شىنخۇا تور ئوبزورى: ‹‹70-يىللار›› دىكى شەھەر بىلەن يېزا
مائارىپىنىڭ نۆۋەتتىكى پەرقى......
تۇنجى نۆۋەتلىك جوڭگۇنىڭ نامرات رايونلىرىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرلىرى مۇنبىرى خەلق قۇرۇلتىيى سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى . گۈيجۇدىكى خېجاڭدىن كەلگەن مەكتەپ مۇدىرى گوچاڭجۈ تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى : بىزنىڭ يېزىمىز ناھىيە بازىرىدىن ئاز دېگەندىمۇ 20 يىل پەرق قىلىدۇ . ناھىيە بازىرىمىز بېيجىڭدىن يەنە 50 يىل پەرقلىنىدىكەن . گۈيجۇدىكى خېجاڭدىن كەلگەن تاغلىق رايون باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ يەنە بىر مۇدىرى نيې جاڭلىن بېيجىڭدىكى سەپىرىدە ھەيرانلىق بىلەن بۇ يەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ‹‹ئاپئاق ھەم بودەك ›› بولۇپ ، بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا ، ئۆزىنىڭ ئاشۇ تاغلىق جايدىكى ئوقۇغۇچىلىرنىڭ ئورۇق ھەم ۋىجىك ئىكەنلىكىنى بايقىدى . (29-ئاۋغۇست ‹‹جۇڭگو ياشلار گېزىتى››)
بۇ خىل غايەت زور مائارىپ پەرقى قانداق شەكىللەنگەن ؟ رايون شارائىتىدىن باشقا ، ئىقتىسادىي ئاساس قاتارلىق تۇغما پەرقلەرمۇ ؟ مېنىڭ قارىشىمچە ، مائارىپتىكى بىر خىل ئادىلسىزلىقنىڭ نەتىجىسى . مائارىپتىكى ئادىلسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىللار ناھايىتى كۆپ . مەسىلەن : مائارىپ سىياسىتى ، مائارىپ سېلىنمىسى قاتارلىقلار بۇ خىل ئادىلسىزلقنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن . ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى ، نامرات رايونلاردا بۇ خىل مائارىپتىكى ئادىلسىزلىق ئەسلىدىكى ئىنتايىن ئاجىز بولغان مائارىپ ئاساسىي بىلەن قوشۇلۇپ ، نامرات تاغلىق رايونلار مائارىپىنىڭ يېڭىش تەس بولغان مائارىپتىكى بوغما ھالىتىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ ، تەرەققىي تاپقان رايونلار بىلەن بولغان پەرقىنى بارغانسېرى چوڭايتماقتا.
بۇ خىل مائارىپتىكى پەرق نامرات رايونلارنىڭ ناچار مائارىپ ئەھۋالىنىڭ ئەۋلادلار ئارا داۋاملىشىشى ۋە يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن . چۈنكى ، شارائىتى ئاددىي يېزا-كەنت باشلانغۇچ مەكتەپلىرى ، ھەتتا ئەڭ ئەقەللىيىسى ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچىنىمۇ تەكلىپ قىلىپ بولالمايدۇ ، ‹‹بۇ مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى ئومۇميۈزلۈك 1:30 دىن ئاشىدۇ . ئوقۇتقۇچىلار ۋە مەكتەپ مۇدىرلىرى ئوخشاشلا كۆپلىگەن قوشۇمچە ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ . ئۇلار ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ، تاماق ئېتىدۇ ، ياتاقلارنىڭ ئامانلىقىنى ساقلايدۇ ، شۇنداقلا بالىلارنىڭ ‹ئاتىسى ھەم ئاپىسى› بولىدۇ ››. مۇشۇنداق كېتىۋەرسە ، مەيلى قانچىلىك يىللار ئۆتسۈن ، يېزا-كەنتلەرنىڭ مائارىپ ئەھۋالىدا چوڭ ئۆسۈشلەرنىڭ بولۇشى قىيىن.
بۇخىل مائارىپ پەرقى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ رايونلانىڭ نامراتلىق قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشكە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇلۇغۋار پىلانلاردا مائارىپ ئاساس بولىدۇ . نامرات رايونلارنىڭ ئارقىدا قالغان قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش ئېغىر ۋەزىپىسى ، مۇشۇ رايونلاردىكى ياش ئەۋلادلار ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ . ھالبۇكى ، مائارىپتىكى ئادىلسىزلىقنىڭ نەتىجىسى ئەكسىچە ، يا ياشلارنى يۇرتىدىن ئايرىپ يىراقلارغا كەتكۈزىۋېتىشى ، يا ياشلارنى ئاخىرىغىچە ئۆز يۇرتىدا قېلىپ ھېچقانداق ئىشنى قىلالمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويىشى مۇمكىن .بۇ نۇقتىنى ، ھېلىقى تاغلىق رايوندىكى مال باققۇچى بالىنىڭ غايىسى توغرىسىدىكى سوغۇق كۈلكىلىك پاراڭ ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بەردى .
ئەلۋەتتە، بىز ھۆكۈمەت بۇ خىل مائارىپ پەرقىنى ئۆزگەرتىش جەھەتتە ھېچ ئىش قىلمىدى دېيەلمەيمىز (بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگودىكى نامرات رايونلار باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرلىرى مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىشى پاكىتلارنىڭ بىرى )، ئەمما ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا سۆزلىگەندە ، بۇ خىل ئۆزگەرتىشتە يەنىلا بىر خىل ئۇزۇن ۋاقىت ئۈنۈم بېرىدىغان ، سىياسەت قاتلىمى جەھەتتىكى چوڭ ھەرىكەت كەمچىل . مۇقەررەركى ، نامرات رايونلارنىڭ مائارىپى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتىش شەكلىدىكى سىياسەتنىڭ قوللىشىغا موھتاج بولۇپ ، پەقەت نامرات رايونلاردىكى باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرلىرىنى بېيجىڭغا تەكلىپ قىلىپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالسا بولمايدۇ .
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]