غەيرىي يېشىل ئېنىرگىيە مەنبەسى
1.قۇشخانىدىن چىققان كېرەكسىز نەرسىلەر
توخۇ ۋە ئۆردەكنىڭ ئىچكى ئەزالىرىدىن نېفىت ياسىغىلى بولىدۇ، نېفىتنىڭ پەيدا بولۇشى ھەقىقەتەن ئۇزاق جەريان. لېكىن بۇ خىل ئۇسۇلدا مۇرەككەپ خىمىيەلىك رىئاكسىيەلەر، يۇقىرى تېمپىراتۇرىلار بىلەن بۇ ئىشنى تاماملىغىلى بولىدۇ. ئامېرىكا مىسسۇرى ئىشتاتىغا جايلاشقان بىر بىئو-خىمىيەلىك سانائەت زاۋۇتى قۇشخانىدىكى ئاللىبۇرۇن سېسىپ كەتكەن ھايۋاناتلارنىڭ بېشى، پۇتى ۋە ئۈچىيى قاتارلىق ئەزالىرىنى مۇرەككەپ خىمىيەلىك رىئاكسىيەلەر ئارقىلىق يېقىلغۇ سىنتىزلەپ چىققان، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە چاق، ئارىلاشما سۇلياۋ ھەتتا شەھەردىن چىققان پاسكىنا سۇلارنىمۇ بۇ خىمىيەلىك رىئاكسىيەنىڭ قاتناشقۇچىسى قىلغان. لېكىن بۇ ئايلىنىش جەريانى بازارغا سېلىنىشتىن بۇرۇن چوقۇم تېخنىكا سۈپىتىدە ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە موھتاج، ئالىملار دەل مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە باش قاتۇرىۋاتىدۇ.
2.تاۋۇز
تاۋۇز ھەقىقەتەن قايتا ھاسىل بولىدىغان مۇنەۋەر ئېنىرگىيە مەنبەسى، تاۋۇزنىڭ شىرنىسى بىئولوگىيەلىك يېقىلغۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، سۈپىتى ئۆزگىرىپ كەتكەن تاۋۇزنىڭ شىرنىسىدىن پايدىلىنىپ يېقىلغۇ ياسىغىلى بولىدۇ.
3.ئەخلەت
نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئەخلەتنى "پاكىز"دەپ قاراش-قارىماسلىق توغرىسىدا ھازىرغىچە تالاش-تارتىش مەۋجۇت، چۈنكى ئەخلەت كۆيگەندە بىر خىل خىمىيەلىك زەھەرلىك ماددا ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان بولۇپ، مىقدارى كۆپ بولغاچقا تۇپراق، ھاۋانى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغايدۇ، ھازىر ئەخلەتلەر كۆيدۈرۈلۈپ توك تارقىتىشقا ئىشلىتىلگىنى بىلەن، لېكىن كۆيدۈرگەن چاغدا چىققان گاز ئوخشاشلا ھاۋانى بۇلغاش بىلەن بىرگە پارنىڭ ئىففىكتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، لېكىن يېقىندا مەلۇم بىئو-خىمىيە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەت ئەخلەت كۆيگەندىن كېيىن بىر خىل زەھەرسىز ئۇنىۋېرسال گاز ئاجرىتىپ چىقىرىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ گازنىڭ ھېچقانداق ھاۋا بۇلغىنىش ياكى پارنىڭ ئىففىكتىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
4.پىياز
پىياز تېرىيدىغان دېھقان ئۆزىنىڭ سېسىپ قالغان پىيازلىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلمەي، تۇيۇقسىز كاللىسىغا بىر ئەقىل كېلىپ، ئۇنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا يېقىلغۇغا ئايلاندۇرغان، لېكىن بۇ خىل تېخنىكىغا (10 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا مەبلەغ كەتكەچكە، بېشى قېتىپ تۇرغاندا، بىر پىياز ئىمپورت-ئېكىسپورت قىلىش شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ، بۇ تېخنىكىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ زاۋۇتىنى توك بىلەن تەمىنلەپ يەنە 700 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى كىرى قىلغان ۋە بۇ كىشىنى ئىككى مىليون ئامېرىكا دوللىرى بىلەن مۇكاپاتلىغان. بۇ خىل تېخنىكىنىڭ جەريانى ئۇنچىۋالا مۇرەككەپ ئەمەس، سېسىپ قالغان پىيازلارنى ئوكسىگىنسىز بىر تەرەپ قىلىش كۆلچىكىگە سالغاندا ئۇنىڭدىن بىر خىل بىئولوگىيەلىك گاز ھاسىل قىلىپ، ئۇنى مىتانغا ئايلاندۇرۇپ ئاندىن مىتان گازىنى 600 كلوۋاتلىق يېقىلغۇ كۆلچىكىگە سالساق، يېقىلغۇ ھاسىل بولىدۇ، بۇ خىك ئۇسۇل باشقا سۈپىتى ئۆزگەرگەن مەھسۇلاتلارغىمۇ ماس كېلىدۇ.
5.كۆيدۈرۈلگەن جەسەت
شىۋىتسىيە ئالىملىرىنىڭ جەسەت كۆيدۈرگەندە چىقارغان ئىسسىقلىقنىمۇ ئىسراپ قىلغۇسى كەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ خىل ئىسسىقلىقتىن پايدىلىنىپ، قۇرۇلۇشلاردىكى ئىسسىتىش قۇرۇلمىسىنى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش قارارىغا كەلدى، ئەلۋەتتە كۆيگەندە چىققان گاز ئۇدۇللا ئىسسىتىش قۇرۇلمىسىغا كىرگۈزۈلمەيدۇ، ئالدى بىلەن ئىنچىكلىك بىلەن لايىھەلەنگەن فىلتىرلەش ئۈسكۈنىسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن كىرگۈزۈلىدۇ.