ئېشا كارې ۋە ئۇ كەشىپ قىلغان دەرىجىدىن تاشقىرى زەرەتلىگۈچ
ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 19- مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مۇشۇ ھەپتىدە ئامېرىكىنىڭ سۇمۇرغ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىنتېل خەلقئارا پەن- تېخنىكا قۇرۇلۇشى مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسىدە، كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ ساراتوگا شەھىرىدىن كەلگەن ھىندىستانلىق پۇشتىدىن بولغان 18 ياشلىق قىز ئېشا كارې ئىنقىلاب خاراكتېرىگە ئىگە زەرەتلىگۈچ كەشپىياتى ئارقىلىق 50 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ھەمدە گۇگېل شىركىتىنىڭ دىققىتىنى تارتقان. بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى زەرەتلىگۈچنىڭ ھەجمى كىچىك بولۇپ، 20 سېكۇنت ئەتراپىدىلا بىر دانە يانفونغا توك قاچىلىغىلى بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇزۇنغىچە توك ساقلىغىلى بولىدىغان بولغاچقا، زەرەتلىنىدىغان ئۈسكۈنىلەرنى تېخىمۇ ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكىلى بولىدىكەن.
ئېشا كارې كەشىپ قىلغان دەرىجىدىن تاشقىرى زەرەتلىگۈچ ئارقىلىق 20 سېكۇنتتىلا بىر يانفونغا توك قاچىلىغىلى بولىدۇ.
نۆۋەتتە، ئېشا كارې بۇ زەرەتلىگۈچنى پەقەتلا نۇرلىنىدىغان ئىككى قۇتۇپلۇق لامپىغا ئىشلىتىپ باققان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ كەلگۈسىدە بۇ كەشپىياتىنىڭ يانفون، ئاپتوموبىل ياكى ھەر قانداق قايتا توك قاچىلىغىلى بولىدىغان باتارېيە ئىشلىتىلىدىغان ئۈسكىنىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. نامو- خىمىيە فاكۇلتېتىدىن چىققان كارې بۇ كەشپىياتىدا نامو تېخنىكىسىدىن تولۇق پايدىلانغان بولۇپ، بۇ ئۈسكۈنىنىڭ ھەجمى سىزنى چوقۇم جەلپ قىلالايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نەچچە 10 مىڭ قېتىملىق زەرەتلەش دەۋرىنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان بۇ زەرەتلىگۈچ ئادەتتىكى زەرەتلىگۈچكە قارىغاندا 10 ھەسسە يۇقىرى. ھازىر گۇگېل شىركىتى كارې بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭ يېڭى كەشپىياتىنى تېخىمۇ كۆپ باتارېيىلىك ئۈسكۈنىدە ئىشلىتىلىشى ئۈچۈن ئىزدىنىش ئىزدەنمەكتە.
ئېشا كارې كەشىپ قىلغان دەرىجىدىن تاشقىرى زەرەتلىگۈچكە نامو تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ھەجمى كىشىنى جەلپ قىلىدۇ.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]