بالىلار پىسخولوگلىرى: تالانت قىزىقىشتىن كېلىدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇڭا، 2003-يىلىدىن باشلاپ گېرمانىيە بالىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بالىلار ئۇنىۋېرسىتېتى قۇردى. بالىلار ئۇنىۋېرسىتېتىغا ھەر يىلى سەككىز ياشتىن 12 ياشقىچە بولغان بالىلار قوبۇل قىلىنىدۇ. بىر قارارنىڭ ئوقۇش ۋاقتى ئىككى-ئۈچ ئاي بولىدۇ. ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ئۇنىۋېرسىتېت زالىدا مۇنەۋۋەر پروفېسسورلار بۇ ستۇدېنتلارغا ھەقسىز دەرس ئۆتىدۇ. گېرمانىيەدىكى پروفېسسورلار بالىلار ئۇنىۋېرسىتېتىدا دەرس ئۆتەلىگىنىدىن شەرەپ ھېس قىلىدۇ. نەچچە 10 يىل تەتقىق قىلغان تېمىنى 40 مىنۇتتا بالىلارغا ئېنىق چۈشەندۈرۈش، ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش، بالىلارنىڭ بۇ تېمىغا قىزىقىشىنى قوزغاش ئاشۇ ئابرويلۇق پروفېسسورلار ئۈچۈن بىر قېتىملىق جەڭ ئېلان قىلىشتۇر.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]