خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

سوۋغات بېرىش قائىدىلىرى ھەققىدە

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2013-05-26 01:27

 
سوۋغات بېرىش قائىدىلىرى ھەققىدە

سوۋغات بىر قەلبنىڭ يەنە بىر قەلبگە بولغان مېھرى-مۇھەببىتىنى، كۆڭۈلنىڭ يېقىنلىقىنى، يىراقتىكىلەرگە بولغان سېغىنىشىنى مەلۇم بۇيۇملار ئارقىلىق ئىپادىلەيدىغان بىر خىل ئىجتىمائىي ئالاقە شەكلىدىن ئىبارەت.
بىزدە بۇرۇندىن تارتىپ يىراق سەپەردىن كەلگەنلەر بازارلىق ھېسابىدا شۇ يەرنىڭ يەرلىك، ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇققان، قېرىنداش، بالىلىرىغا ئالغاچ كېلىدىغان ئادەت بار. سەپەرگە ماڭغانلارغا قارىتا يوللۇق ھېسابىدە يەنە خاتىرە بولسۇن، ئۆزىنى ئەسلەپ تۇرسۇن، ئۇنۇتمىسۇن دېگەن مەنىدە مەلۇم بۇيۇملىرىنى يوللۇق تۇتىدىغان ئىشلار بار.
 ئۇندىن باشقا ھېيت-بايراملاردا بالىلار ئاتا-ئانىلىرىغا سوۋغات ئالىدىغان، كىچىك بالىلارغا بايراملىق پۇل سوۋغات قىلىدىغان ئادەتلەرمۇ بار. ھەتتا، توي-تۆكۈنلەردە ئېلىپ بارىدىغان  بۇ سۇۋغاتلارنىڭ ئۆزىمۇ سوۋغاتنىڭ بىر خىل شەكلى ھېسابلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆڭۈلنى ئىپادىلەش، مېھىرى-مۇھەببەتنى يەتكۈزۈش مەقسىدىدە قىلىنىدىغان پائالىيەتلەردۇر.
ئىلگىرى ياش قىزلار قول ياغلىققا گۈل ياكى تاماكا خالتىسىغا گۈل ئىشلەپ، ياخشى كۆرگەن يىگىتىگە تەقدىم قىلىدىغان ئادەتلەر بار ئىدى. قىزلار توي ھارپىسىدا ئۆز قولى بىلەن قول ياغلىق ئىشلەپ، تويدىن كېيىن يوقلاپ كىرگەن دوستلىرىغا سوۋغات ئورنىدا بېرىدىغان ئادەتلەر بار ئىدى. يەنە ئۆز يېقىنلىرىغا يۇڭ يىپ بىلەن پوپايكا توقۇپ تەقدىم قىلىدىغان ئىشلارمۇ بىر قەدەر كۆپرەك ئىدى. بۇلار گەرچە ئاددىي نەرسىلەر بولسىمۇ، لېكىن قارشى تەرەپنىڭ ئەمگىكى سىڭگەن بولغاچقا قەدىرلەپ ساقلىناتتى.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار