنپتۇ،  بۇغا ئالدىغا قاراپ ئۇچقاندەك چېپىپ كېتىپتۇ.  ناھايىتى ئۇزاق چاپقاندىن كېيىن،  ئۇلار بىر چوڭ تاغنىڭ ئالدىغا كەپتۇ.  بۇغا تارىمغا :« ئانا دەريانىڭ سۈيى مۇشۇ تاغ ئۆڭكۈرىدىن ئېقىپ چىقىدۇ.


يېقىندا تاغ گۆمۈرۈلۈپ،  بىر يوغان تاش ئۆڭكۈرنىڭ ئاغزىغا چۈشۈپ سۇنى توسىۋالدى.  سۇنى ئېقىپ چىقسۇن دىسەڭ،  ئۇ تاشنى يۆتكىۋېتىشىڭ كېرەك »دەپتۇ.  بۇغا تارىمغا :« شەمشىرىڭنى مۈڭگۈزۈمگە ئۈچ قېتىم سۈركىسەڭ،  شەمشىرىڭ ئۆتكۈرلىشىدۇ »دەپتۇ.  تارىم شەمشىرىنى بۇغىنىڭ مۈڭگۈزىگە ئۈچ قېتىم سۈركىگەندىن كېيىن،  بۇرۇلۇپلا يوغان تاشنى ئۈچ قېتىم چېپىپتۇ،  « گۈمبۈر »قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ،  يوغان تاش يېرىلىپ،  سۈپسۈزۈك بۇلاق سۈيى ئېتىلىپ چىقىپتۇ.  لېكىن،  تارىمنى ئۆڭكۈر يۈتۈۋاپتۇ.  يۇرتداشلار يوغان تاشنىڭ يېرىلغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ۋە سۇنىڭ ئېتىلىپ چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ،  سۇنى تارىمنىڭ باشلاپ كەلگەنلىكىنى ئۇقۇپتۇ.  ئۇلار تارىمنىڭ ياخشى كۆرىدىغان راۋابىنىڭ سۇ بىلەن ئېقىپ كەلگەنلىكىنى،  لېكىن تارىمنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ،  ئىختىيارسىز ئۈن سېلىپ يىغلاپ كېتىشىپتۇ.  شۇنىڭدىن باشلاپ تارىمنى خاتىرىلەش ئۈچۈن كىشىلەر ئانا دەريانى « تارىم دەرياسى» دەپ ئاتىشىدىغان بوپتۇ 

ئالدىنقىسى:نۇزۇگۇم
كېيىنكىسى: چىن مودەن
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار