سىز سەرگەردان ئۆسمۈرنىڭ بانكا ئاچقانلىقىنى ئاڭلىغانمۇ؟ بانكىنىڭ قائىدە تۈزۈملىرىنى بالىلار ئۆزلىرى بېكىتكەنلىكىنىچۇ؟ ھىندىستاندا بىر بانكا بولۇپ، نامى «ئۆسمۈرلەر تەرەققىيات بانكىسى(CDK)»كەن، ئۇنىڭ خادىملىرى سەرگەندان ئۆسمۈرلەر پىدائىيلىرىدىن تەركىپ تاپقانىكەن. مەزكۇر بانكا 9 ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان ياش ئۆسمۈرلەرگە قارىتا ئېچىۋېتىلگەنكەن، ئەزالىرى خالىغان نەرسىنى ئامانەت قويسا بولىدىكەن، ئۆسىمى %3.5 گە يېتىدىكەن. كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، مەزكۇر مانكىنىڭ بانكا باشلىقى Sonuئىسىملىك 13 ياشلىق سەرگەندان ئۆسمۈر ئىكەن.
Sonuدائىم تۆمۈر يول بېكىتى سۇپىسىدا قونىدىكەن، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، «ئۆسمۈرلەر تەرەققىيات بانكىسى » بىر ھەپتىدە 7كۈن تىجارەت قىلىدىكەن، بالىلار كىيىم، تاماق ئۈستىلى قاتارلىق ھەرقانداق نەرسە سېتىۋالماقچى بولسا ھەرۋاقىت كېلىپ پۇل ئالسا بولىدىكەن. ئۇ يەنە تۇلۇقلاپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئىچىملىك قۇتىسى سېتىپ توپلىغان پۇللىرىمنى ئامانەت قويدۇم، قالغان بارلىق پۇللىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئۆزۈمنىڭ بانكا ھېساباتىغا ئامانەت قويدۇم، ھازىرغىچە 5000 رۇپىيە( خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 500 يۈەن) ئامانەت قويدۇم، مېنىڭ كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ پۇل ئامانەت قويۇش ئۈمىدىم بار».
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]