خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

خەلقىمىزدە تونۇر ۋە ئوچاق

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2013-04-03 12:37

خەلقىمىزدە تونۇر ۋە ئوچاق
 
خەلقىمىزدە تونۇر ۋە ئوچاق

خەلقىمىز ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئۆزىگە خاس، ھازىرمۇ پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە نۇرغۇن مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ياراتقان. ‹‹ئوچاق›› ۋە ‹‹تونۇر›› ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››دا ‹‹ئوچاق›› ۋە ‹‹تونۇر›› ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئوچاق دېگەن سۆزنىڭ شۇ دەۋرلەردىلا ‹‹ئوچاق›› دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. بۇنىڭدىن ئوچاق ۋە تونۇرنىڭ خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇشىدا تولىمۇ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. بىزدە ئوچاقنىڭ تۈرى كۆپ، ھەرقايسى يۇرتتىكىلەر ئۆز جايىنىڭ شارائىتىغا، تۇرمۇش ئادىتىگە باب كېلىدىغان ئوچاقلاردىن پايدىلىنىدۇ. تۆۋەندە ئۇنىڭ ئومۇملاشقان بىر قانچە تۈرىنى تونۇشتۇرىمەن:
1. شور ئوچاق. بۇنى سېلىشتا ئاۋۋال ئوچاق سېلىنىدىغان ئۆينىڭ تۆر، تۆشۈك، پەگاھ، سۇپىلىرىنى ئوبدان پىلانلاپ، قۇم ئارىلاش توپىدا چىرايلىق ئوچاق قېلىپى ياسىلىدۇ. ئاندىن چۆللۈكتىن كەلتۈرۈلگەن شور قاتتىق يەرگە تۆكۈلۈپ كالتەك، توقماقلار بىلەن ئۇرۇپ ئېزىلگەندىن كېيىن، ئۆتكەمە – غەلۋىردىن ئۆتكۈزۈلۈپ، يۇمشىقى بۇغداي چەشلىگەندەك چەشلىنىپ، يوغان كاساڭ (تەڭنە)، داسلاردا خېمىر يۇغۇرغاندەك يۇغۇرۇلۇپ، زۇۋۇلا تۇتۇپ راسلانغاندىن كېيىن، ئوچاق قېلىپىنىڭ ئۈستىگە چاك باستۇرۇپ چاپلىنىدۇ. ئوچاق پۈتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ قېلىپى ئېلىۋېتىلىپ، ئوچاق ھەرە كېپىكى، قۇرۇتۇلغان كالا تېزىكى قاتارلىقلار بىلەن ئىسلىنىپ پىشۇرۇلىدۇ.
2. ئارىلاشما قۇرۇلمىلىق ئوچاق. شور شور ئوچاقنىڭكىدەك تەييارلىنىپ ئاندىن شېغىل، قۇم، سېمونت قاتارلىقلار مۇۋاپىق نىسبەتتە ئارىلاشتۇرۇلىدۇ ۋە ئارىلاشما لاي تۆمۈر قېلىپنىڭ ئۈستىگە چاك باستۇرۇپ ياسىلىدۇ. لاي قاتقاندىن كېيىن، قېلىپنى ئېلىۋېتىپ ئوچاقنى ئىشلەتسە بولىدۇ.
3. خىش (كېسەك) ئوچاق. تۆت سانتىمېتىر كەڭلىكتىكى تۆمۈردە پارچىلىنىدىغان ئەگمە ياساپ، ئۇنى ئوچاق سېلىنىدىغان جايغا قېلىپ ئورنىدا قۇراشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرىمىز، ئاندىن كۇلاللار (تاۋاقچىلار) ئىشلىتىدىغان سېغىزنى سوقۇپ، تېرىق غەلۋىردىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭغا توزغاق ياكى غەلۋىردىن ئۆتكۈزۈلگەن يۇمشاق سامان، سېمونت ئارىلاشتۇرۇپ لاي ئېتىپ، كېسەكنى چاك باستۇرۇپ ياسايمىز.
4. سېغىز لاي ئوچاق. بۇ ئوچاق سېغىز لايدا ياسىلىدۇ. بۇ ھەرقانداق جايدا ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئاددىي ئوچاق بولۇپ، قەدىمكى زاماندا ‹‹نان›› يېقىپ ‹‹گۆش›› پىشۇرۇپ يېيىلگەن.
5. كۆمەچ ئوچاق. بۇ ئوچاق چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق رايونلىرىدا تام ئىچىگە چىقىرىلغان ‹‹يان مورا››نىڭ ئۇدۇلىغا سېلىنىدۇ. مورىنىڭ ئۇدۇلى تۈزلىنىپ، ئەتراپى ئۈچ – تۆت سانتىمېتىر ئېگىزلىتىلگەندىن كېيىن، سوقۇلغان شورغا ئازراق قاتتىق تۇز ئارىلاشتۇرۇلۇپ لاي ئېتىلىپ، ئوچاق ئىچىگە 10 – 15 سانتىمېتىر قېلىنلىقتا سىلىق سۇۋىلىدۇ. ئۇ كۆمەچ پىشۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.

 
خەلقىمىزدە تونۇر ۋە ئوچاق

6. تۆمۈر ئوچاق. بۇ چوڭ ماي تۇڭىنى ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ، ئۇنىڭ ئىچىنىڭ ئوتتۇرىسىغا شالا، شالانىڭ يۇقىرى، تۆۋىنىگە ئوتۇن، كۆمۈر سالىدىغان، كۈل تارتىدىغان قاپقا، كانايلىق چىقىرىلىپ، ئاستىغا ئۈچ پۇت بېكىتىلىپ ياسىلىدۇ. ئۇنى خالىغان جايغا يۆتكەپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
7. شالالىق ئوچاق(ئۆرە ئوچاق). بۇ ئوچاقنىڭ ئوت قالايدىغان يېرىنى ئۆلچەپ چوتنىڭ سېپىدەك تۆمۈرنى بىر، ئىككى غېرىچتىن كېسىپ، قاتار تىزىپ سۇۋاركىلاپ ئوچاققا قويۇلىدۇ، ئوچاق تېگىدىن ھاۋا ئۆتۈشۈپ ئوت بەك كۆيىدۇ .

 
خەلقىمىزدە تونۇر ۋە ئوچاق

8. خان ئوچاق. بۇ ئوچاق مېھمانساراي ئۆيگە تام جاۋەن شەكلىدىكى مورىنىڭ ئىچىگە ياسىلىدۇ. بىزدە بۇلاردىن باشقا يەنە تونۇر ئوچاق، چالما ئوچاق، كولىما ئوچاق، يەرلىك ئوچاق، ئىدىش ئوچاق، كۆلچەك ئوچاق، مورا ئوچاق، خۇمدان ئوچاق، ئىسلاق ئوچاق، ئىسرىقدان ئوچاق قاتارلىق ئوچاقلارمۇ بار.
تونۇر شوردىن ياكى ئوتقا چىداملىق سېغىز لاي ۋە ياكى خىشتىن يېرىم شار شەكلىدە ياسىلىدۇ.
تونۇرنىڭ سېغىز لاي تونۇر، شور تونۇر، خىش تونۇر، تۆمۈر تونۇر، چويۇن تونۇر، ئىدىش تونۇر، كۈپ تونۇر، ئارىلاشما تونۇر قاتارلىق تۈرلىرى بار.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار