5-يىللىق 1-مەۋسۈم ئۈلگىلىك ماقالىلار توپلىمى
مەن بۇ ماقالىلار توپلىمىدىكى ماقالىلارنى << پەرۋاز >> كىتابىدىن ، ماقالە كىتابلىرىدىن پايدىلىنىپ تەييارلىدىم ، شۇڭا پايدىللىنىشقىلا بولىدۇ ، بەزىلىرىنى ئۆزەم يازغان ،مەن بۇ ماقالىلار توپلىمىنى كەڭ ئەدىبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتىگە ياردىمى بولامدىكىن دەپ يوللىدىم ، ئەگەر خاتالىقلار بولسا تۈزۈتۈشكە بىرلىكتە كۈچ چىقارساق يەنە ھەر بىر يىللىقنىڭ ھەر بىر مەۋسۈمى ئۈچۈن ماقالىلار توملىمى چىقىرىشقا كۈچىسەك ، رەھمەت !
باشقۇرغۇچى ئېلاۋىسى: ئىخلاس ئەپەندىنىڭ بۇ تىمىسى 20 بەشتاش تەڭگىسى بىلەن مۇكاپاتلاندى. ئىخلاس ئەپەندىنىڭ مۇشۇنداق ئىسىل تىمىلىرىنىڭ ئۇزۇلۇپ قالماسلىقىنى ۋە باشقا دوسلارنىڭمۇ مۇشۇنداق ئىسىلك ماتىرياللارنى يوللىشنى سورايمىز!
5-يىللىق 1-مەۋسۈم ئۈلگىلىك ماقالىلار توپلىمى
1 .تۇرمۇشتا سىزگە ئىلھام بەرگەن بىرەر ئىشنى يېزىڭ :
تۇنجى قېتىم
ھەربىر ئادەمنىڭ ھاياتىدا نۇرغۇن تۇنجى قېتىملار بولىدۇ.شۇنىڭغا ئوخشاش مېنىڭمۇ ھاياتىمدا نۇرغۇن تۇنجى قېتىملار بولغان. باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىم ئىدى.بىر قېتىم مېنى مۇئەللىم مەكتىۋىمىزدە ئۆتكۈزىلىدىغان ‹‹ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۆيۈپ ، ۋەتەنگە بولغان مىننەتتارلىقىمىزنى بىلدۈرەيلى ›› دېگەن تېمىدىكى نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتىگە سىنىپقا ۋاكالىتەن قاتناشتۇرماقچى بولدى .
بىر كۈنى مۇئەللىم ‹‹ ئۆزىڭىز يازغان ماقالىنى دېكىلماتسىيە قىلامسىز ياكى مەن ماقالە يېزىپ بېرەيمۇ ؟ ›› دەپ سورىدى . مەن: ‹‹ مۇئەللىم ، مەن ئۆزەمگە ئىشىنىمەن ، ئۆزەم يازغان ماقالەمنى دېكىلماتسىيە قىلاي ›› دېدىم . مۇئەللىم نۇنىڭغا قوشۇلدى ۋە ماقالەمنى تۈزىتىپ بەردى .
بۇنداق پائالىيەتكە تۇنجى قېتىم قاتنىشىشىم بولغاچقا ، پائالىيەت كۈنى سەل جىددىيلىشىپ قالدىم . نۆۋەت ماڭا كەلدى ، مەن سەھنىگە چىقىپ ، ئۆزەم يازغان ماقالەمنى دېكىلماتسىيە قىلىشقا باشلىدىم ، تۇيۇقسىز يادىلىۋالغان بىر ئابزاس يادىمدىن چىقىپ كەتتى . مەن نېمە قىلارىمنى بىلمەي مۇئەللىمگە قارىدىم . مۇئەللىم ماڭا : ‹‹ تەمكىن بولۇڭ ، سىز چوقۇم ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلەيسىز ›› دېگەندەك نەزەردە قارىدى . مەن روھلۇق كەيپىياتتا ، جاراڭلىق ئاۋازدا دېكىلماتسىيەنى داۋاملاشتۇردۇم . ساۋاقداشلىرىم ۋە ئۇستازلىرىمنىڭ ياڭراتقان ئالقىشلىرى مېنى ھاياجانغا چۆمدۈردى . مەن گەرچە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن بولساممۇ ، مۇئەللىمنىڭ ئىلھاملاندۇرىشى مېنى بىرىنچىلىككە ئېرىشكەندىنمۇ خۇشال قىلدى . شۇنىڭدىن كېيىن نۇرغۇن ياخشى ماقالىلەرنى يازدىم .
2. ‹‹ ....... دادىنى ياخشى كۆرىمەن ››تېمىدا ماقالە يېزىڭ .
ئىشچان دادامنى ياخشى كۆرىمەن
دادا ھەقىقەتەن بىر ئۇلۇغ ئىنسان . دادا پەرزەنىتلىرىنىڭ بەخت –سائادىتى ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلايدۇ .
مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىشى دادام ، مەن دادامغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايمەن . دادام بۇ يىل 42 ياشقا كىردى . ئاتام ھەر كۈنى ئەتتىگەندەئورنىدىن تۇرۇپ ، ئالدىراپ –تېنەپ ئىشقا ماڭىدۇ . مەن ھەر كۈنى مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ ، دادامنى ئىشتىن قاچان كېلەركىن دەپ تەققازالىق بىلەن كۈتىمەن .
مېنىڭ سىلەرگە بىرئىشنى سۆزلەپ بەرگۈم كېلىۋاتىدۇ . بىر كۈنى مۇئەللىم بىزگە :
- ‹‹پەرۋاز ›› ژۇرنىلىغا مۇشتەرى بولىدىغانلار تىزىمغا ئالدۇرۇڭلار! – دېدى . مەن كىتاپ-ژۇرنال ئوقۇشقا بەك ھېرىسمەن بولغاچقا ‹‹ پەرۋاز ›› ژۇرنىلىغا بەكمۇ مۇشتەرى بولغۇم بار ئىدى ، لېكىن ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ئانچە ياخشى بولمىغاچقا بىر قارارغا كېلەلمىدىم . شۇ كۈنى مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ ، دادامنى تەققازالىق بىلەن كۈتتۈم . بىر ھازادىن كېيىن دادام قايتىپ كەلدى . دادامغا نېمە دېيىشنى بىلەلمەي ، ئۇنىڭ كۆزىگە قارىدىم .
دادام : ‹‹ نېمە بولدىڭىز قىزىم جىمىپ قاپسىزغۇ ؟ ›› دېدى . مەن تەسلىكتە مەقسىتىمنى دادامغا ئېيىتتىم .
دادام قىلچە ئويلىنىپ تۇرمايلا ، يانچۇقىدىن 24 يۈئەن پۇلنى ئېلىپ ماڭا سۇندى . مەن شۇ چاغدىلا دادامنىڭ قوللىرىنىڭ قاپىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم ھەم ‹‹ دادام بۇ پۇللارنى قانچىلىك جاپادا تاپقاندۇ –ھە ! بۇنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئۈچۈن ئەمەسمۇ ؟ ››
دەپ ئويلىدىم ۋە دادامغا ھاياقان بىلەن : ‹‹ دادا مەن سىزدىن پەخىرلىنىمەن ، چۈنكى
سىزماڭا مېھىر –مۇھەببەت ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلىسىز . دادا مەن سىزنىڭ ئۈمۈدىڭىزنى ئاقلايمەن ! ›› دېدىم . دادام سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ ئىختىيارسىز كۆزىگە ياش ئالدى ھەم
مېنى باغرىغا بېسىپ ، چاچلىرىمنى سىلىدى . مانا بۇ مېنىڭ دادام ، مانا بۇ مەن ياخشى كۆرىدىغان تىنىمسىز ئىشچان دادام !
3.چۈشەنەندۈرۈش ماقالىسى يېزىڭ :
1 )ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان مېۋىلىك دەرەخ توغۇرسىدا يېزىڭ:
ئۆرۈك دەرىخى
ئۆرۈك دەرەخى گەرچە ئاپلىسىنغا ئوخشاش داڭلىق بولمىسىمۇ ، بىراق مەن ئۇنى بەك ياخشى كۆرىمەن . چۈنكى ئۆرۈك بىزنىڭ يۇرتىمىزنىڭ سىمۋولى .
3-ئايدا ئۆرۈك چېچەكلەيدۇ ، ھال رەڭ ، ئاپئاق چېچەكلەر تارقاتقان خۇشپۇراقلار بىر توپ ھەسەل ھەرىلىرىنى جەلىپ قىلىدۇ ، بارا-بارا ئۆرۈك چېچەكلىرى تۆكۈلۈپ ، يېڭى يېشىل يوپۇرماقلار چىقىدۇ ۋە چېچەك ئورنىدا كىچىك غورىلار پەيدا بولىدۇ . يوپۇرماقنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ھەممە يەرنى يېشىللىق قاپلايدۇ . 6-ئايدا ئۆرۈك پىشىدۇ . مەرۋايىتتەك سارغىيىپ ، ئاغزىڭىزغا سېرىق سۇ كەلتۈرىدۇ . بىراق ھەرگىزمۇ كۆپ يەپ كەتمەڭ ، بولمىسا چىشىڭىز قاماپ قالىدۇ .
2) ئەرمەك ھايۋاننى تەسۋىرلەپ يېزىڭ :
مېنىڭ مۈشۈكۈم
مېنىڭ بىر ئوماق مۈشۈكۈم بار . بىز ئۇنى دائىم ‹‹مى ، مى ››دەپ چاقىرىمىز . ئۇ خۇددى ئاپئاق قارغىلا ئوخشايدۇ ، ئۇنىڭ مويلىرى بەكمۇ يۇمشاق ، ئۇنىڭ ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللىك ئىككى قۇلىقى بەكمۇ سەزگۈر . ئۇ بىر شەپىنى ئاڭلاپ قالسىلا خۇددى ۋەزىپە كۈتۈپ تۇرغان جەڭچىدەك دەرھال ھەركەتلىنىپ شۇ ۋاقىتتىلا ئولجىنى قولغا چۈشۈرىدۇ ، ئۇنىڭ مەرۋايىتتەك ئۆتكۈر كۆزلىرىدىن چاشقان ئەمەس ، ئۇچۇپ يۈرگەن چىۋىنلەرمۇ قۇتۇلالمايدۇ . ئۇ قىش كۈنلىرى خورەك تارتىپ ، ئىسسىق كاڭدا ئۇخلايدۇ . ئۇ تازلىققا تولىمۇ ئېتىبار قىلىدۇ ، دائىم يۈزىنى يۇيىدۇ ، تەرىتىنى ھەرگىز باشقىلارغا كۆرسەتمەيدۇ . شۇڭامەن بۇ ئوماق مۈشىكىمنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن .
4. ‹‹ 20يىلدىن كېيىن يۇرتقا قايتىش ›› تېمىسىدا تەسەۋۇرىڭىزنى قانات يايدۇرۇڭ :
20يىلدىن كېيىن يۇرتقا قايتىش
بۇ دۇنيادا ئۆز يۇرتىنى سۆيمەيدىغان بىرمۇ ئىنسان بولمىسا كېرەك ، مانا يۇرتتىن ئايرىلغىنىمغا 20يىل بولۇپ قالدى . مەن يۇرتقا بولغان سېغىنىش ئوتىنىڭ تۈرتكىسىدە يۇرتۇمغا يول ئالدىم ، يۇرتۇمغا كېلىپ ھەيران قالدىم ، چۈنكى ئەسلىمەمدە يۇرتۇم ساپ ھاۋالىق ، ئېرىقلاردا ئېقىپ تۇرىدىغان سۈزۈك سۇلار ، سۇلاردا بالىلار بىلەن سۇغا چۆمۈپ قانمايدىغان ، باغلاردا ماي باغلاپ تۇرىدىغان مېۋىلەر كۆز ئالدىمدىن كىنو لىنتىسىدەك ئۆتۈپ تۇراتتى . ئەمما ھازىر ئۇ خىل مەنزىرىلەردىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى ، ھازىر يۇرتۇم تەرەققىي قىلىپ شەھەرلىشىپتۇ ، پاكار ئۆيلەر ئورنىغا ئېگىز –ئېگىز بىنالار سېلىنىپتۇ ، زاۋۇت – كارخانىلار كۆپىيىپتۇ ، ماشىنىلار كۆپىيىپ كىشىلەرنىڭ تۇرمىشى قولايلىشىپتۇ ، ئەمما مەن سېغىنغان يۇرتۇمنىڭ ساپ ھاۋاسى ، كەڭ كەتكەن ئېكىنزارلىرى ، خۇشپۇراق چېچىپ تۇرىدىغان باغلىرى كۆزدىن غايىپ بولۇپتۇ ، مەن يۇرتۇمنىڭ تەرەقىياتىدىن خۇشال بولغان بولساممۇ ، بىراق كاللام چىگىش خىياللارغا تولغان ھالدا يۇرتۇمدىن ئايرىلدىم ! چۈنكى بالىلىقىمدىكى گۈزەل ئەسلىمىلەر قەيەرگىدۇ غايىپ بولغاندەك تۇيىلدى ...............
5.مال ساتقۇچى بولۇپ ،باشقىلارغا بىر مەھسۇلاتنى تونۇشتۇرۇڭ:
ئارمان قۇۋۋەت تالقىنى
ئارمان قۇۋۋەت تالقىىنى ‹‹ ئارمان مۇسۇلمانچە يېمەكلىك سانائىتى گۇروھى چەكلىك شىركىتى ›› ئىشلەپ چىقارغان يېشىل يېمەكلىك ، بۇ شىركەتنىڭ ‹‹ ئارمان›› ماركىسى ‹‹ شىنجاڭ داڭلىق تاۋار ماركىسى ›› دەپ ئاتالغان .
مەن تونۇشتۇرماقچى بولغان ‹‹ ئارمان قۇۋۋەت تالقىنى ›› ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى يېمەكلىك ئادىتىگە ئاساسەن ، ئادەم بەدىنىنڭ ئوزۇقلۇق ئېھتىياقىغا بىرلەشتۈرۈپ ، زامانىۋى پەن –تېخنىكىدا مىكروپ ئۆلتۈرۈپ ، قويۇلدۇرۇپ ، پۈركۈپۈپ قۇرۇتۇش ئارقىلىق ياسالغان ئوزۇقلۇق قىممىتى يوقۇرى يېمەكلىك . بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئاساسلىق تەركىۋى : ساپ كالا سۈتى ، ياڭاق مېغىز ، نوقۇت..... بولۇپ ، بۇ يېمەكلىك ئادەمنىڭ ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتتە كېرەكلىك بولغان ئاساسىي ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ، شۇڭا بۇ مەھسۇلات كەڭ خېرىدارنىڭ قۇۋۋەت تولىقلىشىدىكى ياخشى مەھسۇلات !
6. سىنىپىڭىزدىكى ئىسىل پەزىلەتلىك ساۋاقدىشىڭىزنىڭ ئىش –پائالىيىتىنى يېزىڭ :
ئەسلىگە كەلگەن دوستلۇق
بىر كۈنى مەن ساۋاقدىشىم ھەم يېققىن دوستۇم مەدىنە بىلەن سوقۇشۇپ قالدىم ، بۇنىڭدىن كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى . بىراق مەدىنە ماڭا پەقەت كۆڭلى يېرىم بولمىغاندەك ، خۇددى ماڭا ‹‹ ھەرگىزمۇ ساڭا بوي بەرمەيمەن ›› دەۋاتقاندەك تۇيۇلدى . كاللامنى سەۋەنلىك زادى كىمدە دېگەن سوئال چىرمىۋالدى .
ئويلا – ئويلا ئاخىر بۇ سوئالنىڭ تېگىگە يەتتىم . مەدىنە دەرستە ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ ، بىراق تولىمۇ پەزىلەتلىك قىز ئىدى . شۇڭلاشقا مەن ئۇنى كەچۈرمەكچى بولدۇم . بىراق ، ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپلا دەرھال كەينىمگە ياندىم . چۈنكى ، مەن دوسلىرىمنىڭ ئالدىدا يۈزۈمنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرىدىم ، شۇ تەرىقىدە بىر نەچچە كۈن ئۆتتى .
بىر كۈنى مەدىنە يېنىمغا كېلىپ ؛ ‹‹ مەن خاتا قىلىپتىمەن ، مېنى كەچۈرۈڭ ، يەنە بۇرۇنقىدەك دوستلاردىن بولۇپ ئۆتەيلى ، -دېدى ، بۇ گەپنى ئاڭلاپ بەك خىجىل بولۇپ كەتتىم ، چۈنكى ئۇ يۈز-ئابرويدىن دوستلىقنى ئەلا بىلگەن ئىدى ، ئۇ ھەقىقەتەن بىر پەزىلەتلىك قىز . شۇ ئىشتىن كېيىن بىز تېخىمۇ يېققىن دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق .
7.قايسى ھېكمەت سىزگە ئەڭ تەسىر قىلدى؟بۇ ھېكمەتلىك سۆزنىڭ مەنىسىنى قانداق چۈشەندىڭىز؟ئەمىلىي تۇرمۇشىڭىزغا باغلاپ چۈشەندۈرۈڭ:
8.سىز مۇھەببەتنىڭ ئىككى خىل ئىپادىلىنىش شەكلىگە ئۇچىراپ باققانمۇ؟
قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە
بىر كۈنى 4-سائەتلىك دەرستە مۇئەللىم بىزگە : ‹‹تەبىئەتنى سويۈش ›› دېگەن تېمىدا بىر پارچە ماقالە يېزىڭلار ھەمدە تۆت پەسىلنىڭ رەسىمىنى چىرايلىق سىزىپ كېلىڭلار ، دەپ تاپشۇرۇق بەردى . مەن دەرستىن چۈشۈپلا ئۆيگە كەلدىم – دە ، ماقالە يېزىشقا كىرىشىپ كەتتىم . ماقالىنى يېزىپ بولۇپ ، رەسىم سىزىشقا باشلىدىم ، لېكىن ، ھەرقانچە قىلىپمۇ رەسىىمنى ياخشى سىزالمىدىم . ئەتىسى مۇئەللىم تاپشۇرۇقتىن خۇلاسە چىقىرىپ : ‹‹ماقالىنى ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز ، ئەمما رەسىمى قېنى ؟ ›› دېدى . مەن ھېلىقى ياخشى سىزالمىغان رەسىمنى مۇئەللىمگە كۆرسەتتىم ، مۇئەللىم رەسىمنى كۆرۈپ : ‹‹ پەقەت ياخشى بولماپتۇ ، قايتا سىزىڭ ›› دېدى.
مەن مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپلا رەسىم سىزىشقا باشلىدىم ، لېكىن يەنىلا سىزالمىدىم . قايتا سىزغۇم كەلمەي ئولتۇرسام،ئانام يېنىمغا كەلدى . مەن ئانامغا ئەمىلىي ئەھۋالنى ئېيىتتىم . ئانام رەسىمىمنى كۆرۈپ : ‹‹ قىزىم بەك ياخشى سىزىپسىزغۇ ! ئەمما مۇئەللىمىڭىزنىڭ تەلىپىگە يەتمىگەن ئوخشايدۇ ، شۇڭا يەنە ئازراق كۈچەڭ ، سىز چوقۇم قىلالايسىز ، چۈنكى بىزدە ‹ كۆڭۈل قويغان ئادەمگە ، قىيىن ئىش يوق ئالەمدە › دېگەن ماقال-تەمسىل بار ئەمەسمۇ ›› دېدى . ئانامنىڭ بۇ سۆزىدىن ئىلھاملىنىپ رەسىمنى كۆڭۈل قويۇپ سىزدىم .
ئەتىسى رەسىمنى مۇئەللىمگە بەردىم ، مۇئەللىم رەسىمنى كۆرۈپ : ‹‹ ناھايىتى ياخشى سىزىپسىز ، لېكىن يەنە بىر قېتىم سىناپ بېقىڭ ! ›› دېدى . مەن شۇ كەچتە يەنە سىزدىم ، يەنە كۆپ مەنزىرلەرنى قوشتۇم . ئەتىسى مۇئەلىمگە بەردىم ، مۇئەللىم رازى بولغان ھالدا : ‹‹ ياخشى سىزىپسىز ! ›› دېدى ۋە بالىلارغا ئۈلگە قىلىپ كۆرسەتتى ، سىنىپنىڭ ‹‹ ئىجادىيەت باغچىسى ›› غا چاپلاپ قويدى . مەن شۇ ئىشتىن كېيىن ‹‹ كۆڭۈل قويغان ئادەمگە ، قىيىن ئىش يوق ئالەمدە ›› دېگەن ماقال –تەمسىلنىڭ مەنىسىنى چۈشەندىم .
شۇنىڭدىن كېيىن بىرەر ئىشنى قىلالمىسام ئانامنىڭ سۆزىنى ئەسلەپ باشلايدىغان ، مۇئەللىمنىڭ قاتتىق تەلىپىنى ئويلاپ مۇكەممەل قىلىشقا تىرىشىدىغان بولدۇم . نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى يەڭگەندىن كېيىن ئانام ۋە مۇئەللىمنىڭ ئىككىسىنىڭلا ماڭاھەقىقى مۇھەببەت ۋە كۆيۈنىش ئاتا قىلغانلىقىنى ، ئانامنىڭ ماڭا ئىلھام بېرىپ ئىشەنچ ئاتا قىلغانلىقىنى ، مۇئەللىمنىڭ بولسا مەغرورلىنىپ كەتمەسلىكىمنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىنى ھېس قىلدىم .
9.ئاتا –ئانىڭىزغا دەيدىغان يۈرەك سۆزىڭىزنى ۋە ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ:
دادا، ئانا سىلەر شۇنچە ئالدىراشمۇ؟
دادا ، ئانا سىلەر ھازىر تولىمۇ ئالدىراش،شۇنداقتىمۇ ماڭا ئازراق ۋاقتىڭلارنى چىقارساڭلار بولاتتى . ئىلگىرى دادا سىز ماڭا ماقالە يېزىشىمغا يېتەكچىلىك قىلاتتىڭىز ، ئانام بولسا ماڭا مەن ياخشى كۆرىدىغان تاماقلارنى ئېتىپ بېرەتتى .مەن سىلەردىن بەك پەخىرلىنەتتىم . ئەمما ھازىر مېنىڭ بىلەن كارىڭلار يوق بولۇپ كەتتى . ھەتتا بۈگۈنكى ‹‹ ئاتا –ئانىلار يېغىنى ›› غىمۇ قاتناشمىدىڭلار ،مەن ساۋاقداشلىرىم ، مۇئەللىمىم ئالدىدا بەك خىجىل بولدۇم . سىلەر ھەقىقەتەن ئالدىراشمۇ ؟ مەن سىلەرنىڭ بالاڭلار ، مەن سىلەر ئۈچۈن مۇھىم ئەمەسمۇ ؟ مەن سىلەرنى ياخشى كۆرىمەن ، سىلەر مەن ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم !
10.يۇرتىڭىزنىڭ مەنزىرسىنى تەسۋىرلەپ يېزىڭ :
يۇرتۇم ساقا
مېنىڭ يۇرتۇم قومۇل شەھىرىنىڭ ساقا يېزىسى ، يۇرتۇمنىڭ مەنزىرسى ئىنتايىن گۈزەل ، ھاۋاسى ئىنتايىن گۈزەل ،ھاۋاسىساپ،خەلقى ئىشچان ھەم ئەقىللىق .
يۇرتۇمنىڭ مەنزىرىسى خۇددى ئۇستا رەسسام ماي بوياق بىلەن سىزىپ چىققان گۈزەل رەسىمگىلا ئوخشايدۇ . يولنىڭ ئككى تەرىپىدە رەت-رەتتىكىلگەن دەرەخلەر قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ . ئاشۇ دەرەخلەر ئەتراپىدىكى ئوت –چۆپلەر،گۈل –گىياھلار ۋە مېۋىلىك باغلار ئۆزىنىڭ ھۆسىن جامالى بىلەن يۇرتۇمنىڭ ھۆسنىگە ھۆسۈن قوشۇپ تۇرىدۇ . ئۆستەڭلەردە ئېقىۋاتقان سۇلار شۇنداق سۈزۈككى ، ئاستىدىكى تاشلارمۇ كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ .
يۇرتۇمدىن چىلان ، قوغۇن ، ئۈزۈم قاتارلىق مېۋىلەر چىقىدۇ . ئەگەر سىز كۈز پەسلىدە يۇرتۇمغا كەلسىڭىز ، مېھماندوست ، ئاق كۆڭۈل خەلقم سىزنى مەي باغلاپ پىشقان مېۋىلەر بىلەن قىزغىن قارشى ئالىدۇ . مەن يۇرتۇمنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن . مەن تىرىشىپ ئوقۇپ يۇرتۇمنى ئەڭ گۈزەل جاي قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشىمەن .
11 . كىتاب ئوقۇشتىن خاتىرە يېزىڭ :
كىتاب ئوقۇشتىن خاتىرە
مەن بىر ئاي ئىلگىرى ‹‹ گوركىينىڭ كىتاب ئوقۇشى ›› دېگەن ئەسەرنى ئىنتايىن قىزىقىپ ئوقۇپ چىقتىم . بۇ ئەسەرنى گوركىي كىچىك ۋاقتىدىكى سەرگۈزەشتىلىرىنى ئەسلەپ يازغان ئىكەن . بۇ ئەسەردە گوركىينىڭ سىزمىچىنىڭ ئۆيىدە تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن مالاي بولۇپ ئىشلىگەنلىكى بۇ جەرياندا كىتاب ئوقۇش ئۈچۈن يولۇققان قىيىنچىلىقلىرى ۋە قانداق يەڭگەنلىكى ئىپادىلەنگەن . مەن بۇ ئەسەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن مەشھۇر ئەدىب گوركىينىڭ بالىلىق چاغلىرىدىن باشلاپلا كىتاب ئوقۇشقا ئىنتايىن ھېرىسمەن ئىكەنلىكىدىن بەك تەسىرلەندىم . ئۇ كىتاب ئوقۇشنى ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرۈپ پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن كىتان ئوقۇپ بىلىم ئېلىشقا ئۆزىنى بېغىشلىغان ، لېكىن خوجايىن ئۇنىڭ كىتاب ئوقۇشىغا يول قويماي ، ئۇنى بىر قانچە قېتىم قاتتىق ئۇرغان . گوركىينىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى ھەر قانچە قىلىپمۇ توسىيالمىغان ، خوجايىن ئاخىر قايىل بولۇپ ئۇنىڭ كىتاب ئوقۇشىغا يول قويغان .
مەن بۇ ئەسەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن مۇشۇنداق ئەۋزەل شارائىتتىمۇ كىتاب ئوقۇشقا بېرىلمىگەنلىكىمدىن بەك خىجىل بولدۇم ، شۇ كۈندىن باشلاپ كىتابنى كۆپ ئوقۇپ ئۆزەمگە تەسىر قىلغان جۈملىلەرنى خاتىرە قالدۇرۇپ ، ئەمىلىي يېزىقچىلىق مەشىقلىرىدە قوللاندىم ، قىسقىغىنە بىر ئاي ئىچىدە يېزىقچىلىق ئىقتىدارىم يوقىرى ئۆرلىدى ، ھەتتا مۇئەللىممۇ نەچچە قېتىم ماختىدى . مەن بۇ ئەسەرنىڭ باش قىسمىغا ئاپتۇرنىڭ نېمە ئۈچۈن ‹‹كىشىلەر ئىشىكىدە ››ناملىق رومانىدىن ئېپىگىراپ ئېلىپ قويغانلىقىنى چۈشىنەلمەي مۇئەللىمدىن سورىدىم . ئەسلىدە بۇ ئېپىگىراپنىڭ ئەسەر مەزمونى بىلەن باغلىنىشلىقى بولۇپ ، ئاپتور بۇ دېئالوگ ئارقىلىق تېكىسىتتە ئىپادىلەنگەن ماكسىم گوركىينىڭ كىچىك چېغىدىن تارتىپلا كىتابنى ھەرقانداق نەرسىدىن ئۈستۈن كۆرىدىغان ، كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان روھىنى كۈچەيتىپ ئىپادىلەپ بەرگەن ئىكەن .
12. ئانا تىلغا بولغان مېھىر –مۇھەببىتىڭىزنى ئىپادىلەپ بېقىڭ :
سەندىن پەخىرلىنىمەن- ئانا تىلىم
ئانا تىلىم مەن سەندىن پەخىرلىنىمەن ، مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن ، چۈنكى سەن ئۇيغۇر خەلقىگە ئوخشاش ئۇزاق تارىخقا ئىگە ، سەن ئارقىلىق خەلقىمىز دۇنيانى تاڭ قالدۇرغىدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ، سەن ناۋايىغا ناۋا تاجى كىيدۈرگەن ، شا مەشرەپنى شەرەپكە ئېرىشتۈرگەن ، يۈسۈپكە ‹‹ خاس ھاجىپلىق ›› ئاتا قىلغان ، سەن ئارقىلىق نۇرغۇن تارىخىي يادىكارلىقلىرىمىز بۇ زامانغا يېتىپ كەلگەن ، سەن ئارقىلىق تارىخىي ئىزنالىرىمىز ، مەدىنىيىتىمىز ، ئۇرۇپ –ئادەتلىرىمىز بۇ زامانغا يېتىپ كەلگەن ، دېمەك سەن ئالاقە قورالى ،قەلبنىڭ ئەينىكى ، ئادەمنى ئالەمگە باغلاپ تۇرغان زەر رىشتە ، ھاياتلىقنىڭ ئابادى ،شۇڭا سەن مېنىڭ ھەم پۈتۈن خەلقنىڭ پەخرى .
ھازىر پەن –تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىش ئۈچۈن باشقا تىللارنى ئۆگۈنىش مۇھىم ، لېكىن مەشھور قىرغىز يازغۇچى چىڭغىز ئايتماتوف ‹‹ كۆپ تىلنى بىلىش شەرەپ ، ئانا تىلنى ئونتۇش جىنايەت ›› دېگەندەك سېنى ئۇنتۇپ قالساق ھەرگىز بولمايدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانا تىلنى سۆيگەنلىك ، ئۆزىنى ، مىللىتىنى سۆيگەنلىك . شۇڭا سېنى ساپلىقىڭغا ، نەپىسلىكىڭگە نۇقسان يەتكۈزمەسلىكىمىز ،تېخىمۇ تەققىقاتنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك ، سەن مېنىڭ ئەجدادىمنىڭ تىلى ، مەن سەندىن مەڭگۈ پەخىرلىنىمەن ، مەڭگۈ سۆيىمەن !
13.يېققىندا كۆرگەن كىنو –تېلىۋىزىيە فىلىمىدىن بىرىنىڭ ۋەقەلىكىنى تەرتىپلىك بايان قىلىڭ :
14. ‹‹ قەھرىمانلارنى ياد ئېتىپ ، ۋەتەننى گۈللەندۈرەيلى ! ›› دېگەن تېمىدا ماقالە يېزىڭ :
قەھرىمانلارنى ياد ئېتىپ ، ۋەتەننى گۈللەندۈرەيلى !
( ‹‹ ئون ئۈچ تۇيغۇن ›› فىلىمىنى كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتىم )
بىزنىڭ ھازىرقى ئەۋزەل شارائىتىمىز ئەلۋەتتە ئاسان قولغا كەلگەن ئەمەس ، بولۇپمۇ تاجاۋۇزچى كۈچلەرنىڭ زوراۋانلىقى تۈرىتكىسىدە خەلقىمىز ئاز بولمىغان جاپا –مۇشەقەتلەرنى تارتقان ھەم ۋىجدانى خورلىنىشلارغا دۇچ كەلگەن ، مۇشۇ رەزىل يىللاردىن ئاز بولمىغان غۇرورلۇق ئەزىمەتلەرنىڭ ، قەھرىمانلارنىڭ قۇربان بېرىش بەدىلىگە قۇتۇلغان . بولۇپمۇ 1937 - يىلدىن 1945- يىلغىچە بولغان ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە خەلقىمىز كومپارتىيەنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە ئۇنتۇلغۇسىز شانلىق تارىخنى باشتىن كەچۈرگەن . مەن كۆرگەن ‹‹ 13 تۇيغۇن ›› فىلىمى دەل مۇشۇ تارىخنى نامايەن قىلغان ، خەلقىمىزنىڭ ،قەھرىمانلىرىمىزنىڭ تىز پۈكمەس روھىنى ئىپادىلىگەن فىلىم . بۇ فىلىمدا ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى قانلىق جەڭلەر ۋە 13تۇيغۇننىڭ ئىش –ئىزلىرى سۆزلەنگەن بولۇپ . شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىنى ياپۇن باسقۇنچىلىرىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قىزىل ئارمىيە كۆپ قېتىم جەڭ قىلغان بولسىمۇ ، ساتقىن باندىتلارنىڭ ياردىمى ۋە دۈشمەننىڭ سان جەھەتتىكى پەرقى تۈپەيلىدىن قىزىل ئارمىيە غەلبە قىلالمايلا قالماستىن ئېغىر زىيانغا ئۇچىرايدۇ بۇ ۋاقىتتا گېڭسەننىڭ پىلانى بويىچە 13قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى يالغاندىن ‹‹ باندىت ›› بولۇپ نىقابلىنىپ پارتىزانلىق ئۇرۇش قىلىدۇ ، ئۇلارنىڭ خەلق ،پارتىيە ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىنى پەقەت ئۆزلىرىلا بىلىدۇ شۇڭا خەلق ئۇلارنى باندىت دەپ قاراپ ئۆچ كۆرىدۇ شۇنداق بولسىمۇ ئۇلار پارتىيە ئىچىدىكى ساتقىنلارنى ، ياپۇنلارنى ، خائىنلارنى يوقۇتۇش ئۈچۈن گېڭسەننىڭ رەھبەرلىكىدە ئەقىل –پاراسىتىگە تايىنىپ نۇرغۇن كۆرەشلەرنى ئېلىپ بېرىپ مەردلەرچە قۇربان بولىدۇ ، ئۇلارنىڭ كۆرەشلىرى ، ئىش-ئىزلىرى 70-يىللاردىن كېيىن گېڭسەننىڭ قىزى تەرپىدىن ئىسپاتلىنڭپ ،خەلق قەھرىمانلىرىدەپ ئېتىراپ قىلىنىدۇ .بۇ فىلىمنىڭ ۋەقەلىكى ئەمىلىي بولغان ۋەقەلىك بولۇپ ھەر قانداق جوڭگو خەلقى ئۇلارغا ئاپىرىن ئېيىتماي قالمايدۇ . دېمەك مۇشىنىڭغا ئوخشاش قەھرىمانلىرىمىز جوڭگو تارىخىدا كۆپ ئۆتكەن بىز مۇشىنداق ۋەتەنپەرۋەر قەھرىمانلىرىمىزنى ھەر دائىم ياد ئېتىپ ، ھازىرقى دەۋىرنىڭ قەدرىگە يېتىپ ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشالايدىغان ئەۋلاد بولىشىمىز كېرەك .
15.تۆۋەندىكى ھەجۋى رەسىمگە قاراپ ھىكايە توقىسىڭىزمۇ ياكى ئويلىغانلىرىڭىزنى يازسىڭىزمۇ بولىدۇ: (دەرسلىك كىتاب 104-بەت )
مۇھىتنى ئاسرايلى!
دەرستىن چۈشۈش قوڭغۇرىقى چېلىندى ، ئاينۇر بىلەن ئادىل تام قوشنا بولغاچقا دائىم بىللە قايتاتتى ، بۈگۈنمۇ ئۇلار بىللە قايىتتى . ئۇلار تۆت كوچا ئېغىزىغا كەلگەندە ، ئۇ يەردىكى ئەخلەت ساندۇقىنىڭ ئەتراپىغا ناھايىتى كۆپ ئەخلەتلەرنىڭ چېچىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى ، ئاينۇر يۈگۈرۈپ بېرىپ ئەخلەتلەرنى تېرىشكە باشلىدى ھەم ئادىلنىمۇ ياردەملىشىشكە چاقىردى ، ئەمما ئادىل : ‹‹ سىز تەرگەچ تۇرۇڭ مەن بىر ئەقىل تاپتىم ›› دېدى - دە ، سومكىسىدىن قەغەز –قەلەم ئېلىپ خەت يازغىلى تۇردى ، ئۇ خەتنى يېزىپ بولغىچە ، ئاينۇر ئەخلەتلەرنى تېرىپ ئەخلەت ساندۇقىغا سېلىپ بولدى ، ئۇلار بىرلىكتە ئادىل يازغان خەتنى ئەخلەت ساندۇقىغا چاپلىدى ، ئەسلى ئادىل مۇنداق دەپ يازغان ئىكەن : ‹‹ ئەخلەتلەرنى قالايمىقان تاشلاش ، مەدىنىيەتسىزلىكنىڭ ئىپادىسى ›› توغرا ھەممىمىز مەدىنىيەتلىك بولۇپ ئۆزىمىز ياشاۋاتقان مۇھىتنى قوغدىشىمىز ئاسىرشىمىز كېرەك ! كىچىككىنە ئىشلار ئارقىلىقمۇ مۇھىتقا بولغان مەسئولىيەتچانلىق تۇيغىمىزنى ئىپادىلىيەلەيمىز .
16.‹‹بىزنىڭ مەھەللە ››دېگەن تېمىدا ماقالە يېزىڭ :(كىتابنىڭ 29-بېتىدىكى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ‹‹بىزنىڭ مەھەللە ››دېگەن ئەسىرى بويىچە يازسا بولىدۇ)
17.بۇ مەۋسۈملۈك تىل-ئەدىبىيات ئۆگىنىشىدە سىزگە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قىلغىنى نېمە ؟ ئۆگۈنىش ھاسىلاتىڭىزنى خۇلاسىلەپ بېقىڭ:
مەن بۇ مەۋسۈملۈك تىل-ئەدىبىيات ئۆگىنىشىدە تۆۋەندىكىدەك ھاسىلاتلارغا ئېرىشتىم:
1.ئىدىيىۋى تەربىيە جەھەتتە : كىتابنى قەدىرلەش ، يۇرتۇمنى سۆيۈش ، ئانا تىلنى سۆيۈش ، ئاتا – ئانامغا كۆيىنىش ، توختىماي ئىزدىنىپ ئۆگىنىپ ۋەتەن ، خەلق ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش توغۇرسىدا تەربىيەگە ئىگە بولدۇم .
2.يېزىقچىلىق بىلىملىرى جەھەتتە : ئەسەردىكى پىرسۇناژلارنىڭ خاراكتىرىنى ئۇلارنىڭ ھەركەت تەسۋىرى ، تىل تەسۋىرى ، پوتىرت تەسۋىرى ، پىسخىك ھالەت تەسۋىرى ئارقىلىق ياخشى ئىپادىلىگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىۋالدىم .
3.ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش جەھەتتە : شەيئىلەرنى كۈزىتىش ، ئالاھىدىلىگىنى ئىپادىلەش ، پىرسۇناژلار ئوبرازىنى تەھلىل قىلىش ۋە يارىتىش ، ماتىريال توپلاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىقتىدارىم سەل ئاشتى دەپ قارايمەن .
دېمەك بۇ مەۋسۈملۈك تىل- ئەدىنىيات ئۆگىنىش جەريانىدا نۇرغۇن يېڭىلىقلارنى ھېس قىلدىم.
18.يەر تەۋرەش ئاپىتىنى تەسۋىرلەپ يېزىپ بېقىڭ ، شەخىسلەرنىڭ ھەركىتى ۋە تاشقى قىياپىتىنى تەسۋىرلەپ يېزىشقا ئەھمىيەت بېرىڭ :
يەر تەۋرەش ئاپىتىدىكى ئانا
قەشقەردە 2011 –يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 18:58 تارتىپ 2-كۈنى 11گىچە 5.2 باللىق يەرتەۋرەش تەسىرىدىن يەكەن ، پوسكام ، يوپۇرغا ناھىلىرىدە 113 مىڭ كىشى ئاپەتكەئۇچىرىدى ، 289 ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشتى .
ئاپات يۈز بەرگەن رايونلاردىكى كىشىلەر پاتپاراق بولۇپ كەتكەن بولۇپ ، ھەممە كىشىنىڭ يۈز –كۆزلىرى توپا ئىدى ، ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئۆيلەر ئىچىدىن يارىدارلارنى قۇتقۇزماقتا ئىدى ، تۇيۇقسىز چاچلىرى چۇۋۇلغان ، كىيىملىرى يىرتىلغان 60 ياشلاردىكى بىر ئايال : ‹‹ ماڭا ياردەم قىلىڭلار !›› دەپ ۋاقىرىدى ، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى يوپۇرلىپ كەلدى ، ئەمىلىيەتتە بۇ ئانىنىڭ ئوغلىنى لىم بېسىۋالغان ئىكەن ، ئانىنىڭ قوللىرىدىن قان ئېقىۋاتاتتى ، چۈنكى بالىسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن گۈمۈرىلگەن كېسەك ، خىشلارنى قولى بىلەن جېنىنىڭ بارىچە يۆتكەپ ئاخىرى ئوغلىنى تاپقان ئىدى ، ئۇنىڭ كۆزىگە ھېچتىمە كۆرۈنمەيىتتى ، ئۇ : ‹‹ بالام ، بالام ! ›› دەپ ئەنسىز ۋارقىرايىتتى ، ئاخىرى كىشىلەر بىرلىككتە بالىنى لىمنىڭ ئاستىدىن چىقاردى ، جىددى قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا سېلىپ ماڭدى . يەنە بىر جان ئۆلۈم ئاغزىدىن قۇتۇلغان ئىدى ، كىشىلەر يەنە ئۆزلىرىنىڭ ئاغرىقلىرىنى ئونتۇشۇپ ئېغىر يارىدارلارنى قۇتقازغىلى ئاتلاندى ، بۇنىڭ ئىچىدە ھېلىقى ئۇلۇغ ئانىمۇ بار ئىدى .........
19 .ھازىر دۇنيادىكى يۈز بېرىۋاتقان ئۇرۇشلارغا بولغان چۈشەنچىڭىزگە بىرلەشتۈرۈپ ،بىر پارچە ئەسەر يېزىڭ ، ئۇرۇش ۋە تېنىچلىققا بولغان كۆز قارىشىڭىزنى ئېنىق ئىپادىلەڭ :
ئۇرۇش ۋە تېنىچلىق
توققۇز يىل ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئىراق ئۇرۇشى ئاخىرى ئاياقلاشتى ، ئەمما ئىراق داۋاملىق بومبىلار پارتىلاپ تۇرىدىغان خەتەرلىك زىمىنغا ئايلىنىپ قالدى ، دۇنيادا ھازىر نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئۇرۇش ئوتى تېخى توختىغىنى يوق ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئۇنداق ياكى مۇنداق شەخىسىي مەنپەئەتى تۈپەيلىدىن ، نۆۋەتتە لىۋىيەدىمۇ ئىس - تۈتەك تېخى تارقالمىدى ، ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ھەققىي ئۇيغۇن كېلىدىغان چارىنى ئەلۋەتتە ب د ت نىڭ رەھبەرلىكىدە ، مۇناسىۋەتلىك ھەر قايسى دۆلەتلەر ئافرىقا ئىتتىپاقى ، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ، ئىسلام كېڭىشى تەشكىلى قاتارلىقلار بىلەن زىچ ماسلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ تېپىپ چىقىپ ، ئۇرۇش ئوتىدا ۋەيران بولغان دۆلەتلەرنىڭ مۇقىملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى ، يۇرت - ماكاننى قايتا قۇرۇشقا ئورتاق ياردەم بېرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .
مەن مۇشۇ ئۇرۇش قوزغاۋاتقان كىشىلەرگە شۇنى دېگۈم كېلىدۇكى : ‹‹ ئۇرۇش كىشىلەرگە ئېغىر زىيان ، تۈرلۈك كېسەل ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن ، ئېكېلوگىيىلىك مۇھىتنىمۇ بۇلغاپ پۈتۈن يەر شارىغا تەھدىد ئېلىپ كېلىدۇ ، نەتىجىدە ئۆزەڭلەرمۇ ئوخشاش تالاپەتكە ئۇچىرايسىلەر ، ئۆي –ماكانىدىن ئايرىلغان ، ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلغان بالىلارنىڭ ، بالىلىرىدىن ئايرىلغان ئاتا –ئانىلارنىڭ ئۇرۇشقا نەقەدەر ئۆچلىكىنى ، تېنىچلىققا نەقەدەر ئىنتىلىدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر ، ئۇرۇش ئوتىنى توختىتىپ ، بىرلىكتە تېنىچلىقنى يارىتايلى ! ››