دائىم مۇنداق بىر ئەندىشىدىلا يۈرۈيمەن ، ناھايىتى كۆپ ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپتىكى بالىلارنى تەربىيەلەش بىلەنلا بولۇپ كېتىپ ، ئۆزىنىڭ بالىلىرىنى بولسا ، ياخشى تەربيەلىيەلمەي قالىدۇ ... بۇنىڭدىن قورقۇنۇچلۇق ئىش بولماس ، شۇنچە بالىنى تەربىيەلەپ ، ئۆز بالىىسنى تەربىيەلىيەلمەسلىك يەنىلا ، مەغلۇپ بولۇش جۈملىسىگە كىرىدۇ .
ھەر كۈنى كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان ۋاقتىمدا يەنە شۇنداق ئويلايمەن ، بالام ئۈچۈن زادى قانچىلىك ئەجىر سىڭدۈردۈم ؟
ئەمما ، ھەممىلا ئىشتىن مەھرۇم بولغۇم يوق ، مەنچە بىر ئەقىللىق ئاپا ، بىر تەدبىرلىك دادا خىزمەتنىمۇ ، بالا تەربىيەسىنىمۇ بىرگە ئېلىپ ماڭالايدۇ . مېنىڭ شۇنداق ئەقىللىق ئاپا بولغۇم بار ...
مۇنبەردە مەندەك ئويلايدىغان دادىلار ، ئاپىلار چوقۇم خېلى بار . شۇ مۇناسۋەت بىلەن تەۋپىق ئىنىمگە پەرزەنت تەربىيەسىگە ئائىت بىر مەخسۇس سەھىپە ئاچايلى ، دەپ مەسلىھەت سالدىم . ئۇ قوللايدىغان بولدى .
كۆپچىلىكمۇ قوللىسىكەن دەيمەن . . .
شۇڭا ، مېنىڭ ياردەمگە مۇھتاج بولىۋاتقان تەرىپىم شۇكى ، پەرزەنت تەربىيەسىدىكى ياخشى تەجىربە - ساۋاقلىرىڭلارنى ئايىماي ، يوللىساڭلار . .
قىزىم 2 ياشقا كىردى ، ھازىر تەربىيەنىڭ تازا ھالقىلىق پەيتى .
« ئۆگىنىش ئىنقىلابى » ناملىق كتابتا بالىلارغا ئالتە ياش ئىچىدە بېرىلگەن تەربىيە ئۇلار ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك تەربىيەگە ئاساس بولىدۇ . بۇ مەزگىل ھەر قانداق مەزگىلدىن مۇھىم دېيىلگەن ...
مەن بۇ ئالتۇندەك مەزگىلدە نېمىلەرنى قىلىشىم كېرەك ؟
مۇنبەرداشلاردىن ئەقىل، تەجىربە سورايمەن ...
مەن تۈنۈگۈن بىر بالىلارنى تەربىيەلەش مەركىزىگە كىردىم ، ئۇلار ئاتا-ئانىلارغا بالىلارنىڭ تەربىيەلەشنىڭ ئىلمىي ئۇسۇلىنى ئۆگىتىدىغان يەسلىدىن بۇرۇنقى تەربىيە مەكتىپى ئاچقانكەن . سەكسەن مىنۇتلۇق تەربىيە ئۈچۈن 90 يۈئەن پۇل ئالدىكەن . تەربىيەدە ئاتا -ئانا بالا بىلەن بىرگە بولىدىكەن . ھەر بىر ئۆيىنى كۆرۈپ نېمە ئشىلانى قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ كۆرۈپ چىقتىم .
ئۇلار خىلمۇ-خىل ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىليىتىىنى ئاچىدىغان ، مۇستەقىلىققىنى يېتىلدۈرۈىدىغان ، سەۋىرچانلىقىنى يېتىلدۈرۈىدىغان ، قىزغىنلىقىنى يېتىلدۈرىدىغان ، مۇزىكا ، قول سېلىپ ئىشلەش ، تىل مەشىقى ، مۇستەقىللىق مەشىقلىرى ئارقىلىق كەلگۈسى ئۈچۈن بالىلغا يول ئاچىدىغان خىلمۇ-خىل پىلانلارنى قۇرغانكەن . ئەمما ، بۇ جايدا پۈتۈنلەي خەنزۇ مۇئەللىملەر دەرس ئۆتۈدىكەن ، قىزىمنىڭ تىلىنىڭ خەنزۇچە چىقىپ قېلىشىىدىن ، ئانا تىل مۇھىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ، بۇ جايدا تەربىيەلەشكە جۈرئەت قىلالمىدىم ...
تەۋپىق تەربىيەلەش مەزكىزىمىزدە تەجىربىلىك مۇئەللىملەرنىڭ بارلىقىغا ئشىىنىمەن . . .
مەن ھازىرچە تۆۋەندىكىدەك پىلان تۈزۈپ چىقتىم :
1. ھەر كۈنى ۋاقىت بەلگىلەپ مۇزىكا ئاڭلىتىش .
2. ئېلىپبە پىلاستىنكىسىنى ھەر كۈنى بىر قېتىم قويۇپ بېرىش . ھەرپلەرنى كارتىلاشتۇرۇپ ، كارتا ئويناتقۇزۇش .
3. ھەر كۈنى بىر چۆچەك ئېيتىپ بېرىش .
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]