1949
1 – ئۆكتەبىر ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى . چۈشتىن كېيىن سائەت 2:00 دە ، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى كومىتېتىنىڭ 1 – قېتىملىق يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى . مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ، مۇئاۋىن رەئىسى ، بارلىق ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە ۋەزىپىگە ئولتۇرغانلىقى ئېلان قىلىنىپ ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى . يىغىن يەنە لىن بوچۈ مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى بولۇپ سايلاندى ، جۇ ئېنلەي مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى مەمۇرىي ئىشلار كېڭىشى زۇڭلىسى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلەندى ، ماۋ زېدۇڭ مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى ئىنقىلابىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولدى ، جۇدې جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى ، شېن جۈنرۇ مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ، لو رۇڭخۇەن مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى بولدى . يىغىن يەنە جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ‹‹ ئورتاق پروگرامما ›› سىنى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتنى يولغا قويۇشتىكى پروگراممىسى قىلىپ بېكىتتى . چۈشتىن كېيىن سائەت 3:00 دە پايتەختتىكى 300 مىڭ ئادەم تيەنئەنمېن مەيدانىغا يىغىلىپ ، دۆلەت بايرىمىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزدى .
9 – ئۆكتەبىر ، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 1 –نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 1 – قېتىملىق يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى . يىغىنىغا قاتناشقان مەملىكەتلىك كومىتېت ئەزاسى ماۋزېدۇڭ قاتارلىق 151 ئادەم يىغىنغا قاتناشتى . يىغىندا ماۋزېدۇڭ سىياسىي كېڭەش 1 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلاندى . جۇ ئېنلەي ، لى جىشىن ، شېن جۈنرۇ ، گومورو ، چېن شۇتۇڭ مۇئاۋىن رەئىس ، لى ۋېيخەن باش كاتىپ بولۇپ سايلاندى . يىغىندا مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 1 – ئۆكتەبىرنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىمى خاتىرە كۈنى قىلىش تەكلىپى بېرىلدى .
19 – سېنتەبىر ، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى كومىتېتى 3 – قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزۈپ ، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر قايسى ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى . دۇڭ بىۋۇ ، چېن يۈن ، گو مورو ، خۇاڭ يەنپېي مەمۇرىي ئىشلار كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىقىغا ، لى ۋېيخەن مەمۇرىي ئىشلاش كېڭىشىنىڭ باش كاتىپلىقىغا ، جۇدې ، ليۇ شاۋچى ، جۇ ئېنلەي ، پېڭ دېخۈەي ، چېڭ چيەن خەلق ئىنقىلابىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە ، شۈ چياڭچيەن باش شتاپ باشلىقلىقىغا ، نيې رۇڭجېن مۇئاۋىن باش شتاب باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، مەمۇرىي ئىشلار كېڭىشى قارمىقىدىكى ھەر قايسى كومىتېت ، مىنىستىرلارنىڭ مۇدىرى ، مىنىستىرلىرى تەيىنلەندى .
15 – دېكابىر ، رەئىس ماۋزېدۇڭ تەكلىپ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا زىيارەتكە باردى . شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ماۋزېدۇڭ ستالىن بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشتى . 20 – دېكابىر ، زۇڭلى جۇ ئېنلەي ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ موسكۇۋاغا يېتىپ باردى . 14 – فېۋرال ، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ‹‹ جۇڭگو – روسىيە دوستانە ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى ›› ، ‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە قەرز بېرىش كېلىشىمى ›› نى ئىمزالىدى . 17 – فېۋرال ، ماۋزېدۇڭ ، جۇ ئېنلەي قاتارلىقلار ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى .
جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ 1950 – يىلىدىكى شەرەپلىك ئۇرۇش ۋەزىپىسى تەيۋەن ، خەينەن ئارىلى ۋە شىزاڭنى ئازاد قىلىپ ، جياڭ جيېشىنىڭ قالدۇق باندىتلىرىنى يوقىتىپ ، جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىدى . جۇڭگو خەلقى 1950 –يىلى ئۇرۇشتىن كېيىن مالىيە – ئىقتىساد قىيىنچىلىقىنى يېڭىپ ، سانائەت ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مۇھتاج ئىدى .
1959
10 – مارت ، شىزاڭ قوراللىق توپىلاڭچىلار ئۇرۇشىنى تىنجىتىش باشلاندى . 1951 – يىلى ، شىزاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولغاندىن كېيىن ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىزاڭدا تۇرۇشلۇق خىزمەت كومىتېتى ۋە خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ شىزاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمى ، شىزاڭغا كىرگەن سەككىز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە سەۋرچانلىق بىلەن ساقلاش فاڭجېنىنى قوللىنىپ ، شىزاڭدىكى ھەر قايسى قاتلام زاتلىرىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ ، شىزاڭدا ئىسلاھات ئېلىپ باردى . لېكىن ، شىزاڭ يۇقىرى قاتلام ئەكسىيەتچىل گۇرۇھى مەركىزىي كومىتېتنىڭ سەۋرچانلىق بىلەن ساقلاش ۋە قايتا تەربىيىسىنى كۆزگە ئىلماي ، ۋەتەننى پارچىلاش ، يانچىلىق تۈزۈمنى قوغداش ئەكسىيەتچىل مەيدانىدا چىڭ تۇردى ، 1959 – يىلى 10 – مارت ، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن شىزاڭ يەرلىك ھۆكۈمىتى تۈزگەن شىزاڭنى تىنچ يول بىلەن ئازاد قىلىش تەدبىرى ، ‹‹ 17 تۈرلۈك كېلىشىم ›› نى ئوچۇق ئاشكارا يىرتىپ تاشلاپ ، لاسانى مەركەز قىلىپ قوراللىق توپىلاڭ كۆتۈرگەن . ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى مۇستەھكەملەش ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ، شىزاڭ ئەمگەكچى خەلقىنى ئۈزۈل – كېسىل ئازاد قىلىش ئۈچۈن ، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ شىزاڭدا تۇرۇشلۇق قىسمى 20 – مارت توپىلاڭنى تىنجىتىش جېڭىنى باشلىدى . 22 – مارت لاسا شەھىرىدىكى توپىلاڭچىلار ئۈزۈل – كېسىل تارمار قىلىندى .
20 – ئىيۇن ، روسىيە تەرەپ ، جۇڭگو – روسىيە ‹‹ دۆلەت مۇداپىئە يېڭى تېخنىكا كېلىشىمى ›› نى يىرتىپ تاشلىدى . 1958 – يىلى روسىيە تەرەپنىڭ جۇڭگودا روسىيە كونتروللىقىدىكى ئۇزۇن دولقۇن رادىئو ئىستانسىسى ۋە ئورتاق فلوت قۇرۇش تەلىپى جۇڭگونىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ، روسىيە تەرەپ بۇ كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا قارىتا پاسسىپ پوزىتىسىيىدە بولدى .
2 – ئىيۇلدىن 16 – ئاۋغۇستقىچە ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى كېڭەيتىلگەن يىغىنى ۋە 8 – نۆۋەتلىك 8 – ئومۇمىي يىغىنى لۇشەندە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ ، يىغىننىڭ مۇھىم كۈن تەرتىپى 1958 – يىلىدىكى ‹‹ چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش ›› دىن بۇيانقى ئىقتىسادىي خىزمەتلەردىكى تەجىرىبە –ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ ، ‹‹ سولچىل ›› خاتالىقىنى داۋاملىق تۈزىتىش ئىدى .1 – ئاۋغۇست ، ئېچىلغان مەركىزىي كومىتېت دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا ، ماۋزېدۇڭ پېڭ دېخۈەينى قاتتىق ئەيىبلىدى ھەمدە تارىختىكى بەزىبىر مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى .
18 – ئاۋغۇستتىن 12– سېنتەبىرگىچە ، ج ك پ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى . 13 – سېنتەبىر ، شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى : جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 1 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى 80 مىڭ تاماشىبىن سىغىدىغان بېيجىڭ ئىشچىلار تەنتەربىيە مەيدانىدا ئېچىلدى . بۇ دۆلىتىمىز قۇرۇلغان 10 يىلدىن بۇيانقى تەنتەربىيە ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۈرۇشتىكى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق كۆرەك . 10مىڭ 600 دىن ئارتۇق ھەر مىللەت تەنھەركەتچىلىرى بۇ قېتىمقى تەنھەرىكەت يىغىنىدا 42 تۈر بويىچە مۇسابىقە ۋە ئويۇن كۆرسىتىش مۇسابىقىسى ئېلىپ بارغان بولۇپ ، 4000 مەيداندىن ئارتۇق مۇسابىقە ۋە ئويۇن قويۇلغان ، تەنھەرىكەت يىغىنى 27 – سېنتەبىرگىچە داۋاملاشقان .
1969
2 – مارت ، روسىيە ھەربىي قىسىمى خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسى جېنباۋ ئارىلىدا دۆلتىمىز چېگرا مۇداپىئە خادىملىرىنى ئۆلتۈرۈپ ، يارىلاندۇرۇپ ، ئېغىر قانلىق ۋەقەنى كەلتۈرۈپ چىقارغان . دۆلىتىمىز دۆلەت مۇداپىئە قىسىمى ئامالسىز قايتۇرما زەربە بەرگەن . 4 – مارتتىن 17 – مارتقىچە ، روسىيە ھەربىي قىسىمى يەنە نۇرغۇن قېتىم جېنباۋ ئارىلىغا تاجاۋۇز قىلغان . ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ، دۆلىتىمىز دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى روسىيە ھۆكۈمىتىگە ئۈچ قېتىم كۈچلۈك قارشىلىق بىلدۈرگەن . 4 – مارت ، ‹‹ خەلق گېزىتى ›› ، ‹‹ ئازادلىق ئارمىيە گېزىتى ›› ‹‹ يېڭى چار پادىشاھنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ›› توغرىسىدا باش ماقالا ئېلان قىلغان . 24 – ماي جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ ، جۇڭگو – روسىيە چېگرا مەسىلىسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ۋە ئۆزىنىڭ مەيدانىنى چۈشەندۈرگەن .
1 – ئاپرېلدىن 24 – ئاپرېلغىچە ، جۇڭگو كوممۇنىسىتىك پارتىيىسى 9 – قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەكىللەر چوڭ يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى . يىغىنغا 1512 ئادەم قاتناشقان . 28–ئاپرېل ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى 9 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى . ماۋزېدۇڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ، يىغىندا مەركىزىي كومىتېت ئورگىنى سايلاپ چىقىلدى ، نەتىجىسى : ماۋزېدۇڭ مەركىزىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە ، لىن بياۋ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلاندى . 9 – نۆۋەتلىك 1 – ئومۇمىي يىغىن لىن بياۋ گۇرۇھىنىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي كومىتېت ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىك ئورگىنىدا ئورنىنى كۈچەيتتى .
9– ئاينىڭ 29 – كۈنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى : دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى 125 مىڭ كىلوۋولتلىق سۇ ئىچى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى شاڭخەيدە بارلىققا كەلدى ھەمدە رەسمىي توك تارقاتتى . بۇ گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى دۆلىتىمىز ئۆزى لايىھىلەپ ، ياساپ قۇراشتۇرغان بولۇپ ، سىغىمى چوڭ ، ھەجىمى كىچىك ، يىنىك ، كۆمۈر سەرپىياتى تۆۋەن بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە . ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ياسىلىشى ، دۆلىتىمىز ئېلېكتر ماشىنىسى ياساش سانائىتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى بىر باسقۇچقا كىرگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ .
12 – نويابىر ، ليۇ شاۋچى ناھەقچىلىق تۈپەيلى ئالەمدىن ئۆتكەن .
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]