خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئالما شىركىتى نېمىشقا ئالىجاناپلىقىنى يوقىتىپ ئادەتتىكى يولغا كىرىپ قالدى ؟

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : دۇلان2013-09-19 13:38

ئالما شىركىتى نېمىشقا ئالىجاناپلىقىنى يوقىتىپ ئادەتتىكى يولغا كىرىپ قالدى ؟
شىنلاڭ تورى پەن تېخنىكا قانىلىنىڭ 18-سېنتەبىردىكى خەۋىرى ، نۇر تورى تەرجىمىسى
 ئالما شىركىتىنىڭ ياراتقۇچىسى جوبىس ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئالما شىركىتى ھەر قېتىم يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئالما شىركىتى توغرىسىدا بولۇنغان مۇلاھىزىلەرنىڭ ئاساسلىق تېمىسى ئوخشاشلا مۇنداق بىر نوقتىغا مەركەزلەشتى : ئالما شىركتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى بۇرۇنقىغا يەتمەيدىغان بولۇپ قالدى ، ئالما شىركىتى بۇرۇن ئادەتتىكى يولدا ماڭمايدىغان ،پەقەت  '' ئالىيجاناپ '' لار يولىدىلا ماڭىدىغان شىركەت ئېدى ، لېكىن جوبىس ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئالما شىركىتى بارا-بارا ئۆزىنىڭ ئالىيجاناپلىقىنى يوقىتىپ ئادەتتىكى شىركەتكە ئايلىنىشقا باشلىدى. ئالما شىركىتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى نېمىشقا كۈنسىرى تۆۋەنلەپ كەتتى ؟ نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭغا قىلچە ئىككىلەنمەيلا " چۈنكى جوبىس ۋاپات بولدى '' دەپ جاۋاپ بېرىشى مۇمكىن ، لېكىن ئالمىنىڭ بۇرۇنقى ئالىيجاناپلىقىنى يۇقىتىپ ئادەتتىكى يولغا كىرىپ قېلىشىنىڭ جوبىسنىڭ كېتىپ قېلىشى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق بولىشى مۇمكىن .

 ئالما يېڭىلىق ياراتقان 10 يىل
 ئالما شىركىتىنى يېڭىلىق ياراتىش ئىقتىدارىنى يوقاتتى دەپ ئاغرىنىشتىن بۇرۇن بىز ئاۋۋال جوبىس ئالمىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بۇ شىركەتنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئەڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا ئېگە دەپ قارالغان ۋاقىتلىرنى ئەسلەپ باقايلى ، ۋاقتىنچە بەلگە خاراكتېرلىك 4 قېتىمنى مىسالغا ئالايلى . 

1. 2001-يىلى ipod نى ئېلان قىلدى.
2. 2003-يىلى itunes store نى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

3.  2007-يىلى iphone نى ئېلان قىلدى.

4. 2010-يىلى iphone4 نى ئېلان قىلدى.

 ipod ۋە itunesتىكى يېڭىلىقلار بولسا كىشىلەرگە ئەينى ۋاقىتتا ئەڭ مودا بولۇۋاتقان سونىينىڭ walkmanگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان تەسىرات ئاتا قىلغان . App store ۋە iphone  نىڭ بارلىققا كېلىشى بولسا يانفون ۋە كۆچمە ئېنتىرنېت ساھىسىگە قايتىدىن ئېنىقلىما بەردى ، iphone4sنىڭ دۇنياغا كېلىشى بولسا ئۆزىنىڭ ئىلغار سەپلىمىسى ۋە ئەپ قوللاش جەھەتتىكى غايەت زور ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ يانفون ۋە كۆچمە ئېنتىرنېت ساھەسىنىڭ بۇرۇنقى تەڭپۇڭلىقىنى بۇزۇپ قايتىدىن تەڭپۇڭلاشتۇردى . قىسقىچە قىلىپ ئېيىتقاندا ، iphoneنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىككى سەۋەبى بولسا :يېڭى ئەۋلات  سەزمە ئېكران تېخنىكىسىنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە ئەپ ئىكولوگىيەسىنىڭ بارلىققا كېلىشى . بىر تەرەپتىن يېڭى تېخنىكىنىڭ ئىشلىتىلىشى ، يەنە بىر تەرەپتىن يېڭىچە ئىقتىسات ئۇسلۇبى ، مانا بۇ ئىككى تەرەپ iphoneنىڭ مۇۋاپقىيەت قازىنىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىلى .

ئالمىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى قىيىن ئەھۋالى
 نۆۋەتتە ئالمىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتا قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى مۇنداق ئۈچ سەۋەپتىن : تېخنىكا ، ئىكولوگىيە شەكىلى ۋە ئۆز ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش جۈرئىتى
تېخنىكا جەھەتتە ، ئالمىنىڭ بۇرۇنقى مەھسۇلاتلىرىدىن قارىساق ئالما شىركىتى ئەزەلدىن تېخنىكىنىڭ باشلامچىسى بولۇپ كەلگەن ، لېكىن ھەرقانداق بىر تېخنىكىنىڭ تەدرىجى پىشىپ يېتىلىش جەريانى بولىدۇ ، لېكىن يېڭى تېخنىكا تېخى '' بۇۋاق '' ۋاقتىدىلا ئۇنى قارۇغۇلارچە زورلاپ ئىشلىتىش بۇ '' بۇۋاق'' نى ئاستا-ئاستا چوڭ بولغىلى قويماستىن ئەككىسچە ئۇنى " تۇنجۇقتۇرۇپ '' قويىدۇ . مانا بۇ ئالمىنىڭ ئاۋاز پەرىقلەندۈرۈش تېخنىكىسى siriنىڭ ئانچە مۇۋاپىقىيەت قازىنالمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى. ئاۋازنى پەرىق ئېتىش تېخنىكىسى بىر يېڭىچە ئېقىم ، لېكىن ئۇ ھازىر تېخى يېرىم ھالەتتىكى مەھسۇلات ، بۇ تېخنىكىنى ئىشلىتىشكە تېخى بالدۇرلۇق قىلىدۇ .

 

 ئىكولوگىيە شەكىلى جەھەتتە ، پۈتۈنلەي يېپىق ھالەتتىكى ئالما ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىگە ئېگە ئىكولوگىيە ئەندىزىسىنى ياراتتى . ipod,iphone,ipad بۇ ئۈچ خىل مەھسۇلاتنىڭ قاتتىق دېتال، يۇمشاق دېتال ، مەشخۇلات سىستېمىسى بىر گەۋدە قىلىنغان ئىنتېرنېت تورى ئىكولوگىيە ئۇسۇلى ئىشلەتكۈچىلەرگە ئەڭ مۇكەممەل ئىشلىتىش تەسىراتىنى ئاتا قىلدى . لېكىن بۇ خىل ئۈچنى بىر گەۋدە قىلغان ئۇسلۇپ ئىشلەتكۈچىلەرگە ئەڭ مۇكەممەل ئىشلىتىش تەسىراتىنى ئاتا قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يېڭىلىق يارىتىشنى چەكلەپ قويدى . ھەممە ئىشنىڭ قانداق قىلغاندا ياخشى ئەپ ياساپ چىققىلى بولىدۇ دېگەن يۆلىنىش بىلەن بولۇشى قارىماققا شۇندا مۇكەممەلدەك تۇيۇلسىمۇ ، ئەمەلىيەتتە ئالما شىركىتى ئۆزىنى پۈتۈنلەي بېكىنمىچىلىك ھالەتكە كىرىپ قالغانلىقى تۇيماي يۈرىۋەردى. گەرچە بۇ خىل بېكىنمىچىلىك ios نى گۇگېل Andorid قا ئوخشاش پارچىلنىش ۋە قالايمىقانلىشىشتىن ساقلاپ قالغان بولسىمۇ لېكىن بېكىنمىچىلىكنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ.

لېكىن ھازىرقىدەك بۇ خىل ئىكولوگىيە ئەندىزىسى ئالما شىركىتىگە غايەت زور پايدا ئېلىپ كەلدى . شۇڭلاشقا ، يېڭى تېخنىكىلىرى تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن، ئىكولوگىيە ئەندىزىسىنى يېڭىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان ئالما شىركىتى ھازىر ناھايىتى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئالمىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى ھاياتى كۈچىنى يوقاتتى .
  تېخنىكا جەھەتتىن ياكى ئىكولوگىيە ئەندىزىسى جەھەتتىن بولسۇن ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى ، بۇرۇنقى تېخنىكىلارنىڭ بارغانسىرى مۇكەممەللىشىشى قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلى يېڭىلىق يارىتىش بارغانسىرى قىيىنلىشىپ ماڭىدۇ ، شۇڭا كەسىپ ئىچىدە '' يېڭىلىق يارىتىش '' مەقسىتىدە يارىتىلغان '' يېڭىلق'' لار نىڭ نەتىجىسى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ .
 1. توختىماي چوڭىيىۋاتقان ئېكران ( سامسۇڭ Galaxyۋە Note تىپلىق يانفونلار بۇنىڭ ئەڭ ياخشى مىسالى )
2. توختىماستىن سىرتقى قېپىنىڭ رەڭگى ھەم شەكلىنى ئۆزگەرتىش .
3. كامېرا ئىقتىدارىنى توختىماي يۇقىرى كۆتۈرۈش .
4. '' تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال '' تېخنىكىلار . مەسلەن سامسۇڭنىڭ كۆز ئالمىسى ئارقىلىق كونترۇل قىلىش تېخنىكىسى ۋە ئالمىنىڭ siri ئاۋاز پەرىقلەندۈرۈش تېخنىكىسى.
دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن يانفونلار ئىچىدە شىياۋمى بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ ، بىر خىل ئۈستەل يۈزى تەگلىكىنى يېرىم يىلغىچە يېڭى تېخنىكا قاتارىدا ساناپ كەلدى.
يېڭىلىق يارىتىشنى قايتا باشلاشنىڭ شارائىتى
ئالمىغا ئوخشاش قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلار ئەگەر قايتىدىن يېڭىلىق  يارىتىشتىكى ھاياتى كۈچكە ئېرىشمەكچى بولسا تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل شارائىتنى ھازىرلىشى كېرەك .
1. تېخنىكىنىڭ پىشىپ يېتىلىشى .
مەسلەن ئاۋاز بەرىقلەندۈرۈش تېخنىكىسى ۋە چىراي پەرىقلەندۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ پىشىپ يېتىلىشى . پەقەت تېخنىكا پىشىپ يېتىلگەندىلا ئاندىن مۇكەممەل بولغان ئىشلىتىش تەسىراتىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ .
2. ئىكولوگىيە ئەندىزىسىنى يېڭىلاش.
ھازىرشەكىللەنگىنى كۆچمە ئەپ بازىرىدىكى ئەپلەر يىتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغان بىر خىل ئەندىزە . ئەگەر ھازىرقى ئەپ ئىكولوگىيەسى بۇزۇپ تاشلىنىپ يېڭىچە قىياپەتتە ئوتتۇرىغا چىقسا ، ئۇنداقتا يېڭىلىق يارىتىشقا يەنە پۇرسەت تۇغۇلىدۇ . گەرچە ھازىر كەلگۈسىدىكى يېڭى ئىكولوگىيەنىڭ بىخلىرى كۆرۈنگەن بولسىمۇ ، لېكىن تېخنىكلىق سەۋەپلەر سەۋەبىدىن تېخى دەسلەپكى باسقۇچتا تۇرىۋاتىدۇ. 
3. ''جاندىن كەچمىگىچە جانانغا يەتكىلى بولماس" لىق پوزىتسىيەسى ، يەنى ھازىرقى ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ ۋاز كېچىشكە تېگىشلىك بولغانلىرىدىن ۋاز كېچىپ ئۆز -ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان بولۇش.
ئالمىنىڭ ھازىرقى ئىستىراتېگىيەسى
 بىر تەرەپتىن ئاۋاز پەرىق ئېتىش، بۇلۇت كومپيۇتېرى قاتارلىقلارغا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىش . siri ياكى iphone5s تىكى بارماق ئىزىنى پەرقلەندۈرۈش تېخنىىسى بولسۇن بۇنىڭ ھەممىسى دادىللىق بىلەن سىناش ھېساپلىنىدۇ. بۇ تېخنىكىلار پىشىپ يېتىلسىلا كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغىدەك مەھسۇلاتقا ئايلىنىدۇ ؛ يەنە بىر تەرەپتىن ، ئالما شىركىتى مەھسۇلات تۈرىنى كۆپەيتىپ خېرىدار دائېرسىنى كېڭەيتىمەكچى بولدى ، يەنى بىرلا ۋاقىتتا سەپلىمىسى ئوخشاش بولمىغان iphone5s ۋە iphone5c نى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

ئەمەلىيەتتە ئالما شىركىتى يېڭىلىق يارىتىشقا توختىماستىن تىرىشىۋاتىدۇ ، لېكىن '' ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق '' بولۇپ قېلىپ ئوڭايسىز ھالەتكە كېلىپ قالدى. تېخنىكا سەۋىيەسى جەھەتتى كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدەك بولالمايلا قالماستىن يەنە ئالمىدا ئۆز ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشقا يېتەرلىك جۈرئەت يوق. بۇلارنىڭ ھەممىسى PC دەۋىرىدىكى مىكروسوفىت بىلەن ئوخشاش ، لېكىن ئالما ئەينى ۋاقىتتىكى pC بازىرىنىڭ بىردىن بىر غۇجىدارى مىكروسوفىتتەك ھېچقانداق ئەندىشىسى يوق ئەمەس ، چۈنكى ئالمىنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش غايەت زور كۈچكە ئېگە رەقىبى Google بار، رىقابەت بولغاندىلا يېڭىلىق يارىتىش بولىدۇ.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
دۇلان تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-04-06 14:04 ئاخىرقى كەلگىنى:2015-04-26 11:04