خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

بالىلار ئەسەرلىرىدىن توپلام (1)

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئالىپتىكىن2011-12-23 04:27


بالىلار ئەسەرلىرىدىن توپلام (1)

 

 
خىجىللىق

كۇز كۇنلىرىنىڭ مەلۇم بىر كۇنى، مەن ئادىتىم بويىچە ۋېلسىپىتنى ئاستا ھەيدەپ كىلىۋاتاتتىم. ئۈيىمىزگە500 مىتىرچە قالغان ئىدى. شۇ ئەسنادا قوشنىمىز سەمەت ئاكامنىڭ ئوتتۇردىن ئىككى بۇلۇپ كەتكەن بىر ئەپكىشىنى قۇلتىقىغا قىسقان، بىر چوڭ سىۋەتتە لىق يۇيۇلغان ساماننى، بىر قولىدا چوڭ بىر چىلەك سۇنى كوتۇرۇپ ناھايىتى قېينىلىپ كىتىۋاتقانلىقىغا كۈزۇم چۇشتى. مەن ھەش-پەش دىگۇچە ئۇنىڭغا يىتىشىۋالدىم. سەمەت ئاكام مېنى كۆرۈپ: 
- ئەكبەرجان بالام، ماۋۇ سىۋەتنى بولسىمۇ كۇتىرىۋالغىن، ماۋۇ كاساپەت ئەمدىلا دولامغا ئېلىشىمغا قاس قىلىپ سۇنۇپ كەتتى، دولدا كوتۇرۇش ئاسان بولغان بىلەن، قارىغىنا قىينىلىپ كەتكىنىمگە....
 

ـ ۋەلسىپىتىمنىڭ يېلى.... ناسۇسقا...
ـ ئەنە، ئاۋۇ يەردە ، ئېلىپ چىقىپ ئىشلەتكىن- دەپ ناھايىتى سەمىمىيلىك بىلەن سوزلىدى.
مېنىڭ شۇنچە كۈچەپمۇ ئەپلەشتۈرەلمەيۋاتقانلىقىمنى كورگەن سەمەت ئاكام قولۇمدىن ناسۇسنى ئېلىپ ۋېلسىپىتىمگە يەل ئۇرۇپ بەردى. سەمەت ئاكامنىڭ بۇ قىلغانلىرىدىن خىجىل بولغانلىقىمدىن بېشىمنى يەردىن كوتۇرەلمەيلا قالدىم. مەن رەخمەت دىگەن سوزنى ئارانلا دېيەلىدىم ۋە ئالدىراپ مەكتەپكە يول ئالدىم. 
شۇ ئشنى ئويلىسام ھازىرمۇ خىجىل بولىمەن.
3-ئاينىڭ 25-كۈنى مېنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى.مەن كۆڭلۈمدە،دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئەڭ ئېسىل سوۋغىدىن بىرنى بېرىمەن-دەپ، ئويلىدىم.
مانا بۈگۈن 3-ئاينىڭ 24-كۈنى ئىدى.لېكىن مېنىڭ يېنىمدا بىرەرنەرسە سېتىۋالغۇدەك پۇل يوق ئىدى.شۇنىڭ ئۈچۈن دادامدىن پۇل ئېلىشقا توغرا كەلدى .تېخى دادام ماڭا ئىككى كۈن ئىلگىرى ئون يۈەن بەرگەن. بىراق مەن ئۇ پۇللارنى خەجلەپ بولدۇم.يەنە دادامدىن پۇل سورىسام، ئۇ مېنى تىللاپ كېتەرمۇ؟ ماڭا پۇل بىرەرمۇياكى بەرمەسمۇ؟ئەگەر بەرمىىسە دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە بىرەر نەرسە سوۋغا قىلمىسام مېنى نېمە دەپ ئويلاپ قالار دىگەن خىياللاربىلەن ئۆيگە قايتىپ كەلدىم.كەچلىك تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن دادامدىن پۇل سورىماقچى بولدۇم. بىراق دىيىشكە پېتىنالمىدىم . دادام سىرتقا چىقىپ كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ يانچۇقىدىن 50يۈەن پۇلنى ئېلىۋالدىم- دە، چاپىنىنى ئۆز جايىغا قويۇپ قويدۇم. ئەتىسى دادام مەندىن:- قىزىم يانچۇقۇمدىكى 50يۈەن پۇل يوق تۇرىدۇ.ئۇ پۇلغا موماڭغا ئاياغ ئېلىپ بەرمەكچى ئىدىم .سەن كۆردۇڭمۇ،-دەپ سورىدى.. مەن سەل تەمتىرگەن ھالدا:" ياق مەن كۆرمىدىم،مېنى ئېلىۋالدىمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىڭمۇ؟ سەن مېنىڭ دادام تۇرۇپ شۇنداق گەپلەرنىمۇ قىلامسەن" دەپ خاپا بولغان قىياپەتتە مەكتەپكە قاراپ ماڭدىم.

دادا مېنى كەچۈرۈڭ
 

 

كەچتە ئۆيگە بارغاندا دادامدىن كەچۇرۇم سۇرىماقچى بولدۇم . بۇ بىر كۇن مەن ئۇچۇن ناھايىتى تەستە توشتى . ئۆيگە بارغىچە :"دادا سىز بىز ئۈچۈن نۇرغۇن جاپالارغا چىداپ تىرشىپ ئىشلەپ بىر ئائىلىنى قامداپ كېلىۋتسىز، مەن دادامدىن پۇل سورىسام بىرىپ قالار، دېگەننى نېمىشقىمۇ ئويلاپ باقمىدىم." دەپ تەكرارلاپ ماڭدىم . ئۆزۇمنىڭ قىلغان ئىشىدىن ناھايىتى خىجىل بولدۇم. كەچتە پۇلنى تۇيدۇرماستىن دادامنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قويدۇم ھەمدە "دادا ، مەندەك ئەقىلسىز قىزىڭنى كەچۈرۈڭ"دەپ خىيالەن ئەپۇ سورىدىم.
ئىمتىھان نېمە دىگەن سۈرلۈك، نېمە دېگەن جىددىي مانا بۆگۈن تۇلۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانى بېرىش ئالدىدا تۇرۇپتىمەن. بۇ ئىمتىھان ئارقىلىق تەقدىرىمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقنى بىلمەيمەن. ‹‹ئىمتىھان سۇئالى قانداق چىقار، قىيىن سۇئاللار چىققانمىدۇ؟ ياكى ئۆگەنگەن جايلىرىمىدىن چىققانمىدۇ؟›› دېگەن خىياللار كاللامدىن كەچتى. سىرىتتا ئاپام ئۈمىد بىلەن مېنى كۈتىۋاتاتتى. تۇيۇقسىز يوغان قورساق بىر ئەر ئوقۇتقۇچى ئىمتىھان قەغىزىنى كۆتىرىپ كىرىپ تارقىتىشقا باشلىدى. مەن جىددىيلىشىشكە باشلىدىم. ئوقۇتقۇچىلار، ساۋاقداشلار ھەممىسى ماڭا ناتۇنۇش ئىدى. مەن ئىمتىھان قەغىزىنى قولۇمغا ئېلىپ ئاۋال بىلىدىغان سوئاللىرىمنى يېزىشقا باشلىدىم. بىراق ئاخىرقى ئۈچ سوئال مېنىڭ بېشىمنى ناھايىتى قاتۇرىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئالدىمدا ئولتۇرغان بىر ساۋاقداشنىڭ ئىمتىھان قەغىىزىگە بوينۇمنى سوزۇپ قاراپ بىر سوئالنى  
يېزىۋالدىم .كومسىيە ئوقۇتقۇچى ماڭا قاراپ قويدى. بىراق ھىچقانداق گەپ قىلمىدى .مەن يەنە بىر سوئالنىڭ جاۋابىنى يېزىۋېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا يەنە قارىدىم. بىراق بۇ قېتىم كومسىيە ئوقۇتقۇچى كېلىپ قەغىزىمنى تارتىۋېلىپ ئىمتىھان مەيدانىدىن چىقىپ كېتىشىمنى بۇيرىدى. مەن كەچۈرۈم سورىساممۇ ئۇنىماي ئاخىرى چىقىپ كەتتىم .ئەمدى قانداق قىلارمەن؟ ئاپامغا نېمە دەرمەن دېگەنلەرنى ئويلاپ چىقىپ كېتىۋاتاتتىم .تۇيۇقسىز ئاپام: ‹‹بالام بالدۇر چىقىپسىزغۇ؟ ››دېدى. مەن ھىچ ئويلانماستىنىلا: ‹‹ئاپا سوئال بەك ئاسان چىقىپتۇ. مەن ھەممىنى يېزىۋەتتىم ›› دېدىم. ئاپام خوش بولۇپ كەتتى . ۋە «بالام نېمە يەيسەن؟ ئېلىپ بىرەي» دەپ ماڭا ھەرخىل تاماقلارنى، ئېىسىل كىيىملەرنى ئېلىپ بەردى. مەن ئاپامغا يۈز كېلەلمەيدىغانلىقىمنى ئويلىدىم ۋە ئاپامنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقالمىغانلىقىم ئۈچۈن ناھايتى ئەپسۇسلاندىم.
دادا، سىز مىنى چۈشىنەمسىز؟ مىنىڭ كۆڭلۈمدە نىمە ئويلايدىغانلىقىمنى بىلەمسىز؟ ھازىرقى زاماننىڭ تەرەققىياتىنىڭ نەقەدەر تىز ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ ھەر قېتىم يوقىلاڭ ئىشلار سەۋەبىدىن مىنى مۇئەللىمدىن رۇخسەت سوراشقا بۇيرىغىنىڭىزدا، كۆز ئالدىڭىزدىكى بىر سەبى يۈرەك پارىڭىزنىڭ مۇئەللىمدىن نىمە باھانە تېپىپ، رۇخسەت سورىشىنى بىلماي تىرنىقىنى تاتىلاپ تۇرىۋاتقان ھالىتىنى كۆزئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ باقتىڭىزمۇ؟ مەن مۇئەللىمدىن رۇخسەت سوراۋاتقان شۇ دەقىقىلەردە سىنىپتىكى 30 نەچچە جۇپ كۆزنىڭ ماڭا ئالىيىپ ‹‹ دائىم رۇخسەت سورايدىكىنە سىنىپنىڭ داۋام نومۇرىنى كەتكۈزۈپ ،سىنىپقا قوشقان تۆھپىسىنىڭ تايىنى يوق، زىيانلا سېلىپ يۈرگەن .....›› دەپ زەردە بىلەن قاراۋاتقانلىقىنى سىز ھەرگىزمۇ ھىس قىلالمايسىز؟ مېنىڭمۇ باشقا بالىلارغا ئوخشاش مۇئەللىم تەرپىدىن ماختاشقا ئېرىشكۈم، سىنىپقا مەيلى قايسى جەھەتتە بولسۇن ئازراق تۆھپە قوشقۇم، ئىمتىھانلاردا يۇقىرى نومۇر ئېلىپ، ئوقۇش باشلاش مۇراسىملىرىدا مۇكاپاتلارغا ئېرىشكۈم، ھەر خىل ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ ئالقىشلانغۇم، مەكتەپتىكى جۈملىدىن سىنىپتىكى بالىلارغا ئۆزۈمنى كۆرسىتىپ، ئورنۇمنى تىكلىگۇم بار. ئاتا – ئانىلار يىغىنلىرىدا سىنى ياكى ئانامنى يېنىمدا ئولتۇرغۇزۇپ، باشقا ئاتا – ئانىلارنىڭ ئالدىدا سىلەرنىڭ ئىناۋىتىڭلارنى تىكلىگۈم بار. مۇئەللىم بۇيرىغان ھەر خىل كىيىم پۇلى، ئىئانە پۇلى ...دىگەندەك پۇللارنى ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىپ مۇئەللىم ئالدىدىكى قىممىتىمنى ياراتقۇم كېلىدۇ . ....

ئىمتىھان مەيدانىدا
 

دادا ، مىنى خىجىل قىلماڭ
 

 

دادا !مىنى ، مەندەك بىر سەبى غۇنچىنى ئويلاپ قويۇڭ ، ماڭا ئىچىڭىز ئاغرىسۇن ! ساۋاتسىزلىقتا قېلىۋاتقان بىر ناتىۋانغا ئىچىڭىز ئاغرىسۇن! بۇندىن كىيىن مىنى مەكتەپكە تولۇق بارغىلى قويۇڭ ، رۇخسەت سوراشقا قىستاپ مىنى تولا خىجىل قىلماڭ ، بولامدۇ دادا !
مانا، مەن ئەنسىرىگەن دەقىقىمۇ ئاخىرى يىتىپ كەلدى. 7- سائەتلىك دەرستىن چىقىش قوڭغۇرىقى چېلىندى. مانا، ھازىر سىنىپ مۇدىرىمىز كىرىدۇ، قانداق قىلسام بولار؟ يالغان سۆزلەيمۇ ياكى راستىنى دەيمۇ؟ مەن يالغان سۆزلىسەم باشقىلار چېقىپ قۇيارمۇ؟ راستىنى دىسەم مۇئەللىم ماڭا خاپا بولارمۇ؟ قانداق قىلارمەن؟ مۇئەللىم سىنىپنىڭ ئايلىق باھالىشىدىن بەش نۇمۇر كەتكىنىنى بىلسە...مانا مۇشۇنداق خىياللار بىلەن مۇئەللىمنىڭ سىنىپقا كىرگەنلىكىنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن .
-ئىرشات ، نىمە ئويلاۋاتىسىز ؟
مۇئەللىمنىڭ چاقىرغان ئاۋازى دىققىتىمنى بۆلدى . مەن دۇدۇقلىغان ھالدا ئورنۇمدىن تۇردۇم .
ساۋاقداشلار پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتى .
مۇئەللىم بۈگۈنكى بىر كۈنلۇك ئەھۋاللارنى سىنىپ باشلىقىدىن سوراپ ، خۇلاسىلىگەندىن كىيىن، مۇراتقا قاراپ :

مەن يالغان سۆزلىمەيدىغان بولدۇم
 

-مۇراتجان، بۈگۈنكى ئىشىڭىزدىن خەۋەر تاپتىم، سىزنىڭ بىر كۆز ئەينەكنى چېقىۋىتىشىڭىز قەستەنلىك ئەمەس بەلكى سەۋەنلىكتىن بولغان، بۇندىن كىيىن دىققەت قىلىڭ، ئەتە ئۆيدىن پۇل ئېلىپ كىلىپ ئەينەكنى سالدۇرۇپ قويۇڭ، - دىدى سىپايىلىق بىلەن .
مۇراتجان بىر ماڭا، بىر يەرگە قاراپ مىچىلداپ يىغلىۋەتتى. ئۇ ھەقىقى ئەھۋالنى دىسە، مەندىن تاياق يىيىشتىن قورقۇۋاتقاندەك قىلاتتى. مۇئەللىم سىنىپتىن چىقىپ كەتتى .
ئەتىسى مۇرات ئەينەكنى ئۆزى سالدۇردى. تىل ئەدەبىيات دەرسىدە بىزگە مۇئەللىم ‹‹يالغانچىنىڭ ئاقىۋىتى ›› ناملىق ھىكايىنى ئوقۇپ بەردى. مۇئەللىم ھىكايە ئوقۇۋاتىدۇ، مىنىڭ پۈتۈن ئىسى يادىم تۈنۈگۈنكى يالغانچىلىق قىلىپ، مۇراتجانغا ئۇۋال قىلغانلىقىمدا قالدى . مېنىڭ مەسئۇلىيەتنى مۇراتجانغا ئارتىپ قويغانلىقىم بولسا قەستەنلىك، دېگەنلەرنى ئويلاپ ئىچىمنى بىر نەرسە تاتىلاۋاتقاندەك، ئۆزۈمگە، ئاتا-ئانامغا، مېنى تەربىيەلىگەن ئۇستازلىرىمغا يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ھىس قىلدىم-دە، دەرستىن چۈشكەندىن كىيىن مۇئەللىمنىڭ ئارقىسىدىن چىقىپ، ئەھۋالنى ئېيتتىم. مۇئەللىم مېنىڭ خاتا قىلغانلىقىمنى كەچۈرۈپ، ئىنتايىن سىلىقلىق بىلەن مۇئامىلىدە بولۇپ، ماڭا يېڭىدىن ئادەم بولۇش پۇرسىتى بەردى، شۇندىن كىيىن مەن يالغان سۆزلىمەيدىغان بولدۇم.
باغ – ۋارانلار گۈزەللىك كۈيىنى ياڭرىتىۋاتقان، رەڭگارەڭ ئېچىلغان گۈللەر تەبىئەت گۈزەللىكىگە ھۆسۈن قوشۇپ ئانا يۇرت باغرىغا خۇش پۇراقلىرىنى چېچىۋاتقان، تەسۋىرلىگۈسىز گۈزەل پەسىلدە ''1-ماي '' ئەمگەكچىلەر بايرىمى يېتىپ كەلدى .
كۆيۈمچان دادام ئاپاملار بۈگۈنمۇ ئۆز ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ئىدى . تەبىئەت گۈزەل، باغلاردىكى رەڭگارەڭ ئېچىلىپ كەتكەن گۈللەر ، يوللارنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى كۈچ- قۇۋەتكە تولغان قاۋۇل، ساغلام يىگىتلەردەك دەل-دەرەخلەر، يېشىل دولقۇنلاردەك ئېتىزلىقلار شۇنچىلىك گۈزەل ئىدى. مەن خۇشاللىق ئىلكىدە باشقا دوستلارغا ئوخشاش گۈزەللىك پەيزىنى سۈرۈۋاتىمەن. ھەممە يەردە ھەممە ئادە م ئۆز ئىشلىرى بىلەن بەنىت ئىدى. بەزىلەر كۆچەت تىكسە بەزىلەر ئېتىز ئېرىقلارغا سۇ قۇيۇش بىلەن، بەزىلەر ئېرىق چاپسا، بەزىلەر ئېتىزلىقتىكى ئوتياشلارنى ئوغۇتلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى. يەنە بەزىلەر ئېتىزلىقتا چۆنەك تارتىپ نېمىلەرنىدۇر تېرىش بىلەن ئالدىراش. دېمەك ھەممىسى گۈزەللىككە گۈزەللىك قوشۇش بىلەن ئالدىراش. مەن گۈزەللىكتىن زوق ئېلىۋېتىپ بىرنەرسىنى ھېس قىلدىم .گۈزەللىك بار يەردە ئەمگەك تەر تۆكۈش بۇلىدىكەن. ھوزۇر- ھالاۋەت، خۇشاللىق، گۈزەللىك ئەمگەك مېۋىسى بىلەن بىرلىشىپ كېتىدىكەن. ئەمگەك بولمىسا ھاياتلىق گۈزەللىكتىن، تەبىئەت ھۆسۈن جامالىدىن ئايرىلىدىكەن. مەن شۇندىلا جاپاكەش ئاپام- دادامنىڭ نېمە ئۈچۈن يىلدا كېلىدىغان مۇشۇنداق كۈندىمۇ ئارام ئالماي ئىشلەيدىغانلىقىنى چۈشەندىم. ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۇنتىغان ھالدا ئەمگەك قىلىۋاتاتتى، تەر تۆكىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ خۇشاللىقى ئۆز ئەجرىدە ئىدى. ۋۇجۇدۇمدا ئۇلارغا بولغان ھۆرمەت كۈچەيمەكتە.
ئەمگەك ھەممىنى يارىتىدۇ. ھايات ئەمگەك ئارقىلىق گۈزەللىشىپ، مۇكەممەللىشىپ ئۆز قىممىتىنى تاپىدۇ. شۇڭا مەنمۇ ئۆز ئەگىكىم ئارقىلىق گۈزەلللىك ۋە بەخىت يارىتىش ئۈچۈن تېرىشىمەن.

دۇنيا ئەمگەك بىلەن گۈزەل
 

مەن تاماق تاللىمايدىغان بولدۇم

بۈگۈن زۇكام دەستىدىن بېشىم قاتتىق ئاغرىپ مۇئەللىمدىن سۇراپ مەكتەپتىن قايتىپ كەلدىم- دە، يېتىپلا ئۇيقۇغا كىتىپتىمەن.
-بالام، ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ. تامىقىڭىزنى يەپ بولۇپ ئاندىن ئارام ئېلىڭ. بىر قاچا ئىچىۋالسىڭىزلا ئەتە ياخشى بولۇپ كىتىسىز. -سىزمېنىڭ بۇتاماق بىلەن خوشۇمنىڭ يوقلىغىنى بىلىپ تۇرۇپ-ئوتكەندە دادىڭىزنىڭمۇ مىجەزى يوق بولۇپ قالغاندا ئىچكەن ئىدىڭىزغۇ؟ دادىڭىزمۇ ئەتىسلا ياخشى بولۇپ قالمىدىمۇ؟
ئاپامنىڭ زورلىشى بىلەن بىر قاچا ئاشنى مىڭ تەسلىكتە ئىچىپ تۇگەتتىم.
- بۇگۇن قانداقراق تۇرۇپسىز، بېشىڭىز يەنە ئاغرىۋاتامدۇ؟ نېمە تاماق يېگىڭىز بار؟  
بۈگۈن راستىنلا ياخشى بولۇپ كەتكەن ئىدىم .ئالدىنقى قېتىم شۆگۇرۇچ ئېتىپ بەرگىنىدە تامىقىمنى تۇخۇلارغا تۈكۈپ بېرىپ يالغان ئېيتقانلىقىمدىن، ئىنتايىن خىجللىق ھىس قىلدىم. بېشىمنى كۇتۇرمەي تۇرۇپ:
-ئاپا، يەنە بىر قاچا شۆگۈرۈچ قىلىپ بەرسىڭىز دىدىم.  
شۇندىن تارتىپ مەن ھەرگىز تاماق تاللىمايدىغان بولدۇم.

چۈشىنىش

ئەتتىگەنلىك چېيىمنى ئالدىراپ ئىچىپلا مەكتەپكە قاراپ يۈگۈردۈم. چۈنكى بۆگۈن مەكتىپىمىزدە تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلەتتى. ھاسىراپ- ھۆمۈدەپ سىنىپقا كىردىم. ساۋاقداشلىرىم تەنتەربىيە ھەيئىتى ئېلىپجاننى ئورىۋالغانىدى. ئۇ مۇسابىقىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا نومۇر تاختىسى تارقىتىپ بېرىۋاتاتتى. نۆۋەت ماڭا كەلگەندە ئۇ ماڭا قاراپ قويۇپ:« مۇسابىقىغا قاتناشقاندىن كېيىن چوقۇم نەتىجە ئېلىشقا تىرىشىڭ، سىنىپنىڭ، ساۋاقداشلىرىڭىزنىڭ يۈزىنى چۈشۈرىدىغان ئىشنى قىلماڭ» دېدى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ بەك ئاچچىقىم كەلدى. «قانداق نېمە بۇ؟ ئادەمنى زاڭلىق قىلىۋاتامدۇ نېمە؟ مېنى نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ دەپ ئويلاپ قاپتۇ-دە، ئۆزۈم قانچىلىك دېمەي، كۆرىمىزغۇ تېخى، كىمنىڭ نەتىجە ئالىدىغانلىقنى، كىمنىڭ سىنىپنىڭ يۈزىنى تۆكىدىغانلىقىنى» دەپ ئويلىدىم.

مۇسابىقە كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى. سىنىپىمىزدىكى ساۋاقداشلار ئۆزئارا ئىتتىپاقلىشىپ، بىرقانچە تۈردە بىرىنجى بولدۇق. ئەمما ئېلىپجان ئوغوللارنىڭ 200 مېتىرغا يۈگرەش مۇسابىقىسىغا قاتنىشىپ نەتىجە ئالالمىدى. «ئۆزۈم قانچىلىك دېمەي گەپلىرىنى تېخى، مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا تازا بىر دەۋالمايدىغان بولسام» دېگەنلەرنى ئويلاپ ئولتۇردۇم.

مۇسابىقە ئاخىرلاشتى. ئاخىرىدا نەتىجە خۇلاسە قىلىنىپ، مۇكاپاتلاش ئېلىپ بېرىلدى. سىنىپىمىز كوللىكتىپ بويىچە بىرىنجىلىككە ئېرىشتى. سەھنىگە مۇكاپات ئېلىشقا چىققان ئاشۇ مىنۇتتا مەن چەكسىز پەخىرلىنىش تۇيغۇسىغا چۆمگەن ئىدىم. دەل شۇ چاغدا مەن چاۋاك چېلىۋاتقانلار ئارىسىدىن ئېلىپجاننى كۆرۈپ قالدىم. ئۇ ناھايىتى خوشالدەك كۆرىنەتتى. ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قىزغىن چاۋاك چالماقتا ئىدى. مەن شۇ چاغدىلا ھەممىنى چۈشەندىم. ئۇنى خاتا چۈشىنىپ قالغانلىقىمنى ھىس قىلدىم. ئەسلىدە ئۇمۇ سىنىپنىڭ، كۆپچىلىكنىڭ شان-شەرىپى ئۈچۈن شۇنداق دەپتىكەن ئەمەسمۇ؟

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
ئالىپتىكىن تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-29 10:08 ئاخىرقى كەلگىنى:2015-02-13 00:02