خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئۇيغۇر كىتابچىلىق مەدەنىيىتى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئالىپتىكىن2011-12-19 19:28

 

ئۇيغۇر كىتابچىلىق مەدەنىيىتى

 

ئۇيغۇر قەدىمكى كىتابچىلىك مەدەنىيىتى __ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا پەيدا بولۇش، راۋاجلىنىش، تەرەققىي قىلىش ۋە مۇكەممەللىشىش باسقۇچلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ، دۇنيا مەدەنىيەت غەزىنىسىدىكى بىباھا گۆھەرلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. «ئۇيغۇر قەدىمكى كىتابەتچىلىك مەدەنىيىتى» ئۆزىنىڭ تەرەققىيات داۋامىدا تەسىرى زور بولغان گۈللىنىش دەۋرلىرىنى بەرپا قىلىپ، شۆھرىتى دۇنياغا يېيىلغان مەشھۇر ئەربابلار، ئالىملار، يازغۇچى، شاىرلار كىتابلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر قەدىمكى كىتابەتچىلىك مەدەنىيىتىنى نۇرلۇق ئابىدىگە ئايلاندۇردى. بۇلاردىن كۇمراجىۋا، تونيۇقۇق، فارابى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقەرى، ئەخمەت يۈكنەكى، ئەلىشىر نەۋاى، مۇھەممەت مىرزا ھەيدەر، خىرقىتى، زەلىلى، ئەرشى، ئابدۇرېھىم نىزارى، مۇللا بىلال نازىمى، تەجەللى قاتارلىق مۇتەپەككۈر، ئالىم، يازغۇچى، شاىرلار كۈچلۈك پلسەپىۋىلىككە ئىگە بولغان، دۇنياغا تەسىرى كۈچلۈك «تۈركىي تىللار دىۋانى»، «قۇتادغۇ بىلىك»، «ئەتەبەتۇل ھەققايىق» «خەمسە»، «خەزاىنۇل ماانى»، «تارىخىي رەشىدى»، «زەلىلى دىۋانى»، «دىۋان ئەرشى»، «نىزارى داستانلىرى»، «غەزەلىيات»، «نۇزۇگۈم»، «گۈل ۋە نەۋرۇز» قاتارلىق كىتاب ۋە ئەسەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر قەدىمكى كىتابەتچىلىك مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىش دەۋرلىرىنىڭ شاھىدلىرىدۇر. ئۇلارنىڭ بۇ كىتاب (ئەسەر)لىرى بۈگۈنكى دەۋرىمىزگىچە ئەتىۋارلىنىپ ساقلىنىپ، كەڭ خەلق تەرىپىدىن سۆيۈپ ئوقۇلماقتا. بۇ شەۋكەتلىك كىتابلاردىن «تۈركىي تىللار دىۋانى»، «قۇتادغۇ بىلىك»، مەھمۇد قەشقەرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋەكىللىكىدىكى 11-ئەسىر ئۇيغۇر قەدىمكى كىتابەتچىلىك مەدەنىيىتى گۈللىنىش دەۋرىنىڭ مەھسۇلى بولسا، «خەمسە» بىلەن «خەزا ئىنۇل مەانى»، «گۈل ۋە نەۋرۇز» 15-ئەسىر ئۇيغۇر قەدىمكى كىتابەتچىلىك مەدەنىيىتنىڭ گۈللىنىش دەۋرلىرىنىڭ شاھىدلىرىدۇر. (ئابدۇراخمان باقى)
ئوغۇزنامە
«ئوغۇزنامە» ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى قەھرىمانلىق ئىپوسلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئىپتىداىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە يېزىلغان. ئۇنىڭدا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىپتىداىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى تەبىەت بىلەن كۈرەش قىلىپ ئۆز جاسارىتىنى كۆرسەتكەنلىكى، كېيىنكى قىسىمىدا ئوغۇزنىڭ خان بولۇشى، ئۇنىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرى بايان قىلىنغان. ئەسەردە مول تارىخى ۋە ئىتنۇگرافىك ماتېرىياللار بولۇپ، ئۇنى قەدىمكى ئۇيغۇر ئىجتىماىي ھاياتىنىڭ بەدىىي قامۇسى دەپ قاراشقا بولىدۇ. «ئوغۇزنامە» ئەجدادلىرىمىزنىڭ يىراق قەدىمكى ماددى ۋە مەنىۋى ھاياتىنى ھەرقايسى تەرەپتىن مۇپەسسەل يۇرۇتۇپ بەرگەن. «ئوغۇزنامە» ئىپوسىنىڭ ئەسلى تېكىستىنىڭ تېرانسىپىكسىيىسى قىسمى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى يەشمىسى بىرگە ئىشلەنگەن ئەسەر بولۇپ، بۇ كىتاب مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1981-يىلى نەشىر قىلىنغان. (ئابدۇراخمان باقى)
ئىككى تېكىننىڭ ھىكايىسى
بۇنىڭدا «بىر تېكىن» ياخشىلىقنىڭ، «يەنە بىر تېكىن» يامانلىقنىڭ سىمۋولى قىلىنغان بولۇپ، ئوخشىمىغان ئىككى خىل ئوبراز ۋە ئىككى خىل خارەكتېرنى ئىنتايىن جانلىق ۋە يارقىن سۈرەتلەش ئارقىلىق، ئاجىز بىچارىلەرنى ئازاب-ئوقىبەتتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ئىنتىلىشتەك يۈكسەك ئىنسانپەرۋەرلىك ئىدىيە قىزغىن مەدھىيلەنگەن. شۆھرەتپەرەسلىك، ھەسەتخورلۇق، شەخسىيەتچىلىك، قارانىيەتلىككە ئوخشاش ئىنسانىيەت ئەخلاقىغا زىت بولغان يامان ئىللەتلەر پاش قىلىنغان. رىۋايەتتە تەزۋىرلەنگەن چوڭ تېكىن بۇددا دىنىغا قاتتىق ئېتىقاد قىلىدىغان، ئۇنىڭ ئەقىدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئۆزىنىڭ بىردىن-بىر بۇرچى ھېسابلايدىغان ناھايىتى ئاق كۆڭۈل، ساپ دىل، سەمىمي ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن، كەمبەغەل، ئاجىز، بىچارىلەرنىڭ جاپادا قالغانلىقىغا چىداپ تۇرالمايدۇ. تىرىكچىلىكنى دەپ گۇناھ ھېسابلانغان ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تېىىمۇ ئازابلىنىدۇ. شۇڭا ئۇ ئاجىز-بىچارىلەرنى گۇناھتىن خالى قىلىش ئۈچۈن، چىنتەمەنى ئەنگۈشتەرنى ئەكىلىشتىن ئىبارەت خەتەرلىك ئىشقا بەل باغلايدۇ. جاپا-مۇشەھقەتتىن، ھېرىش-چارچاشتىن قىلچە قورقۇپ قالمايدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى، بىلىملىك، دانىشمەنلىكى بىلەن بارلىق توسقۇنلارنى، خېيىم-خەتەرلەرنى يېڭىپ چىقىدۇ. ئۇ ئاخىرىدا ھەقىقەتەن مۇددىاسىغا مۇۋاپىق نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ، كەمبەغەل، ئاجىز، بىچارىلەرنى، تىلەمچىلەرنى ئاچارچىلىقتىن، يالىڭاچلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ھېمايىسىگە ۋە ئالچىشىغا سازاۋەر بولىدۇ. چوڭ تېكىن يۈكسەك خەلقپەرۋەرلىك ئىدىيىسىگە ئىگە پارلاق غايىۋى ئوبراز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. رىۋايەتتە ئۇنىڭدىن باشقا تېكىننىڭ ئىنىسىنىڭ ئوبرازى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئۇ قولىدىن ھىچ ئىش كەلمەيدىغان، ئىچى تار، ھەسەتخور، ئۆز شەخسىيىتى، نام-شۆھرىتى ئۈچۈن ھەر قانداق پەسكەشلىك، يامانلىق قىلىشتىن يانمايدىغان ئۇچۇغا چىققان شەخسىيەتچى، قارانىيەت، سۈيقەستچىلەرنىڭ ۋەكىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. «ئىككى تېكىن»نىڭ ھېكايىسى ناملىق بۇ ئەسەرنى قارا خۇجا ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ياشىغان مەلۇم بىر ئۇيغۇر تەرىپىدىن سانسىكرىت تىلىدىن ياكى خەنزۇچىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. بۇ كىتاب 80 بەت، ھەر بىر بېتىدە 7-8 قۇردىن خەت يېزىلغان، 640 قۇرغا يېقىن ھەجىمگە ئىگە چوڭ ئەسەر بولۇپ، ئۇ ھازىر پارىجھ مىللىي كۈتۈپخانىسىدا ساقلانماقتا. بۇ ئەسەر تېپىلىپ ئارىدىن 6-7 يىل ئۆتكەندىن كېيىن (1914-يىللىرى)، پىللىوت بۇ ئەسەر ئۈستىدىكى ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىملىق تەتقىقات ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. شۇنىڭدىن بۇيان بۇ ئەسەر ياۋرۇپا ۋە ئاسىيادىكى تۈركشۇناسلارنىڭ كۈچلۈك دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى. ئۇلار بۇ ئەسەرنى دۇنيادىكى خىلمۇ-خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىپ، خەلقئاراغا تونۇشتۇرغاندىن باشقا، كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلارنى يېزىپ، بۇ ئەسەر ئۈستىدىكى ئۆز مۇلاھىزىلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى. بۇنىڭدىن قارىغاندا ئىككى تېكىن رىۋايىتىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنى، قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىياتىنى، بۇددىزمنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىنىي ئېتىقادى، چۈشەنچىسى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى بىلىش ھەم تەتقىق قىلىشىمىزدا نەقەدەر قىممەتلىك مەدەنىي يادىكارلىق ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. (ئابدۇراخمان باقى)
ئالىپ ئەرتۇڭا داستانى «ئالىپ ئەرتۇڭا» داستانى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى تارىخىي داستانى ياكى ئېپوسىدۇر. ئەسەر قەھرىمانى ئالىپ ئەرتۇڭا تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 7-ئەسىردىن 8-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر قەھرىمانى ۋە خاقانىدۇر. قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئۇنى «قاپلاندەك باتۇر» دېگەن مەنىدە ئالىپ ئەرتۇڭا دەپ، تاجىك-پارىسلار «ئافراسىياپ» دەپ ئاتىغان. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا بۇ داستاندىن پارچىلار بېرىلگەن. «شاھنامە» ۋە «قۇتادغۇ بىلىك» داستانلىرىدا، نەۋاىنىڭ «تارىخىي مۈلكى ئەجەم» ناملىق ئەسەرلىرىدە بۇ تارىخىي شەخس ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن. (ئابدۇراخمان باقى)
ئىدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلۈكى
«ئىدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلۈكى» لۇغەت بولۇپ، قۇچۇ دەۋرىدە تۈزۈلگەن. مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1984-يىلى نەشىر قىلىنغان. بۇ لۇغەت مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تۈزۈلگەن بولۇپ، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى بىلەن خەنزۇ تىلىنىڭ سۆزلۈكلىرىنى سېلىشتۇرۇش خارەكتېرىدىكى لۇغەت. ئۇنىڭ نۇسخىلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بېيجىڭدا تۆت خىل نۇسخىسى ساقلانماقتا. (ئابدۇراخمان باقى)
مايتىرى سىمىت «مايتىرى سىمىت» قۇچۇ دەۋرى تەرجىمە ئەدەبىياتىنىڭ يۈكسەك نامايەندىسى بولغان. 27 پەردىلىك دراما ئەسىرى بولۇپ بۇددىزم ئەقىدىلىرىنى ئاساسىي تېما قىلغان. بۇ ئەسەرنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نۇسخىسى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1988-يىلى نەشىر قىلىنغان. ھازىر «مايتىرى سىمىت» نىڭ دۇنيادا ئالتە خىل قوليازما نۇسخىسى بار. ئۇنىڭ ئىككىسى تۇرپان سېڭگىمدىن، ئىككىسى تۇرپان مورتۇقتىن تېپىلغان. 1956-يىلى قاراشەھەر شىكشىندىن تېپىلغان نۇسخىسىلا ئاپتونۇم رايۇنلۇق موزىيدا ساقلانماقتا. «مايتىرى سىمىت» چوڭ ھەجىملىك ئەسەر بولۇپ، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى قوليازمىلار ئىچىدە دەۋرى ئەڭ ئۇزۇن بولغان بۇددا دىنى مەزمۇندىكى زور ھەجىملىك سەھنە ئەسىرى. بۇ ئەسەر مۇكەممەل بەدىى شەكىل، كونكرېت ئوبراز، مۇكەممەل سىيوجھىت ۋەقەلىكى، جانلىق قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئارقىلىق مۇكەممەل ۋەقەلىكنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. (ئابدۇراخمان باقى)
ئالتۇن يارۇق
«ئالتۇن يارۇق» قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى مەدەنىيەتىگە تەۋە. بۇ ئەسەرنىڭ ئىسمى «ئالتۇن ئۆڭلۈك يارۇغ يالتىراقلىق قۇتتا كۆتۈرۈلمىش نوم ئىلىگ ئاتلىغ نوم بىتىگ» (ئالتۇن نۇر چېچىپ ھەممىدىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغان شاھانە ئەسەر) بولۇپ، ئۇ 10-ئەسىردە بەشبالىق (جىمسار) لىق ئەدىب سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ تەرىپىدىن خەنزۇچىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. بۇ ئەسەردە بۇددا دىنىنىڭ جانلىقلارنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇش ئەقىدىسى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ ئەسەرنى مالۇۋ 1909-، 1910-يىللىرى گەنسۇنىڭ سېرىق ئۇيغۇرلار رايۇنىدىكى ۋاڭفۇگۇ بۇدخانىسىدىن قولغا چۈشۈرگەن. ئۇنىڭ لىكوك تەرىپىدىن تۇرپان ۋە دۈنخۇاڭدىن تېپىۋېلىنغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئانچە توللۇق بولمىغان 2-، 3-نۇسخىلىرىمۇ بار. (ئابدۇراخمان باقى)
چاشتانى ئېلىگ بەگ
«چاشتانى ئېلىگ بەگ» قىسسىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە فولوكلور مىراسلىرىنىڭ بىرى. ئۇ 1914-يىلى تۇرپاندىن تېپىلغان. ئەسەر قەھرىمانى چاشتانى ئېلىگ بەگ قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ جىنلارنىڭ ياۋۇزلۇقى تۈپەيلىدىن دۇچار بولغان كېسەللىك ئاپىتى ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلىك ھاياتىدىن قۇتۇلۇپ، تېنىچ، ئەركىن ياشاشتىن ئىبارەت ئارزۇ-غايىسىگە سىمۋول قىلىنغان. قەھرىمانلىق، ئىتتىپاقلىق، كوللېكتىۋىزىملىق روھ يۈكسەك دەرىجىدە مەدھىيلەنگەن. (ئابدۇراخمان باقى)
دەدە قۇرقۇت داستانى «دەدە قۇرقۇت» داستانى قەدىمكى ئۇيغۇر ۋە تۈركى تىللىق خەلقلەردە بۇ داستاننىڭ سىيۇجھىتى 8- 9-ئەسىرلەردە قەلەمگە ئېلىنغان. ئەسەردە ئوغۇز قەھرىمانلىرىدىن، باياندىرخان، قاراخان ۋە باشقىلارنىڭ ئىش-ئىزلىرى بايان قىلىنىدۇ. دانىشمەن دەدە قۇرقۇت (قۇرقۇت ئاتا) دىن ئىبارەت غايىۋى ئوبرازنىڭ ئەقىل-پاراسىتى مەدھىيلىنىش بىلەن خەلقنىڭ ئەركىنلىك ۋە نىجادلىق غايىسى ئىپادىلەنگەن. (ئابدۇراخمان باقى)
پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسى ۋە ئۇنىڭغا كېرەكلىك بولغان ئادىل پادىشاھ توغرىسىدا
بۇ ئەسەرنى ئەبۇناسىر ئۇھەمەد فارابى (ئىلادىيە 870-950) يازغان بولۇپ، بۇنىڭدا «پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسى ۋە ئۇنىڭغا كېرەكلىك بولغان ئادىل پادىشاھ» ئۈستىدە نوقتىلىق توختىلىپ، ئۆزى ياشىغان ئىجتىماىي جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي قاتلىمىنى ئىنچكىلىك بىلەن ئوپراتسىيە قىلىپ، پادىشاھنىڭ ئادىل بولۇشىنىڭ لازىملىقى، خەلققە ئادىل سىياسەت يۈرگۈزۈشنىڭ زۆرۈرلۈكى، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇن-تۈزۈم، ئەمىر-پەرمانلارغا ئاڭلىق رىايە قىلغاندىلا، ئاندىن «پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىلىرىدىن» بولالايدىغانلىقىدىن ئىبارەت تېماتىك مەزمۇن ئالغا سۈرۈلگەن. (ئابدۇراخمان باقى)
دىۋانى لۇغەت-ئىت تۈرك
مەزكۇر لۇغەتتە 11-ئەسىردە ياشىغان ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى، تىلشۇناس ۋە ئەدىب مەھمۇد قەقەرى بۇ دەۋردە ئىلىم-پەن تىلى دەپ ئاتالغان ئەرەب تىلى بىلەن تۈركىي تىلىنى «بەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتتەك» كېتىۋاتاتتى دەپ تەسۋىرلەيدۇ. سىياسىي مۇناسىۋەت، ئىقتىسادىي ئالاقە، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئېھتىياجى بىلەن ئەرەب ئابباسىيلارنىڭ ھۆكۈمران داىرلىرى، سودا-ساناەت ساھەسى ۋە ئىلىم-مەرىپەت ئەھلى تۈركىي تىلىنى ئۆگىنىش زۆرۈرىيىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلماقتا ئىدى. مەھمۇد قەشقەرى ئەنە شۇ. ئېھتىياجنىڭ ھكددىسىدىن چىقىشقا بەل باغلاپ تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىشقا كىرىشىدۇ. «خاقانىيە» ئۆلكىسىنى (جۈملىدىن قەشقەرىيە، ئىلى، يەتتە سۇ ۋە ئىسسىق كۆل بويلىرىنى) قىرغىز، تاتار دالىلىرىنى، بۇلغار، قىپچاق سەھرالىرىنى، شەرقىي ئۇيغۇر شەھەرلىرىنى، يېزىلىرىنى كېزىپ، تۈركىي تىلىدا سۆزلەشكۈچى ئاساسىي قەبىلە ئايماقلارنىڭ تىللىرى بىلەن ئىنچىكىلەپ تونۇشىدۇ. تۈرلۈك تىل پاكىتلىرىنى، شېىر-قوشاقلىرىنى، ماقال-تەمسىللىرىنى، چىرايلىق سۆز-ئىبارىلىرىنى توپلايدۇ. ئون نەچچە يىللىق ئەمەلىي ئىلمىي تەتقىقات ئاسىسىدا رەتلەپ چىقىش ئارقىلىق مىلادى 1072-1072-يىللىرى ئەرەب لۇغەتشۇناسلىقىنىڭ يېڭى ئۇسۇللىرىدىن ئىلغارراق ئۇسۇل بىلەن، ئەرەب ئېلىپبەسىنىڭ تەرتىپى بويىچە، تۈركىي تىل بىلەن ئەرەب تىلىنىڭ ئىزاھاتلىق سېلىشتۇرما لۇغىتى «دىۋانى لۇغەتىت تۈرك»(«تۈركىي تىللار دىۋانى») ناملىق ئۈچ توملۇق قامۇسنى يېزىپ چىقىدۇ. ئەسەرنىڭ مەزمۇنى تۈركىي تىلىدا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەر، گراماتىكىلىق قاىدىلەر، ھەربىي-مەمۇرىي ئاتالغۇلار، يېزا ئىگىلىك، يېمەك-ئىچمەك، مالىيە-سودا، قول ھۈنەرۋەنچىلىك، تىببىي دورىگەرچىلىك، ھايۋانات، ئۆسۈملۈك ۋە ئاسمان جىسىملىرىغا داىر سكزلەر، قەبىلىلەر، مۇھىم جۇغراپىيىلىك ناملار، قەدىمكى زاماندىكى خەلق داستانلىرىدىن پارچىلار، شېىر-قوشاقلار، ماقال-تەمسىللەر ۋە رىۋايەتلەردىن ئىبارەت كەڭ داىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مەھمۇد قەشقەرى «دىۋان» نى باغداتتا قايتا تۈزەتكەندىن كېيىن، تەخمىنەن 1076-يىلى باغداد خەلىپىسى ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا مۇقتەدى بىەمرۇللاغا تەقدىم قىلغان. بۇ كىتابنى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئابدۇسالام ئابباس، ئىبراھىم مۇتىىي قاتارلىقلارنىڭ نەشىرگە تەييارلىشى بىلەن 1984-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى نەشر قىلىنغان. (ئابدۇراخمان باقى)
قۇتادغۇ بىلىك
يۈسۈپ خاس ھاجىپ (20 / 1019
6 / 1085) قاراخانىيلار خانلىقى زامانىسى (؟850 1212) دا ئۆتكەن مۇتەپەككۇر شائىر بولۇپ، بالاساغۇندا تۇغۇلۇپ، قەشقەردە ياشاپ، شۇ يەردە ۋاپات بولغان.
يۈسۈپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك» ناملىق داستانى 1069
1070 يىللىرى قەشقەردە يېزىلغان. 85 باب، 290، 13 مىسرا.
«قۇتادغۇ بىلىك» ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى، كۆپ دەۋرلىك ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ كۈرەش قىلىپ ئىجتىھات بىلەن قولغا كەلتۈرگەن مەدەنىيەت دۇردانىسى. ئۇ بىر پۈتۈن مەدەنىيەت ھاۋاسىدا، مەركەزلىك ھەم كونكرېت ھالدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئىلمىي ئىدىيىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى تەۋرەتكىلى بولمايدىغان ئورنىنى تىكلىگەن.

مەيلى ئىدىيىۋى مەزمۇن، مەيلى بەدىئىي شەكىلدىن قارىغاندا، «قۇتادغۇ بىلىك» ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ تىپىك نەمۇنىسى بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى قاراخانىيلارنىڭ ئىجتىمائىي رېئاللىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى چاغدىكى ئاڭ ھالىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئومۇمەن، قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشى ۋە قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاڭ قارشى «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى ھاسىل قىلغان.
«قۇتادغۇ بىلىك»تە ئادالەت گەۋدە قىلىنغان باراۋەر، ئىناق ۋە خاتىرجەم غايىۋى جەمئىيەت سۈرەتلەنگەن. خىسلەتلىك يېرى شۇكى، مۇئەللىپ ئەسەردە مۇنداق غايىۋى جەمئىيەتنى سۈرەتلەش بىلەنلا قالماي، يەنە بۇ غايىۋى جەمئىيەتكە بارىدىغان يول ئۈستىدە دادىل ئىزدەنگەن. بۇ يول قانۇن، ئەخلاق ۋە بىلىمدىن ئىبارەت. قانۇن
بۇ غايىۋى جەمئىيەتنى يۆلەپ تۇرىدىغان تېرەك. ئەخلاق بۇ غايىۋى جەمئىيەتنىڭ ئىچكى بۆلەكلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان رىشتە. بىلىم قانۇننىڭ ئىشقا ئېشىشى، ئەخلاقنىڭ ھۆرمەتكە ئېرىشىشىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان تۈپ ئاساس.
داستان ۋەقەلىكى باشتىن
ئاخىر دېگۈدەك ئۈچ چوڭ مۇناسىۋەتكە ۋەكىللىك قىلغۇچى تۆت پېرسوناژنىڭ ئۆزئارا سۆزلىشىشى ۋە مۇنازىرىسى ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇپ، مۇئەللىپ مۇشۇنداق سۆزلىشىش ۋە مۇنازىرىلەر ئارقىلىق جەمئىيەتتە يۈز بېرىۋاتقان ھەرخىل مەسىلىلەر ھەققىدىكى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي، پەلسەپىۋى پىكىرلىرىنى بايان قىلغان. جەمئىيەتتىكى ھەرخىل تەبىقە، گۇرۇڭلارنىڭ ئورنى، ھۆكۈمرانلارنىڭ ئۇلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسى، جەمئىيەتنىڭ ئىچكى ئەھۋالى ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە كۈچ چىقىرىپ ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيەت تەرغىباتچىلىق رولىنى ئويناپ، مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنى مۇجەسسەملەپ چىققان. شۇنداق بولغاچقا، ئۇ ئالدى بىلەن ئۆز دەۋرىنىڭ، مەدەنىيىتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان شاھانە ئەسەر سۈپىتىدە گەۋدىلىنىپ تۇرغان.
«قۇتادغۇ بىلىك» تە مەركىزىي ئىدىيە مەركەزلىك ۋە گەۋدىلىك ئىپادىلىنىش ئۈچۈن توققۇز نەپەر پېرسوناژ ئوبرازى يارىتىلغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە كۈنتۇغدى، ئايتولدى، ئۆگدۈلمىش، ئودغۇرمىش قاتارلىق تۆت نەپەر پېرسوناژ ئاساسىي ئوبراز بولۇپ، ئۇلار توغرۇلۇق تەپسىلىي تەسۋىرلەر بېرىلگەن.
كۈنتۇغدى قانۇن، ئادالەتنىڭ سىمۋولى قىلىنغان. ئۇ بىلىملىك، ئىقتىدارلىق، ئىستېداتلىق ئادىل ھۆكۈمران، «كىم ئەقىل
پاراسەتلىك بولسا، ئۇنى يۈكسەلدۈرىدىغان»، «ئەتراپىغا دۇنيادىكى ھەرخىل ئىدراكلىق، بىلىملىك كىشىلەر زىچ توپلانغان»، «ئەلنى تۈزەپ، ئوڭشاپ ن خەلقنى بېيىتقان، ئۇنىڭ زامانىدا بۆرە بىلەن قوي بىللە سۇ ئىچكەن» ئۇلۇغ شەخس سۈپىتىدە ئوقۇرمەن تەسەۋۋۇرىدا گەۋدىلىنىدۇ.
داستاندا ئايتولدى كۈنتۇغدى ئىلىگنىڭ ۋەزىرى بولۇپ، بەخت
سائادەت سىمۋولى قىلىنغان. ئۆگدۈلمىش ئايتولدىنىڭ ئوغلى ۋە ئىز باسارى، ئۇ بىلىم ۋە ئەقىل پاراسەتنىڭ سىمۋولى. ئودغۇرمىش كۈنتۇغدى ئىلىگنىڭ مەملىكىتىدە بىر غاردا پىنھان تۇرمۇشنى تاللىغان زاھىد بولۇپ، قانائەت ۋە ئاقىۋەتنىڭ سىمۋولى قىلىنغان.
دېمەك، يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇ بىلىك»تە ئۆزىنىڭ بىر پۈتۈن ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئىدىيىۋى سىستېمىسىنى مانا مۇشۇ تۆت ئاساسىي پېرسوناژ ئارىسىدىكى سۆھبەت، مۇنازىرە ۋە دراماتىك توقۇنۇش جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، جەمئىيەتنى، جۈملىدىن دۆلەتنى قانۇن، بىلىم ۋە ئەخلاق
پەزىلەت بىلەن ئىدارە قىلىش ھەققىدىكى بىر قاتار غايىۋى قاراشلىرىنى ئىپادىلىگەن، ئۆز دەۋرىدىكى رېئاللىقنى ئىسلاھ قىلىشقا قارىتىلغان بەزىبىر ئىجتىمائىي تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. رېئاللىقنى پەردازلاپ كۆرسەتمەستىن، بەلكى ئۇنىڭدىكى مەۋجۇت ئىللەتلەرنى دادىللىق ۋە رەھىمسىزلىك بىلەن پاش قىلغان ھەم سۆككەن، ئادالەتلىكلەر، پەزىلەتلىكلەر، بىلىملىكلەر ھەم ئىستېداتلىقلار كۆپ بولغان غايىۋى بىر دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن.
ئەتەبەتۇل ھەقايىق
ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ تولۇق ئىسمى ئەدىب ئەھمەد بىننى مەھمۇد يۈكنەكى. ئۇ تەخمىنەن قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ياشىغان. ئۇ ئەما شائىر بولۇپ، ئۇنىڭدىن «ئەتەبەتۇلھەقايىق» (ھەقىقەتلەر بوسۇغىسى) ناملىق داستان مىراس قالغان. بۇ ئەسەرنىڭ يەنە «ھىبەتۇلھەقايىق» (ھەقىقەتلەر سوۋغىسى) دېگەن نامىمۇ بولغان.
شائىر ئۆز ئەسىرىنى «تۈركىي كىتاب» دەپ ئاتىغان. ئەدىب ئەھمەدتىن كېيىنرەك ئۆتكەن ئەمىر ئارسلان خوجاتارقان دېگەن كىشى ئەسەرنىڭ ئاخىرىغا يازغان ئىلاۋىسىدە مۇنداق ئۇچۇرنى قالدۇرغان :
تامامى ئەرۇر كاشغەر تىلى بىلە،
ئايتمىش ئەدىب رىققاتى دىل بىلە،
ئەگەر بىلەسە كاشغەر تىلىن ھەر كىشى،
بىلۇر ئول ئەدىبنىڭ نەكىم ئايتمىشى.
«ئەتەبەتۇلھەقايىق» 14 باب، 484 مىسرادىن تەركىب تاپقان. ئۇنىڭغا كېيىنرەك باشقىلار تەرىپىدىن يەنە ئۈچ پارچە شېئىر قوشۇلۇپ 512 مىسراغا يەتكەن.
داستاندا بىلىم، ئەخلاق، ئادالەت توغرىسىدىكى قاراشلار چىرايلىق بەدىئىي تىل ۋە مۇكەممەل شېئىرىي شەكىل ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن.
شائىر بىلىم، ئىلىم
مەرىپەتنىڭ ئورنى، رولى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر، ئوبرازلىق پىكىر قىلغان. شائىر داستاندا ئەخلاق مەسىلىسى توغرىسىدا كۆپ توختالغان. ئۇ ئىلىم مەرىپەتكە، بىلىم ئېلىش ئۈچۈن تىرىشقان كىشىلەرگە، مەردلىك، كەمتەرلىك، كۆيۈمچانلىق، ئادالەتلىك، ئىنسانپەرۋەرلىك قاتارلىق ئىنسانىي خىسلەتلەرگە قىزغىن مەدھىيە ئوقۇيدۇ. بىلىمسىزلىك، توخۇ يۈرەكلىك، قاباھەتلىك، تەكەببۇرلۇق، ۋاپاسىزلىق، خەسىسلىك، ئاچ كۆزلۈك قاتارلىق ئىللەتلەرنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ. «ئەھمەد يۈكنەكى، «ئەتەبەتۇلھەقايىق»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1980 يىل نەشرى. »
خەمسە نەۋاى
«خەمسە» ئىجادىيىتى
شەرق ئەدەبىي ئويغىنىش دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن يىرىك ئەدەبىي ئېقىم بولۇپ، ئەلىشىر نەۋائى «خەمسە» يېزىش رىقابىتىگە قاتنىشىپ زور ئۇتۇق قازىنىپ «خەمسە نەۋائى»نى يېزىپ چىقتى. «خەمسە نەۋائى» قىسقارتىلىپ «خەمسە» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. نەۋائى بۇ ئەسەرنى 1483 1485 يىللىرى ھېرات شەھىرىدە ئۇيغۇر تۈركىي تىلىدا يېزىپ چىققان. ئۇنىڭغا تۆۋەندىكى بەش داستان كىرگۈزۈلگەن : «ھەيرەتۇلئەبرار» (ياخشى كىشىلەرنىڭ ھەيرانلىقى) «پەرھاد ۋە شېرىن» «لەيلى ۋە مەجنۇن» «سەبئى سەييارە» (يەتتە سەييارە) «سەددى ئىسكەندەر» (ئىسكەندەر سېپىلى). بۇ بەش داستان جەمئىي 52 مىڭ مىسرادىن تەشكىل تاپقان.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
ئالىپتىكىن تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-29 10:08 ئاخىرقى كەلگىنى:2015-02-13 00:02