خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

«قۇرامىغا يەتمىگەن سەرگەردان بالىلارنى پاناھلاند

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2012-12-10 01:00

 

شىنجاڭدا مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ «قۇرامىغا يەتمىگەن سەرگەردان

بالىلارنى پاناھلاندۇرۇش مەركىزى» قۇرۇلىدۇ


شىنجاڭدا مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ «قۇرامىغا يەتمىگەن سەرگەردان بالىلارنى پاناھلاندۇرۇش مەركىزى» قۇرۇلىدۇ

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى باشقا ئۆلكىلەردە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن بالىلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان قايتۇرۇپ كېلىنگەن تۇنجى سەرگەردان بالا - 10 ياشلىق ئەكبەر يۈسۈپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىكى خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مەبلەغ سېلىپ قۇرىدىغان نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قۇرامىغا يەتمىگەن سەرگەردان بالىلارنى قۇتقۇزۇش، قوغداش، پاناھلاندۇرۇش، تەربىيەلەش مەركىزى»دە بۇ يىل ئاۋغۇستتا ئىش باشلاندى. بۇ مەركەزگە 500 نەپەر سەرگەردان بالا بىمالال سىغىدىغان بولۇپ، بۇ ، مەملىكەت بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئىقتىدارى ئەڭ مۇكەممەل بولغان «سەرگەردان بالىلارنى قۇتقۇزۇش، قوغداش، پاناھلاندۇرۇش ۋە تەربىيەلەش مەركىزى» بولۇپ قالىدىكەن.

بۇ پاناھلاندۇرۇش، تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى 16 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، 88 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە، 1-قارارلىق قۇرۇلۇشقا 50 مىليون مەبلەغ سېلىنىدىغان بولۇپ، 2013-يىلى ئۆكتەبىردە پۈتۈشى مۆلچەرلەنگەن ؛ 2-قارارلىق قۇرۇلۇشقا 38 مىليون مەبلەغ سېلىنىدىغان بولۇپ، 2014-يىلى پۈتۈشى مۆلچەرلەنگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت 34 مىليون 600 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، شىنجاڭدا يېڭىدىن «قۇرامىغا يەتمىگەن سەرگەردان بالىلارنى قۇتقۇزۇش، قوغداش مەركىزى»دىن 15 نى قۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرغان، بۇنىڭ بىلەن 1533 كارىۋات ئورنى كۆپىيىپ، قۇتقۇزۇش، قوغداش مەركەزلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىدە ياخشىلىنىش بولغان. ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ھەر قايسى دەرىجىلىك قۇتقۇزۇش، باشقۇرۇش پونكىتلىرى ۋە قۇرامىغا يەتمىگەن سەرگەردانلارنى قۇتقۇزۇش، قوغداش مەركەزلىرى قۇتقۇزىۋالغان قۇرامىغا يەتمىگەن سەرگەردان بالا 20 مىڭ(ئادەم/قېتىم)غا يېقىنلاشقان.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار