خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

پىچاندا يۇرا دەۋرىگە تەۋە دىنازاۋۇر تاش قاتمىسى با

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2012-04-18 11:42

 

پىچاندا ئېلىمىز بويىچە يۇرا دەۋرىگە تەۋە ئەڭ چوڭ دىنازاۋۇر

 

تاش قاتمىسى بايقالدى

 

پىچاندا ئېلىمىز بويىچە يۇرا دەۋرىگە تەۋە ئەڭ چوڭ دىنازاۋۇر تاش قاتمىسى بايقالدى
 

جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتى، شېنياڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شىنجاڭ گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش يۇرتى تەشكىللىگەن ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتى يېقىندا تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ پىچان ناھىيەسىدە ئېلىمىز بويىچە يۇرا دەۋرىگە تەۋە ئەڭ چوڭ دىنازاۋۇر تاش قاتمىسىنى بايقىدى.

بۇ ئالاھىدە چوڭ دىنازاۋۇر تاش قاتمىسى پىچان ناھىيەسىنىڭ چىقتىم دېگەن جايىدىكى كېيىنكى يۇرا دەۋرىگە تەۋە يەر قاتلىمىدا بايقالغان. ئۇ، بۇنىڭدىن تەخمىنەن 160 مىليون يىل ئىلگىرى ياشىغان زور كەسلەنچۈك پۇتلۇقلار تۈرىدىكى ئوتخور دىنازاۋۇر. ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ مەسلىھەتچىسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى قەدىمكى ئۇمۇرتقىلىق ھايۋانلار تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ئېلىمىزنىڭ داڭلىق دىنازاۋۇر تەتقىقاتچىسى دۇڭ جىمىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ دىنازاۋۇرنىڭ ئۇزۇنلۇقى 35 مېتىر، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 30 توننا كېلىدىكەن، ئۇ ھازىرغىچە ئېلىمىزدە بايقالغان يۇرا دەۋرىگە تەۋە ئەڭ چوڭ دىنازاۋۇر تاش قاتمىسى ئىكەن. ئىلگىرى ئېلىمىزدە بايقالغان يۇرا دەۋرىگە تەئەللۇق زور كەسلەنچۈك پۇتلۇقلار تۈرىدىكى دىنازاۋۇر تاش قاتملىرى ئاساسلىقى يۈننەندىكى «چۈەنجيې دىنازاۋۇرى»، سىچۈەندىكى «ئېمىي دىنازاۋۇرى» ۋە «مامېنشى دىنازاۋۇرى» قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 20 نەچچە مېتىرلا كېلىدىكەن. پىچاندا زور كەسلۈنچۈك پۇتلۇقلار تۈرىدىكى چوڭ دىنازاۋۇر تاش قاتمىسىنىڭ بايقالغانلىقى يۇرا دەۋرىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىكى شىنجاڭ رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ دىنازاۋۇرلارنىڭ كۆپىيىشى ۋە ياشىشىغا تېخىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتى 15-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن بايلىقى نازارىتى ۋە پىچان ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، بۇ بايقاشنى ئېلان قىلىپ، دىنازاۋۇر تاش قاتمىسى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە قېزىلغان باشقا ھايۋانلارنىڭ تاش قاتمىسىنى كۆرسەتتى. بۇ، ئىلمىي تەكشۈرۈش نەتىجىسى تۇرپان ۋىلايىتىدىكى يۇرا دەۋرىگە تەۋە دىنازاۋۇر ۋەكىللىكىدىكى جانلىقلار توپىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش، پىچان ناھىيەسىدىكى تاش قاتمىلارنى قوغداش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش، دۆلەت گېئولوگىيە باغچىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار