خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

« تۈركىي تىللار دىۋانى » ۋە « قۇتادغۇ بىلىك » تىكى ئەلچى ۋە ئەلچىلىككە ئائىت بايانلا

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2013-05-03 18:39

 

« تۈركىي تىللار دىۋانى » ۋە « قۇتادغۇ بىلىك » تىكى ئەلچى ۋە ئەلچىلىككە ئائىت بايانلار ھەققىدە مۇلاھىزە


ئابدۇقەييۇم مىجىت
 

ەلچى — بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپكە مەلۇم ھاجەت، تاپشۇرۇق بىلەن ئەۋەتكەن كىشى، ئىككى ئوتتۇرىدا ۋاستىلىك رول ئوينايدىغان ئادەم » ① بولۇپ، ھەر قايسى ئەللەر ئوتتۇرسىدا ئەلچى ئەۋەتىش ۋە چەت ئەللەرنىڭ ئەلچىلىرىنى مەلۇم بىر بىرلىككە كەلگەن پائالىيەت شەكىللىرى بىلەن كۈتىۋېلىش ئىشلىرى ئىنسانىيەت تارىخىدا سىياسىي ھاكىمىيەتلەر شەكىللەنگەندىن تارتىپلا باشلانغانلىقى مەلۇم. چەت ئەللەرگە ئەلچىلەرنى ئەۋەتىش ۋە كەلگەن ئەلچىلەرنى كۈتىۋېلىشتىن ئىبارەت بۇ سىياسىي مېھماندارچىلىق پائالىيتى قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدىمۇ بەك كۆپ بولغان بىر پائالىيەت . ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قوشنا ۋە يات ئەللەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىزچىل قۇيۇق بولغان بولۇپ ، باشقا ئەللەرگە ئەلچىلەرنى ئەۋەتىش ۋە باشقا ئەللەرنىڭ ئەلچىلىرىنى قوبۇل قىلىش ئۇلارنىڭ دىپلۇماتىيە پائالىيتىدىكى دائىملىق ئىشلاردىن ئىدى. ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى ئەلچىلەرنى كۈتىۋېلىش پائالىيتى ھەققىدە « تاڭنامە » دە مۇنداق مەلۇماتلار بار: « ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا كەلگەن باشقا ئەل ئەلچىلىرى ئۇيغۇر قاغانلىرى بىلەن كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى چۇقۇم قاغان ئوردىسىنىڭ ئالدىغا قادالغان بۆرە بېشى چۈشۈرۈلگەن تۇغقا باش ئۇرۇشى ، ئۇيغۇرچە ئۇسۇل ئوينىشى، ئىسرىقداندىن ئاتلاپ ئۆتىشى زۆرۈر بولغان. مەسىلەن ، 762- يىلى تاڭ سۇلالىسىنىڭ شاھزادىسى يۇڭ بېگى لى شى تەڭرى قاغان بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەندە ، ‹ ئۇسۇل ئوينىماي تەكەببۇرلۇق قىلىپ ، ئەدەب - قائىدىگە ھۆرمەت قىلمىغانلىقتىن › تەڭرى قاغاننىڭ قاتتىق غەزىپىنى كەلتۈرگەن. نەتىجىدە ئىككى تەرەپ ئوتتتۇرسىدا ئارازچىلىق كېلىپ چىققان . » ② بۇنىڭدىن بىز ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ چەت ئەل ئەلچىلىرىنى كۈتىۋېلىش پائالىيتىدە مۇئەييەن قائىدە يوسۇن ۋە پىرىنسىپلارنىڭ بولغانلىقىنى بىلەلەيمىز .

    قاراخانىيلار خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن قاراخانىيلار خاقانلىرى ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئەنئەنىلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ ئۆز ئېلىنىڭ تاشقى ئىشلىرىنى ئەلچىلەرنىڭ ۋاستسى بىلەن ھەل قىلىپ كەلگەن . ئەلچىلەرنى كۈتىۋېلىش – دىپلوماتىيە پائالىيتىدىكى مۇھىم بىرجەريان بولۇپ ، ھەر بىر دۆلەت ( خانلىق ) باشقا ئەل خەلقلىرىنىڭ نەزىرىدە ئۆز ئوبرازىنىڭ ياخشى بولىشى ئۈچۈن ئەلچىلەرگە بېرىدىغان تەسىرىگە ئەھمىيەت بېرىپلا قالماي ، بەلكى ئۆزىنىڭ باشقا ئەللەرگە ئەۋەتىدىغان ئەلچىلىرىنىڭ قانداق بولۇشى ھەققىدە ناھايىتى باش قاتۇرغان . باشقا ئەللەرنىڭ ئەلچىلىرىگە قانداق مۇئامىلىدە بولۇش — شۇ ئەلنىڭ ئەلچى ئەۋەتكۈچى دۆلەت ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە بولغان ھۆرمىتى ۋە پوزىتسىىيسىنىڭ قانداقلىقىنىى ئىپادىلەيدۇ . ۋەھالەنكى ، قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئەلچىلەرنى كۈتىۋېلىشتىكى ئادەت ، قائىدە – يوسۇن ۋە پرىنسىپلىرى ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى قائىدە – يوسۇنلارنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى ئىدى . قاراخانىيلار خانلىقى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن ، ئۇلارنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرى ئۆز ئەتراپىدىكى ئىسلام ئەللىرى بىلەن كۆپرەك بولدى ھەمدە ئەلچىلەرنى ئەۋەتىش ۋە كۈتىۋېلىشتىكى پرىنسىپ ۋە قائىدە – يوسۇن شەكىللىرىدە شۇنىڭغا مۇناسىپ ئۆزگىرىشلەر بولدى .

    ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقىرى « تإركىي تىللار دىۋانى » دا : « ‹ yalavaq › يالاۋاچ ـــ ئەلچى ، پەيغەمبەر . بۇ سۆزنىڭ ‹ yalawaq › شەكلىمۇ بار . يالافار ‹ yalafar › ـــ خاقاننىڭ ئەلچىلىرىگە بېرىلىدىغان نام . ئۇيغۇرچە . ماقالدا مۇنداق كەلگەن : ‹ ياش ئوت كۆيمەس ، ئەلچى ئۆلمەس . › ياش ( كۆك ) ئوت كۆيمىگەندەك ھەر قانچە ئېغىر ، دەھشەتلىك خەۋەر ئېلىپ كەلگۈچى ئەلچىمۇ ئۆلتۈرۈلمەيدۇ . چإنكى ، بۇ خەۋەر ئەۋەتكۈچىدىن كېلىدۇ . » ③ دەيدۇ . يۇقارقى باياندىن بىز قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدە خاقاننىڭ ئەلچىلىرىگە ( يەنى دۆلەت ئەلچىلىرىگە ) « يالافار » دېگەن نامنىڭ بېرىلىدىغانلىقى ۋە ئەلچىنىڭ قانداق خەۋەر ئېلىپ كېلىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭغا چۇقۇم ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش چإشەنچىسىنىڭ ئاللىقاچان بىر ماقال سۈپىتىدە ئومۇملاشقانلىقىنى بىلەلەيمىز . ئۇنىڭ ئۈستىگە « ئەلچىگە ئۆلۈم يوق » دېگەن بۇ ماقال ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىمۇ مەۋجۇت . مەھمۇد قەشقىرى « دىۋان » دا يەنە : « ساۋ ـــ خەۋەرلەر ، رىۋايەتلەر . پەيغەمبەرنى« ساۋچى » دېيىش مۇشۇنىڭدىن ئېلىنغان . چۈنكى ئۇ ئەلچىلىك قىلىپ خەۋەرلەرنى يەتكۈزىدۇ . قىسسىلەرنى سۆزلەپ بېرىدۇ . ساۋچى ـــ ئەلچى . قۇدىلار ئوتتۇرسىدا بېرىپ – كېلىپ ئەلچىلىك قىلىدىغان كىشى . ساۋچى مەن يۇقىردا ئېيتقاندەك ، بۇنىڭ سۆزىنى ئۇنىڭغا يەتكۈزىدۇ . » ④ دەيدۇ . ئۇيغۇرلاردا قەدىمدىن تارتىپ توي – نىكاھ ئىشلرىدا لايىق مۇقىملانغاندىن كېيىن ، ئوغۇل تەرەپنىڭ ئاتا – ئانىسى قىز تەرەپكە ئىككى – ئۈچ كىشىدىن تەركىب تاپقان ئەلچىلەرنى كىرگۈزإش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەقسەت – مۇددىئاسىنى ئىپادىلەيدىغان ئادەت بار بولۇپ ، بۇ ئادەت ناھايىتى قەدىمىي زامانلاردىن تارتىپ ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن . مەھمۇد قەشقىرى « دىۋان » دا يەنە : « ئارقۇچى ـــ ۋاستىچى . تويدا قىز تەرەپ بىلەن ئوغۇل تەرەپ ئارىسىدا يۈرىدىغان ئەلچى . » ⑤ دەپ يازىدۇ . بۇ بايانلاردىن قىز ئۈچۈن ئەلچى كىرگۈزۈش ئادىتىنىڭ قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدىن بۇرۇنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئومۇمىيۈزلۈك مەۋجۇد ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز .

    ئۇنىڭدىن باشقا بىر ئادەم ئۈچۈن ئەۋەتىلىدىغان ئەلچى بىلەن كۆپ كشىلەر ئۈچۈن ئەۋەتىلىدىغان ئەلچىنىڭ نامىمۇ ئوخشاش ئەمەس ئىدى . مەسىلەن ، « دىۋان » دا يەنە : « يۇمۇش ــ ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ كىشى ئوتتۇرسىدىكى ئەلچىلىك . پەرىشتىنى ‹ يۇمۇشچى › دېيىشمۇ مۇشۇ سۆزدىن كەلگەن . چۈنكى ، پەرىشتە مەنىسىدىكى « مەلەك » سۆزى ئەرەبچە ئەلچىلىك مەنىسىدىكى ‹ ئەلۇكەت › سۆزىدىن ئېلىنغان . تۈركلەر « مەلەك » دېگەن ئىسىمنى پۈتۈنلەي بىلمەيدۇ . »⑥ دەيدۇ . دېمەك ، بىز بۇ بايانلاردىن قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدە دۆلەت ئەلچىلىرىنىڭ « يالافار » ، پەيغەمبەرلەرنىڭ « ساۋچى » ، قۇدىلار ئوتتۇرسىدىكى ئەلچىلەرنىڭ « ساۋچى ، ئارقۇچى » دېگەن ناملار بىلەن ، كۆپ كىشىلەر ئۈچۈن ئەۋەتىلىدىغان ئەلچىلەرنىڭ ۋە پەرىشتىلەرنىڭ « يۇمۇش » دېگەن نام بىلەن ئاتىلىدىغانلىقىنى بىلىمىز . بۇنىڭدىن باشقا « دىۋان » دا يەنە : « ... ئۇيغۇرچىدا تەڭرىنىڭ ئەلچىسى ‹ يالافاچ › ، خاننىڭ ئەلچىسى ‹ يالافار › دەپ پەرقلەندۈرۈلگىنىدەك ، تەڭرىنىڭ بەندىنى قارغىشى بىلەن بەندىنىڭ قول ئاستىدىكىلەرنى قارغىشى ، ئۇلارغا غەزەپلىنىشىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ، ‹ ق › ھەرپى ئالدىنقى مەنىدە فەتھىلىك ، كېيىنكى مەنىدە كەسىرلىك قىلىنىدۇ . » ⑦ دېيىلگەن . ئىسلام دىنىدا « پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ ئەلچىسى » دەپ سۈپەتلىنىدىغان بولغاچقا ئادەتتكى ئەلچىلەرنىڭ نامى بىلەن پەيغەمبەرلەر ‹ ئەلچى › دەپ سۈپەتلىگەندە ئىشلىتىلىدىغان ‹ ئەلچى › سۆزىمۇ پەرقلەندۈرۈلگەن .

    ئۇيغۇرلار ۋاقىتنى ياخشى پەيت ۋە يامان پەيت دەپ قارايدىغان بولغاچقا چوڭ - كىچىك ئىشلارنى ياخشى ۋاقىت ۋە ياخشى سائەتلەرنى تاللاپ قىلىشقا ئادەتلەنگەن . شۇڭا باشقا ئەللەرگە ئەلچىلەرنى ئەۋەتكەندە ، سەپەرگە چىقىشقا مۇۋاپىق بولغان ئۇبدان پەيتلەرنى تاللاپ ئاندىن ئەلچىلەرنى يولغا سالاتتى ھەمدە خاقانلار بىرەر ئەلچىنى قوبۇل قىلىشتا خاسىيەتلىك بىر كۈننى بەلگىلەپ ئاندىن كۆرۈشەتتى . باھائېدىن ئۆگەل « تۈرك مەدەنىيتىنىڭ گۈللەنگەن چاغلىرى » دېگەن كىتابىدا : « ئۇيغۇر خاقانلىرى باشقا دۆلەت ئەلچىلىرىنى قوبۇل قىلغاندا ئات مىنىپ ئەلچىنىڭ ئالدىغا چىقاتتى ۋە ئۆزىنىڭ خوتۇنلىرىنى، ئوغۇل – قىز ، ئاچا – سېڭىل ، ئاكا – ئۇكا ، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنى بىرگە ئېلىپ باراتتى . ئەلچىلەر سوۋغاتلىرىنى ھەدىيە قىلغاندا، ئۇيغۇرلارمۇ سوۋغا - سالام بېرىشەتتى »⑧ دەيدۇ. لېكىن قاراخانىيلار خاقانلىرى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن، ئەلچىلەرنى كۈتىۋالغاندا ئۆزىنىڭ خوتۇن – قىزلىرى ، ئاچا – سېڭىللىرىنى ‹ نامەھرەم بولىدۇ › دەپ قاراپ ئەلچىلەر بار سورۇنغا ئېلىپ چىقىشنى مەنئىي قىلغانلىقى ئېنىق . ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلارنىڭ ئەلچىلەر بىلەن كۆرۈشۈش شەكىللىرىدىمۇ مۇئەييەن ئۆزگۈرۈشلەر بولغان بولۇشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ ئەلچىلەرگە سوۋغا – سالاملارنى بېرىش ئادىتى ئىزچىل داۋاملاشقان . « دىۋان » دا : « بوشۇغ ـــ رۇخسەت . خان تەرپىدىن ئەلچىنىڭ قايتىپ كېتىشىگە بېرىلگەن رۇخسەت ( قەغىزى ) . ئەلچىگە بېرىلگەن سوۋغىغىمۇ مۇشۇ سۆز ئىشلىتىلىدۇ . »⑨ دېيىلگەن بولۇپ، بۇ باياندىن بىز قاراخانىيلار خانلىقى تىرىتورىيسىدە ئەلچىلەرنىڭ ئىش - ھەركەتلىرى ۋە كېلىپ - كېتىشلىرى ئۆزى خالىغانچە بولماستىن، بەلكى خاقاننىڭ رۇخسىتى بىلەن بولىدىغانلىقى ھەمدە خاقاننىڭ باشقا دۆلەت پادىشاھىغا ئەۋەتىدىغان نەرسىلىرىنى ئەلچىلەر ئارقىلىقمۇ ئەۋەتىدىغانلىقىنى، ئەلچىلىككە كەلگەنلەرگىمۇ مەلۇم نىسبەتتە سوۋغا - سالاملارنىڭ بېرىلىدىغانلقىنى بىلەلەيمىز . ئەينى دەۋرلەردە ئۇيغۇر خاقانلىرى ياكى خوشنا ئەل پادىشاھلىرى ۋە ياكى ئۇلارنىڭ بىرەر تۇغقىنى ھەم دۆلەت ئەمەلدارلىرى ئۆلۈپ كەتكەن بولسا ئۆز- ئارا ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ تەزىيە بىلدۈرۈش ئارقىلىق كۆڭۈل يېقىنلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ئادەتلەرمۇ بولغانلىقى « مەڭگۈ تاش » لار ۋە تارىخىي كىتابلاردا تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ ، لېكىن « قۇتادغۇ بىلىك » ۋە « تۈركىي تىللار دىۋانى » دا بۇ ھەقتىكى بايانلار ئۇچرىمايدۇ .

    يۈسۈپ خاس ھاجىپ « قۇتادغۇ بىلىك » تە : « ئەلچىلىككە ئەۋەتىشكە قانداق كىشى يارايدىغانلىقى توغرىسىدا ئۆگدۈلمىشنىڭ ئېلىككە ئېيتقانلىرى » ( 33- باب ) ناملىق مەخسۇس بىر باب ئاجراتقان بولۇپ ، بۇ بىر بابتىكى مەزمۇنلارنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق قاراخانىيلارنىڭ خانلىقىنىڭ دىپلوماتىيە ئشلىرىغا قانچىلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا چۈشەنگىلى بولىدۇ . يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ « قۇتادغۇ بىلىك » تىكى ئەلچىنىڭ قانداق بولۇشى ھەققىدىكى بايانلىرنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە نوقتىغا يېغىنچاقلاش مۇمكىن :

    بىرىنچىدىن ، ئەلچى ئەخلاق – پەزىلەتلىك بولۇشى كېرەك .

    يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەلچىنىڭ كۆيۈمچان، سېلىق – سىپايە ، كۆز قارنى توق ، دۇرۇس ، باتۇر ، ھىممەتلىك ، ئۇياتچان ، ئىشەنچلىك ، سەزگۈر ۋە خۇلقى ئۇز بولىشى لازىملىقى ھەمدە ئاچكۆز ، تاماخور كىشنىڭ ئەلچى بولۇشقا مۇناسىپ ئەمەسلىكىنى ئېيتىدۇ. ئەلچىلەر باشقا دۆلەتتە ئۆز دۆلىتىدە يوق بىرەر نەرسىنى كۆرگەندە ئۇ نەرسىنى ئاچكۆزلۈك بىلەن تالاشسا ، باشقا دۆلەت خاقانىنىڭ ئۆزىگە بىرەر نەرسە بېرىشىنى تاما قىلىپ ئۆز دۆلىتى ۋە خەلقىنىڭ ئىشىنى ياخشىى بېجىرمىسە ئۇنداق كىشنى ئەلچىلىككە ئەۋەتشنىڭ بەگكىلا ئەمەس پۈتۈن ئەلگە زىينى كۆپ . ئەگەر ئەلچى بوشاڭ ، مىجەز – خۇلقى يامان ، گەپ سۆزى تۇترۇقسىز ۋە تۇراقسىز بولسا ، ئېنىقكى ئۆز بېگىنىڭ ۋە ئىلىنىڭ يۈز – ئابرويىنى تۆكىدۇ . ئەلچى ئەخلاقلىق بولۇپلا قالماي ، يەنە بوي – تۇرقى كېلىشكەن، يۈزى ۋە ساقال – بۇرۇتلىرى چىرايلىق ، پاكىزە بولمىقى ھەم لازىمدۇر. يۈسۈپ خاس ھاجىپ يەنە :

    « {2645}كىشى بولسا پازىل ، نام – ئاتى چىقۇر ،

    ئەگەر بولمىسا پەزلى نامسىز قېرۇر .

    {2646} كىشى پەزلى بىرلە كىشىدىن ئۇزار ،

        ئەقىل ، پەزلى بولسا ئەر ئۆرلەپ ئۇچار .

    {2647} پەزىلەت بىلەن ئەر قولىن گەر سۇنار ،

        بۈيۈك تاغ ئىگىپ باشىن يەرگە قويار . »

    دەيدۇ . ئالىم بۇ بېيىتتا ‹ ئەخلاق – پەزىلەتلىك ئادەم تاغقا قول سۇنسا تاغمۇ باش ئىگىدىغانلىقى › نى دېيىش ئارقىلىق ئەخلاقنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى، ھەر قانچە بىلىملىك بولغان بىلەنمۇ ئەخلاق – پەزىلەتلىك بولمىسا ئۇنداق كىشىنىڭ يەنىلا بىلىمسىز ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بەرگەن .

    ئىككىنچىدىن ، ئەلچى بىلىملىك بولۇشى كېرەك . ھەر بىر ئەلنىڭ دىپلۇماتىك ئىشلىرىنىڭ ياخشى ھەل قىلىنىش – قىلىنماسلىقى ئەلچىلەرنىڭ تىرىشچانلىقىغا باغلىق بولغاچقا ، ئەلچىلەر بىلىملىك ، ئەقىللىق ، جەسۇر ، ھەر ئىشتا ئېغىر بېسىق بولۇشى لازىم . يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەلچىنىڭ شېئىر يازالايدىغان ، ئىلمى نۇجۇم ( ئاسترونومىيە ) ، تىبابەت ، ھېساب ئىلمى ، گېئومېتىرىيە ، يەر ئۆلچەش ، چۈش ئۆرۈش قاتارلىق ئىلىملەردىن پۇختا خەۋەردار بولغاندىن سىرت، يەنە دامكا – شاھمات ئويناش، ئوق ئېتىش ، چەۋگەن ئويناش، ئوۋچىلىق قاتارلىق ئىشلارنىمۇ بىلىشى زۆرۈرلىكىنى تىلغا ئالىدۇ . قىسقىسى، ئالىم ئەلچىلىككە ئەۋەتىلىدىغان كىشىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەن بىلىملىرىدىن مۇكەممەل خەۋەردار بولىشى كېرەكلىكىنى كۈچەپ تەكىتلىگەن .

    ئۈچىنچىدىن ، ئەلچى ناتىق بولۇشى كېرەك .

    باشقا ئەلگە ئەۋەتىلىدىغان ئەلچى پەقەت ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى پىششىق بىلىپلا قالماستىن ، بەلكى ئۆزى ئەلچى بولۇپ بارغان دۆلەتنىڭ تىلىنىمۇ پىششىق بىلىشى زۆرۈر. بىر كىشىنىڭ گەپ – سۆزىنىڭ مەنتىقىگە ئۇيغۇن ، ئىلمىي ئاساسقا تويۇنغان بولۇشى ئۇنىڭ سۆزىنىڭ ئۇرغۇلۇق ياكى پاساھەتلىك بولىشىدىنمۇ مۇھىم . يۈسۈپ خاس ھاجىپ « قۇتادغۇ بىلىك » تە يەنە :

    « {2648} ئۇ بولسۇن چىچەن ، سۆزگە ھازىر جاۋاب ،

        سۇئالغا جاۋاب بەرسۇن ھەم توغىرلاپ . »

    « { 2636} پۈتۈن تىلدا سۆزلەشنى بىلسۇن تىلى ،

         پۈتۈن خەتنى ئۇقۇسۇن، پۈتسۇن قولى . » دەپ يازىدۇ .

    باشقا ئەلگە بارغاندا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى بەزى ئىشلار ئۈچۈن پۈتۈم ۋە كېلىشىمنامىلەرنى تۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ . شۇڭلاشقا ئەلچى ئۆز تىل – يېزىقىدىن باشقا يەنە شۇ ئەل خەلقىنىڭ تىل – يېزىقىنىمۇ ئۇقىيالىشى ۋە يازالىشى كېرەك .

    تۆتىنچىدىن ، ئەلچى باشقا ئەلگە بارغاندا يىمەك – ئىچمەككە دىققەت قىلىشى كېرەك . ئەلچىلەر باشقا ئەلگە بارغاندا مەي – شاراب ئىچمەسلىكى، ئالدىغا كەلگەن نەرسىنى تاللىماي يەۋەرمەسلىكى لازىم . ‹ تىلى ياتنىڭ دىلى يات › دېگەندەك يات ئەلدىكى دۈشمەنلەر ئۇنىڭ تامىقىغا زەھەر سېلىپ قەستلەيدىغان، مەي – شاراب بىلەن مەسىت قىلىۋىتىپ ئۇنىڭ سىرىنى بىلىۋالدىغان ئىشلارنىڭ سادىر بولىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئەلچى يىمەك – ئىچمەككە ئىنتايىن دىققەت قىلىشى كېرەك .

    ئەلچىلەرگە قويۇلىدىغان تەلەپلەرنىڭ بۇنداق كۆپ ۋە ئەتراپلىق بولىشى ئەلچىلىك خىزمىتىنىڭ تولىمۇ جاپالىق ھەم مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ . قىسقىسى ، قەدىمكى يازما يادىكارلىقلىرىمىزدىكى ئەلچى ۋە ئەلچىلىككە ئائىت بايانلارنى تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق تەتقىق قىلىش قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت قارىشى، ئالاقە شەكىللىرى ۋە ئادەت - ئۇدۇملىرىنى چۈشىنىشىمىزدە تولىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر .

    ــــــــــــــــــــــــــ

    ئىزاھاتلار :

    ① ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل – يېزىق كومىتېتى لوغەت بۆلۈمى تۈزگەن : « ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتى » 1- توم ، مىللەتلەر نەشرىياتى ، 1990-يل 5-ئاي 1-نەشرى ، 295-بەت .

    ② ئەھمەد سۇلايمان قۇتلۇق : « ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى » ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 2005-يىل 11-ئاي 1- نەشرى ، 374- بەت .

    ③،④،⑤،⑥،⑦،⑨ مەھمۇد قەشقىرى : « تۈركىي تىللار دىۋانى » ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 1981- يىل 8- ئاي1-نەشرى ، 3- توم 63- ، 211- ،1-توم ، 191-بەت ، 3- توم ، 13-بەت ، 2-توم 421-بەت ،1-توم 482- بەت .

    ⑧ باھائېدىن ئۆگەل : « تۈرك مەدەنىيتىنىڭ گۈللەنگەن چاغلىرى » تۈركچە ، 1971-يىل ئىستانبۇل 1- نەشرى ، 108- بەت .

    ـــــــــــــــــــــــــ

    پايدىلانغان ماتېرىياللار :

    ① يۈسۈپ خاس ھاجىپ : « قۇتادغۇ بىلىك » ، مىللەتلەر نەشرىياتى ، 1984-يىل5- ئاي 1- نەشرى ، 555- بەتتىن 568- بەتكىچە ، « ئەلچىلىككە ئەۋەتىشكە قانداق كىشى يارايدىغانلىقى توغرىسىدا ئۆگدۈلمىشنىڭ ئېلىككە ئېيتقانلىرى » ( 33- باب ) ، 2596- بېيتتىن 2668- بېيىتكىچە .

        بۇ ماقالە « شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنېۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى » نىڭ 2007 - يىللىق 1 - سانىدا چىققان

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار