خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

پۇتبول ھەققىدە

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : سەپەر2012-11-29 23:55

 

پۇتبول ھەققىدە

 

پۇتبول ھەققىدە

      پۇتبولنىڭ ‹‹دۇنيادىكى بىرىنچى تەنتەربىيە ھەرىكىتى›› دېگەن نامى بار. ‹‹ئەنگلىيە دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول كۇلۇبلىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسى››، ‹‹ئىسپانىيە A دەرىجىلىك پۇتبول كۇلۇبلىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسى››، ‹‹ئىتالىيە A دەرىجىلىك پۇتبول كۇلۇبلىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسى››، ‹‹گېرمانىيە A دەرىجىلىك پۇتبول كۇلۇبلىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسى››، ‹‹فىرانسىيە A دەرىجىلىك پۇتبول كۇلۇبلىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسى›› قاتارلىقلار دۇنيادىكى بەش چوڭ پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى دەپ ئاتىلىدۇ. تۆت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى ۋە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسى زور كۆلەملىك خەلقئارالىق پۇتبول مۇسابىقىلىرىدۇر.

      پۇتبولنىڭ سىرتقى قېپى خۇرۇمدىن ئىشلىنىدۇ، ئايلانمىسى 68 – 71 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 396 – 453 گىرام كېلىدۇ. پۇتبول مۇسابىقىسىدە رېپىرنىڭ رۇخسىتىسىز توپنى ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ.

      پۇتبول مۇسابىقىسىدە توپنى قارشى تەرەپ ۋاراتارىغا كۆپ كىرگۈزگەنلەر غەلىبە قىلىدۇ، مۇسابىقە ئالدىنقى ۋە كېيىنكى مەيدان مۇسابىقىگە ئايرىپ ئۆتكۈزۈلىدۇ، ھەربىر مەيدان مۇسابىقە 45 مىنۇت داۋام قىلىدۇ، ئارىلىقتا 15 مىنۇت دەم ئېلىش ۋاقتى بولىدۇ. شاللاش مۇسابىقىسىدە 90 مىنۇت داۋاملاشتۇرۇلىدۇ. يېڭىش – يېڭىلىش يەنىلا بېكىتىلمىسە نۇقتا توپ ئۇرۇش ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ.

      پۇتبول مۇسابىقىگە ئىككى تەرەپتىن 11دىن ئادەم قاتنىشىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ۋاراتار ۋاراتارنى ساقلاشقا، قالغان ئون ئەزا ئىش تەقسىماتى بويىچە ھۇجۇمچى، ئوتتۇرا مەيدان ئەزاسى، بىك قاتارلىقلارغا ئايرىلىدىغان بولۇپ ھۇجۇمغا ئۆتۈش، مۇداپىيەلىنىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرگە مەسئۇل بولىدۇ. مۇسابىقىدە ھەربىر كوماندىنىڭ پەقەت ئۈچتىنلا ئادەم ئالماشتۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەگەر مۇسابىقىدە بىر تەرەپنىڭ ئەزالىرى يەتتە ئادەمدىن ئاز بولۇپ قالسا رېپىر دەرھال مۇسابىقىنى ئاياغلاشتۇرۇپ قارشى تەرەپنى يەڭدى دەپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار