ئەلفىيە ئازات
مۇھىم مەزمۇنى: ئىسلام ئېتىقاتىدىن باشلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەدرىسە مائارىپى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ يېڭى رىقابەتكە دۇچ كېلىپ، ئۆز تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە قۇرۇلمىسىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا موھتاج بولدى. يېڭى مەكتەپ مائارىپى تەدرىجىي ھالدا مەدرىسە مائارىپىنىڭ ئورنىنى ئېلىشقا باشلىدى. بۇ ماقالىدە چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭدا ئۆلكە تەسىس قىلغان ۋاقىتتىن باشلاپ تاكى گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى شېڭ شىسەيدىن ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈۋالغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: مەدرىسە مائارىپى ؛ يېڭىچە مەكتەپ ؛ ئۇيغۇر مائارىپى
ئىسلام مەدەنىيەت تارىخىنى تەتقىق قىلغان ئالىملارنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا ، مىلادىيە 10-ئەسىرگە كەلگەندە ئىسلامنىڭ مۇنتىزىم مائارىپ تۈزۈمى شەكىللەنگەن. بۇ تۈزۈلمىنى ئاساس قىلغان تەربىيەلەش نۇقتىلىرى–كۆلىمى، ئوقۇتۇش مەزمۇنى، ئۇستازلىرىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن، مەكتەپ (ئەرەب تىلىدىكى ئەدەبىي نامى «يازىدىغان ئورۇن») ۋە مەدرىسە (ئەدەبىي نامى «دەرس بېرىدىغان ئورۇن ») دەپ ئىككىگە ئايرىلغان. «مەكتەپ» نامى بىلەن ئاتالغان ئوقۇتۇش ئورۇنلىرى ئاساسلىقى مەسچىتلەردە ياكى بىر قىسىم ئۇستازلارنىڭ شەخسىي ئۆيلىرىدە تەسىس قىلىنغان. بۇ مەكتەپلەردە «قۇرئان» دىن باشقا يەنە ئەرەب تىلى گىرمماتىكىسى ، شېئىرىيەت ، ئەقلىيە سۆز، تەنتەربىيە ، ئەدەب-قائىدە قاتارلىقلار ئۆگىتىلگەن. مەدرىسە مەكتەپكە قارىغاندا يۇقىرىراق مەلۇماتقا ئىگە بولىدىغان ئورۇن بولۇپ (ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا ، «مەكتەپ» دېگەن ئاتالغۇ ھازىرقى زامان بىلىملىرى بىلەن ئادەم تەربىيەلەيدىغان ئوقۇتۇش ئورۇنلىرىنى ، «مەدرىسە» بولسا كونا زامانلاردىكى ئوقۇتۇش ئورۇنلىرىنى كۆرسىتىدىغان ئاتالغۇ سۈپىتىدە قوللىنىلىدۇ)، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرىغا تەڭ بولغان مەلۇماتلار مەدرىسەلەردە يەتكۈزۈلگەن. ئۇنىڭ دەرسلىك تۈرلىرى ئاساسەن قانۇنشۇناسلىق (شەرىئەت)، ئەنئەنە، ئەدەبىيات، تىلشۇناسلىق، سىنتاكسىس، ئىستىلىستىكا، قاپىيە، يېزىقچىلىق، دىكلىماتسىيە، تارىخ، گىئومېتىرىيە، ئارفىمېتكا، ئالگېبرا، ئاسترونومىيە، مۇزىكا، سىياسەت، ئېتنوگرافىيە، ئىقتىساد، لوگىكا، مېتافىزىكا، مېدىتسىنا، خىمىيە، مال دوختۇرلۇق، دېھقانچىلىق، چۈش تەبىرى، سېھىرگەرلىك قاتارلىق پەنلەرگە بۆلۈنەتتى. قارا خانىيلار، سامانىيلار ۋە سالجۇقىيلار دەۋرلىرىدە بۇ خىل مەدرىسەلەر ئوتتۇرا ئاسىيادا جۈملىدىن قەشقەر رايونىدا خېلى كۆلەملەشكەن بولۇپ، داڭلىقلىرىدىن بۇخارادا «كۇكىرداش» مەدرىسەسى، قەشقەردە ساچىيە مەدرىسەسى بار ئىدى. باشلانغۇچ مائارىپنى پۈتتۈرگەنلەر «قارى» بولاتتى. ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى «قۇرئان كەرىم» نى يادقا ئوقۇش ۋە ئادەتتىكى ھېسابلاش ئۇسۇلىنى ياخشى ئىگىلەش بىلەن كۇپايىلىنەتتى، ئالىي مائارىپ (چوڭ مەدرىسەلەر) نى پۈتتۈرگەنلەر موللا بولاتتى. موللىلار ئىسلام دىنى بىلىملىرىنى ۋە كەسپىي بىلىملەرنى ئۆگەنگەندىن سىرت، يەنە ئەرەب، پارس تىللىرىنى پۇختا ئىگىلەيتتى. مەدرىسەنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بۇخارا شەھىرىدە ئىلىم تەھسىل قىلغانلار «داموللا» دەپ ئاتىلاتتى. ئۇنىڭ مەنىسى، «10 موللىغا دەرس بېرەلەيدىغان» دېگەنلىك بولاتتى. ئۆز بىلىمىنى پۇختىلاش ئۈچۈن، ھىندىستانىڭ دېھلى شەھىرىدە ئىلىم تەھسىل قىلىپ كەلگەنلەر «مەۋلىۋى» بولاتتى. ئەگەر ئەڭ ئاخىرىدا مىسىردىكى ئەزھەر دىنىي ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرسى، «شاھ» نامىغا مۇشەررەپ بولاتتى.
چار رۇسىيە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، 19-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن باشلاپ شىنجاڭدىكى مەدرىسەنى پۈتتۈرگەن تالىپلاردىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇخاراغا بېرىپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلدى. نەتىجىدە، «داموللا» ئۇنۋانى ئالىدىغانلارنىڭ سانىمۇ ئازىيىشقا باشلىدى ھەمدە «داموللا» ئۇنۋانى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى يوقىتىپ، بارا-بارا بىلىمى مول كىشىلەرنى ئاتايدىغان ئاتالغۇغا ئايلاندى.
شۇ مەزگىللەردە يولنىڭ يىراقلىقى، خىراجىتىنىڭ كۆپلۈكى سەۋەبىدىن شىنجاڭدىكى مەدرىسەنى پۈتتۈرۈپ ھىندىستانغا بېرىپ ئوقۇيدىغان تالىپلارنىڭ سانى تېخىمۇ ئازلاشقا باشلىدى. موللا مۇسا سايرامىنىڭ بايانىغا ئاساسلانغاندا، بۇ مەزگىلدە يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن مائارىپچى سەئىدى ئەردىلەنى ئىدى. ئۇ قەشقەردىكى ئاپاق خوجا مەدرىسىدە 10 يىلدەك مۇدەررىسلىك قىلغان. يەنە بىر يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن مائارىپچى مۇھەممەد شېرىپ بولۇپ، ئۇ ھېيتگاھ مەدرىسەسىدە ئالتە يىلدەك مۇدەررىسلىك قىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، 300 گە يېقىن تالىپ ئۇنىڭ تەلىمىنى ئالغانىكەن. موللا ئابلىمىتمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى داڭلىق مائارىپچى ئىدى. ئىلگىرى ئۇ بۇخارا شەھىرىدە مۇدەررىسلىك قىلغان. ئۇنىىڭ كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرى كۆپ، كىشىلەرگە بولغان مۇئامىلىسى تۈز، ئوقۇتۇشتا قاتتىق بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان.
19-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا ئابدۇرېھىم نىزارى، ئەمىر ھۈسەيىن سەبۇرى، نۇزۇز ئاخۇن، موللا مۇسا سايرامى قاتارلىق بىر قىسىم مەشھۇر ئەدىبلەرمۇ يېتىشىپ چىقتى. بۇ ئەدىبلەرمۇ ئاساسەن قەشقەردىكى خانلىق مەدرىسە، كۇچادىكى ساقساق مەدرىسەسى قاتارلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئىلىم تەھسىل قىلغانىدى. شۇ مەزگىللەردە داڭقى چىققان ئۇيغۇر ئەدىب، ئالىم، پەيلاسوپلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى كەمبەغەل ئائىلىلەردىن كېلىپ چىققانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەر شۇ شارائىتتا يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، باشقا قاتلامدىكىلەر پەرزەنتلىرىنىڭمۇ تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق ئوقۇش پۇرسىتىدىن بەھرىمەن بولغانلىقىنى كۆرۈۋالالايدۇ. بۇ خىل ئومۇملۇق ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ «قۇرئان» ساۋادىنى چىقىرىشنى مەقسەت قىلغان باشلانغۇچ مائارىپىنىڭ كەڭ ئاممىۋى ئاساسقا ئېگە بولۇشى بىلەن بىللە، مەدرىسەلەرنىڭ ئاساسلىق مالىيە مەنبەسى بولغان ۋەخپە يەرلەر كىرىمىنىڭ تۆۋەن قاتلامدىكى كىشىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈچۈنمۇ بەلگىلىك مىقداردا مەبلەغ ئاجراتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
مۇشۇ مەزگىلدە مەدرىسەلەردە ئىلىم تەھسىل قىلىپ يېتىشىپ چىققان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى تەرىپىدىن يېزىلغان نۇرغۇن يىرىك بەدىئىي ئەسەرلەر، ئۇيغۇر تارىخىدا پارس ۋە ئەرەب تىللىرىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دەۋرنىڭ ئاياغلاشقانلىقىدىن، شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تۇمۇرشتىكى ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە تەپەككۇر نەتىجىسىنى خاتىرىلەيدىغان ۋاسىتىگە ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بۇ جەرياندا ئۇيغۇر تىلى ئۆز لېكسىكىسىنى ئىنتايىن تېز سۈئەت بىلەن ساپلاشتۇرۇشقا كىرىشتى. بولۇپمۇ ئابستىراكت ئۇقۇملارنى ئىپادىلەشتە ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان پارسچە ۋە ئەرەبچە ئاتالغۇلار زور دەرىجىدە ئازايتىلدى. ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلار ساپلاشتۇرۇلۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر تىلى لېكسىكىسىغا نۇرغۇن خەنزۇچە ئاتالغۇلار كېلىپ قوشۇلدى. بۇ خەنزۇچە ئاتالغۇلار ئاساسەن ئەمەل ناملىرى ۋە باج ئاتالغۇلىرىدىن ئىبارەت.
ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ تەلەپپۇز قائىدىسى، ئىملا قائىدىسى ۋە گىرامماتىكا تۈزۈلۈشى تەكىتلەندى ۋە يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلدى. نىزارى ۋەكىللىكىدىكى قەشقەردىكى يازغۇچىلار توپىنىڭ ئەسەرلىرى 19-ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئۆرنەكلىرى دەپ تونۇلدى. ئۇلارنىڭ يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى، جۈملە قۇراشتۇرۇش ئۇسلۇلى، ھەتتا سۆز تىزىش قائىدىلىرى ئۇزاق بىر مەزگىلگىچە ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى قىلىدىغان مىزان بولۇپ قالدى.
19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى، يەنى شىنجاڭدا ئۆلكە تەسىس قىلنىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئەھۋالىدا مۇنداق بىر نەچچە خىل ئالاھىدىلىك كۆرۈلدى. بىرىنچى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدرىسە مائارىپى؛ئىىككىنچى، چىڭ سۇلالىسى 1762- يىلى ئىلىدا جياڭجۈن مەھكىمىسى تەسىس قىلغاندىن كېيىن باشلىنىپ ئۆلكە قۇرۇلغاندىن كېيىن كۆلەملىشىشكە قاراپ ماڭغان، دەسلەپتە سەككىز تۇغلۇقلار، يېشىل چېدىرلىقلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەشنى ئاساس قىلغان ھەقسىز مەكتەپ؛ ئۈچىنچى، بىر قىسىم ئۇقۇمۇشلۇق ئۇيغۇر بايلىرى ئاچقان يېڭىچە مەكتەپ. بۇ مەكتەپلەرنىڭ ئۇقۇتۇش پىروگراممىلىرى، تەربىيەلەش ئوبيېكتلىرى ۋە فۇنكسىيەلىرىمۇ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئېگە ئىدى.
ھەقسىز مەكتەپ: شىنجاڭدىكى ھەقسىز مەكتەپلەرنىڭ تۇنجى گەۋدىسىنى چيەنلۇڭ يىللىرىدا تەڭرىتاغنىڭ شىمالدىكى بىر قىسىم جايلاردا تەسىس قىلىنغان مەكتەپلەردىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ. چيەنلۇڭ يىللىرىدا، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا گەرچە «ھەقسىز مەكتەپ تەسىس قىلىنىپ، ئۇستاز تەكلىپ قىلىنىپ دەرس ئۆتۈلگەن» بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئاز ساندىكى مانجۇ، خەنزۇ پەرزەنتلىرى بىلەنلا چەكلەنگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇمۇملاشمىغان. مانجۇ ۋە خەنزۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئوقۇيدىغان بۇ خىل ھەقسىز مەكتەپلەرمۇ تۇڭجى يىللىرىدىكى ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدا ئۆز «مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتقان ». 1880-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى زو زۇڭتاڭ چىڭ سۇلالىسى مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە شىنجاڭدىكى قېپقالغان مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا مەلۇمات سۇنغاندا، ھەقسىز ئوقۇتۇشنى قېپقالغان مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىدىكى يەتتە چوڭ مۇھىم نۇقتىنىڭ بىرى قاتارىغا قويغان. ئۇ مەلۇماتىدا مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭدىكى ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، خەەنزۇلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئۆز ئارا سىڭىشەلمەيدۇ، ئەمەلدارلار بىلەن پۇقرالارنىڭ ئارىلىقى بىر بەكمۇ يىراق، سىياسەت-پەرمانلارنى يولغا قويۇش قىيىن، بارلىق ئەمرىمەرۇپلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىگە يەتكۈزۈش ئىنتايىن تەس. ئۇلارنىڭ ئالاھىدە ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنى ئۆزۈمىزنىڭكىگە ئوخشاش قىلىش ئۈچۈن، مائارىپنى ئايرىم يۈرگۈزۈشتىن ساقلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلىرىنى تىل بىلىدىغانلار ئەمەس، بەلكى خەت تونۇيالايدىغان قىلىش كېرەك». چىڭ سۇلالىسى ياقۇپبەگ تاجاۋۇزچى كۈچلىرىنى قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن، زو زۇڭتاڭ جەنۇپ-شىمال ئىككى يولدىكى مۈلكى ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلارغا پۈتۈن شىنجاڭ مىقياسىدا ھەقسىز مەكتەپ تەسىس قىلىش، ئۇستاز تەكلىپ قىلىشقا ئېتىبار بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئايلىق مائاشىنى 60~70 سەر كۈمۈش قىلىش ھەمدە ئۈرۈمچىدە كىتاب ئىدارىسى تەسىس قىلىپ، «مىڭ خەتلىك ئوقۇشلۇق»، «فامىلە قوللانمىسى»، «ساداقەت دەستۇرى»، «باشلانغۇچ ئوقۇشلۇق» قاتارلىق كىتابلارنى بېسىپ، مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەقسىز مەكتەپلەردىكى دەرسلىكى قىلىش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈرگەن. زوزۇڭتاڭنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، قەشقەر، كۇچادىكى قېپقالغان ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىدارىسى تەسىس قىلغان تۆت ئۇرۇندىكى ھەقسىز مەكتەپكىلا «نەسىرنامە»، «تۆت كىتاب» نىڭ ھەر بىرىدىن 20 نۇسخا تارقىتىپ بېرىلگەن. كېڭەيىتىلىش ئارقىلىق، ھەقسىز مەكتەپ شىنجاڭنىڭ ھەممە جايلىرىنى قاپلاپ،ئۇنىڭ «كۆلىمى ئىلگىرىكى دەۋرلەردىكىدىن ئېشىپ كەتكەن». گۇڭشۈينىڭ 6-يىلى (1880-يىلى) 2-ئايغا كەلگەندە، تۇرپان، شىخۇ، جىڭ، باي، قارا شەھەر، شايا قاتارلىق جايلاردا يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان ھەقسىز مەكتەپلەر37 دىن ئېشىپ كەتكەن. زو زۇنتاڭنىڭ شىنجاڭدا پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەقسىز مەكتەپلەرنى يولغا قويۇشتىكى مەقسىتى: بىرىنچىدىن، «يەرلىكنىڭ ئالاھىدە ئۆرۈپ-ئادەتلىرنى ئۆزلىرىنىڭكىگە ئوخشاش قىلىش»؛ ئىككىنچىدىن، مۇسۇلمانلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى «خەت تونۇيالايدىغانلا ئەمەس، بەلكى تىلغا پىششىق قىلىش»، شۇ ئارقىلىق «ئەمەلدارلار بىلەن پۇقرالارنىڭ ئارىسى يىراق بولۇپ، قانۇن-نىزاملارنى تىلغا پىششىق قىلىش» ھادىسىسنى تۈگىتىش، شۇنداقلا «تىلماچلارنىڭ ساختىلىق قىلمىشلىرىدىن ساقلىنىش» ئىدى.
1884-يىلى شىنجاڭدا ئۆلكە قۇرۇلغاندىن كېيىن، ليۇ جىنتاڭ زو زۇڭتاڭ تەشەببۇس قىلغان مائارىپ سىياستىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ھەقسىز مەكتەپلەرنى كۆپەيتكەن ھەمدە مۇكاپاتلاش يولغا قويۇپ،مۇسۇلمانلار پەرزەنتلىرىنىڭ بۇ خىل ھەقسىز مەكتەپلەرگە كىرىپ ئۇقۇشىغا ئىلھام بەرگەن.ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن كۇڭزىچى ئۆلىمالارنى كۆپلەپ ئۇستازلىققا تاللاپ، ھەقسىز مەكتەپلەرگە سەپلەپ بەرگەن. شۇ ئارقىلىق كۇڭزىچى مائارىپنى كۈچەيتىپ،فېئوداللىق ئېتىكا، كۆز قاراشلارنى سىڭدۈرمەكچى بولغان.ھەقسىز مەكتەپ مائارىپىنى كېڭەيتىش جەريانىدا، ليۇ جىنتاڭ ھەر قايسى ۋازارەت، ئايماق، ناھىيەلەرگە «ئۇستاز تەكلىپ قىلىپ ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇش» ھەمدە «باشلانغۇچ ئوقۇشلۇق»، «ساداقەت دەستۇرى»، «مۇھاكىمە ۋەبايان »، «مېڭزى»، «ئىلىي ئوقۇشلۇق»، «مۇرەسسە-مادارا»، «نەسىرنامە»، «نەزمنامە»، «ئەمىنىيە» قاتارلىقلارنى دەرسلىك قىلىش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈرگەن. ئۆتۈلگەن دەرسلىكلەرنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، ليۇ جىنتاڭنىڭ تەلىپى زو زۇڭتاڭدىنمۇ يۇقىرىراق بولۇپ، ئۇ مۇسۇلمان پەرزەنتلىرىدىن «خەت تونۇپ كىتاب ئوقۇيالايدىغان»، «سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى ئازراقلا چۈشىنەلەيدىغان» بولۇشلا ئەمەس، بەلكى مۇسۇلمان پەرزەنتلىرىنىڭ سىستېمىلىق ۋە ئومۇميۈزلۈك ھالدا كۇڭزى، مېڭزىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇشنى تەلەپ قىلغان.
لىۇ جىنتاڭ مائاش ۋە ئەمەلدارلىقنى يەمچۈك قىلىپ، مۇسۇلمانلار پەرزەنتلىرىنىڭ ھەقسىز مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇشىغا ئىلھام بەرگەن. 1886-يىلى ليۇ جىنتاڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىكى كىلاسىسىك ئەسەرلەرنى ئوقۇيالايدىغان، ئەدەبىي كىتابلاردىن تەپسىر قىلالايدىغانلارنى خەتمىكەردە قىلىش ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن. شۇ يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى پادىشاھ گۇاڭشۈي ليۇ جىنتاڭنىڭ بۇ پىكىرىنى تەستىقلىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە، «ئەلا ئوقۇغانلىرىنىڭ ئەمەلدار بولۇشى» غا يول ئېچىلغان.
زو زۇڭتاڭ، ليۇ جىنتاڭلار شىنجاڭدا تەسىس قىلغان ھەقسىز مەكتەپلىرنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى شۇكى، بۇ مەكتەپلەگە ھۆكۈمەت راسخوت ئاجرىتىپ بەرگەن. يەنى ھەقسىز مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش، تاماق، كىيىم-كېچەك، كىتاب-ماتېرىيال، ئوتۇن-كۆمۈر قاتارلىق راسخوتلىرىنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئوقۇغۇچىلار يەنە مەلۇم مىقداردىكى ياردەم پۇلدىن بەھرىمەن بولغان. زو زۇڭتاڭ،ليۇ جىنتاڭلارنىڭ زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇشى ئارقىسىدا، گۇاڭشۈينىڭ 9-يىلى (1883-يىلى) 7-ئايغا كەلگەندە، قۇمۇل، تۇرپان، كۇچا،ئاقسۇ، ئۇچتۇرپان، قەشقەر، مارالبېشى، يېڭىسار، يەكەن، خوتەن، بارىكۆل، گۇچۇڭ، جىمىسار، فۇكاڭ، ئۈرۈمچى، سانجى، قۇتۇبى قاتارلىق جايلاردا 77 ھەقسىز مەكتەپ تەسىس قىلىنغان.
20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە شىنجاڭنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، بۇ خىل ھەقسىز مەكتەپلەر پەيدىنپەي شۆتاڭلارغا ئۆزگەرتىلىپ، مەيلى كۆلەم جەھەتتىن ياكى كەسىپ تۈرى جەھەتتىن بولسۇن، بارغانسېرى يېڭىچە مائارىپ ئەندىزەسىگە يېقىنلىشىشقا باشلىغان. 1907-يىلدىن 1910-يىلىغىچە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى شۆتاڭلارنىڭ سانى 622 گە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 15963 گە يەتكەن. 1908-يىلىغا كەلگەندە، ھەر قايسى جايلاردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشى ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان شۆتاڭلار 80 دىن ئاشقان.
ياڭ زېڭشىن دەۋرىدە مىللىىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن ئاستا بولدى. 1912-يىلىدىكى مەركىزىي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستاتىسكىسىغا ئاساسلانغاندا، پۈتۈن شىنجاڭدا مەكتەپ 60، ئوقۇغۇچى 1802 نەپەر، ئوقۇتقۇچى 170 نەپەر، يىللىق خىراجىتى 51 مىڭ 811 يۈەن، مۇقىم مۈلكى 114 مىڭ 931 يۈەن ئىدى.1917-يىلىدىكى بېيجىڭ «ھۆكۈمەت ئاخباراتى» (422-نومۇرلۇق) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىنجاڭدا ھۆكۈمەت قۇرغان باشلانغۇچ مەكتەپ 40، ئوقۇغۇچى 1427 نەپەر، خۇسۇسىي مەكتەپ بىر، ئوقۇغۇچى 55 نەپەر؛ ھۆكۈمەت قۇرغان ئالىي باشلانغۇچ مەكتەپ 4، ئوقۇغۇچى 96 نەپەر بولغان. 1915-يىلى ياڭ زېڭشىن مەركىزىي ھۆكۈمەتكە شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئەھۋالىدىن دوكلات يوللىغاندا، قىلچە يوشۇرماي مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭدا مائارىپ ئىشلىرىنى يولغا قويۇش ئىنتايىن تەس. بىرىنچىدىن، خىراجەت قىس؛ ئىىككىنچىدىن ئوقۇتقۇچىلار كەمچىل؛ ئۈچىنچىدىن، دەرسلىك ماتېرىيال يېتەرسىز؛ تۆتىنچىدىن، ئىشقا ئورۇنلىشىش تەس».
«شىنجاڭنىڭ بوران-چاپقۇنلۇق 70 يىلى» دېگەن كىتابنى يازغان جاڭ داجۈن بۇ دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا قارىتا مۇنداق تونۇشتا بولغان: «مىنگونىڭ دەسلىۋىدە شىنجاڭنىڭ مائارىپى قاتناشقا ئوخشاش ئەگرى-توقاي يوللاردا ماڭغان بولۇپ، ھەقىقەتەن قالاق ئىدى.لېكىن تارىخىي نەزەر بىلەن كۆزەتسەك، مىللىىي مەدەنىيەتنىڭ جازبىدارلىقى ۋە موللىقىنى، باشقا رايونلاردا سېلىشتۇرغۇسىز ئىدى»، «شىنجاڭ مائارىپىنى ئىككىگە بۆلۈش جەھەتتىن ئېيتقاندا، خەنزۇلار شىنجاڭدا مەدەنىيەت مائارىپىنى يولغا قويغان،بۇنى باشتا تىلغا ئالغانىدىم، خەنزۇچە مائارىپ گەرچە يۈكسەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرچە مائارىپنىڭ يۈكسەلمەسلىكى مۇنكىن ئەمەس».
يېڭىچە مەكتەپ: 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا،ئۇيغۇرلار رايونىدا تارىختىن بۇيان ئسلام دىنى ئورگانلىرى يېتەكچىلىك قىلىپ كېلىۋاتقان مائارىپ ئەندىزىسىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، قەشقەر، ئاتۇش، كۇچا، ئىلى، تۇرپان قاتارلىق جايلاردا يېڭىچە مەكتەپلەر ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا دەۋر بۆلگۈچ رول ئوينىدى. بۇ يېڭى مەكتەپ مائارىپى «ئۇسۇلى جەدىت» دەپ ئاتالدى. «ئۇسۇلى جەدىت» نىڭ ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى مۇھىم تەشەببۇسكارلىرى ۋە تەسىس قىلغۇچىلىرى ئاتۇش ۋە ئىلىدا ھۈسەيىن مۇساباي، باھاۋىدىن مۇساباي، ئابدۇقادىر داموللا قەشقەرى، تاش ئاخۇنۇم، تۇرپان ئاستانىدە مەقسۇت مۇھىتى، كۇچادا ھامىت ھاجى قاتارلىقلار ئىدى.
1934-يىلى شېڭ شىسەي «سەككىز ماددىلىق خىتابنامە» دە «مائارىپنى كېڭەيتىش»، 1935-يىلى ئېلان قىلغان «تۇققۇز تۈرلۈك ۋەزىپە» ۋە «مەدەنىيەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈش» نى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىلىرى قۇرۇلدى. ھەر دەرىجىلىك مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زامان مەكتەپ مائارىپىنىڭ گۈللىنىشىگە بىۋاستە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولغانىدى. 1934-يىلى 12-ئايدا قەشقەر ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى قۇرۇلۇپلا، دىنىي مەكتەپلەرنىڭ يۇقىرى يىللىقىدىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە جەمئىيەتتىكى بىر قەدەر بىلىملىك ياشلارنى يىغىپ، قسقا مۇددەتلىك ئوقۇتقۇچىلار كۇرسى تەشكىللەپ، مەكتەپ مائارىپى ئېھتىياجلىق بولغان ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلىدى. ئارقىدىنلا قەشقەر شەھىرىنىڭ نو بېشى، ئەنجان، پاخال، قوناق بازىرى قاتارلىق كوچا رەستىلىرىدە بەش سىنىپلىق مەكتەپ قۇردى. ئۆمەر داموللام، يۇنۇس قازى قاتارلىقلار ئوپال يېزىسىدا يەتتە سىنىپلىق، ئەمەت بەگ ھاجى بەشكېرەم يېزىسىدا 10 سىنىپلىق مەكتەپ قۇردى. بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە قەشقەر، قەشقەر يېڭى شەھەر، يەكەن، پوسكام، مەكىت، مارالبېشى، پەيزۋات، يوپۇرغا، ئاتۇش قاتارلىق جايلاردا ئىلگىر-كېيىن بولۇپ، مەكتەپلەر قۇرۇلدى. مەكتەپ قۇرۇش ۋاقتىنچە قىيىنراق بولغان دىنىي مەكتەپلەر ئۆزگەرتىپ قۇرۇلۇپ، شۇ جايدىكى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ بىۋاستە باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي قەشقەر ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى جايلارغا قىسقا مۇددەتلىك كۇرسلارنى تاماملىغان مۇئەللىملەرنى ئەۋەتتى. بۇ ئوقۇتقۇچىلار تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئوقۇ-ئۇقۇتۇشنى تەشۋىق قىلىپ ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ ئەسلىدىن لاۋۇلداپ تۇرغان مەكتەپ ئېچىش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن بولۇپ، ھەتتا ئوقۇش يېشىدىن ئېشىپ كەتكەن ئوغۇل-قىزلارمۇ بەس-بەس بىلەن ئۆزىنى تىزىمغا ئالدۇرغان. جايلاردىكى ئۇيغۇر خەلقى ئاكتىپ مەبلەغ توپلاپ ئۆز كەنتلىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلارغا ياتاق سېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئاشلىق، سۇ ھەم قشلىق يېقلغۇسىنى ھەل قىلىپ بەرگەن.
1935-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى كۇرۇسنى دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى قىلىپ كېڭەيتىپ، ئوردا ئىشىك كوچسىدا 10 سىنىپلىق مەكتەپنى قۇردى ھەم ئەنجان كوچسىدىكى ئابدۇللا باينىڭ ھويلىسىىدا بەش سىنىپلىق قىزلار دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى قۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتە يېتىپ ئوقۇيدىغان، سىرتتىن قاتناپ ئوقۇيدىغان دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىغانىدى. مەكتەپتە يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتاق-تاماق خىراجىتىنى مەدەنىي ئاقارتىش ئويۇشمىسى ئۈستىگە ئالغان، شۇنداقلا ئۇلارنى زۆرۈر تۇرمۇش خىراجەتلىرى بىلەن تەمىنلىگەنىدى.
كۇچا بوستانلىقى ئۇيغۇر مائارىپ ئىشلىرى بىر قەدەر بۇرۇن قانات يايغان جايلارنىڭ بىرى ئىدى، شۇڭا مەكتەپ قۇرۇش مۇددىئاسىدىكى ئوقۇتقۇچى تەربىيەلەش خىزمىتى ناھايىتى تېزلا مۇھىم خىزمەتلەر قاتارىغا قويۇلدى. 1934-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى كۇچادا دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى قۇرۇلدى. ئۇزاق ئۆتمەي كۇچانىڭ ھەر قايسى يېزىلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن مەكتەپلەر قۇرۇلۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى 210 غا يېتىپ، تىزىمغا ئالدۇرغان ئوقۇغۇچى 4 مىڭ 600 دىن ئاشقان.
1934-يىلى 11-ئايدا شىنجاڭ يەرلىك دائىرلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا تۇنجى تۈركۈمدىكى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان 106 ئوقۇغۇچىنى ئەۋەتتى. ئىككىنچى يىلى 10-ئايدا يەنە ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان ئىككىنچى تۈركۈم ئوقۇغۇچىلار ئەۋەتىلىگەن بولۇپ، ئۇلار سەيپىدىن ئەزىزى، ئابدۇراخمان مۆيدىن، سەيدۇللا سەيپۇللايوف، ئابلىمىت مەخسۇت، قاسىم پەرسايوف، ئابدۇراخمان توختايوف (قىرغىز) قاتارلىق 101 كىشىدىن تەركىب تاپقانىدى. 3-تۈركۈمدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار 1936-يىلى 11-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا يېتىپ بارغان بولۇپ، سۈزۈك ھاجىيوف، ئابدۇللا زاكىروف، ھەمدۇللا قۇربانوف قاتارلىق 100 كىشى ئىدى. شۇنىڭغا قەدەر ھۆكۈمەت ئەۋەتكەن ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار 307 گە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار 140 بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ 46 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن. خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار 130 بولۇپ، 30 پىرسەنتىنى، قازاق، قىرغىز ئوقۇغۇچىلار 50 بولۇپ، 10 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن. قالغىنى ئۆزبېك، تاتار، مۇڭغۇل، خۇيزۇ ئوقۇغۇچىلار ئىدى.
1935-يىلىدىن باشلاپ ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىندە ئۇيغۇر، قازاق، مۇڭغۇل قاتارلىق مىللىي سىنىپلار تەسىس قىلىنغان، ئۈرۈمچىدە تەرجىمە كومىتېتى قۇرۇلۇپ، مىللىي تىلدىكى ماتېرىياللارنى تەرجىمە قىلغان. يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىن ئاز سانلىق مىللەت يېزىقدىكى زور تۈركۈمدىكى دەرسلىك ماتېرىياللار ۋە ئۈسكىنىلەر سېتىۋېلىنغان، ھەربىي مەكتەپمۇ ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلغان.
ئىستاتىسكىغا ئاساسلانغاندا، 1936-يىلى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى قۇرغان باشلانغۇچ مەكتەپ 1736 گە، ئوقۇغۇچىلىرى 124 مىڭ 174 كە يەتكەن؛ ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئۈچى قۇرۇلۇپ، ئوقۇغۇچىسى 440 كىشىگە، دارىلمۇئەللىمىن تەربىيەلەش كۇرۇسىدىن 10 سىنىپ ئېچىلىپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچى 535 كىشىگە يەتكەن.
30-يىللاردىكى ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭىچە مەكتەپ مائارىپىنىڭ گۈللىنىشىدە بىۋاسىتە ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ رول ئوينىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زامان مائارىپىنىڭ دەسلەپكى ھەم ئەڭ ئاساسلىق ئۇلىنى ھازىرلىغان.
(ئاپتور: شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى ئىدىيەۋى-سىياسىي تەتقىقات بۆلۈمىدىن
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]